‘گىياھنامە’ 分类下的所有文章
2015يانۋار27

«ئەملامەت»

گىياھلاردىكى «ئەملامەت» (ئەملا جەمەتى) توغرىسىدا، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىن مەلۇمات ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى، بۇ بىر يىڭىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىسىم سۆز. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، ئەملامەت ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلدى.

2015يانۋار26

گىياھلارنىڭ بەرگرەت شەكلى

گىياھلارنىڭ بەرگى يەنە يۇپۇرماق دەپمۇ ئاتالغان. گىياھ بەرگلەرىنىڭ گىياھ غولىدىكى جايلاشىش تەرتىۋىنى، ئادەتتە بىز بەرگرەت، بەرگى رەتى (رېتى) ياكى، يۇپۇرماق رەتى(رېتى) دەپ ئاتايمىز. ئادەتتە بىزگە تۆۋەندىكى 4 خىل بەرگرەت كۆپرەك ئۇچرايدۇ. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، بۇلارنىڭ رەسىمى، ناملارىنى كۆرسەتتىم.

2015يانۋار25

مەشھور بوتانىك تاقتاجان

مەن، مەرھۇم بوتانىك تاقتاجان سىستېماسى بىلەن بەكمۇ كىچىكىپ تۇنۇشتۇم. شۇنداق بولسامۇ، سۆۋىت ئىتتىپاقى ۋە دۇنيا بوتانىكلارىنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن ئەرمەن بوتانىك، تاقتاجان ۋە ئۇنىڭ سىستېماسى ھەققىدە قىسقىچە بولسامۇ مەلۇمات بېرىشنىڭ ئەھمىيەتى بار دەپ قارادىم. شۇ ۋەجىدىن، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، مەرھۇم بوتانىكا ئالىمى تاقتاجان ۋە ئۇنىڭ سىستېماسى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردىم. ھەمدە، مەزگۇر ئەسەرنى، مەرھۇم ۋاپاتىنىڭ 6 يىللىقىغا بېغىشلادىم.

2015يانۋار20

كرونكۇست سىستېماسى

بوتانىكا تەتقىقاتىدا يىڭى بايقاشلار ئۆزلۈكسىز ھالدا يېڭى نەتىجىلەرنى ياراتىپ تۇردى. بۇ نەتىجىلەر، شۇ چاغدا دۇنيا بويىچە دەۋىر سۈرىۋاتقان ئېنگىل سىستېمىسىغا[1] خىرىس پەيدا قىلغان. نېتىجىدە، تاكسوننىڭ يەنە بىر يېڭى سىستېماسى بولغان، «كرونكۇست سىستېماسى» مەيدانغا كەلگەن. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، كرونكۇست ۋە ئۇنىڭ تاكسون سىستېماسى قىسقىچە بايان قىلىندى.

2015يانۋار17

« ئېنگىل سىستېماسى»

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا تەييارلىقتىن تارتىپ ئەڭ ئاخىرقى تومى نەشىر قىلىنغىچە 25 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىنغان «شىنجاڭ فلوراسى» (新疆植物志) ، ئېنگىل سىستېماسى بويىچە تاكسون قىلىنغان[1]. ئۇنداقتا، ئېنگىل سىستېماسى دىگەن نىمە؟ مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، ئەنە شۇ مەزمۇندا قىسقىچە توختالدىم.

2015يانۋار13

رەيھان

«رەيھان» دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە، ئەرەپچە، پارىسچە گىيا نامىنى بىلدىرەدىغان ئىسىم سۆز بولۇپ، لەۋىيائىلەدىكى رەيھانرۇق زاتلارىنىڭ ئومۇمى نامى بولۇدۇ. رەيھان دىگەن سۆز، يەنە ئادەملەرنىڭ ئىسمى، تەخەللۇس نامى قىلىپمۇ قوللانىلغان. مەزگۇر ئەسەردە، رەيھان ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلدى.

2014دېكابىر26

قاپلىقدان گىيالار ئائىلەسى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى

Vebsit “wikipedia” menbelerige caraganda, caplicdan giyalar Phylogeny guruppisi, “APG” (Angiosperm Phylogeny Group, 被子植物的系统发育集团), yacinci yillardin buyan, dunyadiki caplicdan gjyalarni caytadin taxonlap qiccan[1]. Bunin’ netijesi, “Lenny ilmy jemyeti” nin’ “botanika jornal” ida, 2009-yili nexir cilingan[1]. Bu citimci taxon name, helcarada “APGⅢ sistemasi” digen enqe (标签,关键词, hetkvq, aqcuq swz) dep atalgan. APGⅢ sistemasida jakarligan Dunyadiki caplicdan giyalarnin’ aile sani, 415 ke yetken[1,2]. Mezgur eserde, buraderlernin’ paydalanixi vqvn, ene xu 415 gyailediki 1-74 ciqe gyailenin’ Latinqe, uygurqe hem henzuqe namlari kersetildi.

2014سېنتەبىر7

قىياقئىلەدىكى تەبەلەر ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى

مەزگۇر ئەسەردە، قىياقئىلەدىكى تەبەلەر (族، Tribe) ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى كۆرسەتىلدى. مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلامەن.

2014سېنتەبىر5

قاپلىقدان گىيالارنىڭ جەمەتلەرگە تۈرلەنىشى

بىر قىسىم گىيانامە ئەھلى ئالىملارى، ياقىنقى يىللاردىكى بايقاشلارى ۋە گىيالارنىڭ گىن ئاساسلارىغا ئاساسەن 6 يىل ئىزدىنىپ، قاپلىقدان گىيالارنى قايتىدىن تاكسونلاپ چىققان. بۇنىڭدا، قاپلىقدان گىيالار 59 جەمەتكە، 415 ئائىلەگە ئايرىلغان. مەزگۇر ئەسەردە، قاپلىقدان گىيالارنىڭ 12 خاراكتىردىكى گىياھلار تۈرى، 59 جەمەتى ھەم ھېچقانداق جەمەتكە تەۋە بولماغان 8 ئائىلە ناملارى كۆرسەتىلدى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە، لاتىنچە ۋە خەنزۇچە ناملارى تەققاس قىلىندى.

2014ئاۋغۇست31

قىياقئىلە

تورىستان «ئاكادېمىيە» نىڭ 2014-يىللىق 18-تۇمۇز سانىدا، «قىياقمەت ۋە ئۇنىڭدىكى ئائىلەلەر» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا «قىياقئىلە،禾本科Poaceae» دەپ ئاتالغان بىر ئائىلەنىڭ بارلىقى كۆرسەتىلگەن. ئەندى بۇ قىتىم يازىلغان مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، قىياقئىلە دىگەن نىمە؟ ئۇنىڭ قانداق شاخئىلەسى بار؟ قانچە رۇقى بار؟ ئۇلارنىڭ ناملارى قانداق ئاتالادى؟ دىگەندەك مەسەلەلەرنى چۆرىدىگەن مەزمۇنلار بايان قىلىندى.