2014ئاپرېل3
قۇياشلەم دىگەن سۆز، ئا.ر. جىمسارى ئىجات قىلغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، قۇياش كونترول قىلىپ تۇرغان «ئالەم» دىگەن مەنەنى بىلدۈرىدۇ. قۇياشلەم دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە يازىق مەنبەلەردە «قۇياش سىستېمىسى» دەپ ئاتالغان. بىز ئادەملەر قۇياشلەمدە ياشاۋاتىمىز. يەنى، جىمسارى نەزەرىدە ئەڭ كىچىك ئالەم بولغان قۇياشلەم ئىچىدىكى زىمىنلەمدە ياشاۋاتىمىز. شۇڭا، ئادەملەر، ئادەم بولغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە، بىزنىڭ ھايات تەقدىرىمىزنى بەلگۈلەيدىغان قۇياشلەم قانداق پەيدا بولغان؟ دىگەن سۇئالغا جاۋاپ ئىزدەپ كىلىۋاتىمىز. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ سۇئالغا بېرىلگەن جاۋاپلارنى جەمتەر قىلغاندا، ئاز كام 50 خىلغا يەتكەن. ئەمما، مەن كۆرگەن پەننىي ئىلىم «زىمىننامە» (جۇغراپىيە)، ئالەمنامە (ئاسترونومىيە) مەنبەلىرىدە، « بۇلۇتئىزىم»، « توپانئىزىم»، « بەنىدئىزىم» دىگەن 3 خىل پەرەز ئەڭ كۆپ تىلغا ئالىنغان. مەزگۇر ئەسەردە، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بۇلۇتئىزىم پەرەزى ھەققىدە بىلگەنلىرىم قىسقىچە بايان قىلىندى.
2014مارت29
ئىنسانلار مەلۇم ئېھتىياج تۈپەيلىدىن، چول رايونلاردىكى ئۆزىگە خاس بولغان تەبىئى گىياھلىقلاردا، سۇنئى ئۇسۇلدا بەرپا قىلغان سۇنئى جانىۋارتوپقال بوستان دەپ ئاتىلىدۇ. بوستان، ئىنسانلارتارىخىدا، مىسىر، بابىلۇن، ئوتتۇرا ئاسىيا، شىنجاڭ قاتارلىق رايونلاردىكى دۇنيانى مەھلىيا قىلىدىغان ئاجايىپ مەدەنىيەتلەرنىڭ بەرپا قىلىنىشىدا ئاجايىپ روللارنى ئوينىغان. بوستان، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چېتىشلىق دائىرەسىمۇ ناھايىتى كەڭ. بوستانلارنى، زىمىننامە ، ماكاننامە ، ئېقتىسادنامە، زىرائەتنامە، چارۋانامە، ئورماننامە قاتارلىق تەبىئي، ئەمەلىي ھەم نەزەرىيەۋى ئىلىملار نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىدىغان، ئۆگىنىدىغان ئۆنىۋىرسال ئىلىمنىڭ نامى، بوستاننامە دەپ ئاتالدى. زامانىمىز، بوستاننامە دىگەن بىر پەننى ئىلىمنىڭ ۋۇجۇتقا كىلىشىنى، بوستاننامە ئاساسىدا، بوستانلاردىكى شەرىئەت، تەرىقەت، مەرىپەت، ئەمەلىيەت ۋە ھەقىقەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئۇنىڭ تەتقىقات، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنىڭ بوستان مەئىشەتلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە. بوستاننامەنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ۋە ئۇنىڭ نىشانىنى بويلاپ ئىزدىنىش تەشەببۇسى، بوستانلار ئىگىلىكىنى ساغلام ۋە ئۈزۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشتا، پەننى ئىلىملەرنىڭ بوستانلارغا بولغان رولىنى جارى قىلدۇرۇش، نېتىجىلىرىنى قوللۇنۇش، كېڭەيتىش، ساقلانغان مەسىلەرنى ھەل قىلىشتا رىيال ھەم زور ئىلمىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
2014فېۋرال20
ئۇيغۇرلاردا قەدىمدىن تارتىپ مىنىرال تاشلاردىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئىسىل تاشلارنى زىننەت بۇيۇمى قىلىدىغان ئادەت بار. شۇڭا، بۇلارغا ھەر خىل ئىسىملارنى قويۇپ پەرقلەندۈرگەن. مەسىلەن: ئالماس، ياقۇت، ھېقىق دىگەندەك. ئەمما، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىغاندا، ئۇيغۇرچە قانداق ئاتالغانلىقىنى مەن ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىن تېخى ئۇچراتمىدىم. مىنىڭچە، بۇلارغا بىر نام كېرەك. شۇڭا، بارلىق ئېسىل تاشلارنىڭ تەبىئىي مىنىرال ھالەتتىكىسىگە ئاشىقتاشلار، ئۇلاردىن نەپىس پىششىقلاپ چىققان تاش مەھسۇلاتىغا، ئاشىقلار دىگەن نامنى قويدۇم. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، ئۆز چۈشەنچەلىرىمنى، تۈرلەرىنى ۋە مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئاتالغۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.
2014فېۋرال19
مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا، ئۆيىمىزدە ئالتۇن چۇكا (زىقچە ئالتۇن)، ئالتۇنخش (چوڭ سەرەڭگە قېپىدەك خىش ئالتۇن)، ھالقا، ئۈزۈك ۋە بىلەيزۈك، چاشتەنگە دىگەندەك نەرسىلەر بولاتتى. بۇلارنى دادام، ئانام، ئاتام ، ئاپاملار، ئالتۇن-كۈمۈش جابدۇشلار دەپ ئاتايتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، قۇرۇم بىلەيزۇك، قۇرۇم ئۈزۈك، قۇرۇم غاڭزا، قۇرۇم تۇمار، ھېقىق تەفسىي، ياقۇت ھالقا دەپ ئاتايدىغان تاش زىننەت بۇيۇملىرى بار ئىدى. بۇلارنى، ئاشىق جابدۇشلار دەپ ئاتايتتى. بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۆيىمىزدە 1965- يىلغىچە بارلىقىنى بىلىمەن، ئۇنىڭدىن كىيىن كۆرۈپ باقمىدىم. ئەلۋەتتە، 1974-يىلغىچە بۇلارنى كۆرۈپ قويۇش ھەم ئۇلارنىڭ نامىنى ئاڭلاپ قويۇشتىن باشقا، مىنىڭدە بۇلار توغرىسىدا ھېچقانداق چۈشەنچە يوق ئىدى. مۇشۇ يېقىنقى 5-6 يىل مابەينىدە، مەن كۆرۈپ، ئاڭلاپ چوڭ بولغان ئالتۇن جابدۇشلار، ئاشىق جابدۇشلارنىڭ باھاسى تېز ئۆرلەپ كەتتى. ئالەمدىن ئۆتكىنىگە ئۇزۇن يىللار بولغان ئاتام-ئاپام ئىسىمگە كەلگەندە، بەزىدە مەن ئۆيدە ئوينايدىغان بۇ جابدۇشلارمۇ يادىمغا كىلىپ قالىدۇ. يىقىنقى يىللاردىن بېرى، مەن كىچىكىمدە ئاڭلايدىغان قۇرۇم بىلەيزۈك، قۇرۇم تۇمار، ئاشىق جابدۇش دىگەندەك ئىسىملار توغرىسىدا ئويلاپ قالدىم، ئىزدىنىپمۇ باقتىم. مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇلار توغرىسىدىكى چۈشەنچەلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم.
2014فېۋرال13
«ساس» دىگەن سۆزنى ئېھتىمال مەن تۈنجى قىتىم يازىقچە ئەسەردە قوللانغان بولۇشۇم مۇمكىن. ساس دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، قارا تۇپراق يەر، ئۈستى چىپ-چىپ سۇ؛ بۇ يەر دەسسەلسە، ئۇ يەر لۆمۈلدەر دىگەنگە ئوخشاش يەرلەرنىڭ نامى. مەن شىنجاڭنى قىدىرىپ چىقىش جەريانىدا، ئالتاي، قاراشەر، يۇلتۇز، بۇلۇڭكۆل قاتارلىق جايلاردىكى كۆپلىگەن چوڭ ساسلارنى كۆردۈم، بەزىلىرىدىن ئاتلىق كىچىپمۇ ئۆتتۈم. مەزگۇر ئەسەردە، ساسقا بولغان چۈشەنچەمنى شېئىرى شەكىلدە قىسقىچە بايان قىلدىم.
2014فېۋرال13
توقاي، جاڭگال ۋە قاراچىمتان دىگەن 3 ئىسىم سۆز بىزدە كۆپ قوللۇنىلىدىغان سۆزلەردىن بولىدۇ. ئەمما، بۇ سۆزلەرگە بولغان چۈشەنچە تەبىرلەر ھەر خىل بولۇپ، ئېنىقىنى ئايرىۋالماق تەس. مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئۆزەمنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە بۇ 3 ئىسىم سۆزنىڭ تەبىرىنى شېئىرى شەكىلدە ئىخچام بايان قىلدىم.
2014يانۋار21
يايلاقلارنى قوغدايلى، ھەرگىز بۇزمايلى، بۇنداق گۈزەل ماكاننى ياساش، ئادەمنىڭ قۇلىدىن بۇرۇنمۇ كەلمىگەن، بۈگۈنمۇ كەلمەيدۇ، كەلگۈسىدىمۇ كەلمەيدۇ.
2014يانۋار20
كۆپكۆك ئاسمان ئاپپاق بۇلۇت، ئىقلىم نەمچۆل، قىياق گىيا. ئاسرايلى ئوخشاش تەبىستانغا، بۇزۇلمىسۇن بۇ يەرمۇ يانا!
2014يانۋار17
جۇڭغار ئويپاتىنىڭ غەربى قىسمىدا كۆپلىگەن تاغلار شەكىللەنگەن. جۇغراپىيەدە، بۇ تاغلار ئومۇملاشتۇرۇپ ، جۇڭغار غەربى تاغلاش دەپ ئاتىلىدۇ (ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە جۇڭغار غەربى تاغلىرى دەپمۇ ئاتالغان). جۇڭغار غەربى تاغلاش دىگەن نىمە؟ ئۇ قايسى تاغداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ ھەر قايسى تاغداشلار، قانداق تاغقاشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ئۇلارنىڭ نامى نىمە دەپ ئاتىلىدۇ؟ بىر قىسىم كىشىلىرىمىز، بۇلارغا قىزىقىدۇ، بىلگىسى كىلىدۇ. مەن 1981-يىلىدىن، 1984-يىلىغىچە ئىلگىر كىيىن بولۇپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى تاغلارنى قىدىرىپ كۆردۈم. دىمەك، مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، كۆرگەن-بىلگەنلىرىمگە ئاساسەن، جۇڭغار غەربى تاغلاشدىكى تاغداشلارنى، تاغقاشلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرىنى قىسقىچە بايان قىلدىم.
2014يانۋار15
ئالتاي تاغلاش، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئالتاي تاغداشنى، بەيتىك تاغداشنى، قارامايىل تاغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالتاي تاغلاش، شىمالى شىنجاڭنىڭ ئىقلىمى، تەبىئى گىيالىقلىرى، ھايۋاناتى، سۇ شارائىتى، كان بايلىقلىرى، ۋە يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق كۆپلىگەن جەھەتلەرنىڭ ئۆزگىچە بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەبىئى ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئالتاي تاغلاشدىكى تاغلار ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، ئاپتونۇم رايونىمىزدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت كىشىلىرى ئۈچۈن ئەقەللى بىر ئىش. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئۆزەمنىڭ چۈشەنچە ۋە خاتىرلىرىمگە ئاساسەن، ئالتاي تاغلاش دىگەن نىمە؟ ئۇ قايسى تاغداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ بۇ تاغداشلاردا قانداق تاغقاشلاربار؟ ئۇلارنىڭ ناملىرى قانداق ئاتىلىدۇ؟ دىگەندەك مەزمۇنلاردا قىسقىچە مەلۇمات بەردىم.