باشلانغۇچ مائارىپ كەسپى مائارىپ پىسخولوگىيىسى(8)
بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2015-09-02 16:15
(2) تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭمۈستەقىللىك ۋە ئىجاتچانلىق سەۋىيىسى.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانالىزقىلىش، سىنتىزلاش، ئومۇملاشتۇرۇش، ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش قاتارلىق ئەقلىيماھارىتىنىڭ يېتىلىشى ۋە خىيال تەپەككۇر قاتارلىق ئەقلىي پائالىيەتلەردىكى سۈپەتپەرقىمۇ بىلىمنىڭ تەدبىق قىلىنىش ئۈنۈمىگە تەسر كۆرسىتىدىغان مۇھىم سەۋەپلەرنىڭبىرىدۇر . ئوقۇغۇچى مۈستەقىل ئانالىز قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغاندا، مۈرەككەپئەھۋاللار ئىچىدىن مەسىلىنىڭ شەرتىنى ئاجرىتىپ چىقالايدۇ . ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىشماھارىتىنى ئىگىلىگەندىلا، مەسىلىلەرنى تۈرگە ئاجرىتىپ بىلىمنى كونكرېتلاشتۇشۇشنىئەمەلگە ئاشۇرىدۇ . ئوقۇغۇچى مۈستەقىل ئانالىز قىلىش قابىلىيىتىنىڭ كەمچىل بولۇشى،مەسىلىلەرنى يېشىشكە بىۋاستە تەسر كۆرسىتىدۇ .
(3) مەسىلىنىڭ خاراكتېرى
بىلىمنى ئەمەلىي مەسىلىلەرگەتەدبىقلاشنىڭ ئۈنۈمى مەسىلىنىڭ خاراكتېرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ .بۇنىڭدىكى قانۇنىيەت شۇكى : ئابستراكت ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر كونكرېتتەپسىلاتقا ئىگە بولغان شۇ خىلدىكى مەسىلىلەرگە قارىغاندا ئاسان بولىدۇ . ئاددىيمەسىلىلەر مۈرەككەپ، كۆپ باسقۇچلۇق مەسىلىلەردىن ئاسان بولىدۇ .
يوقارقى بايانغا ئاساسەن،ئوقۇتقۇچى بايان قىلغان ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى مەسىلىلەردە، ئوقۇغۇچىلارنىڭئەقلىي پائالىيىتىگە بولغان تەلەپنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش،بىلىم ئىگىلەشنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلىرى ۋە مەقسىتىگە ئاساسەن، ھەر خىلتىپتىكى تاپشۇرۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم . بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتۇشنىڭ دەسلەپكىباسقۇچىدا ئاۋال ئوقۇغۇچىلارغا مەزمۇنى بىرقەدەر ئومۇمىي بولغان يازما مەسىلىلەرنىيەشكۈزۈپ، ئاندىن مۈرەككەپ ۋە ئونىۋېرسال يەنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانمەسىلىلەرنى يەشكۈزۈش لازىم . ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ،ئوقۇغۇچىلارنى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە قاتناشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭبىلىش قابىلىيىتى، ئانالىز قىلىش، كونكرېتلاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىي ئىدارە قىلىشقابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ .
2§ . ماھارەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇنى يېتىلدۈرۈش
ماھارەت دېگەن نېمە ؟ ئۇقانداق تۈرگە بۆلۈنىدۇ ؟
ئادەم مەيلى قانداقپائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ماھارەت بولىدۇ . مەسىلەن، ئوماورۇش، قارىغا ئېتىش، ئوېراتسىيە قىلىش، ئوكۇل سېلىش، توپ ئويناش، ئوقۇتۇش بىلەنشۇغۇللىنىش، ئۇسۇل ئويناش، ناخشا ئېيتىش .... قاتارلىقلار .
بەزى ماھارەتلەر ھەممەكىشىدە ئورتاق بار بولىدۇ . مەسىلەن، يول مېڭىش، تاماق يېيىش، كىيىم كىيىش، كىيىميۇيۇش، سۆزلىشىش، كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە باشقىلار . ئەگەر كىشىلەردە زۆرۈربولغان ماھارەت كەم بولسا، تۇرمۇشتا قولايسىزلىق ھېس قىلىدۇ .
ماھارەت دېگىنىمىز ، مەلۇم ۋەزىپىنىئوڭۇشلۇق ئورۇنلاش ئۈچۈن ھۆرۈر بولغان ھەرىكەت ئۇسۇلى ياكى ئەقلىي پائالىيەتئۇسۇلى بولۇپ ، ئۇ مەشق ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ . ماھارەت بىلىم ئىگىلەش بىلەنقابىلىيەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق ھالقا بولۇپ ، ئۇئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىگىلىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان شەرت .
بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقانماھارەت ئۇقۇمى كەڭ مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، ئادەتتە ئېيتىلىپ يۈرگەن تارمەنىدىكى ماھارەت بىلەن ماھىرلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . تار مەنىدىكى ماھارەتدېگىنىمىز ، ماھارەتنىڭ شەكىللىنىشىدىكى دەسلەپكى باسقۇچنى يەنە دەسلەپكى قەدەمدەئۆگىنىۋالغان باسقۇچنى كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن ، خەت يېزىشنى دەسلەپ ئۆگەنگەندىكىقەلەم تۇتۇش ، ھەرپلەرنىڭ يېزىلىش تەرتىپى بويىچە پۈتۈن دىققتىنى مەركەزلەشتۈرۈپھەرپلەرنى بىرمۇ - بىر يېزىپ ، خەت يېزىشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆگىنىۋېلىشباسقۇچىنى كۆرسىتىدۇ . ماھىرلىق – ماھارەتنىڭ شەكىلىنىشىدىكى ئالىي باسقۇچنىكۆرسىتىدۇ . بۇ باسقۇچتا ھەرىكەت پىششىق ۋە مۇكەممەل ئىگىلەنگەن ، پائالىيەتنىڭئاساسىي تەركىبى ئاپتوماتىك دەرىجىسىگە يەتكەن بولىدۇ . ئوقۇتۇشنىڭ مەقسەت ،تەلىپىدىن قارىغاندىمۇ ماھارەتنى يېتىلدۈرۈش – ئوقۇغۇچىلاردا بەلگىلىك ماھىرلىقنىشەكىللەندۈرۈش دېمەكتۇر .
ماھارەت بىلەن قابىلىيەتبىر - بىرىدىن پەرقلىنىدۇ . لېكىن يەنە يېقىن باغلىنىشلىق بولىدۇ . ماھارەت –بىرەر ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ھەرىكەت ئۇسۇلى . قابىلىيەت بولسا ،ئۆگىنىش ۋە باشقا پائالىيەت ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغانئىندىۋىدۇئال پىسخىك ئالاھىدىلىك . ماھارەتنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن مەلۇم قابىلىيەتنىئالدىنقى شەرت قىلىدۇ . ماھارەت – قابىلىيەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشتىكىئوتتۇرا ھالقا . ئومۇمەن ماھارەتنىڭ ھەممىسىدە مۇنداق ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ .
1) ماھارەت تۇغما بولمايدۇ. ماھارەت ئاپتوماتلاشقان ھەرىكەت ئۇسۇلى بولۇپ ، مەشق ئارقىلىق تەدرىجىيشەكىللىنىدۇ .
2) ماھارەت پائالىيەتنىڭبىر تەشكىلىي قىسمى ، ئادەمنىڭ پائالىيىتى بىر قاتار ھەرىكەتلەردىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ بىر قاتار ھەرىكەتلەرنىڭ بىر قىسمى ئاڭلىق بولىدۇ . يەنە بىر قىسمىئاپتوماتلاشقان بولىدۇ . مەسىلەن : لېكسىيە يېزىش پائالىيىتىنى ئالساق ، ئۇنىڭئاڭلىق قىسمى ، ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن مەزمۇننى ئاڭلاش ، پىكىر قىلىش ھەمدە مۇۋاپىقسۆزلەر بىلەن قىسقارتىپ خاتېرىۋېلىش ، ئاپتوماتلاشقان قىسمى بولسا ، قولنىڭ يېزىشھەرىكىتىنى ماھىرلىقىدۇر . مانا مۇشۇ خىل ئاپتوماتلاشقان قىسمى ماھارەت بولىدۇ .
3) ماھارەت ئاڭنىڭ بەلگىلىككونتروللىقىدا بولىدۇ . ماھارەت ئاڭنىڭ كونتروللىقىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان بولمايدۇ . پەقەتلا ئۇنىڭدا ئاڭ تەركىبىبىر قەدەر ئاز بولىدۇ ، خالاس . چۈنكى ماھارەت كىشىلەرنىڭ ئاڭلىق پائالىيىتىنىڭيەككە - يېگانە قىسمى ئەمەس ، بەلكى تەشكىلىي قىسمىدۇر . مەسىلەن : ۋېلسىپىت مىنىشماھارىتىگە ئىگە ئادەم يولدا كېتىۋېتىپ توسالغۇغا دۇچ كەلگەندە ، ئۇنىڭدىنچاققانلىق بىلەن يانداپ ئۆتۈپ كېتىدۇ . بۇنداق ماھارەتنى ئىشىلتىش ئادەمنىڭ ئاڭلىقمەقسىتىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .
ماھارەت بىلەن ئادەتمۇ گەرچەتۇرمۇشتىكى ئاپتوماتلاشقان ھەرىكەتكە ياتسىمۇ ، لېكىن بۇلار بىر - بىرىگەئوخشىمايدۇ . بىر - بىرىدىن پەرق قىلىدۇ . ماھارەت ئادەمنىڭ ئاڭلىق پائالىيىتىنىڭتەركىبى قىسمى بولۇپ ، ئۇ بەلگىلىك ئاڭنىڭ تىزگىنلىشىدە بولىدۇ . ئادەت بولسا ،ئاپتوماتلاشقان ھەرىكەتنى بىر قەدەر مۇقىم ۋە مىخانىكىلىق ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇشتىنئىبارەت بولغان بىر خىل خاھىشتۇر . ئادەت ئىچىدىكى ھەرىكەتلەر ماھارەتكە ئوخشاشئاپتوماتلاشقان بولىدۇ . لېكىن ، بۇلار ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكىلەك بىر قانچەئاساسىي پەر بار :
بىرىنچى ، ماھارەتپائالىيەتنىڭ ئاپتوماتلاشقان قىسمى ، ئۇ پائالىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئىشقاسېلىنىدۇ ياكى توختىتىلىدۇ . كىشىلەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىمۇ - پايدىلانماسلىقىمۇمۇمكىن . ئادەت بولسا ، ئاپتوماتلاشقان پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئېھتىياجياكى خاھىش بولۇپ ، بەلگىلىك ئەھۋالدا بۇنداق ھەرىكەت ئورۇنلانمىسا ئادەم بىئارامبولىدۇ .
ئىككىنچى ، ماھارەت ئاڭلىقمەشق قىلىش بەزى ھەرىكەتلەرنى ئاڭلىق ياخشىلاپ يېزىش ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ . ئادەتبولسا ، ئوخشاش بىر پائالىيەتنى ئاڭسىز ھالدا ئاددىي تەكرارلاۋېلىش ئاساسىداشەكىللىنىدۇ .
2 . ماھارەتنىڭ تۈرلىرى
ماھارەت ئۆزىنىڭ خاراكتېرئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ھەرىكەت ماھارىتى ۋە ھەرىكەت ماھارەت دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.
ھەرىكەت ماھارىتى دېگىنىمىز، ئاساسەن سىرتقى قىسمىدا ئىپادىلىنىدىغان ، بىر قەدەر مۇۋاپىق ئۇيۇشتۇرۇلغانھەمدە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر قاتار ھەرىكەت ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن، خەت يېزىش ، ساز چېلىش ، گىمناستىكا ئويناش ، ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرىنىباشقۇرۇش قاتارلىقلار ئۆگىنىش پائالىيىتى ، تەنھەرىكەت ۋە ئىشلەپچىقىرىشئەمەلىيىتىدىكى تۈرلۈك ئەمەلىي ھەرىكەتلەردىن ئىبارەت . بۇ ھەرىكەرلەر ئاساسەنمۇسكۇل ، ئىسكىلىت ھەرىكەتلىرى ۋە نېرۋا سېستىمىسىنىڭ ماس ھالدىكى قىسمەنھەرىكەتلىرىدىن ئىبارەت . دېمەك ، ھەر قانداق بىر ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا بىرقاتار ئەمەلىي ھەرىكەتلەر مۇكەممەل ، ئەقىلگە مۇۋاپىق تەشكىللىنىپ ئوڭۇشلۇق ئېلىپبېرىلسا ئۇ ، ھەرىكەت ماھارىتىگە ئايلانغان بولىدۇ .
ئەقلىي ماھارەت دېگىنىمىز ،ئىچكى نۇتۇق ئارقىلىق مېڭىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ، بەلگىلىك تەرتىپ بويىچەئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەمدە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىدىغان بىلىش پائالىيىتىگە مەنسۇپ بىرقاتار ئۇسۇلللارنى كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن ، سەزگۈ ، ئىدراك ، خاتىرە ، خىيال ۋەتەپەككۇر پائالىيەتلىرى ئارقىلىق كۆزىتىش ، ئەستە قالدۇرۇش ، ئانالىز قىلىش ،پىكىر قىلىش ماھارىتى قاراتلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، لېكىن ئابستىراكىتتەپەككۇر ئۇنىڭ ئاساسىي تەركىبى ھېسابلىنىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئەمگەك ماھارىتى بىلەنئەقلىي ماھارەتنى ئاجرىتىش ناھايىتى تەس . بىراق ، بۇ ئىككى ماھارەتنى بىر ـبىرىدىن پۈتۈنلەي ئاجرىتىۋەتكىلى بولمايدۇ . پائالىيەتتە قايسى تەرەپنىڭ يېتەكچىرول ئوينايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك . مەسىلەن ، مەسىلە يېشىش ، كۆڭلىدە ھېسابلا ،ئوقۇش ، يېزىقچىلىق ، توغرا پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەش ئەقلىي ماھارەتكە تەۋەبولىدۇ .
ھەر قانداق ئەقلىيپائالىيەتتە ئەقلى قابىلىيەت بىلەن ئەقلىي ماھارەت بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ .لېكىن ، ماھىيەتلىك پەرق قىلىدۇ . ئەقلىي ماھارەت – بىرەر ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇقئورۇنلاشتىكى ئەقلىي پائالىيەت ئۇسۇلىنى كۆرسەتسە ، ئەقلىي قابىلىيەت – ئەقلىيماھارەتنى ئىگىلەش جەريانىدا شەكىللىنىپ تەرەققىي قىلغان ، تېخىمۇئومۇملاشتۇرۇلغان بىر خىل بىلىش قابىلىيىتىدىن ئىبارەت .
ئەقىلي ماھارەت يەنە مەخسۇسئەقلىي ماھارەت ۋە ئومۇمىي ئەقلىي ماھارەت دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ . مەخسۇس ئەقلىيماھارەت – مەلۇم خىلدىكى مەخسۇس بىلىش پائالىيىتى داۋامىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ .مەسىلەن ، كىتاب يېزىش ، ماقالە يېزىش ۋە ھېساب ئىشلەش ماھارىتى قاتارلىقلارئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش پائالىيىتىدە ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئەڭ ئاساسىي مەخسۇسماھارىتى ھېسابلىنىدۇ . ئومۇمىي ئەقلىي ماھارەت – ئادەتتىكى بىلىش پائالىيىتىدەشەكىللەنگەن بولۇپ ، ئۇ بىر قەدەر ئومۇملاشتۇرۇلغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ .مەسىلەن ، كۆزىتىش ، ئاڭلاش ، چۈشىنىش ، مەسىلىنى ئانالىز قىلىش ۋە ھەل قىلىشماھىرىتى ئومۇمىي ئەقلىي ماھارىتىگە كىرىدۇ . مەخسۇس ئەقلىي ماھارىتى بىلەنئومۇمىي ئەقلىي ماھارەت بىر - بىرىگە باغلىنىشلىق ھەم بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدۇ .ئومۇمىي ئەقلىي ماھارەت ھەر خىل مەخسۇس ئەقلىي ماھارەتلەر ئىچىدە گەۋدىلىنىدۇ .مەخسۇس ئەقلىي ماھارەت بەلگىلىك دەرىجىدە ئادەتتىكى ئەقلىي ماھارەتنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ .
ماھارەت بىلەن بىلىم بىر ـبىرىدىن پەرقلىق ھەم باغلىنىشلىق بولىدۇ . بىلىم ئىگىلىگەنلىك ماھارەتنىڭشەكىللەنگەنلىكى ئەمەس . ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەت يېزىش قائىدىلىرىنى بىلگەنلىكىئۇلارنىڭ خەت يېزىشنى بىلگەنلىكى ئەمەس . ئادەتتىكى ئەھۋالدا ، ماھارەتنىڭشەكىللىنىشى مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئىگىلەشنى ئاساس قىلىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭئوقۇش ، يېزىش ، ھېسابلاشقا دائىر قائىدە ۋە ئۇسۇلللارنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىنمەشق قىلىش ئارقىلىق ئوقۇش ، يېزىش ، ھېسابلاش ماھارىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ .شۇنداقلا ھەر خىل ماھارەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى يەنە كېلىپ بىلىم ئىگىلەش ۋەتەتبىقلاشقا شەرت - شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ .
3 . ماھارەتنىڭ شەكىللىنىشجەريانى
(1) ماھارەت شەكىللىنىشنىڭباسقۇچلىرى ۋە ئالاھىدىلىكى
ماھارەت مەلۇم ۋەزىپىنىئورۇنلاش جەريانىدا ئۆگىنىش ۋە مەشق قىلىش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ . ھەرىكەتماھارىتى بىلەن ئەقلىي ماھارەتنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچلىرى بىلەن ھەر بىر باسقۇچنىڭئالاھىدىلىكى جەھەتتە ئورتاقلىق ۋە پەرقمۇ بار .
ھەرىكەت ماھارىتىنىڭشەكىللىنىشى ئۆگىنىۋېلىشتىن پىششىق ئىگىلىۋېلىشقىچە بىر - بىرىدىن پەرق قىلىدىغانھەم بىر - بىرىگە باغلىنىشلىق بولغان ئۈچ باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدۇ .
① قىسمەن ھەرىكەتلەرنىئىگىلەش باسقۇچى : بۇ باسقۇچتا ، ئارتۇقچە ھەرىكەتلەر بولىدۇ ۋە جىددىيلىككۆرۈلىدۇ . ھەرىكەت ، كۆرۈش سېزىمىنىڭ ياردىمىگە تايانغان ھالدا تىزگىنلىنىدۇ .ھەرىكەت تېزلىكى ئاستىراق بولىدۇ .
② مۇكەممەل ھەرىكەتنىدەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلەش باسقۇچى : بۇ باسقۇچتا ، قىسمەن ھەرىكەتلەر بىرسېستىمىغا بىرلەشكەن بولىدۇ . ئوشۇقچە ھەرىكەتلەر تەدرىجىي ئازىيىپ بارىدۇ ياكىتۈگەپ كېتىدۇ . ھەرىكەت سەزگۈسى ئارقىلىق تىزگىنلەش كۈچىيىدۇ ، سۈرئەت تېزلىكى ئېشىپبارىدۇ .
③ ھەرىكەتلەرنىڭ ماسلىشىشىبىلەن مۇكەممەللەشكەن باسقۇچى : بۇ باسقۇچتا ، ئاڭغا ئانچە تايانمايمۇ بىر يۈرۈشھەرىكەتلەرنى تېز ۋە توغرا ئورۇنلىيالايدىغان بولىدۇ . خەت يېزىشنى ئۆگىنىش ،گىمناستىكا ئويناش ، ۋېلسىپىت مىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەردىن بۇ جەرياننى روشەنكۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .
ئەقلىي ماھارەتنىڭشەكىللىنىشى بولسا تۆۋەندىكى بەش باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ .
بىرىنچى ، پائالىيەتنىشانىنى بەلگىلەش باسقۇچى : ئالدى بىلەن نېمە ئىش قىلىش ۋە قانداق ئىش قىلىشكېرەكلىكىنى بىلىش ، مېڭىدە پائالىيەت تەسۋىرىنى پەيدا قىلىش ، مەسىلەن :ئوقۇغۇچىلارغا تۈرگە ئايرىشنى ئۆگىتىشتە ، ئوخشاش خىلدىكى شەيئىلەرنى بىر - بىرىگەيىغىشنىڭ ئۆزى تۈرگە ئايرىش بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىش .
ئىككىنچى ، ماددىي ۋەماددىيلاشتۇرۇلغان پائالىيەت باسقۇچى : رېئال جىسىم ، مودېل ، سىخىماقاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ قول بىلەن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش .
ئۈچىنچى ، ئاۋازلىق تىلباسقۇچى : بىۋاستە رېئال جىسىمغا تايانماي ئاۋازلىق تىل ئارقىلىق پائالىيەتنىئورۇنلاش .
تۆتىنچى ، ئاۋازسىز تىلباسقۇچى : سۆزنىڭ ئاۋاز تەسەۋۋۇرىنى ۋە ھەرىكەت سەزگۈ تەسەۋۋۇرىنى ئاساس قىلىپتۇرۇپ ، تاشقى تىلغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۈنسىز تىل پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىش .
بەشىنچى ، ئىچكى تىلباسقۇچى : ئاددىيلاشقان ئىچكى تىلنىڭ ياردىمى بىلەن ئاڭغا ئۇنچىۋالا كۆپتايانمايمۇ ئاپتوماتلاشقان ئەقلىي پائالىيەت ئېلىپ بارالايدىغان بولۇش . بۇ ئەقلىيماھارەت شەكىللىنىپ بولغان باسقۇچتۇر .
(2) ئەقلىي ماھارەت ۋەھەرىكەت ماھارىتىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدىكى ھەر بىر باسقۇچنىڭ ئۆزگىرىشىتۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكتە ئىپادىلىنىدۇ .
1) پائالىيەت قۇرۇلمىسىنىڭئۆزگىرىشى .
2) پائالىيەت سۈرئىتىنىڭتېزلىشىشى .
3) پائالىيەتنى تەڭشەشتىنقارىغاندا ھەرىكەت ماھارىتىنىڭ شەكىللىنىشى .
4 . ماھارەتنىڭيېتىلدۈرشنىڭ تۈپ يولى ۋە ئۇسۇلى .
مەشق ماھارەتنىڭيېتىلدۈرۈشنىڭ تۈپ يولى . كىشىلەرنىڭ بارلىق ماھارەتلىرىنىڭ ئۆگىنىش ، مەشق قىلىشئارقىلىق شەكىللىنىدۇ . مەشق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي ماھارىتى ھەرىكەت ماھارىتىنىشەكىللەندۈرۈشنىڭ تۈپ يولى ھېسابلىنىدۇ . لېكىن ، مەشق قىلىش مىخانىك ھالداتەكرارلاشقا ئوخشىمايدۇ . ئۇ مەقسەتلىك ، پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغانپائالىيەتتۇر .
مەشق قىلىشنى مەلۇم خىلدىكىماھارەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تېخىمۇ ياردىمى تېگىدىغان قىلىش ئۈچۈن ، تۆۋەندىكى بىرنەچچە جەھەتكە دىققەت قىلىش لازىم .
1)مەشىق قىلىشنىڭ مەقسىتىبىلەن تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ، ماھارەتكە مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي بىلىملەرنىئىگىلىتىش كېرەك .
2) مەشقنىڭ توغرا ئۇسۇلىبىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگىلەش . توغرا مەشق ئۇسۇلىنى ئىگىلىگەندە، قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈشتىن ساقلانغىلى ، مەشق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ .
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ: