باشلانغۇچ مائارىپ كەسپى مائارىپ پىسخولوگىيىسى(5)
بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2015-09-02 16:15
(2)ئائىلە ، جەمئىيەت ۋە مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مۇددىئاسىنىڭشەكىللىنىشىدىكى رولى .
جەمئىيەتنىڭتەلىپى كۆپ ھالللاردا ئائىلە ۋە مەكتەپ تەربىيىسى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ .خۇسۇسەن تۆۋەن يىللىقلاردا تېخىمۇ شۇنداق . ئوخشاشمىغان ئائىلىلەر ۋە ئائىلىنىڭجەمئىيەتتىكى ئورنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش مۇددىئاسىنىڭ شەكىللىنىشىدە بىۋاستە رولئوينايدۇ .
(3)ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋە ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكى ئۆگىنىشمۇددىئاسىنىڭ شەكىللىنىشىگە مەلۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياشئالاھىدىلىكىنىڭ ئوخشاشىماسلىقى سەۋەبىدىن ، ئۇلارنىڭ ئۆگنىش مۇددىئاسىنىڭشەكىللىنىش جەريانىدىمۇ بەلگىلىك پەرقلەر بولىدۇ .
7)ئۆگىنىش مۇددىئاسىنى ۋە ئۆگىنىشنى يېتىلدۈرۈش .
ئوقۇغۇچىنىڭئۆگىنىش مۇددىئاسى ۋە قىزىقىشى ئۆزلىكىدىن بارلىققا كەلمەيدۇ . بەلكى ، ئائىلە ،جەمئىيەت ۋە مەكتەپ تەربىيىسى ئارقىلىق مەقسەتلىك ، پىلانلىق يېتىشتۈرۈش ۋەقوزغىتىش ئارقىلىق پەيدىنپەي شەكىللىنىدۇ ، مۇستەھكەملىنىدۇ . جەمئىيەتتە ھەر خىلتەسىرلەر ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولۇپ ، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش ۋە تەربىيە ئارقىلىقئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مۇددىئاسىنى يېتىلدۈرۈشى ۋە قوزغىتىشى كېرەك .
(1)ئۆگىنىش مەقسىتى توغرىسىدىكى تەربىيە ئارقىلىق ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلىقلىقىغائىلھام بېرىش كېرەك .
(2)ئەسلىدىكى مۇددىئانى كۆچۈرۈشتىن پايدىلىنىپ ، ئوقۇغۇچىلاردا ئۆگىنىش ئېھتىياجىنىپەيدا قىلىدۇ .
(3)ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك بىلىم ئىزلەش ئارزۇسى بىلەن ئۆگىنىشكە قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈشكېرەك .
(4)ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلىي پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇپ ، ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشۋە ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش كېرەك .
8)ئۆگىنىش مۇددىئاسى ۋە قىزىقىشنى قوزغاش .
(1)ھەر سائەتلىك دەرسنىڭ كونكرېت مەقسىتى بىلەن بىلىمنىڭ ئەھمىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشلازىم .
(2)ئوقۇتۇش مەزمۇنى بىلەن ئۇسۇلى يېڭى بولۇشى كېرەك .
(3)مەسىلە پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىشقائىلھاملاندۇرۇش .
(4)مۇۋاپىق ھالدا مۇسابىقىنى قانات يايدۇرۇش .
(5)ئۆگنىش نەتىجىسىنىڭ قايتما تەسىرىدىن پايدىلىنىش .
(6)باھا ۋە تەلەپ ئارقىلىق مۇۋاپىق تەغدىرلەپ رىغبەتلەندۈرۈش .
2. ئۆگىنىشتىكى دىققەت ھالىتى
ئوقۇغۇچىنىڭئۆگىنىش ۋاقتىدىكى دىققەت ھالىتى ، كەيپىيات ھالىتى ، ئىرادە ھالىتى ۋە تەپەككۇرھالىتىدىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ . بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىتىكىئاكتىپچانلىقىدىكى پىسخىك ھالەت . بىز بۇ يەردە ، دىققەت ۋە دىققەت قانۇنىيىتىنىڭئوقۇتۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەش جەھەتتە قوللىنىش مەسىلىسى ئۈستىدىلا توختىلىپ ئۆتىمىز .
1)دىققەت ۋە ئۇنىڭ تاشقى ئىپادىسى
بىزچەكسىز خىلمۇ خىل شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەر بىلەن تولغان مۇرەككەپ ، ئۆزگىرىشچانرېئال دۇنيا ئىچىدە ياشايمىز . ئەنە شۇ تۈرلۈك تۈمەن خىلمۇ خىل شەيئىلەر ۋەھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى ماددىنىڭ ھەر خىل ئىپادىلىنىش شەكىللىرى بولۇپ ، بۇلار بىر ـبىرىگە ئۆزگىرىپ ، بىر - بىرىگە باغلانغان ھالدا ھەر ۋاقىت بىزنىڭ سەزگۈئەزالىرىمىزغا تەسىر قىلىپ ، دىققىتىمىزنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ . كىشىلەر سەگەكھالەتتە ھامان يا ئۇنداق ، يا مۇنداق پىسخىك پائالىيەتلەردە بولىدۇ . شۇڭا ،دىققەت ئۈزلۈكسىز پەيدا بولىدۇ .
دىققەتدېگىنىمىز ، ئادەمنىڭ پىسخىك پائالىيىتىنىڭ مۇئەييەن بىر ئوبيېكتىغا قارىتىلىشى ۋەبىر نۇقتىغا مەركەزلىك ھالدا توپلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ .
ھەممەۋاقىت بىلىش پائالىيىتىگە دىققەت قاتنىشىدۇ ، يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشلەن دىققەتبولغاندىلا ، ئاندىن ئۆگىنىشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلىبولىدۇ ، ھەمدە ياخشىراق ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . شۇڭا ، مائارىپچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭدىققىتىنى تەشكىللەش خىزمىتىنى پۈتۈن ئوقۇتۇش جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك .
2)ئىختىيارسىز دىققەت بىلەن ئىختىيارىي دىققەتنىڭ پەيدا بولۇش قانۇنىيىتى
دىققەت– ئاڭلىق بولۇش - بولماسلىققا ، ئىرادە تىرىشچانلىقى كۆرسىتىش - كۆرسەتمەسلىككەقاراپ ئىختىيارسىز دىققەت ۋە ئىختىيارىي دىققەت دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ .
(1)ئىختىيارسىز دىققەت دېگىنىمىز ، ئالدىن كۆزلىگەن مەقسەت بولمىغان ، تەبئىي پەيدابولىدىغان دىققەت بولۇپ ، ئۇنىڭغا ھېچقانداق تىرىشچانلىق كەتمەيدۇ .
(2)ئىختىيارىي دىققەت دېگىنىمىز ، ئالدىن كۆزلىگەن مەقسەت بولغان ، بەلگىلىك ئىرادەتىرىشچانلىقى تەلەپ قىلىدىغان دىققەتنى كۆرسىتىدۇ . ئىختىيارىي دىققەت ئاڭلىقبولىدۇ . بەلگىلىك ئىرادە تىرىشچانلىقى كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ ، ئىختىيارىيدىققەتكە مۇناسىۋەتسىز توسالغۇلار كاشىلا قىلغان ئەھۋالدىمۇ مەركەزلىشىپ ، تۇراقلىشىپقالىدۇ ، چۈنكى بۇنىڭغا ئاڭلىقلىق ، ئىرادە تىرىشچانلىقى يېتەكچىلىك قىلىدۇ .
3)دىققەت قانۇنىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇشنى تەشكىللەش .
دىققەتيالغۇز ئۆگىنىش پائالىيىتىدىلا مۇھىم بولۇپ قالماستىن ، بەلكى خىزمەت ۋە كۈندىلىكتۇرمۇشىمىزدىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ . روشەنكى ، ئۆگىنىش ۋە بارلىق پائالىيەتلەردەكىشىلەر ھامان ئۆزلىرى مەسئۇل بولىۋاتقان پائالىيەتلەرگە دىققىتىنىمەركەزلەشتۈرگەندىلا ، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىدراكىدا ئىپادىلەنگەن ئوبرازىنىڭ ئوچۇق ،مۇكەممەل ، خاتىرە ئۈنۈمىنىڭ ياخشى ، پىكىر يۈرگۈزگەن مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشىغاكاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ .
(1)ئىختىيارسىز دىققەت قانۇنىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇشنى تەشكىللەش .
(2)ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىختىيارىي دىققىتىنى يىتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش .
(3)ئىككى خىل دىققەتنىڭ بىر - بىرىگە ئايلىنىش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىش .
2§. ئۆگىنىش جەريانىدىكى سەزگۈ - ئىدراك قىلىش پائالىيىتى
ئۆگىنىش ھېسسىي بىلىشتىن باشلىنىدۇ . ئۆگىنىش جەريانىدا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەزگۈ - ئىدراكقىلىش پائالىيىتى ، شەيئىلەرنىڭ ھادىسىلىرىنى ۋە دەرسلىكتىكى قائىدىلەرنى چۈشىنىشبىلەن ، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى ، دەرسلىكتىكى ئاساسىي نەزەرىيىنىيەنىمۇ ئىلگىرلەپ چۈشىنىش ئۈچۈن ، زۆرۈر بولغان ھېسسىي ماتېريالللار بىلەنتەمىنلەش رولىنى ئوينايدۇ .
1. سەزگۈ - ئىدراك ۋە تەسەۋۋۇر
سەزگۈـ ئىدراك قىلىش پائالىيىتى ئۆگىنىش جەريانىنىڭ باشلىنىش باسقۇچى سۈپىتىدە ، نۇرغۇنپىسخىك ئامىلللارنىڭ بىرلىكتە رول ئوينىشى ئاساسىدا ئىشقا ئاشىدۇ ، لېكىن ئۇنىڭئاساسىي پىسخىك تەركىبىي سەزگۈ - ئىدراك ۋە تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت . ئىدراك قىلىش ـسەزگۈ بىلەن ئىدراكنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى ، تەسەۋۋۇر بولسا ئەينى ۋاقىتتا ، قايتايارىتىلغان خىيال بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ .
1)سەزگۈ ۋە ئىدراك
سەزگۈ– كۆز ئالدىمىزدىكى ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ مېڭىمىزدىكىئىنكاسىدۇر .
ئىدراك– كۆز ئالدىمىزدىكى ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنىڭ مېڭىمىزدىكىئىنكاسىدىن ئىبارەت .
سەزگۈبىلەن ئىدراك بىلىش جەريانىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولۇپ ، ئۇلارمۇ باشقا پىسخىكجەريانلارغا ئوخشاش ، ئادەمنىڭ ئوبيېكتىپ رېئاللىق دۇنياسىدىكى ئىنكاسى .ئەتراپىمىزدىكى رېئال دۇنيادا بىپايان تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيەتكاتېگورىيىسىگە ياتىدىغان سانسىزلىغان شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەر بار . دۇنيادىكىخىلمۇ خىل شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى ماددىنىڭ ھەر خىل ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر .ئەنە شۇ خىلمۇ خىللىق بىلەن بىر پۈتۈنلىكنىڭ بىرلىكى ۋە پۈتكۈل ئالەمنىڭ بىر ـبىرىگە باغلانغان ، بىر - بىرىگە ئۆزگىرىدىغان چەكسىز بولغان ماددىي بىرلىكنىماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراش بويىچە ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق بىلىشىمىزگە ،ئىگىلىشىمىزگە ۋە ئۆزگەرتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ .
سەزگۈ– ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ كىشىلەر مېڭىسىدىكى سۇبيېكتىپ ئىنكاسى بولۇپ ، ئۇ شەكىلجەھەتتە سۇبيېكتىپ بولىدۇ . مەزمۇن جەھەتتە ئوبيېكتىپ بولىدۇ . بۇلارنىڭ رولىجەھەتتىن قارىغاندا ، شەيئىلەرنىڭ ئوبيېكتىپلىقى بىلەن ئىنسانلارنىڭ سۇبيېكتىپئېڭى ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . سەزگۈ بولمايدىكەن ، ئىنسانلارنىڭشەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى توغرا بىلىشىمۇ بولمايدۇ . كىشىلەر ئەمەلىيەت جەريانىدائوبيېكتىپ شەيئىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا ، بۇ شەيئىلەر ئادەمنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىغاتەسىر كۆرسىتىدۇ . كىشىلەر بۇ شەيئىلەرنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيىتى ۋە بىر پۈتۈنلىكىنى ،شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ باشقا شەيئىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ . كىشىلەرنىڭكۆز ئالدىدىكى ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيەتلىرى ( مەسىلەن ، رەڭگى ،پۇرۇقى ، قاتتىق - يۇمشاقلىقى ) توغرىسىدىكى ئىنكاسى سەزگۈ ، دەپ ئاتىلىدۇ .
سەزگۇ– ئىدراك ، مەلۇم غىدىقلىغۇچنىڭ سەزگۇ ئەزالىرىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىشتىن پەيدابولڭدۇ . غىدىقلىغۇچنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيەتلىرى ياكى مۇرەككەپ غىدىقلىغۇچ سەزگۈئەزالىرىمىزغا بىۋاستە تەسر كۆرسەتكەندە ، نېرۋا توقۇلمىلاردا قوزغىلىش ھاسىلبولڭدۇ .بۇ قوزغىلىش مەركەزگە ئىنتىلگۈچى نېرۋا ئارقىلىق ، چوڭ مېڭەپوستىلىقىمىزنىڭ مۇناسىپ رايونىغا بارغاندا ، سەزگۈ ۋە ئىدراك پەيدا بولىدۇ . بۇجەرياننىڭ ئاناتومىيىلىك فىزىئولوگىيىلىك قۇرۇلمىسى سەزگۈ ئەزالار ، مەركەزگەئىنتىلگۈچى نېرۋا ۋە چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ مۇناسىپ رايونى قاتارلىق ئۈچ قىسىمنىئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ ئانالىزاتۇر دەپ ئاتىلىدۇ .
ئىدراك_ كۆپ خىل ئانالىزاتۇرلارنىڭ بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىدەپەيدا بولىدۇ . كۆپ خىل ئانالىزاتۇرلارنىڭ بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان پائالىيىتىئىچىدە بىر خىل ئانالىزاتۇرىنىڭ پائالىيىتى يېتەكچى رول ئوينايدۇ . ئېدراك قىلىشتايېتەكچى رول ئوينىغان ئانالىزاتۇرنىڭ پائالىيىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا ، ئىدراكنىڭتۈرلىرى ، كۆرۈش ئىدراكى ، ئاڭلاش ئىدراكى ، تەم ئىدراكى ، پۇراق ئىدراكى ، تېگىشئىدراكى ، ۋە ھەرىكەت ئىدراكى قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ . بىز بۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپئادەتتىكى ئېدراك دەپ ئاتايمىز . بۇلاردىن باشقا شەيئىلەر مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكىئىدراكمۇ بار . مەسىلەن ؛ زامان ئىدراك ۋە ماكان ئىدراك ۋە باشقىلار . ئادەمنىڭئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى تېزدىن ئېنىق ئىدراك قىلىشى ئىدراكنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىككەئىگە ئىكەنلىكتىن ئايرىلمايدۇ . ئادەم شەيئىلەرنى سەزگەن _ ئىدراك قىلغاندا ، ھامانبەزى شەيئىلەرنى تاللاپ ئوبيېكتى قىلىدۇ . بۇ ئىدراكنىڭ تاللاشچانلىقى دەپئاتىلىدۇ . ئىدراكنىڭ تاللاشچانلىقى بولمىسا ، ئوبيېكتنى ئارقا كۆرىنىشتىن ئايرىپچىققىلى ، ئېنىق ئىدراكقا تېز ئېرىشكىلى بولمايدۇ . چۈشىنىشچانلىق ئىدراكنىڭ يەنەبىر ئالاھىدىلىكى ، ئۇ ، شەيئىنى ئىدراك قىلغاندا ، ھامان بۇرۇنقى بىلىم ۋەتەجرىبىگە ئاساسەن ئۇنى چۈشىنىشى ، ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىشى ۋە ئۇنى مۇئەييەنشەيئىلەر سىستېمىسىغا كىرگۈزىشى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تېخىمۇ چۇڭقۇر ئىدراكقىلالىشىدا ئىپادىلىنىدۇ . ئىدراكنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ، بىر پۈتۈنلۈكتىنئىبارەت . ئىدراكنىڭ ئوبيېكتى نۇرغۇن پەرقلىق خۇسۇسىيەتلەر ياكى قىسىملاردىنتۈزۈلگەن مۈرەككەپ غىدىقلىغۇچىدۇر . شەيئىلەرنى ئىدراك قىلغاندا ، ئايرىم قىسىملاربويىچە ئەمەس ، بىر پۈتۈنلۈك سۈپىتىدە ئىدراك قىلىمىز . ئىدراكنىڭ يەنە بىرئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ تۇراقلىقلىقىدۇر . ئىدراك تۇراقلىقلىقى ئىدراكنىڭ شەرتلىرىئارقىلىق (كىچىكلىشىش نىسبىتى ، يورۇتۇلۇش دەرىجىسى ) قاتارلىقلار ئۆزگەرگەندە ،ئىدراك ئوبيېكتنىڭ چۇڭلۇقى ، شەكلى ۋە رەڭگى يەنىلا نىسپىي ھالدا ئۆزگەرمەيتۇرىدىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ . ئىدراكنىڭ بۇنداق تۇراقلىقلىقى ئادەمنىڭ ئوبيېكتىپشەيئىلەر توغرىسىدا ھەقىقىي ئىدراكقا ئىگە بولۇشىغا پايدىلىق .
كۆزىتىش__ سەزگۈ _ ئىدراكنىڭ بىر خىل ئالاھىدە شەكلى ، ئۇ مەقسەتلىك ، پىلانلىق ،باسقۇچلۇق ، سەزگۈ _ ئىدراك پائالىيىتىدۇر .مەسىلەن ؛ ئوقۇغۇچىلار خىمىيە - فىزىكابىلىملىرىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ، ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆرسەتكۈچ تەجرىبىسىنىكۆرۈشكە ، قايتا ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ . مۇشۇنداق مەلۇم مەقسەتلىك ۋەزىپىنىنەزەردە تۇتۇپ ، مەلۇم بىر ئالاھىدە شەيئىنى ئىنچىكە ، ئەتراپلىق سېزىش ئىدراكقىلىش ، كۈزىتىش ھېسابلىنىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىش پائالىيىتى مەقسەتلىك ،پىلانلىق ۋە تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىشتە ئوقۇتقۇچىكۆرسەتكەن تەجرىبىنى ياكى ئۇيۇشتۇرۇلغان ئېكسكۇرسىيە ، زىيارەت ئارقىلىقئوبيېكىتنى كۈزىتىشكە مۇھتاج بولۇپ قالماستىن ، بەلكى ئوقۇتقۇچى تەمىنلىگەن كۆرسەتمىلىكماتېرىياللار ۋە باشقا ئوقۇتۇش پائالىيىتىدىكى ھەرخىل مۇناسىۋەتلىك ئوبيېكتلارنىمۇئەستايىدىل كۈزىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ . بۇنداق كۈزىتىش پائالىيىتى تەپەككۇر بىلەنباغلىنىشلىق بولىدۇ . شۇڭا ، بەزىدە كۈزىتىش ’ تەپەككۇرلۇق سەزگۈ _ ئىدراك ‘ دەپمۇئاتىلىدۇ .
2)تەسەۋۋۇر ۋە تەسەۋۋۇر خىيال
تەسەۋۇر– بىز ئىلگىرى ئىدراك قىلغان شەيئىلەر ئوبرازىنىڭ مېڭىمىزدىكى ئىنكاسى بولۇپ ، ئۇ، ئىدراك قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن ھېسسىي ئوبرازدىن ئىبارەت .
ئىدراكبىلەن تەسەۋۋۇر ئوتتۇرىسىدا پەرق بولىدۇ .
ئىدراك– كۆز ئالدىمىزدىكى سەزگۈ ئەزالىرىمىزغا بىۋاستە تەسىر قىلىۋاتقان مېڭىمىزدىكىئىنكاسىدۇر . تەسەۋۋۇر بولسا ، بۇندىن بۇرۇن بىلگەن ، كۆرگەن كۆز ئالدىمىزدابولمىغان شەيئىلەر ئوبرازىنىڭ ئەكس ئېتىشىدۇر .
تەسەۋۋۇرخىيال – مېڭىمىزدە تەسەۋۋۇرنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق شەكىللەنگەنيېڭى ئوبرازدۇر . تەسەۋۋۇر خىيال دېگىنىمىز ، تەسەۋۋۇر ئاساسىدا باشقىلارنىڭ سۆزىياكى يازما بايانىغا ئاساسەن ، ئۆزى ئىدراك قىلمىغان شەيئىلەر ئوبرازىنى تەسەۋۋۇرقىلىپ چىقىشتىن ئىبارەت . مەسىلەن : ئوقۇغۇچىلار باشقىلارنىڭ سۆزىگە ياكى يازمابايانىغا ۋە سۆرەتلىك تەسۋىرىگە ئاساسەن ، چۆل - جەزىرە ، دېڭىز - ئوكيان ،جەنۇبىي قۇتۇپ ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ مەنزىرىسىنى تەسەۋۋۇر قىلىپچىقالايدۇ . شەيئىلەرنىڭ مۇشۇنداق پەيدا بولغان يېڭى ئوبرازى تەسەۋۋۇر خىيالدىنئىبارەت .
تەسەۋۋۇر، تەسەۋۋۇر خىيال ۋە ئىدراك گەرچە ئوخشاش كۆرسەتمىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولسىمۇ ،كۆرسەتمىلىك جەھەتتە بۇلار ئوتتۇرىسىدا پەرق بولىدۇ . تەسەۋۋۇر ئىدراكتىن تۇغۇلىدۇ، ئىدراكقا ئوخشاش ئوبرازلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ، تەسەۋۋۇر ئىدراكقا ئوخشاش ئۇنداقروشەن ، مۇكەممەل ۋە مۇقىم بولمايدۇ . لېكىن ، تەسەۋۋۇر ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنجەھەتتە ئىدراكتىن كۆپ جىق ۋە كۆپ مول بولىدۇ . تەسەۋۋۇر ئىدراك نەتىجىلىرىنى كۆپقېتىملاپ سېنتىزلاش ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇ ئىدراكقا قارىغاندا تېخىمۇ زوردەرىجىدە ئومۇمىيلىققا ئىگە بولىدۇ . چۈنكى ، تەسەۋۋۇر ئىدراكتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ .شەيئىلەرنىڭ تېخىمۇ ئومۇمىي بولغان ، يەنە كېلىپ كۆرسەتمىلىككە ياتىدىغانبەلگىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ . مەسىلەن ، ئۆي - ئىمارەت توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇر مەلۇمبىر خاس ئۆي - ئىمارەتلەرنىڭ ئوبرازى ئەمەس . بەلكە ھەر خىل ئۆي - ئىمارەتلەرنىڭتاشقى بەلگىلىرىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلغان ئوبرازىدۇر . تەسەۋۋۇر خىيال بولسا ،شەيئىلەرنىڭ بىۋاستە ئىدراك قىلىشىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ، پەيدا بولغان ئوبرازىنىكۆرسىتىدۇ . يەنى ، تەسەۋۋۇر خىيال سۆزلەر ھەققىدىكى تەسۋىرى بايانغا ياكى نۇسخا ،مودىل ، بەلگە قاتارلىقلارنىڭ بىشارىتىگە ئاساسەن ، مېڭىدە يېڭى ئوبراز پەيداقىلىدىغان پىسخىك جەرياندىن ئىبارەت . مەسىلەن : بىناكارلىق ئىشچىلىرى قۇرۇلۇشچېرتيۇژىغا ئاساسەن بىنانىڭ ئوبرازىنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ ، ماشىنا لاھىلىگۈچىلەرماشىنىنىڭ چېرتيۇژىغا ئاساسەن ماشىنىنىڭ ئوبرازى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىنى خىيالىدىنئۆتكۈزىدۇ . مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى تەسەۋۋۇر خىيال ھېسابلىنىدۇ .
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ: