باشلانغۇچ مائارىپ كەسپى مائارىپ پىسخولوگىيىسى(13)
بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2015-09-02 16:15
پىسخولوگىيە ئىلمىنىڭقارشىچە: جەمىيەت، ئائىلە، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار پىسخىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋەئۆزگىرىشتىكى تاشقى سەۋەب بولۇپ ، ئۇ، ئوقۇغۇچى پىسخىكىسنىڭ ئىچكى زىددىيىتىئارقىلىق رول ئوينىغاندىلا ، ئاندىن ئوقۇغۇچى پىسخىكىسنىڭ تەرەققىي قىلىپئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
(1)توغرا ئەخلاقىيچۈشەنچىنىڭ كەملىكى
كىشلەرنىڭ ئىجتىمائىئەمەلىيتى داۋامىدا ئۆزىنىڭ مەلۇم ئېھتىياجى شەكىللىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەمەلىيەتداۋامىدا ئۆزىنىڭ تۇغما ئېھتىياجىنى ئۆزگەرتىدۇ، چەكلەيدۇ . ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلاردائەخلاق چۈشەنچىسى كەملىكتىن ناھايتى ئوڭايلا ئېزىقتۇرۇشتىن كېلىپ چىققان ئارزۇتۈرتكىسىدە ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئىتى بىلەن ھېسابلاشمايدىغانتۈرلۈك ھەرىكەتلەر پەيدا بولىدۇ .
(2) پاسسىپ نەرسىلەرنىقارىغۇلارچە دوراش
ئۆسمۈر ياشلارنىڭ بىلىمئېلىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولۇپ ، ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆزىنى بىر قابىل كىشىقىلىپ كۆرسىتىشنى خالايدىغان بولىدۇ .
(3) ئىرادىسىزلىك
ئىرادە كۈچى توغرا ئەخلاقىيچۈشەنچە ئارقىلىق ناچار ئەخلاقنى يېڭىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان پىسخىك ئامىل .بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى ناچارلىقى ئىرادىسى ئاجىزلىقتىن ، نامۇۋاپىقتەلەپلەرنى توغرا كۆزقاراش ئارقىلىق يېڭەلمىگەنلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ .
(4) ناچار ھەرىكەتئادەتلىرى
ئوقۇغۇچى سوتسىيالىستىكجەمىيەتنىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە مۇۋاپىق بولمىغان ھەرىكەت ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ،ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا غەلبە قىلغان بولسا ، بۇ خىل ھەرەكەت ئۇسۇلى مېڭىدەئېھتىياج بىلەن مەلۇم باغلىنىش ئورناتقان بولىدۇ . بۇ كۆپرەك تەكرارلانسا باغلىنىشمۇستەھكەملىنىپ ، قېلىپلىشىپ قالىدۇ ياكى يامان ئادەت شەكىللىنىدۇ . يامانئادەتلەرنى تەكرارلاش جەريانىدا ، ئوقۇغۇچى ئوڭايلىق ، ھوزۇرلۇق كەيپىيات تۇيغۇسىھاسىل قىلۋالىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق ناچار قىلىقلار ئىچكى كۈچكە ئايلىنىپقالىدۇ .
3.ناچار ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنى تۈزىتىشنىڭ پىسخولوگىيلىك ئاساسلىرى
ئەخلاق پەزىلىتىي ناچارئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەب توغرا تونۇش بولۇش ، ئۆسمۈر ياشلار خاتالىق ئۆتكۈزگەنبولسىمۇ ، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ماھىيتىنىىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ،ئۇلارغا قىزغنلىق بىلەن غەمخورلۇق قىلىپ ، خاتا ھەركەتلەرنى تەربىيە ئارقىلىقئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقى ، شۇنداقلا تەربىيە ئارقىلىق ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلىبولدىغانلىقىنى توغىرسىدا ئۇلاردا ھەقىقىي ئىشەنچ پەيدا قىلىش لازىم . يەنە بىرتەرەپتىن، ئۆسمۈر ۋە ياشلارنىڭ دۇنيا قارشى ، ئىدىيىۋى ئەخلاقىي پەزىلىتىنىڭ تېخىمۇقىملاشقان ۋە ئىنتايىن چوڭ ئەۋرىشملىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ، ناچار مۇھىتتائاسانلا يامان تەرەپكە ئۆزگىرىپ ئوڭۇشلۇق شارائىتتا يەنە ياخشى تەرەپكە قاراپئۆزگىردىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك . لېكىن ، ئەخلاقىي پەزىلىتي ناچار ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەش مۇشەققەتلىك، ئىنچىكە ۋە مۇرەككەپ بىر خىزمەت بولۇپ، مەكتەپ ، ئائىلە ۋە جەمىيەتنىڭ ئاكتىپ ماسلىششى ۋە ئورتاق ماسلىششىنى تەلەپقىلىدۇ .
1)ئوقۇغۇچىلارنىڭ قورقۇش ،گۇمانخورلۇق ۋە قارشىلشىش كەيپىياتىنى تۈگىتىش كېرەك.
ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچارئوقۇغۇچىلار ئەخلاقىي جەھەتتىن ئېغىر ۋە يېنىك سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن،ئەتراپتىكى كىشلەرگە نىسبەتەن كۆپىنچە بىر خىل قارشىلىش كەيپىياتى بولىدۇ . بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنى ماختاش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشتىن، ئۇلارنى ئەيىبلەش ۋە تەنقىدلەش كۆپ بولغاچقا ئۇلارداكۆپىنچە «خۇدۇكسىنىش»،«سەگەكلىك» «ئېھتىياتچانلىق»،«ئۆچلۈك» ئالەمەتلىرى بولىدۇ .ئۇلار دائىم «ئوقۇتقۇچى مېنى كەمسىتىدۇ، مەندىن بىزار» دەپ قارايدۇ . ئۇلارئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن ئۆزىنى قاچۇرۇش، جىم بولۇۋېلىش ياكى قوپاللىق، يولسىزلىققىلىپ «نورمالسىز» پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيلىرىئۇلارغا نىسبەتەن ئۈنۈم ھاسىل قىلىش قىيىن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئوقۇغۇچىلارنىئەيىبلەش ياكى نەسھەت قىلىش ھەرگىز كار قىلمايدۇ. بۇ خىل پىسخىك توسالغۇنى يوقىتىشئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى ۋە كوللېكتىپ ئۇلارغا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كۆپتەرەپلىمە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارغا سەمىمىي- ساداقەتلىك بىلەن ياردەم بېرىش،ئۇلار بىلەن سىرداش دوست بولۇپ، سەۋرچانلىق ،ئىنچكلىك بىلەن ئۇلارغا نەسھەت قىلىپ،ئۇلاغا ئوقۇتقۇچىنىڭ سەمىمىي نىيتىنى، كوللىكتىپنىڭ مېھرى –شەپقىتىنى ھىس قىلدۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ئەتراپتىكى كىشلەرگە بولغان ئىشىنىش ھېسىياتىنى كۈچەيتىش لازىم.
2) ئويغىنىش ۋە ئۆزگىرىشنىڭئاچقۇچلۇق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچارئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزگىرىشى ئومۇمەن ئويغىنىش، ئۆزگىرىش، تەكرارلىنىش،مۇستەھكەملىنىش، مۇقىملىشىش جەريانلىرىنى بېسىپ ئۆتىدۇ.بۇ ناچار قىلىقلارنىتۈزىتىش جەرياننىڭ ئومۇمىي قانۇنىدۇر.ئويغىنىش دېگىنىمىز، خاتالىق سادىر قىلغانئوقۇغۇچىنىڭ خاتالىقتاداۋاملىق چىڭ تۇرۇشنىڭ خەتەرلىكىنى تۇتۇپ، خاتالىقىنىتۈزۈتۈش ئارزۇسىنىڭ باشلىنشىنى كۆرسىتىدۇ .
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭئويغىنشىدىكى ئوبدان پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەي ، ئۇلارنىڭ كىچىككىنە ئلگىرلىشىنىمۇمۇئەييەنلەشتۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ ئىلگىرلەش ئارزۇسىنى ئىلگىرلەش ھەركىتىگە ئايلاندۇرۇشلازىم .
3)ئوقۇغۇچىلارنىڭ غورۇرىنىۋە باشقىلارنىڭ كوللېكتىپ شان – شەرەپ ھېسياتىنى يىتىلدۈرۈش كېرەك .
غورۇر-شەخىسنىڭ جەمىيەتتىكىۋە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشنى تەلەپ قىلدىغان بىر خىل ھېسياتتىنئىبارەت. ئۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقرى ئۆرلەپ، يىتەرسىزلىكلەرنى تىرشىپ يېڭىشىدىكىئىچكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ بىرى . غورۇرنىڭ كەمچىل بولۇشنى ئارتۇقچە ئەيىپلىنىش، جازالىنىش ، مەسخىرە ۋە كەمسىتىشكە ئۇچراشتىن كېلىپ چىقىدۇ . شۇڭا ئوقۇتقۇچىئوقۇغۇچىلارنى ھۆرمەت قىلىپ قوللاش، تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنىكۆپرەك قوللىنىپ ، ئۇلارنىڭ غورۇرىنى ئۇرغۇتىشى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلنىشى ھەمدەكوللىكتىپنى بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىش ۋە قىزغىن ياردەم بېرىشتوغىرسىداتەربىيلەپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ غورۇرىۈا ئازار بىرىدىغان ئىشلارنى توسۇشكېرەك .
4)ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەق-ناھەقنى پەرق ئېتىش قابىليىتىنى ئۆستۈرۈش لازىم .
ھەق- ناھەق نۇقتىنەزىرى ۋەھەق – ناھەق ھېسياتنىڭ كەمچىل بولۇشى ، بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دائىم سەۋەنلىكئۆتكۈزشىدىكى سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . بۇ ئەخلاقىي پەزىلىتىي ناچارئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ . ھەق- ناھەق كۆز قارشى ئاجىزئوقۇغۇچىلار خاتا ھەرەكەتلىرىنى دەرھال پەرق ئېتەلمەي، ھەركەتنى چەكلەپقالالمايدۇ.خاتالىق ئۆتكۈزگەندىن كىيىنمۇ تۈزىتش خاھىشى دەرھال ھاسىل بولمايدۇ .شۇنىڭ بىلەن خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچار ئوقۇغۇچىغائايلىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن سۆز بىلەن قايىل قىلىش ، قاتتىق تەلەپ قويۇش، جامائەت پىكرى تەييارلاش، تەنقىدلەشنى قوشۇمچە مۇكاپاتلاشنى ئاساس قىلىش ،مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاش ئېنىق بولۇش، ئۈلگەتىكلەش، ئىجابىي يىتەكلەش قاتارلىقئۇسۇللارنى قوللىنىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەق- ناھەقنى پەرق ئېتىش قابىليىتىنىئۆستۈرۈش كېرەك ، بۇ، ئوقۇغۇچىلاردا توغرا ئەخلاقىي كۆز قارشىنىڭ شەكىللىنشىگەياردەم بېرىدۇ .
5) ئوقۇغۇچىلارنى ئازدۇرشقا قارشى كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى چىنىقتۇرۇپ ،يىڭى ھەرىكەت ئادەتلىرىنى مۇستەھكەملەش لازىم.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلگىرىشەكىللەنگەن ناچار ھەركەت ئادەتلىرى نامۇۋاپىق تەلەپلەر بىلەن خاتا ھەرىكەت ئۇسۇللىرى ئارىسىدا مۇستەھكەم باغلىنىش ئورناتقىلىبولىدۇ . بۇنى تۈزىتىش قىيىن بولىدۇ . خاتا ھەركەتلەر ھامان مەلۇم ئازدۇرۇشتەسىرىدە ، ئىچكى خاتا كۆز قاراشنىڭ يىتەكچىلكىدە مەلۇم ھەرىكەت ئۇسۇلى ئارقىلىقئىپادىلەنگەنلىكتىن ، بىر خىل خاتا ھەرىكەتنى تۈزىتىشتە نامۇۋاپىق تەلەپلەرنىئۆزگەرتىش ھەم ئازدۇرۇش ھەم ئازدۇرۇش شارائىتىنى تېزگىنلەش لازىم . يامانھەرىكەتنى يوقىتىش كېرەك .
6) ئوقۇغۇچىلارنىڭئىندىۋدۇئال پەرقلىرىگە ئاساسەن ، جانلىق ، كۆپ خىللىق تەربىيە ئۇسۇللىرىنىقوللىنىش كېرەك .
ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتاھەركەتلىرى بىلەن ئەخلاقىي ناچارلىقى، ئۇلارنىڭ يېشى، ئىندىۋدۇئاللىقى ،خاتالىقىنىڭ خاراكتىرى بىلەن ئېغىرلىق دەرىجىسىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ، شۇڭا، كۆپخىل ۋە جانلىق تەربىيە تەدبىرلىرىنى قوللىنىش لازىم . يېشى كىچىك ئوقۇغۇچىلارداكۆرۈلگەن ئەخلاقسىزلىق قىلىقلار ئەخلاقىي ھەرىكەت ئۆلچەملىرىنى بىلمىگەن ياكىچۈشەنمىگەنلىكى ئارقىسىدا يۈز بىرىدۇ. ئۇلرنى كۆپرەك ئىجابىي جەھەتتىن يېتەكلەشلازىم . مەسلەن:ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە ئاكتىپ ئامىللىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ،ھەرىكەت ئۇسۇللىرىنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىش ، ئۇلارنىڭ قايسى ئۇسۇلبىلەن مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش لازىم.
يېشى چوڭراقئوقۇتقۇچىلارنىڭ ناچار قىلىقلىرىغا قارىتا قاتتىق تەربىيە ئۇسۇلى قوللىنىش كېرەك.لېكىن، ئۇلارنىڭ خاتالىقىنىڭ ئىغىرلىق دەرىجىسىگە،ئىندىۋدۇئاللىقىغا، خاتالىقىنىڭ تەكرارلىقىغا، پوزىتسىيىسىنىڭ ياخشى – يامانلىقىغا، تۈزىتىش ئىپادىسىگەقاراپ پەرقلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تەربىيە قىلىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارچۇڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى ، ئىندىۋدۇئال ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەتراپلىقئىگىلىشى ، كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق خىزمەتنى ئوبدان ئىشلىشى لازىم .
ھەر قانداق ئەخلاقىي پەزىلەت مەلۇمئەخلاقىي بىلىش، ئەخلاقىي ھېسسىيات، ئەخلاقىي ئىرادە ۋە ئەخلاقىي ھەرىكەتئادەتلىرىدىن ئىبارەت پسىخىك تەركىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ پسىخىك تەركىپلەرئۆز ئارا باغلىنىشلىق بولۇپ، بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ، بىرى كەم بولسابولمايدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى – ئۆسمۈر ۋەياشلارغا بىلىم، ھېسسىيات، ئىرادە، ھەرىكەت – ئادەتلىرى جەھەتتىن تەربىيە بېرىش جەريانى.شۇنىڭدەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنى تۈزىتىش جەريانىدۇر .
5. باب ئىندىۋىدۇئال پەرقلەر
ئىندىۋىدۇئال پەرقلەرئوبيېكتىپ مەۋجۇت . 2000 يىل ئىلگىرى ئۆتكەن كۇڭزى ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەھلىلقىلىپ ۋە ئۇلارغا باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن : « چەي – گالۋاڭ، شىن – قاشاڭ، شى –كۆپتۈرمىچى، يۇ – قارام » . بىر كۈنى جۇڭيۇ :« ئاڭلىغان ھامان قىلىش كېرەكمۇ؟» دەپسورىغاندا، كۇڭزى « ياق» دەپ جاۋاپ بەرگەن، رەنچۇ: « ئاڭلىغان ھامان قىلىشكېرەكمۇ؟» دەپ سورىغاندا، كۇڭزى « قىلىش كېرەك » دەپ جاۋاپ بەرگەن، گۇڭشىخۇابۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ « ئىككەيلەننىڭ سۇئالى ئوخشاش تۇرسا ئىككى خىل جاۋاپبەردىڭىزغۇ؟ مەن بىر ئاز ئېلىشىپ قالدىم، چۈشەندۈرۈپ قويامسىز » دەپ كۇڭزىغائېلتىجا قىلىپ سورىغاندا، كۇڭزى : « رەنجۇ بولسا جۈرئەتسىز، شۇڭا ئۇنىيۈرەكلەندۈرۈش كېرەك . جۇڭيۇ بولسا قارام، شۇڭا ئۇنى چەكلەپ تۇرۇش كېرەك » دەپجاۋاپ بەرگەن، دېمەك ، كۇڭزى ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكلىرىنى ناھايىتى ئودان بىلگەن ھەمدەئۇلارغا پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشقا ماھىر بولغان .
ئىندىۋىدۇئال پەرق تارىختىن بۇيانقىتەلىم – تەربىيىنىڭ نەتىجىسى . شۇنداقلا تەلىم – تەربىيىنىڭ ئاساسى .
ئوقۇغۇچىلارنىڭ دائىمئىندىۋىدۇئال پەرقلىرىنى ئىگەللىگەندىلا، ئۇلارنىڭ پسىخىكىسىدىكى ئوخشاش بولمىغانئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن، ئوبيېكتىپقا قاراپ تەربىيە بېرىپ، ياخشى تەلىم –تەربىيە ئۈنىمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ .
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئال پەرقلىرى ئاساسەن قابىلىيەت، خاراكتېر،تېمپېرامېنت قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ .
§ 1. ئىندىۋىدۇئاللىق ۋە تەلىم – تەربىيە
ئىندىۋىدۇئاللىق دېگىنىمىز ، بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش ۋەئەمەلىيەت پائالىيىتى جەريانىدا دائىم ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان بىر قەدەر تۇراقلىق،بەلگىلىك مايىللىققا ئىگە شەخسى پسىخىك ئالاھىدىلىكتىن ئىبارەت .
ئاددىي قىلىپ ئېيتساق، ئىندىۋىدۇئاللىق دېگىنىمىز — ئادەمنىڭ تۇراقلىق پسىخىكئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇ بىر ئادەمنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئىندىۋىدۇئاللىق پسىخىك ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدۇ .شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئادەمنىڭ تۇرمۇش ۋە ئەمەلىيەت پائالىيىتى جەريانىداپەيدا بولغان پىسىخىك پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىندىۋىدۇئاللىق بولىۋەرمەيدۇ .پەقەت تۈرلۈك ئوخشاش بولمىغان ئەھۋال، ئوخشاش بولمىغان پائالىيەت داۋامىدا دايىمئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان، بەلگىلىك مايىللىققا ۋە تۇراقلىققا ئىگە بولغان شەخسىپسىخىك ئالاھىدىلىكلەرلا ئىندىۋىدۇئاللىق بولىدۇ .
ئىندىۋىدۇئاللىق — ئىنسانلاردىكى ئورتاق پسىخىك ئالاھىدىلىكنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ . ئادەمنىڭ پىسىخىك پائالىيىتىدىكى ئورتاقئىندىۋىدۇئاللىق ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئوخشاش بىر جەمئىيەت، سىنىپ،مىللەت ۋە ئوخشاش بىر ياشتىكى ئادەملەردە بولسۇن ياكى ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت،سىنىپ، مىللەت ۋە ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى ئادەملەردە بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق پسخىك قانۇنىيەتبولىدۇ . مەيلى بىلىش، ھېسسىيات، ئىرادە جەھەتتە بوسۇن ئورتاق بەلگىلەرگە ئىگەبولىدۇ .
ئادەم پسىخىكىسىنىڭ يەنەبىر مۇھىم تەرىپى، ئادەم پسىخىكىسىنىڭ پەرقلىقلىقىدىن ئىبارەت . ئوخشاش بىر ياشباسقۇچىدىكى، ئوخشاش بىر سىنىپ، مىللەت، ئوخشاش بىر جەمئىيەتتىكى ئادەملەردەئوخشاش بولغان پسىخىك ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ . لېكىن ئوخشاشلىق ئىچىدە پەرق بولىدۇ. ئوخشاش پسىخىك ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەربىر كىشىدىكى ئىپادىسى ھەر قاچان شەخسگە تۈس ئالغان بولىدۇ . ئادەم پسىخىكىسىدائايرىم پەرق بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئادەم پسىخىكىسىدىكى خاسلىق ۋە چەكسىز خىلمۇخىللىق شەكىللەنگەن .
ئۇنداقتا ئادەم پسىخىكىسىدىكى ئايرىمپەرقلەر قانداق شەكىللەنگەن؟ ئادەم ھامان ئىجتىمائىي تۇرمۇش شارائىتتا ياشايدۇ .ھامان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە تۇرىدۇ. شۇڭا ، بىر ئادەمنىڭئىندىۋىدۇئاللىقى ھامان ئىجتىمائىي ماددىي تۇرمۇش شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگەئۇچىرايدۇ .
كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا نىمە ئۈچۈن پەرقبولڭدۇ ؟ ئادەمنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى يەنى فىزىئولوگىيىلىك شەرتلىرى ئوخشاشبولمىغانلىقتىن، كىشىلەر دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، دۇچ كەلگەن تەبىئىي مۇھىت،ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە ئۇلارنىڭ ئادەمگە بولغان تەسىرى، تەلىپى ئوخشاش بولمايدۇ .ھەر بىر كىشىنىڭ تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى ، ئالغان تەربىيىسى ، شۇنىڭدەك سوبيېكتىپتىرىشچانلىقى ئوخشاش بولمايدۇ . شۇڭلاشقا ئىندىۋىدۇئال پەرقلەر ۋە ئۇنىڭ كۆپ خىلبولۇشى كېلىپ چىققان .
ئىندىۋىدۇئاللىقنىڭ پسىخىك قۇرۇلمىسى —قابىلىيەت، خاراكتېر، تېمپېرامىنتتىن ئىبارەت بولۇپ، بىر – بىرىگە باغلىنىشلىق .ئىندىۋىدۇئاللىق قۇرۇلمىسىنىڭ ھەر بىر تەركىبىي قىسمى نىسپىيتۇراقلىققا ئىگە . شۇسەۋەپتىن، ھەر بىر ئادەمنىڭ مەلۇم ئەھۋالدا ئىپادىلەيدىغان پسىخىك ھالىتى ۋەقىلىقلىرى ئئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس. ئەكسىچە ئۇنىڭ تۇراقلىقلىقى ۋە ئۆزگىرىشچانلىقىمۇھىت شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ بېقىنىپ ئۆزگىرىدۇ . دېمەك، تۇراقلىقلىقنىسپىي بولىدۇ . ئۆزگىرىشچانلىق مۈتلەق بولىدۇ .
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقپەرقلىرىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش ئوقۇتۇش ۋە تەلىم – تەربىيە خىزمىتى ئەمەلىيىتىدەمۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكلىرىگەئاساسەن ، ئوخشاش بولمىغان تەلىم – تەربىيە تەدبىرلىرىنى قوللانغاندىلا ، ئاندىنياخشى تەلىم – تەربىيە ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ . «ئوبيېكتىپىغا قاراپتەربىيە بېرىش » دىگىنىمىز ئەنە شۇ .
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ: