خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

باشلانغۇچ مائارىپ كەسپى مائارىپ پىسخولوگىيىسى(11)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2015-09-02 16:15

بىرىنچى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇناسىۋەتلىك ئەخلاق ئۇقۇملىرىنى بېيىتىش ھەمدە بۇ ئەخلاقىي ئۇقۇملارنى ئەخلاقىيھېسىيات چۈشەنچىلىرى بىلەن باغلاش لازىم .
ئىككىنچى ، ياخشى ئەدەبىيئەسەرلەر بىلەن جانلىق مىساللاردىن پايدىلىنىپ ، ئوقۇغۇچىلاردا ئەخلاقىي ھېسىياتجەھەتتە ئورتاق ھېسىيات پەيدا قىلىپ ، ئەخلاقىي ئەمەلىيەتنىڭ ۋاستىلىك تەجرىبىلىرىبىلەن ھېسىيات مەزمۇنىنى ئاشۇرۇش لازىم .
ئۈچىنچى ، ئەخلاقىي ئۇقۇمۋە نەزەرىيىلەرنى كونكېرت ھېسىيات ئاساسىدا چۈشەندۈرۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىيچۈشەنچىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئومۇملاشتۇرۇپ ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم .
گۈزەللىك ھېسىياتى ـئادەمنىڭ گۈزەللىك ئېھتىياجىنىڭ قانائەتلەندۈرۈلگەن ياكى قانائەتلەندۈرۈلمىگەندەپەيدا بولىدىغان ھېسىيات . گۈزەللىك - ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ۋە ئۇلارنىڭ سەنئەت جەھەتتىنئىپادىلەنگەن گۈزەللىكى ياكى گۈزەل ۋە سەتلىك توغرىسىدىكى باھاسى بولۇپ ، بۇنىڭدىنمۇئەييەنلەشتۈرۈش ياكى ئىنكار قىلىش ، خۇشال - خۇراملىق ياكى كۆڭۈلسىزلىك ،ياقتۇرۇش ياكى بىزار بولۇش ، ئالىيجانابلىق ياكى چاكىنىلىق قاتارلىق ھېسىياتلارپەيدا بولىدۇ .
ئاقىلانىلىك ھېسىيات ـكىشىلەرنىڭ بىلىش ۋە ھەقىقەتنى ئىزلەش ئېھتىياجى قانائەتلەندۈرۈلگەن ياكىقانائەتلەندۈرۈلمىگەندە تۇغۇلىدىغان ھېسسىياتتۇر . بۇ كىشىلەتنىڭ بىلىم ئىزلەشئارزۇسى ، ھەقىقەتنى قىزغىن سۆيۈشتەك ھېسىياتى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ .
3) ئەخلاق ئىرادىسىنىيېتىلدۈرۈش
(1) ئىرادە دېگەن نېمە ؟
ئىرادە - ئاڭلىق ھالدامەقسەتنى بەلگىلەيدىغان ھەمدە ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ئالدىن بەلگىلەنگەن مەقسەتنىئىشقا ئاشۇرىدىغان پىسخىك جەرياندىن ئىبارەت .
(2) ئىرادە ھەرىكىتىئۈستىدە ئانالىز
ئىرادە ھەرىكىتى ئۆز ئاراباغلىنىشلىق بولغان ئىككى باسقۇچقا بۆلىنىدۇ ، يەنى قارار قىلىش باسقۇچى ۋەقارارنى ئىجرا قىلىش باسقۇچىدىن ئىبارەت .
① قارار قىلىش باسقۇچى
كىشىلەر ھەرىكەت قىلىشتىنئىلگىرى مېڭىسىدە نېمە ئۈچۈن ۋە قانداق ھەرىكەت قىلىش ئۈستىدە ئويلىنىدۇ . بۇ بىرزەنجىرسىمان مۇرەككەپ پىسخىك ھەرىكەت . ئىرادە ھەرىكىتىنىڭ بۇ بىر باسقۇچى ئاساسەنمۇددىئالار كۈرىشى ، ھەرىكەت مەقسىتىنى بەلگىلەش ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلىنى تاللاش ،ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىنى ئويلاپ قارار قىلىش قاتارلىق ئۆز ئارا باغلىنىشلىق بولغانبىر قانچە ھالقىلاردا ئىپادىلىنىدۇ .
② قارار ئىجرا قىلىشباسقۇچى
ئىرادە قارارغا كېلىشجەريانىدىلا ئەمەس ، مۇھىمى قارارنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئىپادىلىنىدۇ .
(3) ئىرادىنىڭ سۈپەتلىرى
ئىرادىنىڭ سۈپەتلىرى ـئاڭلىق ، كەسكىنلىك ، چىداملىق ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت پىسخىلپائالىيەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ .
① ئاڭلىقلىق
ئىرادىنىڭ ئاڭلىقلىقى ،ئادەمنىڭ ئۆز ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتىنى ئېنىق بىلىش ، ئۆز ھەرىكىتىنىتەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە ئۇنى توغرا مەقسەتكە بويسۇندۇرۇشقابىلىيىتىنى كۆرسىتىدۇ .
② كەسىكنلىك
كەسكىنلىك - بىر ئادەمنىڭھەق - ناھەقنىڭ ئايرىشنىڭ ماھىرلىقىنى ، دەل ۋاقتىدا بىر قارارغا كېلەلىشى ھەمدەئۇنى ئىجرا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ .
③ چىداملىق
چىداملىق - تولۇپ - تاشقانكۈچ - قۇۋۋەت ۋە پۈتمەس - تۈگىمەس غەيرەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
④ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش
ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ، ئۆزھەرىكىتىنى تىزگىنلەش ياكى ئۆز ھەرىكىتى ئىدارە قىلىش قابىلىيىتىدىن ئىبارەت .
(4) ئەخلاقىي ئىرادىنىچېنىقتۇرۇش
ئەخلاقىي ئىرادە توغرائەخلاقىي مۇددىئانىڭ ناتوغرا ئەخلاقىي مۇددىئانى يېڭىشى ، ئىچكى - تاشقىتوسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ ، ئەخلاقىي مۇددىئادىن كېلىپ چىققان ھەرىكەت قارارىنىقەتئىي ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت . ئەخلاقىي ئىرادە ئاساسەن ئىككى جەھەتتەئىپادىلىنىدۇ . بىرىنچى ، مۇددىئالار كۈرىشىدە . ئىككىنچى ، ئىچكى - تاشقىقېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ قارارنى قەتئىي ئىجرا قىلىشتا .
ئەخلاقىي ئىرادىنىچېنىقتۇرۇش ئىرادە تەرەققىياتى بىلەن يېقىن باغلىنىشلىق ، بالىلار ۋە ياشلارنىڭئەخلاق ئىرادە سۈپەتلىرىنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشلازىم .
بىرىنچى ، ئوقۇغۇچىلارنىئەخلاقىي ئىرادە چۈشەنچىسى بىلەن ئەخلاقىي ئىرادە ئۈلگىسىگە ئىگە قىلىپ ، ئىرادەكۈچىنى چېنىقتۇرۇش لازىم .
ئىككىنچى ، ئوقۇغۇچىلارپائالىيىتىنى تەشكىللەپ ، ئۇلارنى ئىرادە - تاۋلاشنىڭ بىۋاستە تەجرىبىسىگە ئىگەقىلىپ ، ئىرادە كۈچىنى چېنىقتۇرۇش لازىم .
ئۈچىنچى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭئىرادە تۈرىگە قاراپ تۈرلۈك تاۋلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش لازىم .
تۆتىنچى ، بەلگىلەنگەنقارارنى قەتئىي ئىجرا قىلىش ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش كۈرىشى جەريانىدا ئىرادىنىتاۋلاش لازىم .
بەشىنچى ، تەنتەربىيەپائالىيىتى ئارقىلىق تاۋلىنىشنى كۈچەيتىپ ، ساغلاملىقنى ئاشۇرۇش لازىم .
4) ئەخلاقىي ھەرىكەت تەلىمتەربىيىسى
كىشىنىڭ ئەخلاقىي قىياپىتىبىرەر ھەرىكەتنى قىلىش ياكى ئۇنى توختىتىش ئىپادىسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ .شۇنىڭدەك ئەسلىدىكى ھەرىكەت جەريانىدا شەكىللىنىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ .
ئەخلاقىي ھەرىكەت تەربىيىسىتۆۋەندىكى ئىككى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :
(1) ئەخلاقىي ھەرىكەتئۇسۇلىنى ئىگەللەش .
ئەخلاقىي ھەرىكەت ئۇسۇلىنىئىگەللەش ئەخلاقىي ھەرىكەتنىڭ زۆرۈر شەرتى . ئوقۇغۇچىلارغا ھەرىكەت ئۇسۇلىنىئىگىلىتىشنىڭ شەكلى خىل مۇخىل .
(2) مەشق ئارقىلىق ئەخلاقىيھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىيپەزىلەتلىرىنى يېتىلدۈرۈشتە يالغۇز مۇددىئا تەربىيىسى بىلەن ھەرىكەت ئۇسۇلىغاتايىنىپلا يېتەكچىلىك قىلىش يېتەرلىك بولمايدۇ . ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاقىيھەرىكەتلەرنى مەشق قىلدۇرۇپ ، مۇستەھكەم ئادەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك .
دېمەك ، ئوقۇغۇچىلارنىڭئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش جەريانى ، بالىلار ۋە ياشلارنىڭ بىلىش ، ھېسيات، ئىرادە ھەرىكەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش جەريانىدىن ئىبارەت .
 
3§.ئەخلاقىي پەزىلىتى ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسىخىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنى يېتىلدۈرۈش
 
مائارىپ خىزمىتىنىڭ تۈپۋەزىپىسى ــــ ئىختىساسلىق كىشىلەرنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت . بۈگۈنكىياشلار ئىسلاھات ۋە تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ زاپاس ئارمىيىسى بولۇپ، ئەتەدۆلەتنىڭ غول تايانچىلىرى بولىدۇ . سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئۈچۈن كۆپلىگەن ئەقلىيۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن تولۇق ئىجتىساسلىق كىشىلەرنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشتە ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشكە ئالاھىدەئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك .
1.    ئەخلاقىي پەزىلىتى ياخشىئوقۇغۇچىلارنىڭ پسىخىك ئالاھىدىلىكلىرى
ئوقۇغۇچىلاردا ياخشىئەخلاقى پەزىلەت شەكىللەنگەندە تۆۋەندىكىدەك پسىخىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىدۇ:
1)   بىلىش جەھەتتىكى پسىخىك ئالاھىدىلىكى
(1)  توغرا ھەق - ناھەقلىق كۆز قارىشىغا ئىگە بولۇش .
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېسىلئەخلاقىي پەزىلەتلىرى مۇھابەت - نەپرىتى ئېنىق بولۇش ۋە توغرا ھەق - ناھەقلىق كۆزقارىشىغا ئىگە بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ . ئۇلار تىرىشىپ ئۆگىنىش، ئەمگەكنى سۆيۈش،پەننى سۆيۈش، مەدەنىيەتلىك، ئەدەپلىك بولۇش، ئىنتىزامغا بويسۇنۇش، ئوقۇتقۇچىنىھۆرمەت قىلىش، كوللىكتىپقا كۆيۈنۈش، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپھېسابلاشلارنى كىشىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىدۇ .
(2)  ئۈستۈنلۈك قازىنىش ۋە ئالغا ئىنتىلىش روھىغا ئىگەبولۇش .
ئۆسمۈر ياشلار دەل تەرەققىيقىلىۋاتقان بىر باسقۇچتا تۇرغانلىقتىن، ئۇلار ئاكتىپ، جۈرئەتلىك، پائال قىزغىن،ئارقىدا قېلىشنى خالىمايدىغان ئېسىل پەزىلەتلەرگە ئىگە . بۇ ئۇلارنىڭ چوڭ يۈرەكلىكبىلەن ئالغا ئىنتىلىش روھىدىن ئاجىرالمايدۇ .
2) ھېسسىيات جەھەتتىكىپسىخىك ئالاھىدىلىكى
         (1) مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك،ھەققانىيەت ھېسسىياتىغا ئىگە بولۇش .
   بۇ كوللېكتىپ تۇرمۇشقا كۆيۈنۈش،ئوقۇتقۇچى ۋە كوللېكتىپ تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئاكتىپ ئورۇنلاش، خىزمەتنى قىزغىنۋە خالىس ئىشلەشتە ئىپادىلىنىدۇ .
  ھەققانىيەت ھېسسىياتى دېگىنىمىز ھەقبىلەن ناھەق، ياخشى بىلەن ياماننى ئېنىق ئايرىش، يامان ھادىسىلەرگە قارشى كۈرەشقىلىش، شەخسى پايدا – زىياننى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرماسلىق، باشقىلارغا ياردەم بېرىش،ياخشى ئىش قىلسا ماختانماسلىق .... لاردىن ئىبارەت .
(2) ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنىسۆيۈش ھېسياتىغا ئىگە بولۇش .
           بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ مۇھىم بىر مەسىلە .ۋەتەننى سۈيۈش تەربىيىسى بېرىشتىن بۇرۇن « ئۆز ئاتا – ئانىسىنى سۆيۈش » « يۇرتىنىسۆيۈش » تەربىيىسىدىن باشلاش لازىم .
        (3) شان – شەرەپ ھېسسىياتى بىلەن غورورھېسسىياتىغا ئىگە بولۇش .
        ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپ تۇرمۇش ئىچىدەئۆزىنىڭ ئورنىنى بىلىدۇ . شۇنىڭدىن پەخرلىنىش بىلەن خىجالەتچىلىك، غورۇر بىلەنئۆكۈنۈش، قاتارلىق كەيپىيات تۇيغۇسى ھاسىل بولىدۇ .
        3) ئىرادە جەھەتتىكى پسىخىك ئالاھىدىلىكى
       (1) ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىگە ئىگە .
   ئۇلار ئۆز ھەرىكىتىگە توغرا ئىدىيەبىلەن رەھبەرلىك قىلىدۇ، ھەر ۋاقىت بېرىلىپ ئۆگىنىدۇ . بەزىلەر توغرا مەقسەتنىئىشقا ئاشۇرۇشتا قىيىنچىلىقتىن قورۇقماي، ئارسالدىلىق، قورقۇنچاقلىق، ھورۇنلۇق،تارتىنچاقلىقلاردەك ناچار كەيپىياتلارنى يېڭەلەيدۇ .
       (2) قىيىنچىلىقنى يېڭىش روھىغا ئىگە .
   ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت جەريانىدا ئىككىخىل قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ . بىرىنچى، ئىچكى قىيىنچىلىق يەنى سوبيېكتىپ جەھەتتەمۇددىئا ياكى مەقسەتنىڭ ئېزىقتۇرىشىنى يېڭىش . ئىككىنچى، تاشقى قىيىنچىلىق يەنىئوبيېكتىپ جەھەتتە ھەر خىل توسالغۇ ئامىللار ، ناچار شارائىت ، ئۈسكۈنىلەرنىڭكەملىكى قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش .
     4) ھەرىكەت ئادىتى جەھەتتىكى پسىخىك ئالاھىدىلىكى
     (1) سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇش ۋە خاتالىقىنىئۆزگەرتىش روھىغا ئىگە بولۇش .
    بۇ ئادەمنىڭ گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلىتى . بۇ بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپبېرىدىغان تەربىيە ۋە ياخشى ئادەت .
(2) ياخشى ھەرىكەتئادەتلىرىنى يېتىلدۈرگەن بولۇش .
ياخشى ھەرىكەت ئادەتلىرىكىشىنىڭ پسىخىك پائالىيىتىنىڭ تاشقى ئىپادىسى . ئۇ ھامان ئىچكى جەھەتتىن يەنىبىلىم ، كۆز قاراش، ئىشەنچ، غايە غورور ۋە سۈپەت جەھەتتىن تەربىيىلىنىشنى ئاساسقىلىدۇ .  
2.    ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئەخلاقىيپەزىلەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشىئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش كۆپ خىل يول ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىشقائاشۇرۇلىدۇ .
1)   ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئەخلاقىي پەزىلىتىنى ئوقۇتۇشئارقىلىق يېتىلدۈرۈش
مەكتەپ خىزمىتىدە ئوقۇتۇشئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ . ھەر قايسى پەنلەرنى ئوقۇتۇش ، بىلىم تەربىيىسى بىلەنئەخلاقىي پەزىلەت تەربىيىسىدىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم رولغا ئىگە . بۇئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا دۇنيا قاراش ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدۇ .
2)  تۈرلۈك تەربىيە ئەھمىيىتى بولغان ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشىئەخلاقىي پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈش
مەخسۇس تېما بويىچەئېچىلغان سىنىپ يىغىنلىرى، كۈرەش قەھرىمانلىرى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋەمۇتەخەسسىسلەرنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش، ئىنقىلابىي مۈقەددەس جايلارنى ئېكسكۇرسىيەقىلىش، مەكتەپ خاتىرە كۈنى پائالىيىتى قاتارلىق ، تەربىيىۋىي ئەھمىيەتكە ئىگەپائالىيەتلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئەخلاقىي پەزىلىتىنى شەكىللەندۈرىشتە مۇھىمئەھمىيەتكە ئىگە .
قەھرىمان ، نەمۇنىچىلاردىنئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۆت تەرەپنى چىڭ تۇتۇش كېرەك :
① قەھرىمان، نەمۇنىچىلاردىنئۆگىنىشتىكى ئوبيېكتىپ تەلەپنى ئوقۇغۇچىلارنىنىڭ ئىچكى ئاڭلىق ئېھتىياجىغائايلاندۇرۇپ ، نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىش مۇددىئاسىنى قوزغاش كېرەك .
② ئوقۇغۇچىلارغاقەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى بىلدۈرۈپ ، شۇ ئارقىلىق قەھرىمانلارنىڭ يۈكسەكئىدىيە چېگرىسى ، نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىدىغان ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتلەر توغرىسىدائوقۇغۇچىلارنى توغرا چۈشغنچىگە ئىگە قىلىش كېرەك .
③ ئوقۇغۇچىلاردىن شەيئىلەرگەنىسبەتەن قەھرىمانلارنىڭ ئىدىيە ئۆلچىمى بويىچە مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلىش ،بىلىشنى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك .
④ ئەخلاقىي ھەرىكەتلەرنىمەشق قىلدۇرۇپ ، ئاددىي ئەخلاقىي ھەرىكەتلەرنى ئەخلاقىي ئادەتكە ئايلاندۇرۇش بىلەن، ياخشى ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك .
3) مۇنەۋۋەر سىنىپكوللېكتىپىنى شەكىللەندۈرۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلىتىنىيېتىلدۈرۈش
بىر مىنەۋۋەر سىنىپ كوللىكتىپى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە ئىنقىلابىي غايىنىڭ تىكلىنىشىنى ،ئەخلاقىي ھەرىكەتتىكى ئاڭلىقلىقنىڭ يۈكسىلىشىنى كوللېكتىپ ئۈچۈن خالىس ئىشلەشھېسسىياتى ، جاۋابكارلىق روھى ، پەخرلىنىش ھېسسىياتى ، دوسلۇق ھېسسىياتى ۋەپائالىيەتچانلىق روھى، كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە بويسۇنۇش قاتارلىق ئېسىل ئەخلاقىيپەزىلەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ناچار بولغان ئوقۇغۇچىلاركوللېكتىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىگە نىسبەتەن ناچار تەسر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق كوللېكتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ غايە تىكلىشىنى يوققا چىقىرىدۇ .
ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپىنىڭتەرەققىيات جەريانى تۆۋەندىكىدەك تۆت باسقۇچتىن ئىبارەت :
بىرىنچى باسقۇچ، تەربىيەتەلىپى، كوللېكتىپقا نىسبەتەن ئېيتقاندا سىرتتىن كەلگەن بولىدۇ .
ئىككىنچى باسقۇچ،ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى ئىلغارلار، ئاكتىپلار تەربىيە تەلىپىنى قوبۇل قىلىش ھەمدەئوقۇتقۇچىلارغا ھەمكارلىشىپ ، بۇ تەلەپلەرنى قالغان كۆپچىلىك ئوقۇغۇچىلارغاقويۇشتىن ئىبارەت بولىدۇ .
ئۈچىنچى باسقۇچ،ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپى تەربىيە تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ ، كوللېكتىپنىڭ ئۆزى بۇتەلەپلەرنى ئايرىم پەرقلىق ئوقۇغۇچىلارغا قويۇشتىن ئىبارەت بولىدۇ .
تۆتىنچى باسقۇچ، تەربىيەتەلىپى – كوللېكتىپقا قاتناشقان بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپىگە ئايلىنىدۇ . ئەمدىكوللېكتىپنىڭ سىرتتىن نازارەت قىلىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ .
(2) ئوقۇغۇچىلارنىڭدورامچىلىق ئالاھىدىلىكىدىن تولۇق پايدىلىنىش لازىم .
ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپئىچىدە ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، بىۋاسىتەئالاقە قىلغانلىقتىن ، باشقىلارنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرى ئۇلاردا ئويلىنىش ،سېلىشتۇرۇش تۇيغۇسىنى قوزغايدۇ ۋە بۇنىڭدىن دوراش پىسىخىك پائالىيىتى قوزغۇلىدۇ .شۇڭا ، ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئۈلگىلىك رولىغا دىققەت قىلىشى كېرەك .
ئالدىنقىسى:ئوقۇتقۇچىلارغا ئەسقاتىدىغان توربەتلەر توپلىمى
كېيىنكىسى: تۈگەپ قاپتۇ
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#0000FF'>ئوقۇتقۇچىلار نىمە ئۈچۈ</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار