خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

باشلانغۇچ مائارىپ كەسپى مائارىپ پىسخولوگىيىسى(16)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2015-09-02 16:15

(1) بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىپ تەربىيلەشئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئوبېكتى ياش - ئۆسمۈرئوقۇغۇچىلاردىن ئىبارەت. ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيلەش خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭتۈپ مەجبۇرىيىتى. خەلق ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇتۇش بىلەنلا شۇغۇللىنىپ قالماستىن، بەلكىئىدىيۋى سەپتىكى جەڭچىلەر، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلغۇچىلار ۋەباشلامچىلاردۇر. ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ئۆز نۆۋىتىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭساغلام ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر ئۆمۈرلۈكتەرەققىياتىغىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنىڭيىغىندىسى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . خۇددى لۇشۈن ئەپەندى ئېيتقاندەك:«ئىىديۋى ئەخلاقى بىمەنە بولغان ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلارغا پەقەت قانداق قىلىپقولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىش قىلىش، جان ساقلاشنىڭ كويىدىلا بولۇش، خۇشامەتچىلىك، نەيرەڭۋازلىق،شەخسىيەتچىلىك قىلىش، ھەققانىيەتچىلىك يولى بىلەن ياخشى نامغا ئېرىشىۋېلىشنىئۆگىتىدۇ» بۇنداق ئوقۇتقۇچىلار يېڭى ئەۋلادلارنى يېتىشتۇرالمايلا قالماستىن، بەلكىجەمئىيەتكە قاراڭغۇلۇق ۋە زۇلمەتنى كۆپەيتىدۇ . روشەنكى، ئوقۇتقۇچىنىڭئوقۇغۇچىلارغا بولغان بارلىق خىزمىتى باشتىن ئاخىر تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈشنى مەقسەتقىلىدۇ .
(2) خالىسانە بىلىم بېرىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.
ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىنىڭ خالىسانىلىقىنى مائارىپخىزمىتىدىن ئىبارەت بۇ پەۋقۇلئاددە ئەمگەكنىڭ ئىزچىللىقى بەلگىلىگەن. ئوقۇتقۇچىلارخىزمىتى مېخانىك ھالدا ۋاقىت ۋە ئورۇننىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.مەسىلەن: ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيۋى تەربىيە خىزمىتى ئىشلەشتە، تەربىيىدەياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپ ھاللاردا «ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتى» ۋە مەكتەپئىچىدىكى ماكان چەكلىمىسىدىن ھالقىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىدەۋاقىت، ماكان چەكلىمىسى بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . ئوقۇتقۇچىلارنىڭئوقۇغۇچىلارغا سىڭدۈرگەن يۈرەك قېنى، زېھنى كۈچىنى سانلىق مەلۇمات بىلەنسىتاتىستىكىلاش ۋە تىل بىلەن ئىپادىلەش ھەقىقەتەن قىيىن .
(3) ئوبيېكتقا قاراپ ئوقۇتۇشتەك ئىجادچانلىقئالاھىدىلىكىگە ئىگە .
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئادەم تەربىيلەش خىزمىتى بىر ئىجادىيخىزمەت . گەرچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئىنسانلار توپلىغانبىلىم، ماھارەت، ھەرىكەت مىزانلىرىنى يەتكۈزۈشى بىلەن ئالىملارنىڭ بىلىم«ئىشلەپچىقىرىش» غا ئوخشىمىسىمۇ، ئوقۇتقۇچىلار تەكرار ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىپ،بىلىمىنى «تەكرار ئىشلەپچىقارغاندەك» كۆرۈنسىمۇ، لېكىن بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئەمگىكىنىبىر ئىجادىي ئەمگەك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپئوقۇغۇچىلىرى جۇشقۇن، روھلۇق، ئۆسۈپ - يېتىلىشى ئەڭ تېز، ئىلاستىكىلىقى ئەڭ يۇقىرىمەزگىلدە تۇرۇۋاتقاچقا، ئوقۇتقۇچى بىلىم سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئوقۇتۇشئۇسۇلىنى تاللاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋەئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكلىرىنى نەزەرگە ئېلىشى كېرەك . ئىندىۋىدۇئاللىقى ئوخشىمىغانئوقۇغۇچىلارنى بىر قېلىپقا سېلىپ تەربىيلەشكە ھەرگىز بولمايدۇ .
(4) خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۇنىۋېرسال ئۆلچەيدىغانئالاھىدىلىككە ئىگە .
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز ئەمگىكى بىلەن پىششىقلاپئىشلەپچىقارغان «مەھسۇلات»ى ئەخلاقى، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتتىن ئەتراپلىق تەرەققىيقىلغان ئادەملەردىن ئىبارەت .  بۇ خىل «مەھسۇلات»نى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىغا ۋە «مەھسۇلات» نىڭئالاھىدىلىكىگە، شۇنىڭدەك سۈپەت ئالاھىدىلىكىنىڭ ئۆلچىمىگە كۆپ تەرەپتىن تەلەپلەرقويۇلىدۇ . ئەخلاقى جەھەتتىن تەربىيلەشكە، بىلىش، ھېسسىيات، ئىرادە، ھەرىكەت، ئادەتجەھەتتىن تەلەپلەر قويۇلىدۇ . ئەقلى جەھەتتىن تەربىيلەشكە بىلىم قابىلىيەت،ماھارەت ۋە ھەر خىل بىلىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلەپلىرى قويۇلىدۇ .
2) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى
باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى مائارىپ خىزمىتىنىڭتەلىپى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك مائارىپ ئەمەلىيىتىنىڭ چېنىقتۇرۇشى ئارقىسىدا ئۇلارداتۆۋەندىكىدەك پىسخىك خۇسۇسىيەتلەر شەكىللەنگەن:
(1) ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيۈش، ئۇلارنىڭ ئىقتىساسئىگىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىش
ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيۈش، ئۇلارنىڭ ئىقتىساس ئىگىسىبولۇشنى ئارزۇ قىلىش ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇھىم پىسخىك ئالاھىدىلىكى .
ئوقۇتقۇچى تەلىم - تەربىيە جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭھېسسىياتىنى قوزغاپ، ئۆزىنىڭ ھېسىياتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار قەلبىگە ئوت يېقىپ،ئۇلارنىڭ مۇزلاپ كەتكەن قەلبىنى چەكسىز ھارارەت ھېس قىلدۇرىدۇ. ئارقىدا قالغانئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدىكى جاراھەتنى پەقەت قەلب ھارارىتى ئارقىلىق ساقايتىپ،ئىلھام بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ. «بىلىم بېرىش» ۋە «چىگىشمەسىلىلەرنى يېشىش» جەريانىدا، ئالتۇن ئاچقۇچ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبدەرۋازىسىنى ئاچىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنى بىلىم دېڭىزغا يۈرۈش قىلىدۇرىدۇ .ئوقۇغۇچىلاردىكى ئەقىل - پاراسەت ۋە يوشۇرۇن كۈچنى جارى قىلدۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىنمۇ ئارتۇق سۆيىدۇ. ئۇلارغا تۇرمۇشتا چەكسىز غەمخورلۇق قىلىپ«ھەم ئوقۇتقۇچى ھەم ئاتا - ئانا» بولۇپ، قان - تەر سىڭدۈرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇشئۈنۈمىدىن دائىم غەم قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پۈتۈن خىيالى، جىددىيلىكى، خۇشاللىقى ۋەقايغۇسى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەشكە مەركەزلەشكەن بولۇپ «تۆمۈرنى پولاتقائايلاندۇرۇشنىڭ غېمىدە بولۇش» دەل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىنىڭئىنكاسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى ھەقىقىي سۆيۈش كېرەككى، ئۇلار ئۆزىگەئوقۇتقۇچىنىڭ چىن كۆڭلىدىن غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئوقۇتقۇچىغا چىنكۆڭلىدىن غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئۆزىدەھۆرمەت ھېسسىياتى پەيدا بولسۇن. ئوقۇتقۇچىنىڭ باشتىن - ئاخىر بىردەك ئۆزىنى سۆيۈپكېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىدە ئەمدىيېتەرسىزلىكلىرىمنى تۈزەتمىسەم ئوقۇتقۇچىمغا يۈز كېلەلمەيمەن دەيدىغان ھېسسىياتنىپەيدا قىلسۇن، ئۇلار ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاشنىڭ ئۆزى بىر خىل شەرەپلىكئىكەنلىكىنى ھېس قىلسۇن. ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق قىزغىنسۆيگەندىلا، ئۇلارغا ئەنە شۇنداق غەمخورلۇق قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇلارنىڭئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇبۇل قىلىشقا زېمىن ھازىرلاپبەرگەن بولىمىز.
ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيگەن ئوقۇتقۇچىلارئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە مۈيەسسەر بولالايدۇ .
«بىلىمىڭ قانچە چۇڭقۇر بولسا، مۇھەببىتىڭ شۇنچە چىڭبولۇر » دېگەن گەپ بار . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى سۆيۈشى مائارىپ خىزمىتىنىڭئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىدىن ۋە مائارىپ خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بولغان چۈشەنچىسىدىنكېلىدۇ . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ خىزمىتىنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشى قانچەچۇڭقۇر بولسا، ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتىمۇ شۇنچە چۇڭقۇر بولىدۇ .
شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭھەرقانداق ئەھۋالدا ئىپادىلەنگەن ئالىيجاناپ ئەخلاقى ھېسسىياتى گۈزەللىكھېسسىياتىمۇ ئوقۇغۇچىلارنى تەسرلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتىنىيېتىلدۈرۈشتە ئۇلارغا گۈزەللىك تەربىيىسى ۋە ئەخلاقىتەربىيە ئېلىپ بېرىشتا سەلقارىغىلى بولمايدىغان ئەھمىيەتكە ئىگە .
ئەخلاقىي ھېسسىيات، ئوبيېكتىپ شەيئى بىلەن سۇبيېكتىپنىڭئەخلاقىي ئېھتىياجى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىۋاستە گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئەگەر ئويـ پىكىرىمىز، ھەرىكىتىمىز ۋە يۈرۈش ــ تۇرۇشىمىز بۇ ئەخلاقىي مىزانغا ئۇيغۇن كەلسەبىزدە مۇئەييەنلەشكەن ھېسسىيات پەيدا بولىدۇ ۋە كۆڭلىمىز ئارام تاپىدۇ، ئەكسىچەبولسا نەپرەتلىنىمىز. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى باشقىلارنىڭ ئەخلاقىيھېسسىياتى بىلەن ناھايىتى ئاسانلا ئورتاق ھېسسىياتى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئالىيجاناپ ھېسسىياتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىتەربىيلەپ مېڭىش لازىم.
كىشىلەر يوقىرى مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشكەبولغاندىلا، ئۇ سۆزدە ئىپادىلىنىپ سۆزى گۈزەل بولىدۇ . ھەركىتىدە كۆرۈلۈپ ھەركىتىگۈزەل بولىدۇ . مۇھىت تازىلىقىنى سۆيسە، شۇنداقلا شېئىرىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولسا،مۇھىت گۈزەللىكىنى يارىتالايدۇ . مانا بۇ ئۈچى بىرلىشىپ قەلپ گۈزەللىكىنى يارىتالايدۇ. ئادەمنىڭ تاشقى گۈزەللىكى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يوقايدۇ . لېكىن، بىر ئادەمكىچىگىدىن تارتىپ ئۆزىنى ئەخلاقلىق، قابىلىيەتلىك، بىلىملىك، ئوقۇمۇشلۇق قىلىپتەربىيىلىسە، قەلپ گۈزەللىكى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئاشىدۇ . شۇنداقلا پارلاقنۇر چاچىدۇ .
(2) ئىرادىسى قەتئىي ۋە ھېسسىياتىنى تىزگىنلەشكە ماھىربولۇش.
ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيۈپ، ئۇلارنىڭئىختىساس ئىگىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلغانلىقتىن، ئۇزاق مۇددەتلىك تەربىيە ئەمەلىيىتىداۋامىدا ئوقۇتقۇچىدا قەتئىي ئىرادىلىك بولۇش، ھېسسىياتىنى تىزگىنلەشكە ماھىربولۇشتەك پىسخىك ئالاھىدىلىك پەيدا  بولىدۇ.
ئوقۇغۇچىنى ئىختىساس ئىگىسىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەتيېڭى ئەۋلادلارنى تەربىيلەش خىزمىتى داۋامىدا تۈگىمەس قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكېرەك. بۇ جەرياندا ئوقۇتقۇچىدا ئېسىل ئىرادە پەزىلەتلىرى شەكىلىنىدۇ. ئاڭلىقلىق،كەسكىنلىك، چىداملىق ۋە ئۆز ھېسسىياتىنى تىزگىنلەشكە ماھىر بولۇش ئوقۇتقۇچىئىرادىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر.
قىيىنچىلىقلارنى كۆرۈپ، بىلىپ تۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش ـئوقۇتقۇچىلارنىڭ قەيسەر ئىرادىسىدىكى مۇھىم ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرى. ئوقۇتقۇچىلار«تۆت كىشلىك گۇرۇھ» نىڭ زىيانكەشلىكىگە قارشى كۈرەشتە، كېسەللىككە قارشى كۈرەشتە،ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەشتە، چېچىلاڭغۇ سىنىپلارنى ئوڭشاشتاقەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتەك ياخشى پەزىلىتىنىئىپادىلىدى. مەسىلەن: مەلۇم بىر ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» زورلۇق ـزومبۇلۇق قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئانىسى ۋە ئېرى كەينى - كەينىدىن زىيانكەشلىككەئۇچراپ ناھەق ئۆلۈپ كەتكەن، ئۆزىمۇ روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زىيانكەشلىككەئۇچراپ ناھەق ئۆلۈپ كەتكەن، ئۆزىمۇ روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زىيانكەشلىككەئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ «ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى ئوقۇتۇش گۇناھسىز» ئىكەنلىكىگەقەتئىي ئىشەنگەن. ئۇ «جىن - شەيتانلار قورۇسى» دىن دەرىسخانىغا قايتىپ كەلگەندىنكېيىن بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا، ئوقوغۇچىلارنى ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئوقۇتقان.
سالماق بولۇش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ھېسسىياتىنى كونترولقىلىشقا ماھىر بولۇش ـــــ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قەيسەر ئىرادىسىدىكى بىر ئالاھىدىلىكبولۇپ، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى ، سۆزىنى چەكلىيەلەيدىغان بولۇش، پايدىسىز قايناقھېسسىيات ۋە ھاياجىنىنى تورمۇزلاش ــ كەسپىي تەربىيىلىنىشتە كەم بولسا بولمايدىغانپسىخىك پەزىلەتتۇر .
ئۇنداقتا ئوقۇتقۇچىلار قانداق قىلغاندا ئۆزىنىتۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىنى يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ؟
بىرىنچىدىن، ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنىئونتۇماسلىقى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار « تەربىيە بېرىدىغان، بىلىم بېرىدىغان، قىيىنمەسىلىلەرنى يېشىپ بېرىدىغان» كىشلەر بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى باشقىلارغائۈلگە بولىدىغان، ئادەمگە قانداق  ئادەم بولۇشنى ئۈگىتىدىغان كىشلەردۇر. شۇڭا، غەزەپلەندە، مەن ئوقۇتقۇچىدېگەننى ئويلاپ كۆرۈشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ سىزنىڭ ئۆرلەۋاتقان ئاچچىقىڭىزنىبېسىۋېلىشىڭىزغا، ئوقۇغۇچىلارغا مۇلايىملىق بىلەن گەپ قىلالىشىڭىزغا ياردىمىبولىدۇ.
ئىككىنچى، ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈشتەك كەسپىي ئەخلاقتەربىيلىنىشى كۈچەيتىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈشسوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئەخلاق مىزانى. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىنىتۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىش ياكى شەكلىئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىش ئەھۋالىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى سۆيۈشتەككەسپىي ئەخلاق تەربىيلىنىشىنى كۈچەيتىش كېرەك.
ئۈچىنچىدىن، ئۆزىگە قاتتىق  تەلەپ قويۇش، ئوقۇتقۇچىلار تەلىم - تەربىيە مەسئۇلىيىتىنى كۆپ ئويلاش كېرەك.ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنى بىلىپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تەلىم - تەربىيەمەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك. راستتىنى ئېيتقاندا،ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلگەن يېتەرسىزلىك، خاتالىقلارنىڭ بەزىلىرىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇبىر ئۆلۈش مەسئۇلىيىتى بار. ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن ئەقلىنىڭ بۇلىقى،ئالدىراقسانلىق قابىلىيەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسى. «ئاچچىق ئەقلىنى كېسىدۇ» دېگەنتەمسىل بار . شۇڭا، ئوقۇغۇچىلار يامانلاپ قالغاندا ئەڭ ياخشى ئۇسۇل شۇكى،ئوقۇتقۇچى ئېغىر -  بېسىق بولۇپ، ئالدى بىلەن مەن تەلىم -تەربىيە مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلدىممۇ - يوق؟ دېگەننى ئويلاپ كۆرۈش كېرەك.
(3) بىلىم ئېلىش ئىستىكى كۈچلۈك، ئۆگىنىشكە قىزىقىشىقويۇق بولۇش
قىزىقىش ۋە ھەۋەس مۇئەييەن ھېسسىيات بىلەن باغلىنىشلىقبولۇپ، ئۆگىنىش ئېھتىياج ئاساسىدا تەدرىجىي شەكىللىنىپ تەرەققىي قىلىپ بارىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەپ، كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن مول بىلىم بولۇش،ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ تۇرۇش كېرەك. شۇڭلاشقا بىلىم ئېلىش ئىستىكى ۋە ئۆگىنىشكە بولغانقويۇق قىزىقىش ئوقۇتقۇچىنىڭ يەنە بىر پىسخىك ئالاھىدىلىكىدۇر.
ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىپ، ئۇلارنىڭجىسمانىي، روھىي تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ . ئۇلارنىئىختىساس ئىگىسى قىلىپ تەربىيىلەشنىڭ ئۈنۈملۈك شەكىل ۋە ئۇسۇللىرىنى تاپىدۇ .
ئوقۇتقۇچى ھەر قاچان ئوقۇغۇچىلار نەزەرىدە ئۈلگە، ئۇلار«ھەممىنى بىلىدۇ» شۇڭا ئوقۇتقۇچىلاردىن ھەر خىل غەلىتە سۇئاللارنى سورايدۇ. بۇ ھالئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەبئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەنلەردىن مول بىلىمگە ئىگە بولۇشنىتەلەپ قىلىدۇ . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىزىقىشى دەرسلىك بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ .ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىش جەھەتتىكى قىزىقىشى كەڭ دائىرىلىك بولىدۇ . يولۇققانمەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئۆگىنىدۇ . ۋاقىتنى قەدىرلەيدۇ . «سەككىز سائەتنىڭ ئىچى ۋەسىرتى» دەپ ئايرىمايدۇ . بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ دەم ئالمايدۇ . بارلىقكۈچى بىلەن چەكلىك ۋاقتىنى چەكسىز بىلىم خەزىنىسىنى ئېچىشقا سەرپ قىلىدۇ . ئوقۇتقۇچىنىڭبىلىمگە بولغان قويۇق قىزىقىشى، كەڭ ۋە چوڭقۇر بىلىملىكلىكى ئوقۇغۇچىلارغىمۇ سىڭىپۋە تەدرىجىي تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلاردىمۇ بىلىمگە بولغان قويۇق قىزىقىشىنى پەيداقىلىدۇ . بۇنداق قىزىقىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز بىلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۈچلۈكتۈردە ئىلگىرى سۈرۈپ ئۇلارنى ئىختىساس ئىگىلىرىگە ئايلاندۇرىدۇ .
قىزىقىش ــــ ئالىم، پروفېسسور ، مۇتەخەسسىس، يازغۇچىۋە شائىرلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ . ئوخشاشلا يوقىرى ئىجادىيەت تىپتىكى ئەقلىيماھارەتكە ئىگە ئوقۇتقۇچىلارمۇ قىزىققاق كېلىدۇ .
(4) ئىنىچكە كۆزىتىش، ئوقۇغۇچىنى چۈشىنىشكە ماھىر بولۇش
ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆزىتىش قابىلىيىتى ئۆتكۈر، مۇكەممەل،چوڭقۇر ۋە ئوبيېكتىپلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىنەر ـبىلىنمەس ئىپادىلىرىدىن ئۇلارنىڭ بىلىمى، ئەقلى قابىلىيىتى ۋە ئىدىۋىدۇئاللىقنىڭتەرەققىياتىنى بىلىۋالالايدۇ .
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆزىتىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش،ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەشتىكى مۇھىم خىزمەت . ئوقۇتقۇچىلار ئۆزگىرىپ تۇرىدىغاندەرسخانىدا ھەممىنى تەكشى كۆزىتىش، ھەممىگە تەڭ قۇلاق سېلىش، پۈتۈن دىققىتى بىلەنبىرىلىشتەك ماھارەتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك . ئوقۇغۇچىلار قول كۆتۈرۈپ سۇئالغا جاۋاببېرىش ۋاقتىدا، قايسىسىنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىغا، قايسىسىنىڭ جاۋاببېرەلمەيدىغانلىقىغا، كىمنىڭ ئىسمىنى چاقىرىشى كېرەكلىكىگە تېز ھۆكۈم قىلالايدىغانبولۇش لازىم . ئوقۇغۇچىلار سۇئالغا جاۋاب بەرگەندىن كېيىن جاۋابنىڭ توغرا - خاتالىقىغائوقۇغۇچىلار ئالدىدا دەرھال ھۆكۈم قىلالىشى كېرەك . دەرسخانا ئىچى ۋە سىرتىداتۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشلارنى كەسكىن، ئەپچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشئوقۇتقۇچىلارنىڭ چىۋەرلىكىنى، پىشىپ يېتىلىش دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم .
ئالدىنقىسى:ئوقۇتقۇچىلارغا ئەسقاتىدىغان توربەتلەر توپلىمى
كېيىنكىسى: تۈگەپ قاپتۇ
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#0000FF'>ئوقۇتقۇچىلار نىمە ئۈچۈ</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار