باشلانغۇچ مائارىپ كەسپى مائارىپ پىسخولوگىيىسى(15)
بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2015-09-02 16:15
ئادەمنىڭ رېئاللىققا تۇتقانپوزىتسىيىسى ۋە قىلىقلىرىدا ئىپادىلىنىدىغان خاراكتېر بەلگىلىرى ئادەمنىڭماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ئىنكاسى . ھەر بىر ئادەم مۇئەييەن بىر جەمئىيەتنىڭئەزاسى ، مەلۇم ئىجتىمائى گۇروھنىڭ گەۋدىلەندۈرگۈچىسى بولۇپ ، مۇئەييەن ئىجتىمائىيمۇناسىۋەت ئىچىدە تۇرىدۇ . مەلۇم ئورۇن ئىگىلىگەن بولىدۇ . باشقىلار بىلەنمۇناسىۋەت باغلايدۇ . بۇ ئەھۋال ھەر بىر ئادەمدە ئۆزىگە خاس ئېھتىياج ، مۇددىئا ،مەقسەت ، ئىدىيىۋى نۇقتىئىنەزەر ، ئادەت ۋە ئىستىللارنى پەيدا قىلىش بىلەن ، بۇئادەمنىڭ رېئاللىققا تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە قىلىقلىرىنى چەكلەپ تۇرىدۇ .
بىز ھەر قانداق ئەھۋالدائادەمنىڭ خاراكتېرىنى تەھلىل قىلغاندا ، ئادەم خاراكتېرىدا ياخشى – يامانلىقپەرىقى بولىدىغانلىقىنى كۆرىشىمىز كېرەك .
2) خاراكتېرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش
ئادەمنىڭ خاراكتېرى يۇغما بولمايدۇ . كىشىنىڭ تۇغماتەبىئىي خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىدە تەبىئىي ئالدىنقى شەرت ھېسابلىنىدۇ . مەسىلەن: تۇغما ئەمگەكچان ياكى ھورۇن ، تۇغما سەمىمى ياكى ساختىپەز ، تۇغما باتۇر ياكىقورقۇنچاق ئادەم بولمايدۇ .
ئادەمنىڭ خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرگۈچى ئامىللار ،ئىجتىمائىي مۇھىت تەسىرى (ئائىلە ، مەكتەپ ، كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەت ، ئائىيلىنىڭئىجتىمائىي ئورنى ، تۇرمۇش شارائىتى ) ، تەلىم – تەربىيە تەسىرى ( ئۆگىنىش ،ئەمگەك ، خىزمەت ) قاتارلىق ئامىللار تەسىرىدىن خاراكتېر شەكىللىنىدۇ .خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئەڭ بۇرۇن مۇھىم رول ئوينايدىغان ئامىل ئائىلە .ئائىلە شارائىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ بالىغا بولغان تەسىرى ئالدى بىلەن ئائىلە ئارقىلىقيەنى بالىنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى ، ئاتا – ئانا ھەرىكىتىنىڭ بالىغا بولغان تەسىرى ،تەربىيىسى ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق رول ئوينايدۇ . ئاتا– ئانىنىڭ بالىغا بولغان تەسىرى ، تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ ياخشى – يامان بولۇشى ۋەئىجابىي ، سەلبىي تەسرلەر بالا خاراكتېرىدە بىۋاسىتە ئەكس ئېتىدۇ .
3) ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتېر جەھەتتىكى پەرقى
(1) خاراكتېر بەلگىلىرىنىڭ تىپ جەھەتتىكى پەرقى
خاراكتېرنى تىپلارغا ئايرىشنىڭ بىر نەچچە خىل ئۇسۇلىبولۇپ ، بىرىنچى خىل تىپقا ئايرىش ئۇسۇلىدا ئاقىلانىلىك ، ئىرادە ۋەكەيپىياتلارنىڭ خاراكتېر قۇرۇلمىسىدا قايسى ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىشىگە قاراپ ،بىرىنچى ، ئاقىلانىلىك تىپى ، ئىككىنچى، كەيپىيات تىپى ، ئۈچىنچى، ئىرادە تىپى دەپئۈچكە ئايرىيمىز . ھەممىنى ئەقىل بىلەن ئۆلچەيدىغان ، ئۆز ھەرىكىتىنى ئىدارەقىلىدىغان ئادەملەرنىڭ خاراكتېرى ، خاراكتېرنىڭ ئاقىلانىلىك تىپى دەپ ئاتىلىدۇ .يۈرۈش – تۇرۇشتا كەيپىيات تۈسى ئالغان ، چۇڭقۇر ھېسسىيات تۇيغۇسىغا ئىگەئادەملەرنىڭ خاراكتېرى ، خاراكتېرنىڭ كەيپىيات تىپى دەپ ئاتىلىدۇ . ئىرادەئالاھىدىلىكى يېتەكچى ئورۇننى ئىگەللىگەن ، ئېنىڭ نىشان بولغان ، ھەرىكەتتەتەشەببۇسكار كىشىلەرنىڭ خاراكتېرى ، خاراكتېرنىڭ ئىرادە تىپى دەپ ئاتىلىدۇ .
ئىككىنچى خىل تىپقا ئايرىشتا ، شەخسىنىڭ پىسىخىكپائالىيىتىنىڭ سىرتقا مايىل ياكى سىرتقا مايىللىقىغا قاراپ ، ئادەمنىڭ خاراكتېرىسىرتقا مايىل تىپ ۋە ئىچكە مايىل تىپ دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ . ئىچكى مايىللارئادەتتە جىمغور ، خىيالچان كېلىدۇ . ئادەمگە ئارىلاشمايدۇ . سىرتقا مايىللارئادەتتە ئوچۇق ، تۈز كۆڭۈل ، چىقىشقاق كېلىدۇ .
ئۈچىنچى ، خىل تىپقا ئايرىشتا ئادەمنىڭ مۈستەقىللىك دەرىجىسىگە قاراپخاراكتېر ، ئىتائەتچان ، تىپ ۋە مۈستەقىل تىپ دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ . باشقىلارنىڭپىكرىگە ئوڭايلا ئىشىنىپ كېتىدىغان ، ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرمايدىغان يۇمۇلاق تاۋۇزكىشىلەر ، ھوقۇقى كۈچى بارلارغا بويسۇنىدىغان ، باشقىلارغا ئەگىشىپ ئۆگۈنىپقالغانلار ، ئىشارەتكە بېقىپ ئىش قىلىدىغانلار ئېتائەتمەن تىپقا تەۋە بولىدۇ ؛ئۆزىگە ئىشىنىدىغان مۈستەقىل پىكىر ۋە تەھلىل يۈرگۈزىدىغان ئۆز ئىرادىسىنى ۋە ئۆزپىكرىنى باشقىلارغا تېڭىشقا خۇشتارلار ، باشقىلارنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈشنىئويلايدىغانلار مۈستەقىل تىپقا تەۋە بولىدۇ .
(2) ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتېر جەھەتتىكى پەرقلىرى خاراكتېر بەلگىلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ .
① جەمئىيەتكە ، كوللېكتىپقا ۋە باشقىلارغا بولغان پوزىتسىيىسىدەئىپادىلىنىدىغان خاراكتېر بەلگىلىرى
② ئەمگەك ، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتكە بولغان پوزىتسىيىسىدەئىپادىلىنىدىغان خاراكتېر بەلگىلىرى .
③ئۆزىگە بولغان پوزىتسىيىسىدە ئىپادىلىنىدىغان خاراكتېربەلگىلىرى .
④ئىرادە جەھەتتە ئىپادىلىنىدىغان خاراكتېر بەلگىلىرى .
⑤كەيپىيات جەھەتتە ئىپادىلىنىدىغان خاراكتېر بەلگىلىرى.
⑥ئاقىلانىلىك جەھەتتە ئىپادىلىنىدىغان خاراكتېربەلگىلىرى .
ئادەمنىڭ ئەقلىي قابىلىيەت ئالاھىدىلىكى بىلەنخاراكتېرىنىڭ ئاقىلانىلىك ئالاھىدىلىكىنى ئارىلاشتۇرېۋېتىشكە بولمايدۇ . ئادەمنىڭئەقلىي قابىلىيەت ئالاھىدىلىكى شەيئىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈش تېزلىكىدە ، چوڭقۇرلۇغىدائىپادىلىنىدۇ . خاراكتېردىكى ئاقىلانىلىك ئالاھىدىلىك بولسا ، شەيئىلەرنى ئەكسئەتتۈرۈشتە تۇتقان پوزىتسىيىسىدە ھەم ئىش ئۇسۇللىرىدا ئىپادىلىنىدۇ . مەسىلەن :ئەستە قالدۇرۇشنىڭ تېز - ئاستىلىقى ، كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈرلىكى ، تەپەككۈرنىڭجانلىقلىقى ۋە چوڭقۇرلۇقى ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ .شەيئىلەرنى كۆزىتىشتە ئىپادىلىنىدىغان ئىنچىكىلىك ۋە يۈزە كۈزىتىش ئەھۋاللىرىئادەمنىڭ خاراكتېرىدىكى ئاقىلانىلىك ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ .
3 . ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېمپېرامېنت جەھەتتە پەرقلىرى
1) تېمپېرامېنت توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە
تېمپېرامېنت دېگىنىمىز - ئادەمنىڭ پىسخىك پائالىيىتىنىڭسۈرئىتىگە ، كۈچلۈكلۈكى ، مۇقىملىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ۋە سۆز ھەرىكىتىدەئىپادىلىنىدىغان پىسخىك خۇسۇسىيەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ . تېمپېرامېنت بىر ئادەمنىڭھېسىيات تۇيغۇسى ۋە ھەرىكەت ئىكاسىنىڭ تېزلىكى ، سىجىللىقى ، ئىپادىسىنىڭيوشۇرۇنلۇق دەرىجىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ . مەسىلەن : بەزىلەرنىڭكەيپىيات ۋە پائالىيىتىنىڭ پەيدا بولۇشى تېز ۋە كۈچلۈك بولىدۇ ، تاشقى ئىپادىسىئىنتايىن روشەن بولىدۇ . پۇت - قوللىرى ئويناقلاپ تۇرىدۇ . چىرايىدىن چىقىپ تۇرىدۇ. بەزىلەرنىڭ كەيپىياتى ۋە پائالىيىتىنىڭ پەيدا بولۇشى ئاستا ۋە ئاجىز بولىدۇ .چىرايىدىن ھېچ نەرسىنى بىلگىلى بولمايدۇ . پەرۋاسىز بولىدۇ . دېمەك ، تېمپېرامېنتبىر ئادەمنىڭ پائالىيىتى ۋە ھەرىكىتىنى شەخسگە خاس تۈسكە كىرگىزىدۇ . ئوخشاش بولمىغانتېمپېرامېنتتىكى ئادەملەرنىڭ ئوخشاش بىر ئىشقا بولغان ئىنكاسى ئوخشاش بولمايدۇ .مەسىلەن : بەزى ئادەملەر ئازار يېگەندە ئەلەمگە چىدىماي ئۆزىنى قويىدىغان يەرتاپالماي قالىدۇ . ئىشنىڭ راست - يالغانلىقىنى بىر باشقا ئېلىپ چىقمۇغىچە كۆڭلىئارام تاپمايدۇ . بەزى ئادەملەر ھاياجانلانسىمۇ ، لېكىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدۇ .ئۈچىنچى خىلدىكى ئادەملەر ئاسانلىقچە ھاياجانلىنىپ كەتمەيدۇ . ياكى كۆرۈنۈشتەپەرۋا قىلمىغاندەك تۇرسىمۇ ، لېكىن قەلبى ھاياجانغا تولغان بولىدۇ . تۆتىنچىخىلدىكى ئادەملەر بولسا ، جىددىيلىشىپ كېتىدۇ . ۋەھىمە ئىچىدە قالىدۇ . ھەتتا قورقۇپ كېتىدۇ .كىشىلەرنىڭ ھېسىيات تۇيغۇسى ۋە ھەرىكەت ئىنكاسى جەھەتتىكى بۇنداق پەرقلىرىئۇلارنىڭ تېمپېرامېنت جەھەتتىكى پەرقىنى ئىپادىلەيدۇ .
ئالىي نېرۋا پائالىيىتىنىڭ قوزغىلىشى جەريانى بىلەنتورمۇزلىنىش جەريانى كۈچلۈك ، تەڭپۇڭ ، جانلىقلىقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئاساسىيخۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ .
كۈچلۈك دېگىنىمىز ، نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ۋە پۈتۈننېرۋا سىستېمىسىنىڭ كۈچلۈك غىدىقلاشقا بەرداشلىق بېرىش ياكى ئۇزاققىچە ئىشلەشقابىلىيىتىنى كۆرسىتىدۇ .
تەڭپۇڭلىقى دېگىنىمىز ، نېرۋا سىستېمىسىدىكى قوزغىلىش ۋە تورمۇزلىنىشتىنئىبارەت ئىككى جەرياننىڭ كۈچى بىر – بىرىگە تەڭ كېلىش – كەلمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ .بۇنىڭدا تەڭپۇڭلىق ۋە تەڭپۇڭسىزلىق پەرقى بولىدۇ . تەڭپۇڭسىزلىقتا يەنەقوزغىلىشنىڭ ياكى تورمۇزلىنىشنىڭ ئۈستۈنلىكىنى ئىگىلەش پەرقى بولىدۇ .
جانلىقلىق دېگىنىمىز ، غىدىقلاشقا بىلدۈرگەن ئىنكاسنىڭتېزلىكى ۋە قوزغىلىش جەريانى بىلەن تورمۇزلىنىش جەريانىنىڭ بىر – بىرىگە ئايلىنىشتېزلىكىنى كۆرسىتىدۇ . بۇنىڭدىمۇ جانلىقلىق ۋە جانسىزلىق پەرقى بولىدۇ . بۇخۇسۇسىيەتلەر شەرتلىك رېفلېكس شەكىللەنگەن ياكى ئۆزگەرتىلگەن ۋاقىتتا ئۆزئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ . ئالىي نېرۋا پائالىيىتى جەريانىنىڭ يوقىرقى ئۈچ خىل خۇسۇسىيىتىنىڭ بىرىكىشىبىلەن ئالىي نېرۋا پائالىيىتى تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاساسلىق تىپقا بۆلۈنگەن .
①كۈچلۈك ، تەڭپۇڭ ، جانلىق تىپ (شوخ تىپ ) دەپ ئاتىلىدۇ، ئالىي نېرۋا پائالىيىتىنىڭ بۇ تىپى ، تېمپېرامېنت تەلىماتىدىكى كۆپ قانلىق (سانگىۋنىكلار) تىپىغا تەۋە بولىدۇ . بۇ تىپقا تەۋە كىشىلەر ھەرىكەتچان ، چاققانكېلىدۇ . بىراق غىدىقلاش كېمىيىش بىلەنلا روھسىز كۆرىنىدۇ .
② كۈچلۈك ، تەڭپۇڭ ، ئەمما جانسىز تىپ ( خاتىرجەم تىپ )دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ تېمپېرامېنت تەلىماتىنىڭ بەلغەملىك ( فېلگىماتىكلار ) تىپىغاتەۋە بولىدۇ . بۇ تىپقا تەۋە كىشىلەر ئېغىر بېسىق كېلىدۇ .
③ كۈچلۈك ئەمما تەڭپۇڭسىز تىپ (ئۆزىنىتورمۇزلىيالمايدىغان تىپ ) دەپ ئاتىلىدۇ .بۇ تېمپرامىنت تەلىماتىنىڭ سەپرا(خۇلېرىكلار) تىپىغا تەۋە بولىدۇ . بۇنداق كىشلەرنىڭ ئاسان ھاياجانلىنىدۇ ، ئاسانئاچىقلىنىدۇ ،ئۆزىنى تۇتىۋېلىش قابىليىتى تۆۋەنرەك بولىدۇ .
④ئاجىز تىپ ، بۇ تېمپرامىنت تەلىماتىنىڭ سەۋدا(مېلانخۇلىكلار)تىپىغا تەۋە بولىدۇ . بۇنداقلار قاتتىق غىدىقلاشنى قوبۇلقىلالمايدۇ. لېكىن بىر قەدەر يۇقىرى سېزىمچانلىققا ئىگە ، يۈرەكسىز ،ئاجىز كېلىدۇ.
2)ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېمپرامىنت پەرقى نېرۋا جەريانىنىڭئۈچ خۇسۇسىيتى (كۈچلۈك ،تەڭپۇڭ ،جانلىق )نىڭ ئوخشاش بولمىغان بېركىشىدىن ۋۇجۇدقاكەلگەن بولۇپ ،يوقىرى تۆت خىل تېمپىرمىنت تىپىىدىكى كىشلەرنىڭ ھەرىكىتىدەتۆۋەندىكىدەك خۇسۇسىيەت بولىدۇ
① كۆپ قانلىق(سانگىۋىنىك) تىپىدىكى : ئىنكاس تېز ۋەجانلىق تېتىك كېلىدۇ .
شوخ ، چېچەن ، ھەرىكەتچان ، چىقىشقاق ، ھېسيىاتچان ،قىزغىن ، شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاسان ماسلىشىدۇ ،غىدىقلاشلارغا تېز جاۋاپقايتۇرىدۇ ، تاشقى ئىپادىسى روشەن، دىققىتى ئاسان يۆتكىلىدۇ ، قىزغىن ئالمىشىپتۇرىدۇ ، يېڭى شەيئىيلەرنى تېز ئۆزلەشتۇرىۋالىدۇ .
② سەپرا (خولېرىكلار) تىپىدىكى : جۇشقۇن كەيپىياتلىق ،ئاسان ھاياجانلىنىدۇ. تۈز كۆڭۈل ، قىزغىن ، پوزىتىسىيىدە ئوچۇق–يورۇق بولۇپ غەيرەت– شىجائەتلىك كېلىدۇ . ئىنكاس تېز كېلىدۇ . بىراق مىجەزى چۇس ، چېقىلغاق كېلىدۇ .ئاچىققىنى باسالمايدۇ . ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش قابىليىتى تۆۋەن بولىدۇ . ئاداۋەتساقلىمايدۇ . جانسىز كېلىدۇ . بۇنداق كىشلەر تاشقى مايىل كېلىدۇ .
③ بەلغەم(فېلگىماتىكلار) تىپىدىكى: سىرتقى ھەرىكىتىئېغىر – بېسىملىق ،ئىزلەڭگۈ ، كەيپىياتى ئاسان قوزغالمايدۇ ، ھەر قانداق ئىشتاتەڭپۇڭلىقنى ساقلىيالايدۇ.ھاياجىنىنى بېسىۋالالايدۇ ، باشقىلارغا بولغان ھېسياتىناھايىتى سەمىمىي بولىدۇ .ئىنكاس ئاستا ، كەيپىياتنىڭ تاشقى ئىپاسى روشەن بولمايدۇ.چىراينى ئاسان ئۆزگەرمەتمەيدۇ . يېڭى شەئىيلەرگە سېزىمچان ئەمەس . دىققىتىتۇراقلىق بولۇپ ئاسان يۆتكەلمەيدۇ ، سەۋر تاقەتلىك ، كەم سۆز ، جىمغۇر، ئاسانئاچچىقىلانمايدۇ ، بۇنداق كىشلەر ئىچكى مايىل كىلىدۇ .
④سەۋدا (مېلانخۇلىكلار) تىپىدىكى : سۆزى بوش،ھەرىكىتىسۇس. ھېسىياتى چوڭقۇر ۋە ئۇزاققا داۋاملىشىدۇ ، چىداملىق تۆۋەن ، كۈچلۈكغىدىقلاشلارنى قوبۇل قىلالمايدۇ . نازۇك ،كۆڭلى ئىنچىكە ، ئاسانلا خۇدۇكلىنىدۇ .ئىنكاس ئاستا ، مەسىلىلەرنى ئااڭقىرىشى ئاستا ،ئۆزىگە ئىشەنچىسى ئاجىز بولۇپئۆزىنى تۆۋەن چاغلايدۇ . بىراق شەئىيلەرنى ئىنچىكە كۆزىتىدۇ . ئىش قىلىشتا ئېھتىياتچان ،ئەستايىدىل ، چوڭقۇر ۋەئەتراپلىق ئ.ويلىندۇ ، مىجەزى غەيرى بولۇپئادەمگە ئارىلاشمايدۇ ، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە بوشاڭلىق ، بىقارارلىق قىلىدۇ ،ئىنتايىن قورقۇپ كېتىدۇ . بۇنداقلار ئىچكى مايىل كېلىدۇ .
6. باب ئوقۇتقۇچىلار پىسخىكىسى
ئوقۇتقۇچىلار - ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرلىرى،كۆچەتلەرنى يېتىشتۈرگۈچى باغۋەن، كىشىلەر روھى ھالىتى ۋە قەلبىنى ياراتقۇچىپسىخولوگ، ياۋۇزلۇق ۋە نادانلىققا قارشى ھۇجۇم قوزغىغۇچى جەڭچى . شۇڭائوقۇتقۇچىلار پارتىيە ۋە خەلىقنىڭ ئىزچىل ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە .
باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى:
تەربىيلەنگۈچىلەرنى ئەخلاقى، ئەقىلى ۋە جىسمانىجەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئاڭغا ۋە مەدەنىيەتكەئىگە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام بولغان ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇشتىنئىبارەت . شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى پەننى بىلىم ۋە ماھارەت بىلەنقوراللاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلاردا ئېسىل ئەخلاقى پەزىلەت ۋە مەدەنىي ئادەت ـقىلىقلارنى يېتىشتۈرۈشى لازىم.
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا سىستېمىلىق ئىلىم - پەنبىلىملىرىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنىيېتىشتۈرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوممۇنىستىك ئەخلاقىي پەزىلىتىنى تەربىيلەپيېتىشتۈرىدۇ . ئۇلارنىڭ بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشجەريانى ئوقۇتقۇچىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنى ھەممىلا جايدا نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ .ئوقۇغۇچىنىڭ سوتسىيالىستىك ئاڭغا ئىگە مەدەنىيەتلىك ئەمگەكچى بولۇپ يېتىلىپ چىقىشىئوقۇتقۇچى تەربىيىسىنىڭ نەتىجىسى . كالىننىن « قۇياشنىڭ ئاستىدا ئوقۇتقۇچىلىقتىنتېخىمۇ ئۇلۇغ، شەرەپلىك خىزمەت يوق» دېگەنىدى، بۈگۈنكى كۈندە مەكتەپلەرسوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇشنىڭ بۆشۈكى بولسا، ئوقۇتقۇچىلارسوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلغۇچىلاردۇر.
§1. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئالاھىدىلىكى ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىكى
ئوقۇتقۇچىلار پىسخىكىسى ئوقۇتۇش خىزمىتى ئەمەلىيىتىدەتەدرىجى شەكىللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان . ئۇ، روشەن ۋە مۇھىم كەسپىيئالاھىدىلىككە ئىگە.
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى بىلەن زىچباغلىنىشلىق بولىدۇ . چۈنكى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئالاھىدىلىكى، پىسخىكئالاھىدىلىكىنىڭ شەكىللىنىشتىكى ئوبيېكتىپ شارائىت . شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىكئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن خىزمەت ئالاھىدىلىكىنى تەتقىققىلىشىمىز كېرەك .
1) ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى
ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭپىسخىك ئالاھىدىلىكىنىڭ شەكىللىنىشتىكى ئوبيېكتىپ شەرت بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭپىسخىك ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىشتا، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى، ماددىي تۇرمۇششارائىتى، كەسپىي ئالاھىدىلىكى ۋە خىزمەتتىكى ئالاھىدىلىكىدىن ئايرىپ كۆزىتىشكەبولمايدۇ .
ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيلەشتەك كەسپىي ئاڭ، ئوبيېكىتقائاساسەن، ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان كەسپىي ئىقتىدارى ۋە باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشتەككەسپىي ھەرىكەتتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم ئامىلدىن تەركىب تاپقان . ئوقۇتقۇچىلارئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيلەشتەك كەسپى ئاڭغا ئىگە بولغانلىقتىن، مەيلى قانداقۋاقىت ياكى قانداق پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانمىسۇن ئۇلار ھامان تەبئىي ھالدا «مەنئوقۇتقۇچى» دېگەننى ئويلايدۇ - دە، ئۆزىنى ئاڭلىق ھالدا «تەربىيچى ئالدى بىلەنتەربىيىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك» دېگەن ئورۇنغا قويىدۇ . ئوقۇتقۇچىلارئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان كەسپىيئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ سەزگۈسى ئۆتكۈر، قىزىقىش دائىرىسى كەڭ،بىلىم ئېلىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولىدۇ . «بىر ئاچقۇچ بىلەن قۇلۇپنى ئېچىش» قا ماھىركېلىدۇ . يەنە ئوقۇتقۇچىلار باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشتەك كەسپىي ھەرىكەت تەربىيلىنىشكەئەھمىيەت بەرگەچكە، ئۇلار ئوقۇغۇچىلارغا خالىسانە بىلىم بېرىشنى ئۆز مەسئۇلىيىتىمدەپ بىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ سۆز - ھەرىكىتى ئەخلاقىي - پەزىلىتىئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە بېرىدۇ ۋە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ: