باشلانغۇچ مائارىپ كەسپى مائارىپ پىسخولوگىيىسى(17)
بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2015-09-02 16:15
ياخشى كۆزىتىش قابىلىيىتىگە ئىگە ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭدىققىتىنى بىر نەچچە ئوبيېكىتىغا تەقسىملەشكە ماھىر كېلىدۇ. تەلىم - تەربىيە،ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۆزىنىڭ پائالىيىتىگە دىققەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك ئەھۋاللىرىغىمۇ دىققەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ پائالىيىتى ۋەتەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىدۇ .
ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىئوقۇغۇچىلاردىكى شادلىق، ھەيرانلىق، شۈبھىيلىك، تەشۋىش، ئوڭايسىزلىقلار ۋە ئىچكىپائالىيەتنىڭ ئەڭ نازۇك ئىپادىلىرى.....قاتارلىقلارغا ھۆكۈم قىلالايدۇ .
(5) تەپەككۇر جانلىق بولۇش، ئوبيېكتىپ ئانالىز قىلىشقائېتىبار بېرىش
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەپەككۇرى ئوبيېكتىپ بولۇش، چوڭقۇربولۇش، كەڭ بولۇش، ئىجادىي ۋە جانلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە .تەپەككۇرنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكلىرى ئىچىدە جانلىقلىق ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىگە ئالاھىدەمۇھىم ۋە كۆرۈنەرلىك رولغا ئىگە .
ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمەت ئوبيېكتى پىسخىكىسى مۇرەككەپبولغان ئۆسمۈر ياشلاردىن ئىبارەت . تەلىم - تەربىيە خىزمىتى بىر قېلىپتىكى خىزمەتئەمەس . تەلىم - تەربىيە شارائىتلىرىنىڭ پەرقسىز ھالدا تەكرار مەيدانغا كېلىشىمۇمكىن ئەمەس. شۇنداقلا پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان ئىككى تەربىيلەش ئوبيېكتىنىڭبولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس . مەلۇم بىر ئوقۇغۇچى ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت، ئوخشاشبولمىغان ياشتا ئوىشاش سەۋىيىدە، ئوخشاش روھى ۋە جىسمانىي ھالەتتە توختاپقالمايدۇ. بۇ ھال ئوقۇتقۇچىلاردىن ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگەبولۇشنى تەپەككۇر جەھەتتە جانلىق ۋە ئىجادچان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ .
ئوقۇتقۇچىلار ھەرگىز كونا قائىدىلەرگە يېپىشىۋالماي،ھەر ۋاقت يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئۆز خىزمىتىنىڭ ئىدىيىۋى ئۇچقۇنلىرىغا،ئىجتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىنى كەشپىياتچى، تەرەققىياتچى، ئىزدەنگۈچىقىلىپ چىقىشقا تىرىشىدۇ .
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەپەككۇر جەھەتتىكى پەزىلەتلىرىكونكرېت ئەھۋالغا قاراپ جانلىق ئىشلىتىلگەندە، كونىلىققا ئېسىلىۋالماي يېڭىلىقياراتقانلىقىدا، ئىلگىرىكى يېتەرسىزلىك تەرەپلىرىدىكى تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ،ئوقۇتۇشتىكى ئىجادىيلىقنى توغرا، جانلىق قوللانغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.
§2. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىقتىدارى ۋە زېرەكلىكى
ئىقتىدارى - كۆپ خىل قابىلىيەتلەرنىڭ ئورگانىك بىرىكىشىبولۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈرماھارەتتۇر. ئىقتىدار بەلگىلىك بىلىم - ماھارەتنى ئاساس قىلىدۇ ھەمدە ئوقۇتۇشئەمەلىيىتى جەريانىدا يېتىلىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ.
ئوقۇتقۇچىنىڭ زېرەكلىكى دېگىنىمىز، ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلىم- تەربىيە ئوقۇتۇش جەريانىدا،ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم تەجرىبىسى، جىسمانىي ۋە روھىي ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدەك ئايرىمپەرقلىرى قاتارلىق تەرەپتىكى ئەھۋاللىرىغا ئاساسەن، ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى تېز،جانلىق، توغرا ۋە ئەپچىللىك بىلەن قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنىيېتىشتۈرۈش ۋە ئىندىۋىدۇئاللىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى قابىلىيىتىنى كۆرسىتىدۇ .شۇڭا، زېرەكلىك ئىقتىدارىنىڭ يۈكسەك تەرەققىياتى، ئىقتىدار زېرەكلىكىنىڭ ئاساسىبولۇپ، بۇلار زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ .
ئىقتىدار ۋە زېرەكلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەلىم ـتەربىيە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش جەھەتتىكى ماھارىتى بولۇپ، قابىلىيەت كاتېگورىيىسىگەمەنسۈپ. شۇڭا ئىقتىدار بىلەن زېرەكلىكىمۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرتەرىپى. لېكىن، بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنىڭ بىر قىسمى .بۇلار ئوقۇتقۇچىلار پىسخىك پەزىلىتى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ھەم باغلىنىشلىق ھەمپەرقلىق بولىدۇ .
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە زېرەكلىكى ئىككى جەھەتتەئىپادىلىنىدۇ . بىرى، ئوقۇتۇش ئىقتىدارى، يەنە بىرى تەربىيلەش ئىقتىدارىدىنئىبارەت .
1. ئوقۇتۇش ئىقتىدارى
(1) ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىشقابىلىيىتى
ئوقۇتۇش ماتېرىيالى - ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش ئوبيېكتى،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئويۇشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاپجانلىق ئىشلىتىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىگىلەش، چۈشىنىش، ھەر خىلقابىلىيەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىش قابىلىيىتى، كەسپىي بىلىمنىڭچوڭقۇر ئەتراپلىق بولۇشى، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى چۈشىنىشى، پىداگوگىكاپىسخولوگىيە بىلىملىرىنى قوللىنىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسلىدىكى بىلىم - تەجرىبىسىۋە ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى بىلەن تونۇشۇش قاتارلىقلارغا باغلىقبولىدۇ.
(2) يۈكسەك ئىپادىلەش قابىلىيىتى
ئوقۇتۇشنىڭ تۈپ مەقسىتى ـ ئوقۇغۇچىلارغا بىلدۈرمەكچى بولغان نەزەرىيۋى بىلىملەرنى ئىگىلىتىشتىنئىبارەت . ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى - يامانلىقى ۋە كۆپ ھاللاردا ئوقۇتقۇچىنىڭنوتۇق قابىلىيىتىگە باغلىق بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى دەرسلىكلەرنى ئىخچام، توغرا، ئېنىق،جانلىق، قىزىقارلىق بايان قىلىپ، ھېسسىياتلىق، روھلۇق سۆزلىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭماتېرىياللارنى چۈشىنىۋېلىش ۋە ھەر خىل قابىلىيەتلەرنى يېتىلدۈرۈشتە ئىنتايىنمۇھىم. چۈنكى، تىل ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر قورالى. ئىدىيە ئالماشتۇرۇشتىكى ۋاستە .ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ نوتۇقى ئارقىلىق تەپەككۇر جەريانلىرىنى ۋە دۇچ كەلگەنمەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىۋالىدۇ .
تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نوتۇق شەكلى ئاددىي، سۆزگەباي، مەزمۇنى كونكرېت، ئوبرازلىق، جانلىق، لوگىكىلىق، جۈملىلەر قىسقا، ئېنىقبولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىگە، چۈشىنىشىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ . ئەگەر ئوقۇتقۇچىنوتۇقنىڭ جۈملىلىرى تولىمۇ ئۇزۇن، توختاش كۆپ ياكى دۇدۇقلاش، قايتا – قايتا تەكرارلاش كۆپ بولسا، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇھىم نۇقتىلارنى تۇتۇۋېلىپ پىكىر يۈرگۈزىشىگە پايدىسىز بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنوتۇقىدا ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن تىل ۋە يېرىم گاچىلىق تىللار كۆپ تەكرارلانسائوقۇغۇچىلار ئاسانلا زېرىكىپ قالىدۇ .
ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تىل بىلەنئىپادىلەش قابىلىيىتى بەزى ۋاقىتتا ھەتتا بىلىمدىنمۇ موھىم .
(3) ئوقۇتۇش مېتودىنى تاللاش قابىلىيىتى
ئوقۇتۇش مېتودى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قابىلىيىتىنى تەرەققىيقىلدۇرۇشقا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان تاشقى ئامىل. بىزنىڭ قوللانغان ئوقۇتۇشمېتودىمىز ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىل بىلەنئىپادىلەش قابىلىيىتى بىلەن بىرلەشكەن بولۇشى كېرەك. بەزى ھاللاردائوقۇتقۇچىلارنىڭ تاللىغان ئوقۇتۇش مىتودىلىرى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىمۇئوخشاش بولمايدۇ.
ھازىر مەكتەپلىرىمىزدە قوللىنىۋاتقان ئوقۇتۇشمېتودىلىرى خلىمۇ - خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى ئىلھاملاندۇرۇش ئاساسقىلنىغان ئوقۇتۇش مېتودىدۇر. ئىلھاملاندۇرۇش ئاساسىدىكى ئوقۇتۇش مېتودىئوقۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك قابىليەتتۇر . ئىلھاملاندۇرۇش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپتەپەككۇرنى قوزغايدۇ . بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمىنى چۈشىنىشى، ھەر خىلماھارەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق. تەجرىبىلىكئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلاردا مەسىلىلەرئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان ھالەتنى پەيدا قىلىپ، ئاڭلىق كۆزىتىش، پىكىر قىلىش ۋەخىيال قىلىشتەك پائالىيەتلەرگە يېتەكلەيدۇ . تەييار بىلىمىنى كاللىسىغا قويۇپقويماستىن، ئۇقۇمنى شەكىللەندۈرۈش باغلىنىشلارنىڭ تېپىش، ھۆكۈم قىلىش، خۇلاسەچىقىرىش قاتارلىق تەپەككۇر پائالىيەتنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغۇزىدۇ. بۇئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزىتىش، تەپەككۇر قىلىش، خىيال قىلىش قابىلىيىتىنى چېنىقتۇرۇپماڭىدۇ . نەتىجىدە ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ئارقىلىق قولغاكەلتۈرگەن نەتىجىلەردىن رىغبەتلىنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئېلىشپائالىيىتى ئۆز ئېھتىياجىغا ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش مۇددىئاسى مۇستەھكەملىنىدۇ.
(4) ئوقۇغۇچىلارنى مەشىق قىلشقا تەشكىللەش قابىلىيىتى
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېلھاملاندۇرۇش ئاساسىدىكى ئوقۇتۇشمېتودىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوقۇغۇچىلار بىلىمىنى تولۇقلاپ قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپماڭىدۇ. ئوقۇغۇچىلاردىكى ھەر خىل ماھارەت ۋە مۇستەقىل پىكىر قىلىپ، مەسىلىلەرنىتەھلىل ۋە ھەل قىلىدىغان ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى مۇستەقىل ئەقلىپائالىيەت مەشىقى بىلەن كۆپرەك شۇغۇللاندۇرۇش كېرەك. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىنىتەرەققىي قىلدۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان خىزمەتتۇر.
(5) ئوبيېكتقا قاراپ ئوقۇتۇش قابىلىيىتى
بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىلىم سەۋىيىسى، چۈشىنىشى،ئۆگىنىش مۇددىئاسى، قىزىقىش، ھەۋەس، خاراكتېرى، قابىلىيەت جەھەتتە ئۆزىگە خاسئالاھىدىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلەر بولۇپ تۇرىدۇ.
ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇشنى تەشكىللىگەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە يېتەرسىزلىك تەرەپلىرىنى ھېسبقا ئېلىپ، ئوخشىمىغانئوقۇتۇش مىتودىنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ،يېتەرسىزلىكلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قابىلىيەت جەھەتتەئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم .
ئوقۇتقۇچىلار ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان دەرىسخانىدا، ھەممىنىتەكشى كۆزىتىش، ھەممىگە تولۇق قۇلاق سېلىش، پۈتۈن دېققىتى بىلەن بېرىشتەكماھارىتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
تەجىربىلىك ئوقۇتقۇچىلار دەرس سۆزلىگەندە، پۈتۈنسىنىپتىكى ئوقۇغۇچىنىڭ بىرەرسىنمۇ ئۆزىنىڭ دىققەت دائىرىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرمايدۇ. ھەر بىر ئوقۇغۇچىىنىڭ دەرىسكە دىققەت قىلغان-قىلمايۋاتقانلىقىغا، كۆزىئوقۇتقۇچىغا تىكىلگەن بىلەن نېمە ئويلاۋاتقانلىقىغا، قانداق ئۇششاق ھەرىكەتلەبىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىغا، دەرىسكە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە توسالغۇبولۇۋاتقان روھى كەيپىيات ۋە ئىچكى كۆڭۈلسىزلىك ئەھۋالىرىغا دىققەت قىلىش بىلەنھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى چېچىۋەتمەي ئۇنى پۈتۈنلەي لېكسىيىگەتوپلايدۇ.
تەجىربىلىك ئوقۇتقۇچىلار ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشىبولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە توسالغۇ بولىۋاتقان سەۋەپلەرنى تېپىپ چىقىپ،ئۇنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە چۈشەندۈرۈپ، دىققىتىنى دەرسكە مەركەزلەشتۈرۈپ ياخشىئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.
2. تەربىيىلەش ئىقتىدارى
ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى سوتسىيالىستىك ۋەتەننى قىزغىنسۆيىدىغان پرولېتارىيات ئىشلىرىغا سادىق. كوممۇنىستىك ئەخلاقى پەزىلەتكە ئىگە يېڭىئەۋلادلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىجادىي ئەمگەكچىلەر.شۇڭلاشقا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا پەننى بىلىم بېرىش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىقابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭئەخلاقى پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭئەقلى تەربىيىسىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەخلاقى، گۈزەللىكۋە جىسمانىي، روھىي جەھەتتىكى تەرەققىياتىغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ .
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈشنىكۈندىلىك ئوقۇتۇش خىزمىتى ئارقىلىق ئېلىپ بارغاندىن تاشقىرى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۈلگىلىكرولى ۋە مەخسۇس خىزمەتلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. بولۇپمۇ سىنىپمەسئۇللۇق خىزمىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى پەزىلەت تەربىيىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىقىسمى. سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىدا تۆۋەندىكىدەكقابىلىيەتلەر بولۇشى كېرەك؛
1) ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى تەشكىل قىلىش قابىلىيىتى
سىنىپ مەسئۇلى ياخشى سىنىپ كوللېىكتىپىنى ۋە ياخشىسىنىپ ئىستىلىنى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتلىرىنىڭ بىرىھېسابلايدۇ .
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى پەزىلىتى ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىۋە ياخشى سىنىپ ئىستىلىدىن كېلىدۇ . بۇنداق ياخشى كوللېكتىپ ۋە ياخشى سىنىپئىستىلىنى بەرپا قىلىش ئوقۇغۇچىلارغا تەلىم ــ تەربىيە ئېلىپ بېرىش جەريانىھېسابلىنىدۇ .
2) ھەر خىل كۈچلەرنى تەشكىللەپ تەلىم - تەربىيە ئېلىپبېرىش قابىلىيىتى
تەلىم - تەربىيە ئىجادىي سەنئەت. ئوقۇتقۇچنىڭئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتىنى يېتىشتۈرۈشتىكى مۇھىم قابىلىيەتلەرنىڭ بىرى .
سىنىپ مەسئۇللىرى باشقا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ماسلىشىپ،ياخشى ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپىنى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەلىم ــتەربىيە ئېلىپ بېرىشىغا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، بەلكى مەكتەپ، ئىتتىپاق تەشكىلى،پىئونېرلار ئەترىتى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋەئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىسى، مائارىپ ئورگانلىرى، مەھەللە كومىتېتلىرى بىلەنئالاقە باغلاپ، ئوقۇغۇچىلارغا تەسر كۆسىتىپ ئېسىل ئەخلاقى پەزىلەت يېتىشتۈرۈشكە پايدىلىقشەرت - شارائىت يارىتىپ بېرىش لازىم . بۇنىڭ ئىچىدىكى موھىم ئامىل ــ ئائىلىنىڭئوقۇغۇچىغا بولغان تەسرى زور بولىدۇ.
3) ئوبيېكتقا قاراپ تەربىيە بېرىشتىن ئىبارەت تەلىم -تەربىيە قابىلىيىتى
ئوقۇتۇش تەلىم - تەربىيە جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلارئوقۇغۇچىلارنى ھەر تەرەپتىن كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىندىۋىدۇئالىقىنى ۋە بۇئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكلەرنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ۋە سەۋەبىنى ئىنىقلاپ،تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ .
« ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچى » غا جاپالىق ئەجىرسىڭدۈرۈپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇلارنى قەھرىمانلاردىن، نەمۇنىلىكشەخسلەردىن ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەق ــ ناھەق توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى،ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى، كۈچەيتىدىغان غۇرۇرىنى، ئاشۇرىدىغان ئارتۇقچىلىقلىرىنىجارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارغا ئىجابىي تەربىيە بېرىپ، ئالغا ئىلگىرلىشىگە ئىلھام بېرىشىلازىم .
§3. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىناۋىتى
ھەر قانداق ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكىئىناۋىتىگىلار ئەمەس، بەلكى خىزمەتداشلىرى، مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭبارلىق ئىجتىمائىي سورۇنلىرىدىكى ئىناۋىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە كىشىلەر نەزەرىدىكىئورنىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بىلەن ئىناۋىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلۈشىگە تولىمۇ كۆڭۈلبۆلىدۇ.
ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت دوستلۇق،ھەمكارلىق مۇناسىۋەت بولۇپ، بۇنداق مۇناسىۋەت بىر - بىرىنى ئاسراش، ئىشىنىشئاساسىغا قۇرۇلغان. ئەگەر ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا بۇنداق مۇناسىۋەتكەمچىل بولسا، ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ.
ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىغا بولغان ھۈرمىتى ۋە ئىشەنچىنىڭئۆزى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىناۋىتى بولىدۇ. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتساق، ئىناۋەت -ئىززەت ۋە قايىل قىلىش كۈچىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوقۇتقۇچى ئىناۋىتى ۋە ئۇنىڭ رولى
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىناۋىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىن كۆڭلىدىنقايىل بولۇش، ھۆرمەتلىشى، قەدىرلىشى، ئىشىنىشى ۋە ھىمايە قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان.ئەگەر ئوقۇتقۇچى مائارىپ ئىشلىرىنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيسە، ئىدىيىسىئىلغار، ئەخلاقىي پەزىلىتى ئالىيجاناب، بىلىمى مول، قىزىقىشى كەڭ بولسا، كەسىپنىچوڭقۇر تەتقىق قىلسا، تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى ئىلمى بولۇپ، ئوقۇتۇش مىتودىئوقۇغۇچىلارنى قايىل قىلارلىق بولسا، ئۆزىگە تەلەپچان بولۇپ، كىشىلەرگە قىزغىنمۇئامىلە قىلسا، ئۆزىنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنسانلىق قەدىر - قىممىتىنى ھۈرمەتقىلسا، بۇنداق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار نەزەرىدە ۋە جەمئىيەت ئەزالىرى ئىچىدەئىناۋەتلىك ئوقۇتقۇچى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ: