باشلانغۇچ مائارىپ كەسپى مائارىپ پىسخولوگىيىسى(3)
بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2015-09-02 16:15
2)پىسخىكىغا ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ ئىنكاسى
ئادەممېڭىسى ئادەم پىسخىكىسىنى پەيدا قىلىدىغان ئورگان . لېكىن ئادەم مېڭىسى خۇددى ئۆتسۇيۇقلۇقنى ئاجىرتىپ چىقارغاندەك پىسخىكىنىئاجىرتىپ چىقىرالمايدۇ . پىسخىكا ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ ئادەم مېڭىسىدىكى ئىنكاسى، ئادەم مېڭىسى پەقەت پىسخىكا پەيدا بولۇشىدىكى ماددىي ئاساس ، مېڭىنىڭ ئۆزىلاپىسخىكىنى ھاسىل قىلالمايدۇ ، پەقەت ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدىلاپىسخىكا ھاسىل بولىدۇ ، ئوبيېكتىپ رېئاللىق پىسخىكا ھاسىل بولۇشنىڭ مەنبەسى ۋەبۇلىقى . پىسخىكا ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ ئىنكاسى . بۇ دېئالېكتىكىلىقماتېرىيالىزمنىڭ پىسخىكىنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدىكى نەزەرىيىۋى چۈشەندۈرۈشدۇر .
(1)پىسخىكا ماددىي ئالىي ئىنكاس شەكلى
دۇنيادىكىخىلمۇ خىل ماددىلار ، مەسىلەن : كۈن ، ئاي ، يۇلتۇز ، قۇرۇقلۇق ، دېڭىز - ئوكيان ،ئۆسۈملۈك ، ھايۋانات ، ھاۋا ، نۇر دولقۇنلىرى ، ئاۋاز دولقۇنى ، نېرۋا سېستىمىسى ،مېڭە ، ئادەم قاتارلىقلار ، مەيلى قايسى دەۋر بولسۇن ئادەمنىڭ ئېڭىغا تايانمايمۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئوبيېكتىپ رېئاللىق .
دېئالېكتىكىلىقماتېرىيالىزمنىڭ قارىشىچە : دۇنيانىڭ ئەسلى زاتى ماددا ، ماددا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتقىلىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ، تۆۋەن دەرىجىدىن يۇقىرى دەرىجىگە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ .دۇنيادىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ھەرىكەت قىلىۋاتقان ماددىنىڭ تۈرلۈك ھالەتلىرىدىنئىبارەت .
ئادەمپىسخىكىسى بىلەن ھايۋان پىسخىكىسى ماددا تەرەققىياتىنىڭ تۈرلۈك باسقۇچلىرىدا پەيدابولغان ئىنكاس شەكلى بولغاچقا ، بۇئىككىسى ئوتتۇرىسىدا مەلۇم مۇناسىۋەتمۇ بار ،يەنە ماھىيەتلىك پەرقمۇ بار . بۇ ماھىيەتلىك پەرق تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت .بىرىنچى ، ئادەمنىڭ پىسخىك پائالىيىتى ئاڭلىق ئىنكاس قىلىش بولۇپ ، بۇ خىلئىنكاسنىڭ خاراكتېرى جەمئىيەتنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، مەدەنىيەت ، پەن ـتېخنىكا ، تەربىيە شارائىتلىرىغا تايىنىدۇ . ھايۋانلارنىڭ بولسا ، ئاڭلىق ئىنكاسئەمەس . ھايۋانلارنىڭ ئىنكاس شەكلىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىنى تەبىئىيشارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان . ئىككىنچى ، ئادەم ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىئىنكاس قىلىشتا ئاڭلىق خىيال ۋە تەپەككۈر قىلىدۇ ، كەلگۈسىنى كۆرەلەيدۇ ، ھەمدەھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ ، مەقسىتىگە يېتىدۇ . ئادەم ئاڭلىقئىنكاس قىلىش شارائىتىگە تايىنىپلا قالماستىن ، بەلكى دۇنيانى يارىتىدۇ ، ئەمماھايۋانلارنىڭ ئىنكاسى پەقەت ئۆز تېنىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە فۇنكىسىيىسىنى ئۈزلۈكسىزئۆزگەرتىپ ، شارائىتقا لايىقلىشىش جەريانىدىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ . ئۈچىنچى ،ئادەمنىڭ ئاڭلىق ئىنكاسى ئىندىۋىدۇئال تەجىرىبىلەر بىلەن ئىجتىمائىيتەجىرىبىلەرنىڭ يىغىندىسى . ئادەم تىل ، يېزىق ئارقىلىق ئىلگىركىلەرنىڭ ئىجتىمائىيتەجىرىبىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ ، ئېسىل ئەنئەنىۋى ئىستىلللارغا ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنىجارى قىلدۇرىدۇ ، ئەمما ھايۋانلارنىڭ تەجرىبىسى پەقەت ئىندىۋىدۇئال تەجرىبە بولۇپ، ئۇلار بۇنى مۇستەھكەملەپ داۋاملاشتۇرالمايدۇ . تۆتىنچى ، ئادەم مەنىلىك ئاڭغا ،مەقسەتلىك يۆنىلىشلىك مەقسەتكە ئىگە ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھېسىياتىنى ، ئارزۇسىنى ، قىزىقىشىنى، ئېھتىياجىنى بىلەلەيدۇ ، ھەرىكىتى مەقسەتلىك ، يۆنۈلۈشلىك بولىدۇ . ئەمماھايۋانلار مەنىلىك ئاڭغا ئىگە ئەمەس ، دېمەك ، ئادەم پىسخىكىسى ماددىنىڭ ئالىيئىنكاس شەكلى ، بۇ خىل ئالىي ئىنكاس شەكلى ئادەمگىلا خاس بولغان ئاڭدىن ئىبارەتبولۇپ ، ئاڭ پەيدا قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئەمگەك بىلەن تىلدىن ئىبارەت .
(2)ئوبيېكتىپ رېئاللىق پىسىىكىسىنىڭ ھاسىل بولۇش مەنبەسى
ئادەمپىسخىكىسى ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس ، مېڭىدە ئەزەلدىن بارمۇ نەرسە ئەمەس . ئادەممېڭىسى پىسخىك نەرسىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى پەقەت ئىمكانىيەت بىلەنلا تەمىنلايدۇ .ئەمما بۇنداق ئىمكانىيەت پەقەتلا ئوبيېكتىپ رېئاللىنىڭ تەسىرى ئاستىدىلارېئاللىققا ئايلىنىدۇ . پىسخىكا ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ ئادەم مېڭىسىدىكى ئىنكاسى .ئوبيېكتىپ رېئاللىق دېگىنىمىز ، ئادەم ئېڭىغا تايانمىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپتۇرغان بارلىق تەبئىي ھادىسىلەر ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ھادىسلىرىدىن ئىبارەت.
ئىجتىمائىيتۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئۆزى – ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرققىيات سەۋىيىسى ،ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ، مەدەنىيەت ، پەن - تېخنىكا ،تەربىيە شارائىتى ، ئىجتىمائىي ئەخلاق ، ئادەت قاتارلىقلار ئادەم پىسخىكىسىنىڭپەيدا بولۇشىدىكى ئەڭ ئاساسىي مەنبەسىدۇر . بۇ ئادەم پىسخىك پائالىيىتىنىڭ پەيدابولۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ، ئىندىۋىدۇئاللىقنىڭ شەكىللىنىشىدە بەلگىلەشخاراكتېرلىك رول ئوينايدۇ . ئادەم پىسخىكىسى ئىجتىمائىيلىققا ئىگە ئىنكاس شەكلىدۇر. ئەگەر بىر كىشى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن ئايرىلسا ، تىل - يېزىق ئارقىلىق ئىنسانلارجەمئىيىتىنىڭ تەجىربىلىرىنى قوبۇل قىلمىسا ، پىسخىكىلىق پائالىيەت ھاسىل قىلىدىغانئادەم مېڭىسىگە ئىگە بولغان بىلەنمۇ ئادەمنىڭ پىسخىكىلىق پائالىيىتى ھاسىل بولۇشىمۇمكىن ئەمەس .
ئادەمكىشىلىك ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن ئايرىلىپ قالسا ، ئادەم پىسخىكىسىنى ھاسىل قىلىدىغانماددىي ئالدىنقى شەرت – ئادەم مېڭىسىگە ئىگە بولغان تەغدىردىمۇ ئادەم پىسخىكىسىھاسىل بولمايدۇ . ئادەم ئادەم بولالماي پەقەت يەككە بىر جانلىق ئىندىۋىدتىنلائىبارەت بولىدۇ .
(3)پىسخىكا ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ سۇبيېكتىپ ئىنكاسى .
ئادەمنىڭبارلىق پىسخىك ھادىسىلىرى ، ھەر بىر كونكرېت ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا پەيدا بولىدۇ .كىشىلەر رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرگەندە ، ئۇنىڭ بىلىمى ، تۇرمۇش تەجرىبىسى ، پىسخىكپەزىلىتى ، ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىكلىرى ، شۇكىشىنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى چۈشىنىشىۋە ئۇلارغا بولغان پوزىتسىيىسىگە تەبئىي ھالدا تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈنكىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولغان شارائىتتا ، ئوخشاش بولمىغان شەيئىلەرگە بولغان ئىنكاسىئوخشاش بولمايدۇ . مەسىلەن : مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قويغان بىر تۇتاشتەربىيە تەلىپى ، قولللانغان تەربىيە تەدبىرلىرى ئوخشاش بولسىمۇ ، تۈرلۈكئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېرىشكەن تەربىيە نەتىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ، پىسخىكائوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ سۇبيېكتىپ ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .
ئوبيېكتىپرېئاللىقنىڭ ئىنكاسى بولغان پىسخىكا ، ئادەمنىڭ بىلىمىگە ، تەجرىبىسىگە ، ئېھتىياج، قىزىقىش ، ھېسىيات ۋە دۇنيا قارىشىغا تايىنىدۇ ، ئۇ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقئالاھىدىلىكىگە ئىگە . ئادەم پىسخىكىسى ئاڭ دەپ ئاتىلىدۇ . ئاڭنىڭپائالىيەتچانلىقى مۇنۇ جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ : كىشىلەر پەقەت مۇھىتقا ماسلىشىشئۈچۈنلا رېئاللىقنى پاسسىپ ھالدا ئەكس ئەتتۈرەلمەستىن ، بەلكى رېئاللىقنى ئەكسئەتتۈرۈش جەريانىدا ئاكتىپلىق كۆرسىتىدۇ . شەيئىلەرنىڭ يۈزەكى ھادىسىلىرىنى ئىنكاسئېتىش ئاساسىدا شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئاچىدۇھەمدە شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئالدىن كۆرەلەيدۇ ، رېئاللىقنى مەقسەتلىك ،پىلانلىق ھالدا ئۆزگەرتىدۇ . ئەمما بۇ خىل سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقنى ئوبيېكتىپشەيئىلەر تەسىرى پەيدا قىلىدۇ . ئوبيېكتىپ رېئاللىق تەرىپىدىن بەلگىلەنگەنسۇبيېكتىپ ئىنكاس پەقەت ئىنكاس قىلىنغۇچى ئوبيېكتىپ شەيئىگە ئوخشايدۇ . ئۇ مېڭىنىڭنېرۋا پائالىيىتى جەريانىدا پەيدا بولىدۇ ھەمدە كونكېرت سۆز ھەرىكەت ئارقىلىقئىپادىلىنىدۇ . شۇڭلاشقا پىسخىك ( ئىنكاس ) ھەم ئويېكتىپ بولىدۇ ، ھەم سۇبيېكتىپبولىدۇ .
ئۇنىئوبيېكتىپ بولىدۇ دېيىشىمىزدىكى سەۋەب ، ئۇنى ئوبيېكتىپ رېئاللىق پەيدا قىلىدۇ ،ئوبيېكتىپقا ئوخشاپ كېتىدۇ ، شۇنىڭدەك ، مېڭىنىڭ ماددىي جەريانىدا ئەمەلگە ئاشىدۇھەمدە سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئىپادىلىنىدۇ .
ئۇنىسۇبيېكتىپ بولىدۇ دېيىشىمىزدىكى سەۋەب ، ئۇ ھامان كونكېرت ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا ھاسىلبولىدۇ ، ھەم شەخسنىڭ بىلىم تەجرىبىسى ۋە ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكى بىلەنبىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتىمىزكى ، ئادەمنىڭ رېئاللىق توغرىسىدىكىئىنكاسى بولغان ئادەم پىسخىكىسى ئوبيېكتىپ بىلەن سۇبيېكتىپ قارمۇ قارشىلىقنىڭبىرلىكىدىن ئىبارەت . ئومۇمەن ئېيىتقاندا ئادەم مېڭىسىنىڭ ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىتوغرا ، ھەقىقىي ئىنكاس ئېتىشتۇر .
سۇبيېكتىپبىلەن ئوبيېكتىپنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسى ، تارىختىن بۇيان پەلسەپە ساھاسىدىكىلەرمۇنازىرلىشىپ كېلىۋاتقان چوڭ نەزەرىيىۋى مەسىلە ھېسابلىنىدۇ .
(3)پىسخىكا تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا پەيدا بولۇپ تەرەققىي قىلىدۇ . تۇرمۇشئەمەلىيىتى ئادەم پىسخىكىسىنىڭ پەيدا بولۇپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسىي . ئادەمپىسىىكىسىنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى بىلىش ۋە ئۆزگەرتىش ئەمەلىيىتى جەريانىدائەمگەك ، ئۆگىنىش ، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ، كىشىلەر ئارا ئالاقە جەريانىداپەيدا بولۇپ تەرەققىي قىلىدۇ . كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ، ماددىي تۇرمۇششارائىتى ، ئۈستىگە ئلغان ۋەزىپىسى ، قاتناشقان ئەمەلىي پائالىيىتى ئوخشاشبولمىغانلىقتىن ، كىشىلەردە پەيدا بولغان ئاڭمۇ ئوخشاش بولمايدۇ ، ئىندىۋىدۇئالئالاھىدىلىكىمۇ پەرقلىق ھالدا تەرەققىي قىلىدۇ ، ئوخشاش بولمىغان روھىي قىياپەتشەكىللىنىدۇ . شۇڭلاشقا ھەر قانداق ئادەمنىڭ پىسخىكىسى ئەمەلىي پائالىيەتجەريانىدا پەيدا بولىدۇ ، تەرەققىي قىلىدۇ . ئادەم پىسخىكىسىنىڭ موللۇقىتۇرمۇشتىكى ئەمەلىي پائالىيەتنىڭ موللىقىغا باغلىق . لېكىن ئادەملەرنىڭپىسخىكىسىدا ئورتاقلىق يوق ئەمەس .
ئەمەلىيەتجەريانىدا كىشىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ رېئاللىقنى ئىنكاس قىلىشى پاسسىپ ھالدا ئەمەس ،بەلكى ئاكتىپ سۈرئەتتە بولىدۇ . ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئوبيېكتىپ شەيئىلەر بىلەنپائال سۈرئەتتە ئۇچىرىشىپ ، ئۇلار بىلەن ئۆز ئارا تەسىر قىلىشقاندىلا ، ئاندىنپىسخىك پائالىيەت پەيدا بولىدۇ . كىشىلەر ھامان سىرتقى دۇنيانى ئۆزگەرتىش بىلەنتەڭ ، ئاكتىپ ھالدا ئۆزىنىمۇ ئۆزگەرتىدۇ ، ئۆزىنىڭ تاشقى دۇنيانى ئىنكاسقىلىشىنىمۇ ئۆزگەرتىدۇ .
ئادەمپىسخىكىسى ئەمەلىيەت جەريانىدا پەيدا بولغاندىن كېيىن ، ئۇ ئادەمنىڭ ئەمەلىيپائالىيىتىگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ . ئادەمنىڭ ئوبيېكتىپرېئاللىقنى ئىنكاس قىلىشى ، ئوبيېكتىپ رېئاللىققا تەسىر كۆرسىتىش ئەمەلىيپائالىيىتى جەريانىدا ھاسىل بولىدۇ ، ئەمەلىيەتكە نىسبەتەن ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ .مەسىلەن : ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئوبيېكتىپ رېئاللىق قانۇنىيىتىنى بىلىۋالغاندىنكېيىن ، ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ قانۇنىيىتىنى بىلگىنى بويىچە ئۆزگەرتىشپائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ . شەيئىنىڭ كەلگۈسىنى ئالدىن كۆرۈپ ئاكتىپپائالىيەتچانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئاڭلىق ھالدا تەبىئەتنىئۆزگەرتىش ، جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش كۆرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ . مانا بۇ ئادەمنىڭسۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىق رولىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى .
يىغىپئېيتساق ، ئادەم پىسخىكىسى ئادەم مېڭىسىنىڭ مەھسۇلى ، يەنە جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى ،ئۇ تۇرمۇش ئەمەلىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىدۇ . ئىجتىمائىيتارىخىي تۇرمۇش شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرايدۇ . ئىجتىمائىي تۇرمۇش شارائىتىتەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ، تۇرمۇش شارائىتىدىن ھالقىغان پىسخىكا مەۋجۇت ئەمەس .ئادەم پىسخىكىسى ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئوبيېكتىپ دۇنياغاقىلغان سۇبيېكتىپ پائالىيىتىدىن ئىبارەت . پىسخىكا ئادەم مېڭىسىنىڭ ئوبيېكتىپرېئاللىقىنى سۇبيېكتىپ ئاكتۇئاللىق بىلەن ئىنكاس ئېتىشىدۇر . ئادەم پىسخىكىسىئادەمنىڭ ئەمەلىي پائالىيىتىگە نىسبەتەن ناھايىتى زور تەڭشەش رولىغا ئىگە .
2)ئندىۋىدۇئال پسىخىك تەرەققىيات نەزەرىيىسى
ھەرقانداق ئادەمنىڭ پسىخىك تەرەققىياتى بىلەن ئندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكىنىڭ شەكىللىنىشى ئېرسىيەت، ئىجتىمائىي شارائىت ، مەكتەپ تەربىيىسى ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى قاتارلىقئامىللارغا باغلىق بولىدۇ . فىزىئولوگىيىلىك تەرەققىيات بولۇپمۇ نېرۋاسىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتى ئادەمنىڭ پسىخىك تەرەققىياتى بىلەن ئندىۋىدۇئاللىقىنىڭشەكىللىنىشتىكى ماددىي ئالدىنقى شەرت . لېكىن ئۇ ئادەم پسىخىكىسىنىڭ تەرەققىياتسەۋىيىسىنى ۋە ئندىۋىدۇئاللىقىنىڭ شەكىللىنىش ئالاھىدىلىكىنى بەلگىلىمەيدۇ .ئادەمنىڭ پسىخىك تەرەققىياتى ۋە ئندىۋىدۇئاللىقىنىڭ شەكىللىنىشىنى بەلگىلەيدىغانئامىل _ تەربىيە ئاساسىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش شارائىتىدۇر . بۇ ئادەم پسىخىكىسىتەرەققىياتىدا ھەل قىلغۇچ ئامىلدۇر . مەكتەپ تەربىيىسى پسىخىكا تەرەققىياتى ۋە ئندىۋىدۇئاللىقىنىڭشەكىللىنىشىدە يېتەكچى ئامىل . ئەمما بۇ يېتەكچى ئامىل ، ئادەمنىڭ ئىچكىئامىلى(بىلىم_ تەجرىبىسى، ئۆز ۋاقتىدىكى پسىخىكىلىك ھالىتى ، سەۋىيىسى قاتارلىقلار) سوبيېكپىپ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ .
ئىنسانلارداپسىخىك جەريان بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئوخشىمىغان ئندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىك ،تۈمەنمىڭ خىل پەرقلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ .مەسىلەن، بەزىلەر ئەدەبىيات _ سەنئەتنىياقتۇرسا ، بەزىلەر تەبىئىي پەننى ياقتۇرىدۇ؛ يەنە بەزىلەر تەنتەربىيىگە قىزىقىدۇ؛بەزىلەر ماتىماتېكىغا ماھىر بولسا ، بەزىلەر يېزىقچىلىققا ماھىر بولىدۇ .
ئادەمھامان مۇئەييەن ئىجتىمائىي تۇرمۇش شارائىتىدا ياشايدۇ ، ھامان ئىجتىمائىيمۇناسىۋەتلەر ئىچىدە تۇرىدۇ . شۇڭا بىرەر ئادەمنىڭ ئندىۋىدۇئاللىقى ھامانئىجتىمائىي ماددىي تۇرمۇش شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرايدۇ .
ئىجتىمائىيئەمەلىيەت پائالىيىتى داۋامىدا شەكىللىنىپ تەرەققىي قىلىدۇ .
دۇنيادائندىۋىدۇئاللىقى ئوپمۇ ئوخشاش بولغان ئىككى ئادەم بولمايدۇ .خۇددى ’ بىر پالەكتەمىڭ خامەك ، ھەر خامەكنىڭ تەمى بۆلەك‘ بولغىنىدەك .
يىغىپئېيتقاندا ، ئادەم ئالىي دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان مەخلۇق ، ئادەم پىسخىكىسى تولامۇرەككەپ بولىدۇ . كىشىلەر ئۆزىلىرىنىڭ بەزى پىسخىك پائالىيەتلىرىنى ئاڭلىق ھالدايوشۇرىدۇ ، ھەتتا كۆڭلىدىكىدە ماس كەلمەيدىغان ساختا كۆرۈنۈشلەرنى پەيدا قىلىدۇ .شۇڭلاشقا بىز بىۋاستە كۆزەتكەن كۆرۈنۈشلەرگە ئاساسلىنىپ ، مەلۇم پىسخىك پائالىيەتئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزگىنىمىزدە ناھايىتى ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ .كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان تەجرىبىلىرىمىز بار . مەسىلەن :بىرسى مۇناسىۋەتسىز ھالدا سىزگە قاراپ كۈلۈمسىرىسە ، سىز بۇنىڭغا قانداق ھۆكۈمقىلكىسىز ؟ بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىش قېيىن ، ئۇ كىشى سىزگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن ياخشىھېسىياتقا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ، ياكى ئۇ كۆڭلىدە سىزنى ئەخمەق بىلىپ مەسخىرەقىلىۋاتقاندۇ ، ھەتتا ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشىنىڭ تېگىدە سىزگە نىسبەتەن ھەسەتخورلۇقيوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن .
ئۇنداقبولسا ، ئادەم پىسخىكىسىنى تەتقىق قىلغىلى بولمايدىغان شۇنچە سىرلىق نەرسىمۇ ؟ ياق، پىسخىكىلىق ھادىسىلەرنى ئوبيېكتىپ شەيئىلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ھەرىكىتىدەھامان ئاز - تولا ئىپادىسى بولىدۇ . بىۋاستە ئىپادىسى يوشۇرۇنغان بولسىمۇ ، لېكىنئۇ ھامان ۋاستىلىك ھالدا باشقا جەھەتلەردىن ئازىراق بولسىمۇ ئېچىلىپ قالىدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزاق مەزگىل ئەتراپلىق ، سېستىمىلىق كۆزىتىپ ، تەھلىل قىلىش ئارقىلىقبىر كىشىنىڭ پىسخىكىسىنىڭ نورمال ياكى بىنورمال ئىكەنلىكىنى بىر قەدەربىلىۋالالايمىز .
2_باپ ئۆگىنىش پسىخىكىسى
ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكىئاساسىي ۋەزىپىسى _ بىلىم ئۆگىنىش . بىلىم _ كىشىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ رىياللىقنىبىلىشىنىڭ نەتىجىسى ، ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ئىچكىباغلىنىشلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىنكاسى . بىلىم ئۇمۇمەن تەجرىبە ياكى نەزەرىيەشەكلىدە كىشىلەر مېڭىسىدە ساقلىنىدۇ . ئىنسانلارنىڭ بىلىمى بىۋاسىتە تەجرىبىدىنكېلىپ چىققان . لېكىن كىشىلەر ھەممە ئىشتا بىۋاستە تەجرىبىگە تايىنىشى مۈمكىنئەمەس ، ئەمەلىيەتتە بولسا نۇرغۇنلىغان بىلىملەر ۋاسىتىلىك تەجرىبىنىڭ يەكۈنى .
ئۆگىنىشيەنىلا بىلىش جەريانى . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەلۇم دەرسلىكبويىچە پىلانلىق ، مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىشى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپ بىلىشپائالىيىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ . ئۆگىنىش _ ئىلگىرىكىلەرنىڭ بىلىشنەتىجىلىرىنى ئىگىلەش ، ئىلگىركىلەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆز تەجرىبىسىگە ، بىلىملىرىنىئۆز بىلىملىرىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت . شۇڭا ، بۇ جەريان ئۇزۇن ھەم قىسقابولىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئۆگىنىشىمۇ ئوڭاي ئەمەس . ھەرقانداق بىر بىلىمنىئۇگىنىش جەريانى بىر قاتار مۇرەككەپ پسىخىك پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .ئۇنىڭ بىر خىلى ئۆگىنىشتىكى ئاكتۇئاللىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . مەسىلەن، دىققەت ،ھېسسىيات ، كەيپىيات ، ئىرادە ۋەباشقىلار . يەنە بىر خىلى تەسەۋۋۇر ، خىيال ، تەپەككۇر قاتارلىقلار . بىرىنچىخىلدىكىسى بىلىش جەريانى بىلەن ئۇنىڭ ئۇنۇمىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئىككىنچىخىلدىكىسى ، ئۆگىنىشنىڭ ئۆزىگە بىۋاسىتە تاقىلىدۇ . ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ قانداقبولۇشى، مۇشۇ پسىخىك جەريانلارنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ،ئۆگىنىش جەريانىمۇ ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ . ئۆگىنىش جەريانى ئىككىتەرەپنىڭ يەنى ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاكتىپ پائالىيىتى بىلەن ئەمەلگەئاشىدۇ .
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ: