خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

باشلانغۇچ مائارىپ كەسپى مائارىپ پىسخولوگىيىسى(4)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2015-09-02 16:15

     ئادەتتىكىبىلىش جەريانى ئەمەلىي پائالىيەت داۋامىدا ھېسسىي بىلىشتىن ئەقلىي بىلىشكەتەرەققىي قىلىش، ئەقلىي بىلىشتىن يەنە ئەمەلىيەتكە پائال يېتەكچىلىك قىلىش ،جەريانىدۇر . ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئۆگىنىشىدە كىتابى بىلىم ئاساس قىلىنىدۇ .ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن كىتابى بىلىم بىر خىل ۋاسىتىلىك تەجرىبىدىن ئىبارەت بولۇپ ،ئوقۇغۇچىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ بىلىملەرنى ئىگىلىۋېلىشى ، ئوقۇتقۇچىنىڭبەلگىلىك دەرسلىك بويىچە مەقسەتلىك ، پىلانلىق ئۆگىتىشى ھەمدە ئوقۇغۇچىنىڭتەپەككۇر قىلىشى ، چۇشىنىش ، ئەستە ساقلاش ۋە ئىشلىتىش قاتارلىق بىلىشپائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ . شۇنەلاشقا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمئۆگىنىشى ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەقسەتلىك ۋە پىلانلىق ، تەشكىللىك ئېلىپبېرىلىدىغان ، بەلگىلىك ، سىستېمىلىق بىلىم ۋە ماھارەت ئىگىلەش ، ئوقۇغۇچىنىڭئەقلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، توغرا دۇنيا قاراش ۋە ئەخلاقىي پەزىلەتنىشەكىللەندۇرۇشنى ۋەزىپە قىلغان ئاڭلىق پائالىيەت .  
   ئۆگىنىشپسىخكىسى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش جەريانىدىكى پسىخىكىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭقانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ . ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش پائالىيىتىدىكىنۇرغۇنلىغان پسىخىك مەسىلىلەر ئۇستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ .
  
 1§. ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقى
 
   ئۆگىنىشئاكتىپچانلىقى ئۆگىنىش پائالىيىتىدىكى بىر خىل ئاڭلىق پائالىيەتچان پسىخىك ھالەتبولۇپ ، ئۇ نۇرغۇن پسىخىك ئامىللاردىن تەركىپ تاپىدۇ . يەنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشمۇددىئاسى ، ئۆگىنىشكە قىزىقىش ، ئۆگىنىش جەريانىدىكى دىققەت ھالىتى قاتارلىقلارنىئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
1.ئۆگىنىش مۇددىئاسى ۋە ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىش
1)ئۆگىنىش مۇددئىاسى
مۇددىئا_ ئادەمنى بەلگىلىك مەقسەتكە يېتىش ئۇچۇن ھەركەت قىلىشقا ئۇندەيدىغان ئىچكى سەۋەپ.
       ئۆگىنىشمۇددىئاسى _ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش پائالىيىتىنى بىۋاسىتە ئىلگىرى سۇرىدىغانئىچكى ھەرىكەتلەندۇرگۇچ كۇچ . مۇددىئا ئېھتىياجدىن تۇغۇلىدۇ . دېمەك ، ئۆگىنىشمۇددىئاسى بىر خىل ئۆگىنىش ئېھتىياجىدىن ئىبارەت .
ئۆگۈنىش مۇددىئاسى بىلەنئۆگىنىش مەقسىتى ھەم بىر–بىرىدىن پەرقلىقلىنىدۇ، ھەم بىر – بىرىگە مۇناسىۋەتلىكبولىدۇ.
ئۆگىنىش مەقسىتى– ئوقۇغۇچىلارنىڭئۆگىنىشتە ئېرىشىدىغان نەتىجىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆگىنىش مۇددىئاسى بولسا ئوقۇغۇچىنىمۇئەييەن مەقسەتكە يېتىشكە ئۈندەيدىغان ئىچكى سەۋەپتۇر. ئوخشاش ئۆگىنىش مەقسىتىگەئىگە ئوخشاش بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مۇددىئاسىنىڭ ئوخشاش بولۇشى ناتايىنئۆگىنىش مۇددىئاسى ئوخشاش بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مەقسىتىمۇ ئوخشاشبولماسلىقى مۈمكىن.
   ئۆگىنىش مۇددىئاسىنىڭ پسىخىكىلىق تەركىبى ئاساسەنئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشتىكى ئاڭلىقلىقى ۋە ئۆگىنىشكە بولغان بىۋاستە قىزىقىشتىنئىبارەت.
ئۆگىنىشتىكى ئاڭلىقلىق دېگىنىمىز، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشىنىڭ ئەھمىيىتىگەبولغان تونۇشى ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان ئۆگىنىشتىكى ئاكتىپ پوزىتسىيىسى بىلەنھەركىتىنى كۆرسىتىدۇ.
  ئۆگىنىشكە بولغان بىۋاستە قىزىقىش دېگىنىمىز، ئۆگىنىش مەزمۇنىنى بىلىۋېلىشئۈچۈن ھاسىل بولغان ئىنتىلىش بولۇپ، دۇنيانى بىلىشكە،پەننىي بىلىملەرگەئېرىشىشكە،ھەقىقەتنى تېپىشقا بولغان بىر خىل خاھىشتىن ئىبارەت.
  جەمئىيەت ۋە مائارىپنىڭئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشىگە قارىتا قويغان تەلىپىنىڭ دائىملىقلىق، مەزمۇنغا بايبولۇشى، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش مۇددئىاسىنىڭ مۈرەككەپ ۋە كۆپ خىل بولۇشىنىبەلگىلەيدۇ. ئوخشىمىغان ئوقۇغۇچىلاردا ئوخشىمىغان مۇددا بولىدۇ. ھەتتا بىرئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىدىمۇ ئوخشىمىغان مۇددىئالار ئارلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. پسىخولوگىيەتەتقىقاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە؛ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭئۆگىنىش مۇددىئاسى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا ئىگە؛ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ تەلىپىنىقاندۇرۇش، ئاتا–ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش، ياخشى نومۇر ئېلىش،ساۋاقداشلىرىدىن كېيىن قالماسلىق، مۇكاپاتقا ئېرىشىش، پىئونىر ۋە ئىتتىپاقئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق ھېسسىياتى، ۋەتىنىمىزنى تۆتتە زامانىۋىلاشتۇرۇشئۈچۈن ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇش، ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىنى ئويلاش، يوقىرىمەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇش، ئالىم بولۇش، قەھرىمان نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىشقاتارلىقلار.
   2) ئۆگىنىشمۇددىئاسىنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى
   (1)ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك مۇددىئاسىنى ئالاقە خاراكتېرلىك مۇددىئاغائايرىشقا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆگىنىش مۇددىئاسى مۇشۇ ئىككى خىل مۇددئىانىڭمەركىزىدە ھاسىل بولىدۇ. ئۆگىنىش پائالىيىتىدە كونكرېت ئىپادىلىنىدۇ.
ئالاقەخاراكتېرلىك مۇددىئا ئەڭ ئاساسىي ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك مۇددىئا بولۇپ، بۇ خىلمۇددىئا ئۆگىنىش جەريانىدا مۇنداق ئىپادىلىنىدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ياخشىكۆرگەن ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن تىرىشىپ ئوقۇشنى خالايدۇ. ئەمما ، ئۆزى ياخشى كۆرمىگەنئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئۆگىنىشنى رەت قىلىدۇ.
  (2) مۇددىئا مەزمۇنىنىڭخاراكتېرىگە ئاساسەن ئۆگىنىش مۇددىئاسىنى مائارىپ يۆنىلىشىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنكېلىدىغان توغرا مۇددىئا ۋە خاتا شەخسىيەتچىل ئۆگىنىش مۇددىئاسى دەپ ئايرىشقابولىدۇ. مائارىپچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش مۇددىئاسىنى يېتىلدۈرۈشكە،خاتا ئۆگىنىش مۇددىئاسىنى يېڭىشىغا دىققەت قىلىشلىرى كېرەك.
  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشمۇددىئاسىغا بىر تەرەپلىمە ھالدا توغرا ياكى خاتا دەپ باھا بېرىشكە بولمايدۇ. بۇنىتوغرا تەھلىل قىلىش كېرەك. نومۇر ئۈچۈن ئۆگىنىش شەخسىيەتچىلىك نۇقتىسىدىنبولغاندا، توغرا مۇددىئا دىيىشكە بولمايدۇ، لېكىن
ئوقۇغۇچىلاربۈگۈنكى ئۆگىنىشىمىز ئەتىكى ۋەتەن قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن دەيدىغان ئالدىنقىشەرت ئاساسىدا تىرىشىپ ئۆگىنىش لازىملىقىنى ئېنىق تونۇغان بولسا، مۇنداق مۇددىئانىخاتا دېيىشكە بولمايدۇ.
   (3) ئۆگىنىشمۇددىئاسىنى ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىش پائالىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگەقاراپ ۋاسىتىلىك ئۆگىنىش
مۇددىئاسىۋە بىۋاستە ئۆگىنىش مۇددىئاسى دەپ ئايرىشقىمۇ بولىدۇ.
   ۋاسىتىلىكئۆگىنىش مۇددىئاسى– ئۆگىنىش پائالىيىتى بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق بولمىغانمۇددىئانى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن؛ كەلگۈسىدە ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىش ياكىئۆزىنىڭ كېلەچەكتىكى چىقىش يول ئۈچۈن بولغان مۇددىئا، بۇ خىل مۇددىئا جەمئىيەتبىلەن ئائىلە تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ ئىجتىمائىي ئاڭ بىلەن بىۋاستەباغلىنىشلىق بولىدۇ.
   بىۋاسىتەئۆگىنىش مۇددىئاسى– ئۆگىنىش پائالىيىتى بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق بولغان مۇددىئابولۇپ، بۇ ئېھتىمال ئۆگىنىشكە بولغان بىۋاسىتە قىزىقىش ياكى ئوقۇتقۇچىنىڭتەقدىرلىشى ياكى جازالىشىنىڭ تۈرتكىسىدە ۋە ياكى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى بىلەنبىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇددىئانى كۆرسىتىدۇ.
   (4) ئوقۇغۇچىئۆگىنىش مۇددىئاسى رولىنىڭ ۋاقىت جەھەتتىكى ئۇزۇن– قىسقىلىقىغا قاراپ، ۋاسىتىلىكيىراق مەنزىرىلىك ئۆگىنىش مۇددىئاسى، بىۋاستە يېقىن مەنزىرىلىك ئۆگىنىش مۇددىئاسىدەپ ئايرىشقا بولىدۇ......
ۋاسىتىلىكيىراق مەنزىرىلىك ئۆگىنىش مۇددىئاسى _ بۇنداق مۇددىئا ئىجتىمائىي ئەھمىيەت بىلەنباغلىنىشلىق بولىدۇ . بۇ ئىجتىمائىي تەلەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىشتىكى ئىنكاسى .مەسىلەن ؛ كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىشنى ۋەتىنىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىشلىرىبىلەن باغلاپ ئۆگىنىدۇ . ئۇلار كەلگۈسىدە ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ تۆھپەيارىتىش ئۈچۈن ئۆگىنىدۇ . ئاز ساندىكىلەر بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە، شەخسىيەتچىلىكبىلەن شەخسىي نام، مەنپەئەت ئۈچۈن ئۈگىنىدۇ . بۇ، ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىشىنىڭئەھمىيىتىنى بىلىش بىلەن ئوقۇغۇچىلاردا يىراقنى كۆرەلىگەن ئالىيجاناپ غايە بىلەنشەخسىيەتچىلىك مەقسىتىنىڭ بار _ يوقلۇقى ۋە ئۇلارنىڭ دۇنيا قاراشلىرى بىلەن يېقىنمۇناسىۋەتلىك مۇددىئالاردۇر . بۇ خىل مۇددىئالار شەكىللەنگەندىن كېيىن تۇراقلىققاۋە ئۇزۇن مۈددەتلىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ ، ئوڭايلىقچە ۋەزىيەتتىكى تاسادىپىيئامىللار سەۋەبىدىن ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ .
   بىۋاسىتەيېقىن مەنزىرىلىك ئۆگىنىش مۇددىئاسى ، بۇنداق ئۆگىنىش مۇددىئاسى ئۆگىنىشپائالىيىتى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق بولىدۇ . ئۆگىنىشكە بىۋاسىتە قىزىقىش ،ئۆگىنىش پائالىيىتىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش مۇشۇ خىلمۇددىئالارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . مەسىلەن، بەزى ئوقۇغۇچىلار ماتېماتىكا دەرسىكىشىنى مېڭسىنى ئىشلىتىشكە كۆنۈكتۇرىدۇ دەپ قاراپ ، ماتېماتىكىنى ياخشى كۆرىدۇ .بەزى ئوقۇغۇچىلار ئانا تىلغا باي ۋە ئۇستا بولغانغا يەتمەيدۇ دەپ قاراپ تىل _ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆگىنىشنى خالايدۇ . بەزى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ سورىغانسۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈنلا تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ . بەزىلەر ئالىي مەكتەپكە كىرىشئۈچۈنلا تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ . بۇ خىل مۇددىئالار كونكرېت بولىدۇ . بەلكى ئەمەلىيئۈنىمىمۇ بولىدۇ . لېكىن، ئۇنىڭ رولى قىسقا ، ۋاقىتلىق بولۇپ تۇراقسىز بولىدۇ.ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئوڭايلا ئۆزگىرىدۇ . بۇنداق تۈرگە ئايرىشنىڭئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى ئۆگىنىش مۇددىئالىرىنىڭ رولىنى ئانالىز قىلىش ،شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن ياردىمى بار .لېكىن بۇ ئىككى خىل مۇددىئانىڭ بولۇشنى مۈتلەقلەشتۈرۈۋېتىشتىن ساقلىنىش لازىم .
   3) ئۆگىنىشكەبولغان قىزىقىش
   قىزىقىش _مەلۇم شەيئى ئۈستىدە پائال ئىزلىنىش ياكى مەلۇم پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشخاھىشىدىن ئىبارەت . ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىش ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش پائالىيىتىياكى ئۆگىنىش ئوبيېكتىنى بىلمەكچى بولۇش ياكى ئۇنى بىلىشكە ئىنتىلىش خاھىشى بولۇپ، بۇنداق خاھىش بەلگىلىك ھېسىيات بىلەن باغلانغان بولىدۇ . ئادەمدە قىزىقىشبولىدىكەن ، مەلۇم شەيئى ياكى پائالىيەتكە نىسبەتەن مۇئەييەنلەشكەن پوزىتسىيسىنىئىپادىلەيدۇ . مەسىلەن ، ئەدەبىياتقا قىزىقىدىغان ئوقۇغۇچى ھەر ۋاقىت ئەدەبىيئەسەرلەرنى ياخشى كۆرىدۇ . مۇزىكىغا قىزىقىدىغان ئوقۇغۇچى مۇزىكىغا دائىرخەۋەرلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ . . . شۇ جەھەتتىكى بىلىملارنى ئىلاجى بارئۆگىنىۋېلىشقا تىرىشىدۇ . شۇ سەۋەبتىكى بەزىلەرنىڭ قىزىقىشىنى ئىختىساسلىق ئادەمبولۇشنىڭ ’ باشلىنىش نۇقتىسى ‘ دېيىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس .
ئۆگىنىشكەبولغان قىزىقىش – ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىدىكى ئەڭ رېئال ، ئەڭ جانلىق پىسخىك تەركىببولۇپ ، ئۇ ، ئۆگىنىش پائالىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭئۆگىنىشى كۆپىنچە ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا باغلىق بولىدۇ . بۇنداق ھالەتباشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا ئەڭ روشەن ھالدا ئىپادىلىنىدۇ ، بىرەر ئوقۇغۇچىمەلۇم پەنگە قىزىقىپ قالسا ، ئۇ ھەر قاچان ئاكتىپ ۋە تەشەبۇسكار بولىدۇ . خۇشال ـخۇرام ئۆگىنىدۇ . ئۆگىنىشنى ئېغىر يۈك ، دەپ ھېساب قىلمايدۇ . بۇنىڭ ئەكسىچە بولسا، ئوقۇغۇچى شەكىل ئۈچۈنلا زومۇ زور ئۆگىنىدۇ . مەسىلەن ، بىر ئوقۇغۇچىنى خەنزۇتىلى ئۆگىنىشكە ئانچە قىزىقمايدۇ ، دەيلۇق . ئۇ تىل ئۆگىنىش باشقا مىللەتلەرنىڭئىلغار پەن - تېخنىكىسىنى ، ئىلغار ئىدىيىسىنى ۋە ئۆز ئارا تىل يېزىق ئالاقە ئېلىپبېرىشىنىڭ مۇھىم شەرتى ئىكەنلىكىنى ، ئۆز يېزىقىمىزدا نەشىر قىلىنغانماتېرىيالللارنىڭ ناھايىتى كەمچىل ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىنلا ، تىرىشىپخەنزۇ تىلى ئۆگىنىشكە بەل باغلايدۇ . بۇ يەردە ئۇ تىل ئۆگىنىشنىڭ ئۆزىگە ئەمەس ،باشقا مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتىگە ، پەننى بىلىم سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ، مىللىتىمىزنىڭ شان - شەرىپىگەتۆھپە يارىتىشنىڭ ئەھمىيىتىگە ، پەرزەنتىلىرىمىزنىڭ ئەقلىي ، ئەخلاقىي ، جىسمانىيۋە پىسخىكا جەھەتتىن يېتىشكەن ئىختىسالىق كىشىلەردىن بولۇپ چىقىشىنىڭ مۇھىملىقىغاقىزىقتى ، شۇڭا تىرىشىپ ئۆگەندى ۋە ئۆگەنمەكچى بولدى . مانا شۇ چاغدىلا خەنزۇ تىلىئۆگىنىشنى جاپالىق ھېس قىلماستىن ، بەلكى خۇشاللىق دەپ ھېس قىلدى . نەتىجىدە بۇئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، ئۆگىنىشكە قىشىقىھەسسىلەپ يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ .
ئۆگىنىشكەقىزىقىش – بىۋاستە قىزىقىش ، ۋاستىلىك قىزىقىش دەپ ئىككى خىل بولىدۇ . بىۋاستەقىزىقىش دېگىنىمىز ، شەيئىنىڭ ئۆزىگە ئېھتىياجى چۈشۈشتىن كېلىپ چىققان قىزىقىشنىكۆرسىتىدۇ . ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا ، ئۆگىنىۋاتقان بىلىمنىڭ مەزمۇنى ،دەرسنىڭ جانلىقلىقى ، ئۆگىنىش نەتىجىسى پەيدا قىلغان قىزىقىش بىۋاستە قىزىقىش دەپئاتىلىدۇ .
ۋاستىلىكقىزىقىش دېگىنىمىز ، مەلۇم شەيئىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان قىزىقىش ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭكەلگۈسىدىكى نەتىجىسىنى ئېھتىياجلىق دەپ ھېس قىلىشتىن كېلىپ چىققان قىزىقىشنىكۆرسىتىدۇ . يەنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش ئاڭلىقلىقى بىلەن يېقىن باغلىنىشلىق بولغانقىزىقىشىدىن ئىبارەت . بۇنداق قىزىقىش مەلۇم شەيئى جەريانىنىڭ قوزغىتىشىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ بىزگە بولغان مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتىشتىن پەيدابولىدۇ .
4)ئۆگىنىش مۇددىئاسى ۋە قىزىقىشنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىلللار .
ئوقۇغۇچىلارنىڭئۆگىنىش پائالىيىتى داۋامىدا ئۆگىنىش مۇددىئاسى بىلەن ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىبىر - بىرىگە زىچ باغلىنىپ ، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ئوقۇغۇچىلاردىكىتىرىشىپ ئۆگىنىش ئارزۇسى ۋە ئىرادىسى ، ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى يېتىشتۈرۈش ۋەكۈچەيتىشكە ياردىمى بولىدۇ . ئۆگىنىش داۋامىدىكى بۇنداق قىزىقىش ئۇنىڭ ئەسلىدىكىئۆگىنىش مۇددىئاسىغا نىسبەتەن مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ . بىراق ،ئوقۇغۇچىلاردىكى ئۆگىنىشكە نىسبەتەن قىزىقىشنىڭ بولۇشى ، ئۇنىڭ ئۆگىنىشمۇددىئاسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىشى ناتايىن .
ئۆگىنىشمۇددىئاسى بىلەن ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئېھتىياجنى ئاساسقىلىدۇ . ئېھتىياج تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . ئادەمنىڭ ئېھتىياجى ئىككى تۈرلۈكبولىدۇ : بۇنىڭ بىرى فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياج .
5)ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ئاساسىي شەرتلەر .
(1)ئۆگىنىش پائالىيىتىدە ئېنىق ئۆگىنىش مۇددىئاسى بولغاندا ، ئۆگىنىشكە قىزىقىشئۆگىنىش مۇددىئاسى بىلەن باغلىنىپ كېتىدۇ .
(2)قىزىقىشنىڭ شەكىللىنىشى بىلىم ئىگىلەشنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىگە باغلىق بولىدۇ .
(3)قىزىقىشنىڭ شەكىللىنىشى بىلىش بىلەن ھېسسىيات ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنىڭ ئۈزلۈكسىزچوڭقۇرلىشىغا باغلىق بولىدۇ .
6)ئۆگىنىش مۇددىئاسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان سۇبتېكتىپ ۋە ئوبيېكتىپئامىلللار .
ئۆگىنىشمۇددىئاسى جەمئىيەتنىڭ ۋە تەربىيىنىڭ ئوقۇغۇچىغا قويغان تەلەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىمېڭىسىدىكى ئىنكاسى بولغانلىقىدىن ، ئۇنىڭ شەكىللىنىشى جەمئىيەت ۋە تەربىيىنىڭئوبيېكتىپ شارائىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋە ئىندىۋىدۇئالئالاھىدىلىكىدىن ئىبارەت سۇبيېكتىپ جەھەتتىكى شارائىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ .
يىغىپئېيتقاندا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مۇددىئاسى شەكىللىنىش جەريانىدا ئوبيېكتىپبىلەن سۇبيېكتىپ ئىككى تەرەپ ئامىلىنىڭ تەسەرىگە ئۇچرايدۇ .
(1)ئىجتىمائىي تۇرمۇش شارائىتى ۋە تەلىم - تەربىيە تەسىرى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشمۇددىئاسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ . ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىيتۇرمۇش ۋە تەلىم - تەربىيە شارائىتى ئوقۇغۇچىقىغا ئوخشاش بولمىغان تەلەپلەرنىقويىدۇ . ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش مۇددىئاسىدىمۇ ئوخشاش بولمىغان تەسىرلەرنى پەيداقىلىدۇ .
ئالدىنقىسى:ئوقۇتقۇچىلارغا ئەسقاتىدىغان توربەتلەر توپلىمى
كېيىنكىسى: تۈگەپ قاپتۇ
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#0000FF'>ئوقۇتقۇچىلار نىمە ئۈچۈ</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار