باشلانغۇچ مائارىپ كەسپى مائارىپ پىسخولوگىيىسى(6)
بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2015-09-02 16:15
يۇقىرىقىلارئوخشاش بولمىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا ، بىلىش جەريانىدا ئىپادىلىنىدىغانرولىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ .
2. ئوقۇتۇشنىڭ كۆرسەتمىلىك شەكىللىرى
ئوقۇغۇچىلارئۈچۈن بىلىم ۋاستىلىك تەجرىبە . بۇنداق بىلىملەرنىڭ چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش ئۈچۈن ،مۇناسىۋەتلىك ھېسسىي ماتېرىياللارنىڭ ياردىمىگە تايىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ .ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىي بىلىملىرى كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش ئاساسىدا سەزگۈ - ئىدراك ،تەسەۋۋۇر ۋە تەسەۋۋۇر خىيالللارغا ئوخشاش پىسخىك پائالىيەتلەردىن كېلىدۇ .كۆرسەتمىلىك شەكىللەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىكلىرى بولىدۇ . بۇ ئالاھىدىلىكلەرئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىي ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە بىر - بىرىنى تولۇقلاشرولىنى ئوينايدۇ . بىز تۆۋەندە ئوقۇتۇشنىڭ بىر قانچە كۆرسەتمىلىك شەكىللىرى بىلەنتونۇشۇپ ئۆتىمىز .
1)ئەمەلىي بۇيۇم كۆرسەتمىسى
ئەمەلىيبۇيۇم كۆرسەتمىسى ، رېئال ئەمەلىي نەرسىلەرنى سېزىپ - ئىدراك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ .مەسىلەن : ئوقۇتۇشتىكى كۆرسەتمە ئەۋرىشكىلەرنى كۆزىتىش ، تەجرىبە ئىشلەش ،ئېكسكۇرسىيە قىلىش ، زىيارەت قىلىش ، پىراكتىكا قىلىش ، دەرستىن سىرتقىپائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ، ئوقۇتۇشنى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈشقاتارلىقلار ئەمەلىي بۇيۇم كۆرسەتمىسى ھېسابلىنىدۇ .
2)ئۆرنەك كۆرسەتمىسى
ئۆرنەك– ئەمەلىي شەيئىلەرنىڭ مودېلى ۋە سۈرئىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ . مودېل ۋە سۈرەت شەيئىلەرنىڭتەقلىدىي بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ . سۈرەت رەسىم ، دىئاگرامما ، مودېل ۋە كۆلەڭگەچۈشۈرۈش ئاپاراتى ، كىنو ، تېلىۋىزور قاتارلىقلار ئۆرنەك كۆرسەتمىسىگە كىرىدۇ
ئۆرنەككۆرسەتمىلىكىدە ئوقۇتۇشنىڭ مەقسىتى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن ، ئەمەلىي بۇيۇمنىچوڭايتىپ ۋە كىچىكلىتىپ كۆزىتىشكە ، مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، مۇھىمبولمىغان جايلارنى قىسقارتىۋېتىشقا بولىدۇ .
3)تىل كۆرسەتمىسى
تىلكۆرسەتمىسى ئاساسەن تەسەۋۋۇر ۋە تەسەۋۋۇر خىيالىغا تايىنىدۇ . ئوقۇغۇچىلارئەسلىدىن بار بولغان ھېسسىي تەجرىبىلەر ئاساسىدا تىل بىلەن بايان قىلىش ئارقىلىق ،ئوقۇغۇچىلار مېڭىسىدە ئالاقىدار شەيئىلەر ئوبرازى گەۋدىلەندۈرۈش تەسەۋۋۇرلۇقكۆرسەتمە دەپ ئاتىلىدۇ ، مەسىلەن : بېشىمىزدىن ئۆتكەن ئىشلارنى تىل ئارقىلىق بايانقىلىپ ، ئوقۇغۇچىلار مېڭىسىدە تونۇشلۇق ھېس قىلدۇرۇش . . . ئوقۇتقۇچى دەرسلىكنىئوبرازلىق ئوخشىتىش جانلىق ئىپادىلەش ئارقىلىق ، ئوقۇغۇچىلار مېڭىسىدە شەيئىلەرنىڭئەينى ئەھۋالىنى گەۋدۈلەندۈرۈپ بېرىش ۋەھاكازالار .
3. سەزگۈ - ئىدراك قانۇنىيىتى ۋە كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش
كۆرسەتمىلىكئوقۇتۇش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەزگۈ - ئىدراك تەسەۋۋۇر ، تەسەۋۋۇر خىيال قاتارلىقپىسخىك پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنىئۆستۈرۈش ئۈچۈن ، سەزگۈ - ئىدراك قانۇنىيىتىنى توغرا تەتبىق قىلىشى كېرەك .كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش جەريانىدا تۆۋەندىكى سەزگۈ - ئىدراك قانۇنىيەتلىرىنى ئىگىللەشۋە تەتبىق قىلىشى كېرەك .
1)كۆزىتىش مەقسىتى ۋە باسقۇچى ئېنىق بولسا ، سەزگۈ - ئىدراك شۇنچە روشەن بولىدۇ .
ئىنسانلارئوبيېكتىپ رېئاللىقتىكى شەيئىلەر ئىچىدىن سېزىپ ئىدراك قىلىش مۇمكىن بولىدىغانئوبيېكتنى ئېنىق ئايرىۋالىدۇ . بۇ سەزگۈ - ئىدراك پائالىيىتىدىكى ئىدراكنىڭ تالاشچانلىقئالاھىدىلىكى بولۇپ ، ئىدراكنىڭ تالاشچانلىقى سەزگۈ - ئىدراكقا بويسۇنىدۇ .كۆزىتىشتىكى مەقسەتچانلىق قانچە ئېنىڭ بولسا قەدەم باسقۇچلىرى قانچە روشەن بولسا ،سەزگۈ - ئىدراك شۇنچە ئېنىق بولىدۇ .
كۆزىتىش– مەقسەتلىك ، پىلانلىق سەزگۈ - ئىدراك پائالىيىتى بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزىتىشقابىلىيىتى ئاساسەن ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ ، تەرەققىي قىلىدۇئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزۈتىشكە يېتەكچىلىك قىلىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشىلازىم .
(1)ئوقۇغۇچىلارنى ئېنىڭ كۆزىتىش مەقسىتىگە ئىگە قىلىش لازىم .
(2)مۇۋاپىق تەرتىپ بويىچە كۆزەتكۈزۈش .
(3)ئوقۇغۇچىلارنى سېلىشتۇرۇشقا يېتەكلەش .
(4)ئوقۇغۇچىلارغا كۆزىتىشنىڭ نەتىجىسىنى يازغۇزۇش لازىم .
2)ئوبيېكت ئارقا كۆرۈنۈش ئىچىدە قانچە گەۋدىلىك بولسا ، شۇنچە ئاسان ئىدراك قىلىنىدۇ.
ئارقاكۆرۈنۈش ئىچىدىكى ئوبيېكتنى گەۋدىلەندۈرۈش ئىدراكنىڭ تالللاشچانلىقى بىلەن زىچمۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . ئوبيېكت ئارقا كۆرۈنۈش ئىچىدە قانچە گەۋدىلىك بولسا شۇنچەئاسان ئىدراك قىلىنىدۇ . ئارقا كۆرۈنۈش ئىچىدىكى ئوبيېكتنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋەتالللاش ، ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ شەرتلەرگە باغلىق بولۇپلا قالماستىن ، بەلكىئوبيېكت بىلەن ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ پەرقى ، غىدىقلۇغۇچىنىڭ ئۆزىدىكى ھەر قايسىقىسىملارنىڭ بىرىكىشى ، ھەرىكەتچانلىققا دائىر قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشىمىزغا توغراكېلىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن :
(1)ئوبيېكتىپ ئارقا كۆرۈنۈش بىلەن بولغان پەرقىنى كۈچەيتىش كېرەك .
(2)ئوبيېكتىنىڭ ھەرىكاتچانلىقىنى كۈچەيتىش .
(3)غىدىقلىغۇچىنىڭ ئۆزىدىكى ھەر قايسى قىسىملارنىڭ بىرىكىشىدىن پايدىلىنىش كېرەك .
3)ئوبراز بىلەن تىل بىرلەشتۈرۈلگەندە ، سەزگۈ - ئىدراك تېخىمۇ تېزلىشىدۇ ۋەمۇكەممەللىشىدۇ .
(1)ئەمەلىي بۇيۇم كۆرسەتمىسى بىلەن ئۆرنەك كۆرسەتمىسىدە ، ئوبراز بىلەن تىل ئايرىلىپكەتسە ، ئوقۇغۇچىلارنى ھەقىقىي ھېسسىي بىلىمگە ئىگە قىلغىلى بولمايدۇ . بولۇپمۇمۇرەككەپ مۇھىت ئىچىدە ، ئوبيېكتنىڭ تاشقى بەلگىلىرى روشەن بولمىغاندا ، تىلنىڭرولى ئىنتايىن مۇھىم .
(2)تىل كۆرسەتمىسىدە ، ئەگەر تىل بىلەن ئوبراز ئايرىۋېتىلسە ، يەنى ئوبرازلاشقانتىلدا تەسەۋۋۇر كەمچىل بولسا ، ئوقۇغۇچىلاردا تەسەۋۋۇر خىيالىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىقىيىنغا توختايدۇ . ئوقۇغۇچىلار زۆرۈر تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولغاندىلا ، ئاندىنئوبرازلاشقان تىل تەسۋىرى ئارقىلىق ، تەسەۋۋۇرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ياكى قايتائۆزگەرتىپ ، شەيئىلەرنىڭ يېڭى ئوبرازىنى يارىتىدۇ .
4)كۆپ خىل ئانالىزاتۇرلارنىڭ ماس پائالىيىتى سەزگۈ - ئىدراك ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ .
ئوبيېكتىپشەيئىلەر كۆپىنچە ، كۆپ خىل خۇسۇسىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇرەككەپ غىدىقلىغۇچبولغانلىقتىن ، بىزنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەر توغرىسىدىكى سەزگۈ - ئىدرىكىمىزمۇ دائىمكۆپ خىل ئانالىزاتۇرلارنىڭ ماس پائالىيىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ . كۆرسەتمىلىكئوقۇتۇشتا ئوبيېكتنى سېزىش - ئىدراك قىلىش پائالىيىتىگە بىر ۋاقىتتا ، كۆپ خىلئانالىزاتۇرلار قاتناشتۇرۇلسا ، ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ تەرەپلىمە ھېسسىي بىلىملەرگەئىگە قىلىپلا قالماي ، بەلكى چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرۇشقا بولىدۇ . مەسىلەن :ئوقۇغۇچىلارنى لېكسىيە يازدۇرغاندا ، بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ ، يەنە بىر تەرەپتىنيېزىش بىلەن شۇغۇلللاندۇرغاندا ، كۆرۈش سەزگۈسى ، ئاڭلاش سەزگۈسى ، ھەرىكەتسەزگۈسىنى تەڭ ئىشقا سالىدۇ . سۆزلەرنىڭ مەنىسى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدۇ .
3§. ئۆگىنىشتىكى چۈشىنىش
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىشتىكى مۇھىم ۋەزىپىسى ، دەرسلىكنى چۈشىنىشتىن ئىبارەت . سەزگۈ - ئىدراكئاساسىدا دەرسلىكنى چۈشىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئېلىش جەريانىدىكى مەركىزىيھالقىسى .
چۈشىنىشدېگىنىمىز ، ئەمدى بىلمەكچى بولغان يېڭى شەيئى توغرىسىدىكى بىلىمنى ، مېڭىمىزدەبار بولغان بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئۆزلەشتۈرۈش ، سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەت بولغانپىسخىكىلىق جەرياندىن ئىبارەت . چۈشىنىش جەريانىدا چۈشەندۈرمەكچى بولغان يېڭىشەيئىنى ياكى بىلىمنى ، ئەسلى بىز بىلىدىغان ياكى مېڭىمىزدە بار بولغانمۇناسىۋەتلىك سەزگۈ - ئىدراك ماتېرىياللىرى ياكى بىلىم سېلىشتۇرۇپ ، ئۇلارئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق ياكى ئوخشىماسلىقنى تېپىۋالغان ۋاقتىمىز ، چۈشىنىشئەمەلگە ئاشىدىغان ۋاقتىدۇر . دېمەك ، چۈشىنىشنىڭ ئاساسى ئەسلىدىكى سەزگۈ - ئىدراكماتېرىياللىرى ۋە ئەسلىدىكى بىلىمدۇر .
دەرسلىكنىچۈشىنىش دېگىنىمىز ، دەرسلىكتە بايان قىلىنغان ئۇقۇم ۋە قائىدىلەرنى چۈشىنىش ،شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى بىلىشنى كۆرسىتىدۇ .
1. ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇر
دەرسلىكنىچۈشىنىش – دەرسلىكتە بايان قىلىنغان ئۇقۇم ۋە قائىدىلەرنى چۈشىنىش ، شەيئىلەرنىڭماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى بىلىشنى كۆرسىتىدۇ . چۈشىنىش بىلىم ھاسىل قىلىشجەريانىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى سۈپىتىدە ، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىكتىكىشەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىگە دائىر بىلىملەرنى چۈشىنىش بىلەن ئاساسىينەزەرىيىلەرنى ئىگىلىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ . شۇنداقلا چۈشىنىش ئۆزىنىڭ ئەمەلگەئېشىشىنىڭ قېيىن ۋە ئاسانلىقىغا قاراپ ، بىۋاستە چۈشىنىش ۋە ۋاستىلىك چۈشىنىش ،دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ . بىۋاستە چۈشىنىش دەرھال ئەمەلگە ئاشىدۇ . ۋاستىلىكچۈشىنىش بولسا تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشىدۇ ، ئۇ بۇرۇن چۈشىنىۋالغان نەرسىلەرنىڭ ئەسكەچۈشىشىدىن ئىبارەت ؛ ئۇنىڭغا چۈشەنمەسلىكتىن چۈشىنىشكە ئۆتۈشتىن ئىبارەت بىرجەريان لازىم بولىدۇ . بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان چۈشىنىش دېگىنىمىزدە ، يېڭى ئوقۇشماتېرىياللىرىنى ۋاستىلىك چۈشىنىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ . ئۇ سەزگۈ - ئىدراك ، تەسەۋۋۇرۋە تەسەۋۋۇر خىيال ئاساسىدا تەپەككۇر جەريانىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
1)تەپەككۇر ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي بەلگىسى
تەپەككۇردېگىنىمىز ، ئادەم مېڭىسىنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەر توغرىسىدىكى ۋاستىلىك ۋەئومۇملاشتۇرۇلغان ئىنكاسى بولۇپ ، ئۇ ئەقلىي بىلىش جەريانىدۇر . ۋاستىلىك ،ئومۇمىيلىق ۋە پائالىيەتچانلىق تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپھېسابلىنىدۇ .
تەپەككۇر– سەزگۈ - ئىدراك ، تەسەۋۋۇر ۋە تەسەۋۋۇر خىيالغا ئوخشاش ، ئادەم مېڭىسىنى ئوبيېكتىپرېئاللىق توغرىسىدىكى ئىنكاسىدۇر . بىراق سەزگۈ - ئىدراك ، تەسەۋۋۇر ۋە تەسەۋۋۇرخىيال قاتارلىقلار ئادەم مېڭىسىنىڭ ئوبيېكتىپ رېئاللىق توغرىسىدىكى بىۋاستەئىنكاسى ، كۆرسەتمىلىك ئىنكاسدۇر . تەپەككۇر بولسا ، ئادەم مېڭىسىنىڭ ئوبيېكتىپرېئالىق توغرىسىدىكى ۋاستىلىك ، ئومۇملاشتۇرۇلغان ئىنكاسى . سەزگۈ - ئىدراك ،تەسەۋۋۇر ۋە تەسەۋۋۇر خىيالنىڭ ئىنكاس قىلىدىغىنى شەيئىلەرنىڭ سرتقى ھادىسىلىرىدىنئىبارەت ، تەپەككۇرنىڭ ئىنكاس قىلىدىغىنى ، شەيئىلەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلغانئالاھىدىلىكى ، ماھىيەتلىك بەلگىلىرى ، قانۇنىيەتلىك باغلىنىشى ۋەمۇناسىۋەتلىرىدىن ئىبارەت .
ماھىيەتدېگىنىمىز ، بىر تۈردىكى شەيئىلەردە ئورتاق بار بولغان ، شۇ تۈردىكى شەيئىلەربىلەن باشقى تۈردىكى شەيئىلەرنى پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان خاس خۇسۇسىيەتتىن ئىبارەت. شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش جەريانى تەپەككۇر ھېسابلىنىدۇ .
بارلىقئىلمي ئۇقۇم ، قائىدە ، تېئورما ، پرىنسىپ ، قانۇنىيەت ، فورمۇلا قاتارلىقلارئوبيېكتىپ شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستىلىك ئومۇملاشقان ئىنكاس ۋە تەپەككۇرپائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ، بۇلار ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ .
2)تەپەككۇرنىڭ ئاساسىي ۋە قۇرالى
تەپەككۇر– ئەسلىدە بار بولغان بىلىم تەجرىبىلىرىنى ئۆزىگە ئاساس قىلىدۇ ، تىلنى قۇرالقىلىدۇ .
تەپەككۇر– سەزگۈ - ئىدراك ، تەسەۋۋۇرلارغا ماھىيەت جەھەتتە ئوخشىمايدۇ . لېكىن ، سەزگۈ ـئىدراك ، تەسۇۋۋۇرلارغا تەپەككۇرنى زۆرۈر بولغان ماتېرىيالللار بىلەن تەمىنلەيدۇ .تەپەككۇر پائالىيىتى ئەسلىدىكى بىلىم تەجرىبىلەر ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئەگەرمەلۇم ھېسسىي ماتېرىيالللار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەقلىي بىلىملار ئاساس قىلىنمىسا ،تەپەككۇر ۋاستىلىك ۋە ئومۇملاشقان بىلىشنىڭ ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس .
تەپەككۇرنىڭۋاستىلىك ۋە ئومۇملاشقان ئىنكاسى تىلنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ .كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا پىكىر يۈرگۈزگەندە ياكى باشقىلار بىلەن تىل ئارقىلىقبىرەر ئويىمىزنى ئېيتماقچى بولۇپ ئالاقە قىلغاندا ، بەلگىلىك تىل ماتېرىيالىئارقىلىق پىكىر يۈرگۈزىدۇ .
تەپەككۇربىلەن تىل زىچ باغلىنىشلىق . تىل كىشىلەرنىڭ ئۆز ئارا ئالاقە قىلىش قۇرالى .شۇنداقلا تەپۇككۇرنىڭ ئاساسىي قۇرالى ، كىشىلەر تىل ئارقىلىق ئۆز ئارا پىكىرئالماشتۇرىدۇ . تىلنى ئىگىلىگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى مەسىللەر ئۈستىدە تىلئارقىلىق پىكىر يۈرگۈزىدۇ ، تەپەككۇر قىلىدۇ . تەپەككۇردىكى ئومۇملاشتۇرۇش سۆز ۋەئىبارىلەر ياردىمى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ . چۈنكى ، سۆز بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان، لېكىن ، ئورتاق ۋە ئومۇمىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە نۇرغۇن شەيئىلەرنىڭ سىگنالى ، يەنىئومۇملاشقان سىگنال . ھەر بىر سۆز بىر خىل شەيئى ياكى بىر خىل مۇناسىۋەتنىڭئومۇملاشتۇرۇلۇشى ، شۇڭا سۆزنىڭ ياردىمى بىلەن شەيئىلەردىكى ئومۇمىي ۋە ماھىيەتلىكنەرسىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇملاشقان بىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز .
3)تەپەككۇرنىڭ ئاساسىي جەريانى
تەپەككۇرشەيئىلەرنىڭ تۇپ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيەتلىرىنى ئانالىز قىلىش ، سېنتىزلاش ،سېلىشتۇرۇش ، ئابستراكتلاش ، ئومۇملاشتۇرۇش ، كونكرېتلاشتۇرۇش ۋە سېستىمىلاشتۇرۇشئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرىدۇ .
شەيئىلەرنىڭماھىيىتى ۋە قانۇنىيەتلىرىنى بىلىش ئىنسانلار تەپەككۇرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئىشقائاشىدۇ . بۇ ئەسلىدە بار بولغان بىلىم تەجرىبىلەرنى ئاساس ، تىلنى قۇرال قىلىپ ،مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيالللار ئۈستىدە كۆپ باسقۇچلۇق ئانالىز قىلىش سېنتىزلاش ،سېلىشتۇرۇش ، ئابستراكتلاش ، ئومۇملاشتۇرۇش ، كونكرېتلاشتۇرۇش ۋە سېستىمىلاشتۇرۇشقاتارلىق جەريانلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ .
(1)ئانالىز قىلىش
شەيئىلەرنىڭئايرىم خۇسۇسىيەتلىرىنى ھەر قايسى قىسىملارغا ئاجرىتىش ياكى بىر پۈتۈن جېسىمنىڭئايرىم خۇسۇسىيەتلىرىنى ۋە ئايرىم تەرەپلىرىنى پارچىلاپ چىقىشتىن ئىبارەت .
(2)سېنتىزلاش
سېنتىزلاشدېگىنىمىز ، شەيئىلەرنىڭ تۈرلۈك خۇسۇسىيەتلىرىنى بىر - بىرىگە باغلاشتىن ئىبارەت .
(3)ئابستراكتلاش
بىرخىل تىپتىكى شەيئىلەرنىڭ ئومۇمىي ۋە ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئاجرىتىۋېلىپ ،ئۇنىڭ ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىشتىن ئىبارەت تەپەككۇر جەريانىنى كۆرسىتىدۇ .
(4)سېلىشتۇرۇش
شەيئىلەرنىڭخۇسۇسىيەتلىرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى ئوخشاشلىق ۋە پەرقلەرنىئېنىقلاشتىن ئىبارەت تەپەككۇر جەريانىنى كۆرسىتىدۇ .
(5)ئومۇملاشتۇرۇش
ئابستراكتلانغانشەيئىلەرنىڭ ئومۇمىي ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى بىر - بىرىگە باغلاش ھەمدە ئۇنىشۇ تىپتىكى شەيئىلەرگە كېڭەيتىشتىن ئىبارەت تەپەككۇر جەريانىنى كۆرسىتىدۇ .
(6)كونكرېتلاشتۇرۇش
ئومۇملاشتۇرۇلغانئومۇمىي بىلىشنى كونكرېت شەيئىلەرگە تەتبىق قىلىش ، شۇ ئارقىلىق چۈشەنچىنىچوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تەپەككۇر جەريانىنى كۆرسىتىدۇ .
(7)سىستېمىلاشتۇرۇش
ئومۇمىيۋە ماھىيەتلىك بەلگىلىرى ئوخشاش شەيئىلەرنى مۇئەييەن تۈر ۋە سىستېمىغا ئايرىش ۋەيىغىنچاقلاش جەريانىدىن ئىبارەت تەپەككۇر جەريانىنى كۆرسىتىدۇ .
2. دەرسلىكنى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ زۆرۈر شەرتلىرى
تەپەككۇردەرسلىكىنى چۈشىنىشنىڭ ئاساسىي پىسخىك جەريانى بولغاچقا ، تەپەككۇر قانۇنىيىتىگەمۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر نۇقتىسىدىن ئوقۇغۇچىلار دەرسلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن زۆرۈربولغان بىر نەچچە نۇقتىلار توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز .
1)يېڭى دەرسلىكنى چۈشىنىش تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا باغلىق .
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ: