باشلانغۇچ مائارىپ كەسپى مائارىپ پىسخولوگىيىسى(10)
بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2015-09-02 16:15
3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىنى يېتىلدۈرۈش
بىلىمئېلىش تەبىئىي ھالدا ئەقلىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرمەيدۇ . بىلىم ئىگىلەشنىئەقلىي تەرەققىياتقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇتۇشقا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ .
(1)ئوقۇغۇچىلارغاقانۇنىيەتلىك بىلىم، ئىلمىي ئۇقۇم ۋە قائىدىلەرنى ئۆگەتكەندىلا، ئەقىلنى تەرەققىيقىلدۇرغىلى بولىدۇ .
بەزىلەرئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمگە ئىگە بولغانلىقى ، ئۇلارنىڭ ئەقلىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى، دەپ ھېسابلايدۇ . ئەمەلىيەتتە ، بىلىمگە ئىگە بولۇشنىڭ ئۆزى ئەقلىي تەرەققىياتقائېلىپ بارمايدۇ .
قانۇنىيەتلىكبىلىم ، ئىلمىي ئۇقۇم ۋە قائىدە شەكلى بىلەن ئىپادىلەيدۇ . ئۇقۇم ۋە قائىدە ئادەممېڭىسىنىڭ شەيئىلەرنىڭ ئومۇمىي خۇسۇسىيىتى ۋە ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىگە بولغانئىنكاسىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ ، كىشىلەر تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن ھامان كىشىلەرنىڭ يېڭىھادىسىلەرنى بىلىش ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى لوگىك تەپەككۇرنىڭ قۇرالىبولۇپ قالىدۇ . ئىلمىي ئۇقۇم ۋە قائىدىلەرنى تەتبىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ، ئەقلىييەكۈن چىقىرىش ، بۇ ئابسىتراكت لوگىك تەپەككۇرىدۇر .
(2)ئوقۇغۇچىلارنىڭئەقلىي تەرەققىياتى ياخشى ئوقۇتۇش مېتوتىغا باغلىق .
ئوقۇتۇشئۇسۇلى ئوقۇغۇچىنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئوقۇتۇشئۇسۇلى خىلمۇ خىل بولىدۇ . يەنى دەرس مەزمۇنىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېڭىسىگە قۇيۇپقويۇش ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئۆزلۈكىدىن ئۆگۈنىشكە تەشەببۇس قىلىش ئوقۇتۇش ئۇسۇلى،ئىلھاملاندۇرۇش ئاساسىدىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت . مەيلى قانداق ئوقۇتۇشئۇسۇلىنى قوللانمايلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولىدىكەنمىز،بۇلارنىڭ ھەممىسى تۆۋەندىكى ئاساسىي تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم .
①مەسىلىلەرئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىدىغان ھالەتنى پەيدا قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىپائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ ئۇنى مۇئەييەن نىشانغا قارىتىش لازىم .
②ئوقۇغۇچىلارنىڭتەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىپائالىيىتىنى بەلگىلىك لوگىكىلىق تەرتىپ بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ ، شەيئىلەرنىڭماھىيىتىنى بىلىش مەقسىتىگە يېتىش لازىم .
③ئوقۇغۇچىلارنىڭھازىرقى ئەقلى تەرەققىيات سەۋىيىسىگىمۇ ئۇيغۇن بولۇشى، ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ بىربالداق يوقۇرى سەۋىيەگە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم .
(3)ئوقۇغۇچىلارنىڭئەقلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئىندىۋىدۇئاللىق پەزىلەت يېتىلدۈرۈش بىلەنبىرلەشتۈرۈش كېرەك .
(4)ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتىدىكى پەرقلەرگە ئېتىبار قىلىش، ئوبيېكتقا قاراپتەلىم – تەربىيە بېرىش لازىم .
كىشىلەرنىڭئەقلىي تەرەققىياتى تەكشى ، باراۋەر بولمايدۇ ، يەنى ئەقىللىق ، ئەقىلسىزلىق پەرقىبولىدۇ ؛ شۇڭا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش ئوبيېكتىپقا قاراپ تەلىم تەربىيە بېرىشزۆرۈر . تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى ، ئەقلىي قابىلىيىتى ئادەتتىكىدىن يۇقىرى ،نورمال ، ئادەتتىكىدىن تۆۋەن بالىلارنىڭ نىسبىتى ئىككى بېشى كىچىك ، ئوتتۇرىسى چوڭبولۇشتىن ئىبارەت .
4. باب ئەخلاقىي پەزىلەت پىسخىكىسى
§ 1 . ئەخلاقىي توغرىسىدا ئومۇمىي بايان
1 . ئەخلاق ۋە ئەخلاقىيپەزىلەت ئۇقۇمى
ئەخلاق بىلەن ئەخلاقىيپەزىلەت ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئۇقۇم ، ئەخلاق ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتسىيىسىنىڭبىرى ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئورتاق تۇرمۇشى ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىنىڭ مىزانى ۋە قېلىپى .ئەخلاق - جەمئىيەت ياكى مەلۇم سىنىپ جامائەتچىلىكى ئارقىلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشتاچەكلەش رولىنى ئوينايدۇ . تۈرلۈك سىنىپلارنى ئەخلاق كۆز قارىشى تۈرلۈكچە بولىدۇ .ئەخلاق بىلەن قانۇن ئوخشاش ئەمەس ، ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىنسا جامائەتچىلىكنىڭئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ . قانۇنغا خىلاپلىق قىلىنسا جازاغا ئۇچرايدۇ . ئەخلاق ياخشىبىلەن ياماننى ، ئايرىشنىڭ بىر خىل ئۆلچىمى . ئۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپتەرەققىي قىلىدۇ . سىنىپىي جەمئىيەتتە ئەخلاق سىنىپىي خاراكتېرلىك بولۇپ ، ئۇ ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئورنى بىلەن مەنپەئەتلىرىنىڭ ئىنكاسى .ئەخلاق ئۈستىقۇرۇلمىغا تەۋە بولۇپ ، ئۆز بازىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ .
ئەخلاق بىلەن ئەخلاقىيپەزىلەت ئۆز ئارا باغلىنىشلىق ھەم پەرقلىق بولىدۇ . ئۇلارنى باغلىنىشلىق دېيىشىمىزـ ئىجتىمائىي ئەخلاقتىن ئايرىلغان ھالدا شەخسنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتى توغرىسىدا سۆزئېچىش مۇمكىن ئەمەس . ئەخلاقىي پەزىلەت ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ بىر شەخسنىڭ تۆپىدەكونكېرت ئىپادىلىنىشىدىن ئىبارەت . ئەخلاقىي پەزىلەتنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تەرەققىيقىلىشى ئىجتىمائىي ئەخلاققا ئوخشاش جەمئىيەت تەرەققىياتى قانۇنىيىتىنىڭچەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ .
2 . ئوقۇغۇچىلار ئەخلاقىيپەزىلەتلىرىنىڭ شەكىللىنىش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقى
ئوقۇغۇچىلارغا ئىنقىلابىيغايە ، كوممۇنىستىك ئەخلاقىي پەزىلەت تەربىيىسىنى بېرىش ، ئېلىمىزنىڭ تۆتتەزامانىۋىلىشىش ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ، خەلق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ، بازارئىگىلىكىگە كۆچۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك . شۇڭا ، بۇ ئىشقا تولۇقئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك .
ھەر بىر مەملىكەت ئۆزئېھتىياجىغا ئاساسەن ئادەم تەربىيلەيدۇ ، مەملىكىتىمىزدە ئەخلاقىي تەربىيىنىڭمەزمۇنى ، پىرىنسىپى ، شەكلى ، مېتودى قاتارلىقلار ئالدى بىلەن مەملىكىتىمىزنىڭئەمەلىي ئېھتىياجى بىلەن پارتىيىمىزنىڭ مائارىپ فاڭجېنى ۋە مائارىپ قانۇنىغا ئاساسلىنىپبەلگىلىنىشى ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ بالىلارنىڭ ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنىڭ شەكىللىنىش ،تەرەققىي قىلىشنىڭ باسقۇچلىرىغا ، مۇمكىنلىكىگە ۋە قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسەنبەلگىلىنىشى كېرەك . لېنىن : ‹ ياشلارنى تەربىيلەش ئۇلارغا ئەخلاق توغرىسىدىكىتۈرلۈك چىرايلىق ، تەسىرلىك سۆز ئىبارىلەرنى ۋە ئۆلچەملەرنى سىڭدۈرۈپ قويۇش ئەمەس› دەپ كۆرسەتكەنىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆسمۈر ياشلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسلىنىپ چوڭتەرەپنى كۆزدە تۇتۇپ ، كىچىك جايدىن قول سېلىپ ، ئومۇمىي ئەخلاققا مۇۋاپىقكېلىدىغان ئىشلارنى چىڭ تۇتۇپ ، ئۇلارنى ھەق - ناھەقنى ئايرىشقا تەدرىجىي كۆندۈرۈش، تەربىيە ئەمەلىيىتىدە ئىسپاتلانغان ئۈنۈملۈك بىر تەجرىبە . بۇ داۋاملىقئىزدىنىشكە ئەرزىيدىغان بىر مەسىلە . ئەخلاقىي تەربىيىنىڭ ئۈنۈمى بىر قاتارشەرتلەرگە باغلىق . ئۇ پەقەتلا مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ توغرا تەلپى بىلەن مۇۋاپىق تەدبىرىگىلاتايىنىپلا قالماستىن ، يەنە جەمئىيەت ، ئائىلە ، مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ بىردەكلىكىگەتايىنىدۇ . ئۇ پەقەت تاشقى شەرتلەرگىلا تايىنىپلا قالماستىن ، يەنە ئوقۇغۇچىئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پىسخىك شەرتلەرگىمۇ تايىنىدۇ .
3 . ئەخلاقىي پەزىلەتپىسخولوگىيىسىنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلى
ئەخلاقىي پەزىلەتيېتىلدۈرۈش مەسىلىسىنى نۇرغۇن پەنلەر تەتقىق قىلىدۇ . مائارىپ پىسخولوگىيىسى پەقەتپىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىتىكى پىسخىك قۇرۇلمىنى، پىسخىك جەرياننى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىنى ئېچىپ بېرىپ ، تەربىيە يوللىرىبىلەن تەربىيە تەدبىرلىرىنىڭ پىسخولوگىيە ئاساسلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ .
پىداگوكىكا ئەخلاقىي ۋەزىپە، مەزمۇن ، پىرىنسىپ ، يول ، شەكىل ۋە ئۇسۇل قاتارلىق تاشقى تەدبىرلەر بىلەن ئۈنۈممۇناسىۋەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ . ئەمما ، مائارىپ پىسخولوگىيىسىئوقۇغۇچىلاردا ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭ تاشقى مۇھىت بىلەن تەربىيە تەسىرىدەشەكىللىنىش ياكى ئۆزگىرىشىنىڭ جەريانىنى كۆزىتىدۇ .
ئەخلاقىي پەزىلەتنىڭ ئۆزىمۇرەككەپ ھادىسە ، ئۇنى تەتقىق قىلغاندا ، قانداق مېتود قوللانسا مۇۋاپىقبولىدىغانلىقى ، ئىزدىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان بىر مەسىلە . ھازىر تۈرلۈك ئۇسۇللارقوللىنىۋاتىدۇ . لېكىن ، نۇرغۇن كىشىلەر ئايرىم تەكشۈرۈش ، ئىزمۇ - ئىز كۆزىتىش ،سۆھبەتلىشىش ۋە يازغان ئەسەرلىرىنى تەھلىل قىلىش ، تەبئىي تەجرىبە قىلىش ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئۇسۇللىرىنى قوللانماقتا . بۇ ئۇسۇللارنىڭھەر قايسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا پايدىلىق تەرەپلىرى بار . ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنىئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىش كېرەك .
§2 . ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭ پىسخىك تەركىبلىرى ۋە شەكىللىنىش جەريانى
1 . ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭپىسخىك تەركىبى
ھەر قانداق بىر ئەخلاقىيپەزىلەت مەلۇم ئەخلاقىي بىلىش ، ئەخلاقىي ھېسىيات ، ئەخلاقىي ئىرادە ، ئەخلاقىيھەرىكەت ئادەتلىرىدىن ئىبارەت پىسخىك تەركىبلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ پىسخىكتەركىبلەر ئۆز ئارا باغلىنىشلىق بولۇپ ، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ئەخلاقىيبىلىش ئەخلاقىي ھېسىياتنىڭ پەيدا بولۇش ئاساسىي . ئەخلاقىي ھېسىيات يەنە كېلىپئەخلاقىي بىلىشنىڭ شەكىلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
ئەخلاقىي بىلىش - بىر خىلھەق - ناھەقلىق ، ياخشى - يامان ھەرىكەتلەر ئۆلچىمىنى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنىبىلىشتىن ئىبارەت .
ئەخلاقىي ئىرادە - توغرائەخلاقىي مۇددىئادىن كېلىپ چىققان ھەرىكەت قارارلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشتىنئىبارەت .
ئەخلاقىي ھېسىيات ـئەخلاقىي بىلىشنى ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن بىر خىل ئىچكى تۇيغۇدىن ئىبارەت .
ئەخلاقىي ھەرىكەت ـئەخلاقىي مۇددىئانى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تەدبىرى . ئۇ بىر شەخسنىڭ ئەخلاقىي بىلىشىنىڭكونكرېت ئىپادىلىنىشى بىلەن تاشقى ئالامىتى . ئۇ ئاساسەن مەشق ياكى ئەمەلىيەتئارقىلىق ھەرىكەت ماھارىتىنى ئىگىلەش بىلەن ئادەتنى يېتىلدۈرۈش يولى ئارقىلىقشەكىللىنىدۇ .
2 . ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭشەكىللىنىش جەريانى
1) ئەخلاقىي بىلىشنىڭشەكىللىنىشى
ئەخلاقىي بىلىش بىر خىل ھەقـ ناھەقلىق ، ياخشى - يامان ھەرىكەتلەر ئۆلچىمى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلىشتىنئىبارەت بولغان پىسخىك تەركىب بولۇپ ، ئەخلاقىي بىلىش ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭشەكىلىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ . چۈنكى ئادەمنىڭ ھەرىكىتىگە ھامان ئادەمنىڭبىلىشى يېتەكچىلىك قىلىدۇ . شۇڭا ، ئۇ ئەخلاقىي پەزىلەتنىڭ مۇھىم ۋە ئاساسىيتەركىبىي قىسمىدۇر .
ئەخلاقىي بىلىش ھېسسىيبىلىش بىلەن ئەقلىي بىلىشتىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچتىن ئۆتكەندىلا ، ئاندىنئەخلاقنىڭ ماھىيىتىنى بىلىپ ، ئەقلىي بىلىمگە ئېرىشەلەيدۇ . كىشىنىڭ ئەخلاقىيبىلىشى تۇغما بولمايدۇ . بەلكى تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە ئىجتىمائىي ھەرىكەتنىڭ ھەقبىلەن ناھەقنىڭ ، ياخشى بىلەن يامىننىڭ ئۆلچىمىنى بىلىش بىلەن تەدرىجىيشەكىللىنىدۇ .
(1) ئەخلاقىي كۆز قاراشنىڭبارلىققا كېلىشى
ئەخلاقىي كۆز قاراشئىجتىمائىي ئەخلاق ھادىسىلىرىنىڭ كىشى مېڭىسىدە قالدۇرۇپ كەتكەن تەسۋىرىدىنئىبارەت . ئەخلاقىي كۆز قاراشنىڭ بارلىققا كېلىشى ئاساسەن سەزگۈ - ئىدراكپائالىيىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ . مانا بۇ ئەخلاقىي بىلىشنىڭ ھېسسىي بىلىشباسقۇچىدۇر .
(2) ئەخلاقىي چۈشەنچىنىئىگىلەش
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىيبىلىملەرىنى ئىگىلىشى دائىم ئەخلاقىي چۈشەنچىنى ئىگىلەش شەكلى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئەخلاقىي چۈشەنچە ئىجتىمائىي ئەخلاق ھادىسىلىرىنىڭ ماھىيەتلىكئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ئىنكاسى . ئەخلاقىي چۈشەنچە ، مول بولغان ئەخلاقىي تەسۇۋۋۇرئاساسىدا تەپەككۇرنىڭ جەريانلىرى ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ . ئەخلاقىي چۈشەنچىنىئىگىلەش ئەخلاقىي بىلىشنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ .
(3) ئەخلاقىي ئىشەنچىنىتىكلەش
ئەخلاقىي ئىشەنچ مۇستەھكەشئەخلاق كۆز قارىشىدىن ئىبارەت . ئۇ ئەخلاقىي كۆز قاراش بىلەن ئەخلاقىي چۈشەنچەنېگىزىدە ھاسىل بولىدۇ . ئۇ ئەخلاقىي ھېسىيات ۋە ئەخلاقىي ھەرىكەتلەر بىلەن يېقىنباغلىنىشلىق بولغان بىر خىل ئەخلاقىي بىلىشتۇر .
(4) ئەخلاققا باھا بېرىشقابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش
ئەخلاققا باھا بېرىشئەخلاقىي بىلىم ئارقىلىق ئەخلاقىي پائالىيەتلەرنىڭ ياخشى - يامانلىقىغا ھۆكۈمقىلىش جەريانىدىن ئىبارەت . ئەخلاققا باھا بېرىش بىر خىل ئەقلىي پائالىيەت جەريانىبولۇپ ، ئۇ ئەھۋالنى ئانالىز قىلىپ ، مۇۋاپىق ھەرىكەتلەرنى بەلگىلەشكە ياردەمبېرىدۇ ، ۋە ئەقلىي بىلىملەرنىڭ شەخسنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەشتىكى ئاڭلىق كۈچكەئايلىنىشقا ياردەم بېرىدۇ .
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاققاباھا بېرىش قابىلىيىتى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدۇ . ئومۇمەن ، ئەخلاققا باھا بېرىشقابىلىيىتىنىڭ تەرەققىياتى مۇنداق بولىدۇ :
بىرىنچى ، ئەڭ ئاۋۋالباشقىلارنىڭ باھا بېرىش تەسىرىدە شەكىللىنىدۇ .
ئىككىنچى ، بالىلارنىڭئۆزىگە باھا بېرىشى باشقىلارغا باھا بېرىشكە يەتمەيدۇ .
ئۈچىنچى ، بالىلارنىڭئەخلاققا بەرگەن باھاسىدا بىر تەرەپلىمىلىك تولاراق بولىدۇ .
تۆتىنچى ، باھا بېرىشتەئاۋۋال ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىنى ئانالىز قىلىشقىلا دىققەت قىلىدۇ . كېيىن ئاستا ـئاستا ئۆز چۈشەنچىسىگە ئاساسەن ، ھەرىكەتنىڭ مۇددىئاسى ۋە ھەرىكەتنىڭ تاشقىسەۋەبلىرىنى ئانالىز قىلىدىغان بولىدۇ .
2) ئەخلاقىي ھېسىياتنىقوزغاش
ئەخلاقىي ھېسىيات ئەخلاقىيبىلىش ئاساسىدا ھاسىل بولىدۇ . ئەخلاقىي ھېسىيات كىشىنىڭ بىلىشى ، ئىشەنچ ، دۇنياقارىشىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولىدۇ . بىلىش بولمىسا، ھېسىيات بولمايدۇ . بىلگەن ، چۈشەنگەن ، ئىگىلىگەن ، شەيئىلا كىشىلەردە ھېسياتپەيدا قىلىدۇ . كىشىلەرنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھېسىياتىنىئۆزگەرتىش كېرەك .
(1) ھېسىيات دېگەن نېمە ؟
ھېسىيات كىشىلەرنىڭئېھتىياجى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك . ئېھتىياج كىشىلەرنىڭ مەلۇم تۇرمۇششارائىتى ئاستىدا پەيدا بولغان فىزىئولوگىيىلىك ۋە ئىجتىمائىي ئوبيېكتىپتەلەپلىرىنىڭ كىشىلەر مېڭىسىدىكى ئېھتىياجىدىن ئىبارەت . ئېھتىياج كىشىنىڭ مەلۇمئوبيېكتىپ شەيئىگە بولغان تەلىپىنىڭ ئىنكاسى .
(2) ئەخلاقىي ھېسىياتنىڭمەزمۇنى ۋە شەكلى
بىر كىشىنىڭ ئەخلاقىيئېھتىياجى ئىشقا ئېشىشتىن - ئاشماسلىققا ئاساسەن كېلىپ چىققان ئىچكى چۈشەنچەئەخلاقىي ھېسىيات بولىدۇ . ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا ، ئەخلاقىي ئېسىياتكىشىلەرنىڭ مەلۇم ئەخلاقىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن ، باشقىلارنىڭ ياكى ئۆزىنىڭ سۆزھەرىكىتىگە باھا بەرگەندە پەيدا بولىدىغان بىر خىل ھېسىيات چۈشەنچىسىدىن ئىبارەت .بۇ خىل چۈشەنچىنىڭ ئىپادىسى مۇنداق بولىدۇ : باشقىلار ياكى ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى سۆز ـھەرىكەتلىرى مەلۇم ئۆلچەمگە مۇۋاپىق كەلگەندە ئىجابىي پوزىتسىيە چۈشەنچىسى ھاسىلبولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ھۈرمەت ھېسسىياتى ۋە كۆڭلى ئارام تېپىش ھېسسىياتى قوزغىلىدۇ.
ئەخلاقي ھېسسىيات ئۈچ خىلشەكىلگە ئىگە :
① پاراسەتلىك كەيپىياتتۇيغۇسى . بۇ مەلۇم ئەھۋالنى سېزىپ ئىدراك قىلغاندا پەيدا بولىدۇ . ئۇنىڭ پەيدابولۇشى ناھايىتى تېز ۋە توساتتىن بولغانلىقتىن ، كۆپىنچە بۇ جەرياندىكى ئەخلاقئۆلچىمىگە بولغان ئاڭلىقلىق روشەن بولمايدۇ .
② كونكېرت ئەخلاقىي ئوبرازبىلەن باغلىنىشلىق بولغان كەيپىيات چۈشەنچىسى . بۇ كىشىنىڭ خىيالى ئارقىلىق رولئوينايدىغان بىر خىل ھېسىيات .
③ ئەخلاقىي نەزەرىيە بىلەنباغلىنىشلىق بولغان ھېسىيات چۈشەنچىسى . بۇ ئىجتىمائىي ئەخلاق تەلىپىنى ئېنىقبىلىشنى ۋاستە قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ھېسىياتتۇر . بۇ خىل زور ئومۇملۇققا ۋەئەخلاق - قائىدە خاراكتېرىگە ئىگە .
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىيھېسىياتىنى يېتىلدۈرۈشتە تۆۋەندىكى شەرتلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك .
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ: