2015فېۋرال11
مەگنولمەت (木兰目Magnoliales)، مەگنول جەمەتى دىگەننى بىلدىرەدى. مەگنولمەت، قوشپەل گىياھلارنىڭ مەگنول تارماقىغا تەۋە بولغان 6 جەمەتنىڭ بىرى. « APGسىستېم »نىڭ 2-نەشىرىدە، مەگنولمەت گىياھلارىنى تۆۋەندىكى 6 ئائىلەگە بۆلگەن. مەزگۇر ئەسەردە مانا مۇشۇ ئائىلە ۋە ئۇلارنىڭ رۇقلارى كۆرسەتىلدى.
2015فېۋرال10
لۇرامەت، قاپلىقدان گىياھلارنىڭ (گۈلگىياھلارنىڭ) مەگنوللار تارماقىدىكى جەمەتلەرنىڭ بىرى. لۇرامەتتىكى گىياھلار، دەرەخ، چاتقالنى ئاساس قىلىدۇ. ئاز ساندا تەييارتاپ فۇجىمۇتلارمۇ بار. لۇرامەتنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى تۆۋەندىكىچە:
2015فېۋرال9
كەنەلمەت (白桂皮目Canellales)، مەگنولگىياھلار تارماقىدىكى بىر جەمەتنىڭ ئۇيغۇرچە نامى. كەنەلمەتتە ئىككى ئائىلە بار. ئۇلارنىڭ بىرى، ئۇيغۇرچە كەنەلئىلە (白桂皮科 Canellaceae)، دەپ ئاتالدى. يەنە بىرى، ئۇيغۇرچە ۋىنتەرئىلە (林仙科 Winteraceae)، دەپ ئاتالدى.
2015فېۋرال8
پوتىيامەت (山龙眼目 Proteales)، پوتىيا جەمەتى دىگەننى بىلدىرەدى. پوتىيامەت، نەق قوشپەلگىياھلار تارماقىدىكى جەمەتلەرنىڭ بىرى. 2009-يىلى، «APG سىستېم»نىڭ 3-نەشىرىدە، پوتىيامەتنى 3 ئائىلەگە ئايرىغان. مەزگۇر ئەسەردە، بۇلارنىڭ رۇقلارى ۋە ناملارى كۆرسەتىلدى.
2015فېۋرال7
رانۇنمەت (毛茛目Ranunculales)، رانۇن گىياھلار جەمەتى دىگەننى بىلدىرەدى. رانۇنمەت، «APG سىستېماسى» دا، نەق قوشپەلگىياھلار تارماقىدىكى ئىپتىدائى جەمەت ھېساپلانادى. رانۇنمەت، 10 ئائىلەنى ئۆز ئىچىگە ئالادى.
2015فېۋرال5
قاپلىقدان گىياھلارنىڭ، قوشپەل گىياھلار تارماقى ئىچىدىكى گۈلچاڭىدا 3 تۈشۈكى بار قوشپەلگىياھلار، نەققوشپەل گىياھلار دەپ ئاتالادى. نەق قوشپەلگىياھلار تارماقى، يادرو نەق قوشپەل گىياھلار، رۇخسا گىياھلار، پۇرچاق گىياھلار، مەلۋى گىياھلار، ئەسرە گىياھلار، لەۋىيا گىياھلار، كەمپان گىياھلار قاتارلىق 8 گىياھلار تارماقىنى، جەمەتى بېكىتىلمەگەن 14 ئائىلەنى ئۆز ئىچىگە ئالادى.
2015فېۋرال4
قاپلىقدان گىياھلارنىڭ ئۇرۇقىدا بىر تال پەلبەرگى (پەللە ياپراقچىسى ) بولغانلىرى، تاقپەل گىياھلار دەپ ئاتالغان. «APG سىستېماسى»دا، تاقپەلگىياھلارنى، «تاقپەلگىياھلار تارماقى» (单子叶植物分支 monocots) دەپ ئايرىم بىر تارماق قىلغان. شۇڭا، تاقپەلگىياھلار، قاپلىقدان گىياھلار ياكى گۈلگىياھلارنىڭ بىر چوڭ تارماقى بولۇپ ھىساپلانادى. تاقپەلگىياھلار، 11 جەمەتنى ھەم 80 ئائىلەنى ئۆز ئىچىگە ئالادى.
2015فېۋرال2
ماگنولگىياھلار (木兰类植物magnoliids)، قاپلىقدان گىياھلارنىڭ (گۈلگىياھلار) بىر تارماقى. «APGسىستېماسى»دا، ماگنولگىياھلار، قاپلىقدان گىياھلارنىڭ تاقپەلگىياھلار تارماقى، قوشپەلگىياھلار تارماقى، ماگنولگىياھلار تارماقى دىگەندەك ئۈچ چوڭ تارماقنىڭ بىرى قىلىنغان. ماگنولگىياھلار تارماقى، 4 جەمەتكە، 20 ئائىلەگە ئايرىلغان.
2015فېۋرال1
خورانمەت (金粟兰目Chloranthales)، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز. خوران گىياھلار جەمەتى دىگەننى بىلدىرەدى. « APG IIIسىستېمى »، 2009-يىلى يىڭىدىن بېكىتكەن قاپلىقدان گىياھلارنىڭ بىر جەمەتىنىڭ نامى. خورانمەت، تۇمۇز بەلۋاق ۋە ئىسسىق بەلۋاق رايونلارىدا ياشايدىغان ئوتغول، ياغاچغول گىياھلارنىڭ ئومۇمى نامى. خورانمەتتە، خورانئىلە (Chloranthaceae金粟兰科) ناملىق بىرلا ئائىلە بولۇپ، ئۇنىڭ 4 رۇقى، 79 زاتى بار.
2015يانۋار31
ئاسبالمەت (Austrobaileyales木兰藤目)، گۈلگىياھلار (قاپلىقدان گىياھلار) قەبىلىسىدىكى ئەڭ ئىپتىدائى جەمەتلەرنىڭ بىرى. 2003-يىلىدىن كىيىن مەيدانغا كەلگەن بىر جەمەت بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى مەنبەلەردە يوق. « APGسىستېماسى »دا، ئاسبالمەتنىڭ 3 ئائىلەسى بار. ئاسبالمەت گىياھلىرى، فۇجىموت (藤本)، چاتقال شەكلىدە، بەزىلەرى دەرەخ بولۇدۇ.