سىز يەنە ئۆز يازمىڭىزنىڭ سېھرىي كۈچكە، جەلپكارلىققا، قىزغىنلىققا تويۇنغانلىقىغا ئىشىنىشىڭىز، شۇنداقلا بۇلارنى تونۇپ يېتىشىڭىز، ھېس قىلىشىڭىز لازىم. سىزنىڭ ئۇنى يېزىشىڭىز قانداقتۇر ئەدەبىياتقا قىزىقىشىڭىز، يازغۇچىلىققا ھەۋەس قىلىشىڭىز ۋەجىدىن ئەمەس، شۇنداقلا مەلۇم بىر خىل تېمىنىڭ بازارلىق ئىكەنلىكى، تەھرىراتلارنىڭ ئاشۇ خىل تېمىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىدىنمۇ ئەمەس، بەلكى ئاشۇ خىل تېما سىزنىڭ قەلب قەسىرىڭىزنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ، سىزگە يىلان كەبى چىرمىشىپ، سىزنى ئارامىڭىزدا قويماي، قولىڭىزغا قەلەم ئېلىشىڭىزنى كۈتكەنلىكى، تەخىرسىزلىكى، يازمىسىڭىز سىزگە ئاراملىق بولمايدىغانلىقى سەۋەبلىك قولىڭىزغا قەلەم ئالىسىز. ئۇ سىزنى مەپتۇن قىلىدۇ، سىزگە ئاراملىق بەرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىگە خاس ئاھاڭغا، ساداغا ۋە سىياققا ئىگە؛ ئۇ بەلكىم قايغۇ ئىلكىدە كۆزدىن ياش ئىچەر، تېرەنلىكىدىن كۆزگە مۇڭ تۆكەر، جۇشقۇنلۇقىدىن تەنگە كۈچ قوشار، رەھىمسىزلىكىدىن دىلغا ۋەھىمە سالار، خۇشاللىقىدىن كەيپنى چاغ قىلار، ئۆتكۈرلۈكىدىن جاننى يايرىتار، ھەزىللىكىدىن كۆڭۈل خۇش بولار، يەكتالىقىدىن ئاپىرىن ئېيتقۇزار، يېقىشلىقىدىن جان ئارام تاپار، مۇكەممەللىكىدىن دىلنى يورۇتار… ئۇ بەلكىم ساناقسىز جەلپكارلىققا ئىگە بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ مەززىسىز ھەم مەنىسىز بولماسلىقى كېرەك.
قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا…(2)
«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 5-سان مۇندەرىجىسى
سۆيگۈ تىنىقلىرى……………………ئەسقەر ھاجى ئابدۇللا
نەۋايىغا ۋەتەنداشمەن……………….ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك
كۆڭۈل رىۋايىتى……………………نامانجان تۇرسۇن قاراتېكىن
تارىمدىن چىققان بىر تامچە ئادەم……………………ئادىل تۇنىياز
مېنى گۈللەر ئويغاتقان چاغدا…….ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان
كۆيۈۋاتقان گۇناھ…………………ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرە
دېرىزەم سىرتىدا سېنىڭ ئاۋازىڭ……………ئابدۇرېشىت ئېلى
يىراقتىن بىرتال قۇم ئۇچۇپ كېلىدۇ………مەھمۇت ھېيت مەھدى
قەلبىمدىكى قۇش……………….قاسىمجان ئوسمان غازى
قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا…(1)
قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا، ئۈستەل چىرىغىنىڭ نۇرى ئاپئاق ئورىگىنال قەغىزىگە چۈشكىنىدە، ئورىگىنال قەغىزىدىكى ھەر بىر قۇر رايىش، بىغۇبار، سەمىمىي رەۋىشتە سىزنىڭ ئۆزىگە جۇلا ۋە نىدا، جان ۋە قان ئاتا قىلىشىڭىزنى كۈتكىنىدە، سىز نېمىلەرنى كۆرىسىز؟ نېمىلەرنى ئويلايسىز؟ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن ئىبارەت بۇ كەسىپنىڭ باشقا تالاي كەسىپلەرگە ئوخشاش ئادەتتىكىچىلىكىنى، باشقا كەسىپلەرگە ئوخشاش بۇ ساھەدىمۇ سوقۇنۇپ كىرىۋالغان پەسكەشلەرنىڭ… بارلىقىنى بىلسىڭىزمۇ؛ قولىڭىزغا قەلەم ئالغان ئاشۇ دەقىقىلەردە، سىز ئۆزگىچە بىر تۇيغۇدا بولىسىز.
سىز جەزمەن پازىل بىر ئىنسان بولۇشىڭىز؛ تىلىڭىز ھەم دىلىڭىزدا، باتىنىڭىز ھەم زاھىرىڭىزدا سەمىمىيەت، مېھىر – شەپقەت، ئىزگۈلۈك يولىدىكى ئىستىكىڭىز ھەم ئەقىدىڭىز، ۋەتەن ۋە خەلققە بولغان مۇھەببىتىڭىز، تارىخقا بولغان ئىنتىلىشىڭىز ھەم ئىشەنچىڭىز قارار تاپقان بولۇشى لازىم. سىزدە مۇستەھكەم ۋە يۈكسەك بىر ئىخلاس بولۇشى، مەيلى گۈل – چېچەككە پۈركەنگەن باھار كۈنلىرى ياكى جۇت – شىۋىرغانلىق ئاياز كۈنلىرى بولسۇن، ئىخلاسىڭىز سۇسلىماسلىقى لازىم. سىز دۇنياغا ھەۋەس بىلەن باقسىڭىز، خەلققە ھەردەم ھەمنەپەس ھەم تەقدىرداش بولسىز، سىزنىڭ «ئىخلاس»ىڭىز قانداقتۇر ھەممىنى تەرك ئېتىپ، راھەت- پاراغەتتە يايرىغىنىڭىز ۋەجىدىن ئەمەس.
«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 4-سان مۇندەرىجىسى
شېئىرلار
كەلدى نورۇز، كۈلدى غۇنچە……………ئىمىن تۇرسۇن
تەۋەررۈكلەر………………………………..تاھىر تالىپ
سەھەر لىرىكىلىرى………………..رەشىدە سېيىت
تۇغقان ئۇنى گويا نۇر قۇياش…………….تۇرسۇن روزى
ئىككى شېئىر……………………………….سىدىق قاۋۇز
بەشنامە……………………………….ئابدۇقادىر سادىر
باھار غەزەللىرى………….مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق
غەزەللەر…………………………………….ئابلىكىم تالىپ
غېرىپ ناخشا
تەنھالىقنىڭ سۆيدۈم مەڭزىگە ،
تەشنا بولۇپ سوغۇق لىۋىگە .
بىزگە مەنسۇپ بۇ گۈزەل دۇنيا ،
ماڭا مەنسۇپ بۇ رەزىل دۇنيا .
تەنھالىققا ئەگەشتىم تەنھا ،
مەيلىڭ بولسا تارتقىن قېشىڭغا.
ئوسمانجان ساۋۇت: كۆكلەم
تىنىقىڭ قاپلىدى ئۆيۈمنى كۆكلەم،
يانلارغا يالتىراق يالپۇزلار ئۈندى.
كېپىنەك تونلىرىڭ يېشىل ۋە كۆركەم،
ئىزغىرىن قارلارنىڭ جىلۋىسى سۇندى.
قاپتالدا يولۇڭغا قارىدۇق ئەركەم،
تاقەتسىز ئادەملەر تازا ئۇمۇندى.
تەنھالىق چېكى
دېرىزەم سىرتىدا ھايات بىپەرۋا،
تېنىمدىن چىپىلداپ سوغۇق تەر ئاقتى.
تامدىكى كالىندار بۈگۈنمۇ مانا
مەسخىرە ئىلكىدە كۆزۈمگە باقتى.
ياشىدىم بەك ئۇزاق ئۆزۈمنى چاناپ،
يېشىمنى كۆكلەتتى يىللارنىڭ يېشى.
ئەما ئۆسمۈرنىڭ دۇنياسى: «جەننەتنىڭ رەڭگى»
نەچچە يىللار ئالدىدا ئىراننىڭ بالىلار فىلىمى «كىچىك ئاياغ» (جەننەتتىكى بالا)نى كۆرۈپ، ئاددىي تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغان، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان خاسلىقىدىن ھەيران ھەم قايىل بولغان ئىدىم. مانا بۈگۈن ئارام ئېلىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ، ئىراننىڭ يەنە بىر بالىلار فىلىمى «جەننەتنىڭ رەڭگى»نى كۆردۈم. بۇ فىلىممۇ ئاددىي تۇرمۇش تەپسىلاتى ئارقىلىق بالىلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا چوڭقۇرلىغان.
فىلىمدىكى باش قەھرىمان مۇھەممەد ئانىسىدىن كىچىك قالغان بولۇپ، ئەمالىق سەۋەبىدىن شەھەردىكى ئەمالار مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. ئۇزاق يىل يوقسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارتقان ھەم ئايالىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇھەممەدنىڭ دادىسى تۈرلۈك بېسىملار ئالدىدا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. دادىسى قايتا بىر ئائىلە قۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىگە روھىي
ئۆزىنى سۆيۈش
چاچلىرىمنى سېغىنماس شامال،
چىقماس بەلكىم بۇ كېچە شامال .
مەن ياشايمەن ئەتىمۇ يەنە،
قىسمىتىمگە ئىزدىگەچ ئامال.
قار ياغمىدى چېچەككە ئوخشاش،
ۋەھىم سېلىپ تەنھا رومكىغا .
ئېسەدەيدۇ سۆيۈملۈك باتناش،
مەيلىمىكىن كۈلسەم زورىغا؟
گوركى: سائەت بايانى
ھەممە ياق سۈكۈتكە پاتقان كېچىدە، تەنھا ئولتۇرۇپ، سائەت ماياتنىكىنىڭ ھەممىگە بىپەرۋا ھالدا توختاۋسىز چىكىلدىغان ئاۋازىغا قۇلاق سېلىش ئەشەددىي قورقۇنۇچلۇقتۇر. بۇ خىل ئاۋاز بىر خىل رېتىمدا، مەڭگۈ خاتاسىز تۈستە «تۇرمۇش سەۋدايىلارچە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە» دېگەن سۆزنى تەكرارلايدۇ. كائىنات زۇلمەت ئىلكىدە چۈش قوينىغا غەرق بولۇپ، كۇللىي مەۋجۇدات سۈكۈتكە پاتقان چاغدا پەقەت سائەتلا رەھىمسىزلىك بىلەن جاراڭلىق ئۈندە مىنۇت-سىكۇنتنىڭ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كىشىلەرگە خەۋەر قىلىدۇ. سائەت ماياتنىكىنىڭ ھەربىر چىكىلدىغان ئاۋازى ھاياتلىقنىڭ بىر مىنۇت قىسقارغانلىقىنىڭ، تەبىئەت ھەر بىر ئىنسانغا ئاتا قىلغان ھاياتلىقنىڭ بىر دەقىقىسىنىڭ مەڭگۈ قايتىلانمايدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى.