مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
قەشقەرگە قايتىش(دادام خاتىرىسىگە)
تەۋە تۈر: تەۋسىيە، شېئىرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2012/05/05 | كۆرۈلۈشى: 699 قېتىم

ئاپتورى: چۈشتاق

كېسىلدى بىر دەرەخ، چېچىلدى ئارمان،

مۇھەببەت ئەسلىدە قايماس تىغمىدى.

قەشقەرگە يول ئالدى سۈبھىدە كارۋان،

كېچىگە بىر جاننىڭ ئىشقى سىغمىدى.

ئۇزاتتى ئۈرۈمچى ئاق يول تىلىمەي،

تەسەللىي بەردى جان ئوغلۇم كېكەچلەپ.

ئانامنىڭ كۆزىدە چۆكمەي-لەيلىمەي،

تۆت يۇلتۇز ئېسەدەر ئەجەب خىرەلەپ.

سەپەردە شۇ كارۋان قۇمدەك سايرىدى،

تىڭشىدۇق سۇ بولۇپ ئانام ئىككىمىز.

قۇياشنىڭ تەپتى دەل پاسىل ئايرىدى،

يۇلتۇزنىڭ زارىغا تولغان ئىلكىمىز.

چۆللەردە چايقىلىپ سوغۇق زىيالار،

تاشلارمۇ بىپەرۋا كۆزىدە باقتى.

ياڭرىسا يېنىمدا ئۈنسىز نىدالار،

تېنىمگە ياپراقتەك تىترەكمۇ ئاقتى.

مەنمۇ ھەم بىر كۈنلەر نۇرغا ئايلىنىپ،

بۇ يولدا يىگانە قايتىشىم ئېنىق.

مەيلى مەن ھاياتنى كۈيلەي چىڭقىلىپ،

ئەجەلنىڭ رەڭلىرى شۇنچىلىك قېنىق.

يىراققا قارايمەن كۆزلىرىم غۇۋا،

ئالۋۇنغا مىنگىشىپ ئەتەم قاچىدۇ.

مەن بۈگۈن كارۋاندىن بولدۇم ھە جۇدا،

پەسلىمگە بۇ ھىجران قىيام چاچىدۇ.

كارۋاننىڭ پايانى قەشقەردىن يىراق،

شۇ يىراق جاي ئىسمى يېشىل رىۋايەت.

ھەر ئىزدا مىڭ بەدەل، يەنە مىڭ قىناق،

تالدۇردى ئاتمىش ئۈچ يىللىق مالامەت.

ئۆمۈرگە بىھاجەت سۈپەت، شىكايەت،

بۇ يولنىڭ ئاخىرى دېمەك باشلىنىش.

ھەممىگە تالىقتۇر خاس بىر ھېكايەت،

يوقلۇققا ئاشىقتەك بەردەم تاشلىنىش.

※           ※

سەپەرنىڭ سەبرىسى قەشقەردە تاشتى،

تۆكۈلدى سامادىن يەتتە كۈن پىراق.

زېمىندا بىر ئۆسەك ئەپسانە ئاشتى،

قۇياشنى مات قىلغان بۇ قانداق سىناق.

داۋزىغا سېلىنغان قۇلۇپ دات بوپتۇ،

كۆزۈمنى تورلىدى باراڭلىق ھويلا.

ئۆيىمىز ئەمدىكىم بىزگە يات بوپتۇ،

دېمەيمەن، يۈرىكىم شۇ چاغ نە ئويدا.

※           ※

كارۋاننى ئۇزاتماق بولۇپ سەپ تۈزدۇق،

ئۆلۈمنى كۈيلىدۇق پىنھان شىۋىرلاپ.

ئەتىنى كۆز ياشلار ئىچىدىن سۈزدۇق،

خوش دېدۇق ۋاقىتلىق، يەڭگىل پىچىرلاپ.

ئەجەلنىڭ كۆزىگە ئاۋايلاپ چاچتىم،

قولۇمدا تىترىگەن بىر سىقىم جاننى.

تۇپراققا ئايلىنىپ ئۆزۈمدىن قاچتىم،

ئەسلىدىم كىندىكىم يوقاتقان قاننى.

※           ※

ئۆزۈمنى ئىزلىدىم، كۆزۈم ئازىدۇ،

بېشىنى چايقايدۇ توپىلىق يوللار.

ھەر بەندە ھاياتتا بىر سۆز يازىدۇ،

قېنى مەن ئىشەنگەن مېھرىبان قوللار.

ئۇچۇڭلار شاماللار قوللارغا دەڭلار،

كۆزۈمدە ئاقمىسۇن، سۆزدە ساتمىسۇن.

ئۇچۇڭلار شاماللار غەملەرنى يەڭلار،

ئىشەنگەن تاغلاردا كىيىك ياتمىسۇن.

※           ※

قەشقەردە كارۋان يوق قەشقەردە ئاقسام،

ھەسرەتكە لەت قىلار ھايات دېگەن ئوق.

قەشقەردە كارۋان بار قەشقەرگە باقسام،

يىراقتا ياشايمەن كۈنلەر كۆڭۈل توق.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى