مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
دادامنىڭ كۆزى
تەۋە تۈر: تەۋسىيە، شېئىرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2012/05/05 | كۆرۈلۈشى: 616 قېتىم

ئاپتورى: چۈشتاق

سىياھقا رەڭلەشتى چۈشۈم بىسوراق،

ئوڭۇمدا كېچىنىڭ باغرى سۆكۈلدى.

كۆزۈمنى قەستلىدى بىر دەريا پىراق،

دادامنىڭ كۆزىدىن ئارمان  تۆكۈلدى.

دادامنىڭ كۆزىدىن يۇلتۇز سانىدىم،

بىر، ئىككى، ئۈچ دېدىم، تۆتتە يىغلىدىم.

كۆزۈمگە باققاندا ئۈنسىز قانىدىم،

مۇھەببەت، مۇھەببەت، تەنگە سىغمىدىم.

قولۇمنى چىڭ تۇتتى، كۆزى سۆز بەردى،

سۆزدىكى ئۇلۇغلۇق ئەسلى شۇ ئىكەن.

ئەتراپقا زەن سېلىپ، كۆزى سۆز تەردى،

سۆزدىكى ئاسىيلىق ئەسلى بۇ ئىكەن.

جان ئۇچتى، تەن قوندى، كۆزى كۆرمىدى،

ئاۋازىم يەتمىدى قوغلاپ كەينىدىن.

ياش ئاقتى، تاڭ ئاتتى، كۆزى كۆرمىدى،

كىم كۆرگەن يانغاننى پەلەك پەيلىدىن.

كۆزۈمگە شۇ كۆزدىن بىر زىيا كۆچتى،

شۇ زىيا كۆزۈمگە ئالەمنى يايغاي.

دېمەڭلار ئۇ كۆزنى مەڭگۈلۈك ئۆچتى،

ئۆچمىگەن، ئۆچمەيدۇ، بەختىمنى ئاچقاي.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم! چۈشتاق ئەپەندى.
      ئالدىنقى قىتىملاردا بلوگىڭىزنى زىيارەت قىلغىنىمدا ،دادا ھەققىدە بىر ئېسىل ناخشا ھەمرا بولاتتى،ھازىر ئۇنى تاپالمىدىم،مۇمكىن بولسا شۇ ناخشىنى قايتا ئاڭلىسام دەيمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچ 18:37
      • بلوگىمغا يېقىندىن دىققەتتە بولغىنىڭىزغا رەھمەت.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچ 13:56
        • ئېھ … ئاتام نەلەرگە كەتتىڭ؟
          كەلدى كۆرگۈم نەچچە رەت.
          …………………….
          ……………………

          ماڭىغۇ كەتتى بۇ كۈنلەر،
          سۇنسا قاناتىم قايرىلىپ.
          قىزلىرىڭ ئاجىزلىرىڭغا ،
          سەن كېرەكتىن نەچچە رەت….

          ئۇھــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ رەھمەت.

          يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچ 15:56
    • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قەلەمكەش ئاكا، ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن، بىلوگىڭىزنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇش بولدۇم،بەكمۇ تەسىرلەندىم، ئىگەم قولىڭىزغا دەرىت بەرمۇسۇن،

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچ 18:50

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى