مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
سۇنۇق قىلىچ
تەۋە تۈر: تەرمە گۈل | يوللانغان ۋاقتى: 2013/06/06 | كۆرۈلۈشى: 144 قېتىم

ئابدۇرىھېم ئابدۇللا

ئاستىمدا شارقىراپ دەريا ئاقىدۇ،

ئېشىپ بارماقتىمەن بىر تىك داۋاندىن.

ئالدىمدا بىر سۇنۇق قىلىچ ياتىدۇ،

بىلمەيمەن يادىكار قايسى زاماندىن.

قىلچنىڭ يېرىمى تۇپراق ئاستىدا،

يېرىمى ئالماستەك تۇرىدۇ چاقناپ.

بۇ قەدىم جەڭلەرنىڭ يالدامسىنى،

ھاياجان ئىلكىدە ئالدىم ئاۋايلاپ.

تىترىدى قوللىرىم، تونىدى يۈرەك،

ھىلال ئاي ئەگمىسدەك ئەگرى قىلىچنى.

زاتىمنىڭ ھىدلىرى كەلدى گۈپۈلدەپ،

بىلمىدىم قاي ھالدا نەپەس ئېلىشنى.

قىلچنىڭ بىسىدا قۇياش جىلۋىسى،

بالقىيدۇ ئىپتىخار، بالقىيدۇ زەر نۇر.

جاراڭلاپ سۇنغاچقا جەڭدە ئارمانسىز،

سۈزۈك سۇنۇقىدا كۈلىدۇ غورۇر.

تاۋلانغان بۇ قىلىچ ئېگلمەس بولۇپ،

جەسۇرلار ۋەتىنىنىڭ ئوچاقلىردا.

قەسەم سۈيى ئىچكەن چىقىپ ئوچاقتىن،

ئاھۇ كۆز مەدەتكار بۇلاقلىرىدا.

كەلتۈرگەن قىلچنى بۇ تىك داۋانغا،

ۋەتەننىڭ سۆيگۈسى جەڭلەرگە چىللاپ.

سۇنغان چېغىدىمۇ رىشتى ئۈزۈلمەي،

تەۋەررۈك تۇپراقنى ئاپتۇ قۇچاقلاپ.

ئويلىدىم شۇنداقمۇ قىلچلار بار ئىكەن،

بىر قېتىم قىنىدىن چىقالمايدىغان.

باسسا ياۋ ۋەتەنگە پاسكىنا ئاياغ،

قىساس قەھرى بىلەن چاقنىمايدىغان.

خىيالچان تىكىلدىم سۇنۇق قىلىچقا،

ئەينەكتەك تېندىن كۆرۈندى جەڭگاھ.

بۇ قىلىچ شىر سۈپەت بىر ئەر قولىدا،

دۈشمەنگە ۋەيلۇندىن بەرمەكتە ئاگاھ.

چىقىدۇ شىۋىرغان ئوق ئۈزسە ساداق،

ئۇمۇدنىڭ زەبىدە قالقان قالتىرار.

تەككەندە گەزلەشكەن ھەر بىر قىلىچقا،

بۇ قىلىچ بىسىدىن چاقناپ يالتىرار.

ئاھ قىسمەت، جەڭ ئارا سۇندى ئۇ قىلىچ،

جەڭگاھنى لەرزىگە سالدى شۇ سادا.

تاغلاردىن تاغلارغا ئۇرۇلدى ئەكسى،

ھەر تاغدا بىر قىلىچ سۇنغاندەك گويا.

قۇياشمۇ قارايدى سۇنغاندا قىلىچ،

زەپەرنىڭ يۈزگە تارتىلدى نىقاپ.

باتۇر ئات ئۈستىدىن غۇلىدى باشسىز،

كىشنىدى دۇلدۇلى زارلىق چىرقىراپ.

قېنى ئۇ باھادىر، قاردىم كۆككە،

قېنى ئۇ قىلىچقا مۇناسىپ ئەرلەر ؟

قۇياشتىن، نۇرلاردىن ئىزلىدىڭ ئۇنى،

ئۇنىڭدەك ئوغلاننى يۇتمايدۇ يەرلەر.

خەيرىھاھ، قىياھقا ئايلىنپتۇ ئۇ،

قىلىچنىڭ دەستىسى قاپتۇ ئىلكىدە.

تەنتەنە قىلىدۇ ئەرلىك تەسۋىرى،

مەرمەردەك يالتىراپ تۇرغان چېھرىدە.

شېھىتنىڭ بوينىدىن تەپچىگەن قانلار

دەرياغا ياقۇتتەك چۈشەر تامچىلاپ.

ئۇقچىدى يۈزۈمگە دەريانىڭ سۈيى،

بىلدىمكى ئۇ مېنى قويدى قامچىلاپ.

——————

تۆۋەندىكىسى ئاپتورنىڭ دېكلىماتسىيەسى

http://static.youku.com/v1.0.0117/v/swf/qplayer_taobao.swf?VideoIDS=XNDM5MTc0MTE2

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى