ئىمىن تۇرسۇن: شېئىرنىڭ مونولوگى
تەۋە تۈر:
تەرمە گۈل | يوللانغان ۋاقتى:
2011/02/25 | كۆرۈلۈشى:
1,074 قېتىم
شېئىرنىڭ مونولوگى
ئاپتورى: ئىمىن تۇرسۇن
ئادا قىل
ئەي قەلەم بۇرچۇڭنى.
ئىلھامنى ئەمگەن زىمىرىڭ
سىزسۇن روھىمنى،
بەيگىدە كۆرسەت ئۆزۈڭنى.
دۇردانىدىن تاللاپ دۇرلار
تۈزگىن سۆزۈڭنى.
تەڭرى كۆلى تېرەنلىكىدەك
مەنەن،
تەسەۋۋۇر قىل تۇرقۇمنى،
كۈيلە ئەينەن خۇلقۇمنى.
ياشاي-ياشناي
تەبىئىي چىرايىم بىلەن،
تەبىئەت بىلەن تەڭمۇ تەڭ.
ھاياتتىن ئايرىلماي
تۈسلىنەي راسا رەڭمۇ رەڭ.
چوڭ قەدەملەپ،
نىشاندىن ئاداشماي،
يازىقتا يۈگۈرسەم.
ئارتلاردىن ئاتلاي،
ھازىرىمدىن ئۆكۈنسەم.
ئاغۇنلار شەنىنى ئاقلاي،
بوغۇنلارنى ئېسىمدە ساقلاي.
ئىمىپ شەربەت
قاندەك قىزىل ئىلھامدىن،
يۈكسىلەي ئەبەد.
سولماي ياشىراي
ھەرزامان، ھەرماكاندا
قۇرۇپ سۆھبەت،
رۇسلاپ تۇراي قەددىمنى،
ئەل ئارا، قوۋملار ئارا،
قەدرىمنى ئاشۇراي!
* * * *
بەرگەي ماڭا
ھاياتلىق ئىلھامى
كەڭلىك-ئازادىلىك،
ۋۇجۇدۇمدىن ياڭرىغاي
تەڭلىك كۇشادىلىك
ئىر-ئۈلەن ئەلھانى.
ئوزۇقلىنىپ،
تەبىئەت ئوغۇزىدىن
تۈزۈلسۇن ئۇز سىياقىم،
تۈزەلسۇن ئەگرىلىكتىن
قول-ئاياغىم.
* * * *
ئۆمۈردە،
ئىنسانىيەت بىلەن
قۇرداشمەن.
سەپەردە
مەدەنىيەت بىلەن
يولداشمەن.
گۈزەللىكتە
پاساھەت بىلەن
يىلىكداشمەن.
نۇكتەدارلىقتا
تېرەن دېڭىز بىلەن
يىلتىزداشمەن.
ئەمما قېرىمىدىم ھەم قېرىمايمەن،
ھەرزامان ياشمەن،
ئەدەبىياتقا باشمەن.
* * * *
ۋەزنىم بولسۇن
ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك.
تىنىقلىرىمدىن قۇيۇلسۇن
مەردلىك-ھىممەتلىك.
كۆرۈنمەس
جىن ئەمەسمەن،
جىسمىم باردۇر؛
شەكىلسىز رەسىم ئەمەسمەن،
ئىسمىم باردۇر.
ئول شېئىر
قاپىيەسىز گەپ ئەمەس،
ئەمما تىلغا ماھىر.
ۋەزىپەم مۈشكۈل-قۇتلۇق،
تەپتىم شۇنچە
ئاتەشتىنمۇ ئوتلۇق.
ئوتقاشلىرىم
كۆيدۈرسۇن ھەسەتنى،
كۈل قىلىۋەتسۇن شەخسىيەتنى.
تىنىقلىرىم بىلەن
ئېرىغدالسۇن
ھاياتلىق ھاۋاسى؛
سەپلىرىمدە قىزلار
سالسۇن شوخلۇق ساماسى.
تاۋلانغاندەك ئوتتا تۆمۈر
تەپتىمدە تاۋلانغاي
ئېسەنلىك، ئېھسان؛
تەنھالىق-مۇختار
ئاتا قىلغاي ماڭا
تىنلىق ئاتىسى ئىنسان!
* * * *
سەگىتكۈچى سەلكىن بولاي،
چۇقانلىق قاينىغان
بازار رەستىگە.
سۈنگۈ بولۇپ سانجىلاي
قارا نىيەتكە-
كاساتچىلىق قەستىگە.
توپۇرغان بولۇپ ئوجۇقتۇراي
شىۋىرغان قوزغىغان
بوھران ئۇستازلىرىنى،
ئۇچۇرۇپ كېتەي
قۇيۇن بولۇپ،
پۇل بىلەن ئويناشقان-
زەردارلار مۇمتازلىرىنى.
ئارقان بولۇپ بوغۇپ تاشلاي
جۇدۇن يىتىشتۈرگەن-
ھەسەتخور ئىختىساسنى؛
شاخار بولۇپ ئېرىتىۋىتەي
توڭۇر-داشقال ئۈندۈرگەن-
سۆلەتۋاز ئىقتىسادنى.
يىپ ئېشىپ،
رەڭگارەڭ كالاۋۇتۇندىن،
توقاي سۆرىتىنى-
سەلكىن ۋە قۇياشنىڭ؛
تىڭشىمايمەن ئەمدى،
ئورنى يوق سورۇندا،
كۆرەش دەپ چالۋاقاشنىڭ.
* * * *
تىن ئالغاي
ۋۇجۇدۇمدا
ئۇچار قانات، گۈل گىياھ؛
بۇ دۇنيا
بولغاي ئۇلارغا
ئاراملىق بوستانى.
بەلكى، ساۋابلىق ھەم
مەدھىيە داستانى.
مەن شۇنداق،
خالايمەنكى يالغۇزلۇقنى؛
بارلىق بىلگەي
قەدرىمنى-قىممىتىمنى-
دىلسۇزلۇقنى.
بولايكى،
تەنھالىق قۇدرىتىم بىلەن،
ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋىتەي
ئىمتىيازلىق كۈرەلىرىنى؛
گۈزەل چۈشلىرىم بىلەن چاپايكى،
شېرىن شەبنەم ۋە ھاياتلىق ئۈرەنلىرىنى،
جەمئىيەتنىڭ ئۇنتۇلغان چەت-ياقىلىرىغا؛
ئۇرانىم بولغاي
ئادالەت، ئامانلىق؛
ئۈرەنىم بولغاي
ئېھسان ۋە ئاراملىق.
دەررە بولايكى،
ئەرسەكلىك جومباقلىرىغا؛
ئۈمىد بولايكى،
تۆھمەت-بوھتان چوماقچىلىرىغا.
سۈپۈرگە بولايكى،
تەخسىكەشلىك-
خۇشامەت يۇناقلىرىغا.
لىنىيە تەپەككۇرلىرىم بىلەن،
ماختانچاقلىقنى چىتلاي.
ئاجايىب تەسەۋۇرلىرىم بىلەن
سۆلەتۋاز-
ئۆكتەملىكنى كاچاتلاي.
* * * *
شېرىن شەربەتلىرىم
ئېرىق-ئۆستەڭ بولۇپ ئاققاي،
ئىنسانىيەتكە ۋە بالا چاقىلىرىغا؛
قادالغاي
ھەققانىيەت تۇغۇم
كۆك سۆيگەن تاغنىڭ چوققىلىرىغا.
بۇرچۇم، ئارمانىم-
ھايات ۋە مۇھەببەت،
تەرك قىلماي ئۇنى جان بىلەن قوغداي.
رەقىبىم كۈشەندىم-
ئوقۇبەت تۆھمەت،
بۇنى ئارىدىن قوغلاي.
ئانىلار-بالىلار
ھاياتلىق بۇلىقىم؛
ئەل يۇرت ئۈچۈن
سەمىمىيەت ھەم جان پىدالىق
ھەر زامان، ھەر ماكان
كۆزۈم، قۇلىقىم.
گۇپپاڭچى مەدداھقا
بولاي ئىسكەنجە،
يالاقچىنىڭ ئاغزىغا
سالاي پەنجە.
قولۇم كۆكسۈمدە،
چىن تۇيغۇنى نامايان قىلاي.
ھەممە تىنلىق ئالدىدا
خىتابىمنى ئايان قىلاي.
* * * *
شېئىرىيەت
ھاياتلىقنىڭ جۈرئىتى سەن.
تۇرمۇش دېڭىزىنىڭ سۆرىتى سەن.
مانا بۇ-
شېئىرنىڭ مونولوگى،
ھەم ھوشى-ئۆزلۈكى.
———-
2009-يىل. مارت
«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى
يېڭى يازمىلار
ئابدۇرىھېم ئابدۇللا
ئاستىمدا شارقىراپ دەريا ئاقىدۇ،
ئېشىپ بارماقتىمەن بىر تىك داۋاندىن.
ئالدىمدا بىر سۇنۇق قىلىچ ياتىدۇ،
بىلمەيمەن يادىكار قايس...
جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق ئايال يازغۇچى ۋاڭ ئەنيىنىڭ «نادامەت» «长恨歌» ناملىق رومانى جەمئىي 3 قىسىم 12بابتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، رومان...
بلوگىمىزدىكى رەڭدار ئەسەرلەرنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە بلوگىمىزنىڭ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ئېچىلىپ، ھازىرغىچە 60قا يېقىن نادىر ئەسەر...
چۈشتاق تور پۈتۈكلىرى نامىدىكى بلوگىمىز ئېچىلغان 2يىلدىن بۇيان ئىزچىل خاسلىقىنى ساقلاپ كەلگەن ئاساستا، بلوگ ئىگىسىنىڭ ئىجادىي ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرىنى...
ھەزرەتئەلى ئەخەت تەرجىمىسى
نەم شامال
ئۆتەڭدىكى يېشىل شامال
يوقلۇق ۋە سۇنى يۈكلەپ،
ئاپەتلەرگە يۈزلىنىدۇ.
قۇتقۇزۇش پۇلىدەك نېپىز
خۇرۇ...
ئاپتورى: سوسۇر
ھەزرەتئەلى ئەخەت تەرجىمىسى
1
ئىنسانىيەتنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىسى باشلانغاندىن تارتىپ، ئىنسانلارنىڭ ئوخشى...
ئاپتورى: سوسۇر
ھەزرەتئەلى ئەخەت تەرجىمىسى
1
ئەدەبىيات مۇقەددەس بىر كەسپ، بىز ئەدەبىيات قەسىرىگە قەدەم ئېلىشقا ھەقىقىي مۇشەررەپ بولالىساقلا، ئىنس...
ئاپتورى: ۋاڭ مېڭ
ھەزرەتئەلى ئەخەت تەرجىمىسى
2012-يىلى مويەن دۇنيا كۆز تىككەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ساھىب بولغاندىن كېيىن، خىلمۇخىل...
ئىنكاسلار
- خۇشخۇي: بۇ بۆلەكتىن بىلىشىمچە ياخشى چىققان رومانكەن. ھەزرەتئىلىنىڭ ت
- غازى: ئۆزلۈك پايانىغا سەپەر قىلدىم
- Adeline K. Sampson: رەھمەت ئاكا، «يىگىرمە پارچە مۇھەببەت لېرىكىسى ۋە بىر ئۈمىدسى
- خۇشخۇي: ئالدى بىلەن «چۈشتاق تور پۈتۈكلىرى»تورى ئۇسلۇبىنىڭ يېڭىلانغان
- تۈركزات: شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ئانا تىل ھەققىدىكى شېئىرىنى ئوقۇپ ي
خەتكۈشلەر
- ئاتىلار، خەنجەر ئوسمانجان ساۋۇت، ئانا تىل ئىجادىيەت، خاسلىق ئىجادىيەت، يازغۇچى ئىجادىيەت، يازغۇچى، قەلەم ئىمىن تۇرسۇن، شېئىر ئۆز، رومكا، شامال ئۆزلۈك ئۈندىدار ئەدەبىيات، ئىستىل ئەدەبىيات، بىمەنە ئەدەبىيات، نادىر، ئالىيجاناب باغنا، يايلاق باھار، شېئىر بۇلاق، سۆيگۈ بېي داۋ، تۇيغۇ بەخت، فىلىم تار كوچا، پوۋېست تارىم تارىم، ئەدەبىيات تۇلپار، ئەسەر، پوۋېست تېڭىرقاش، ياشاش، ھېكمەت تەرجىمە، شېئىر تەنقىد، بايقاش تەنھالىق، ئالۋۇۇن جىبران، شەپە جەننەت، ئەما خازان، كىتاب دادام رومان، ۋاڭ ئەنيى رىيۇ ئەنكىم زاھىر ئابدۇراخمان سايە، تەنھالىق، يېتىم سوسۇر، ئانا تىل سوسۇر، ئەدەبىيات شائىر، ئاۋام، قەلب شۈ جىمو، شېئىر، تەبىئەت شېئىر، ئانا، ۋاقىت شېئىر، تەرجىمە شېئىر، شامال، ئۆلۈم شېئىر، ماكان شەھەر، غېرىبلىق غوجىمۇھەممەد غېرىپ، ساراڭ قار، يار قىسمەت، مۇھەببەت كاتلىن راينى، شېئىر كۆز، دادام كۆز، گۈل كۆكلەم، چىمەن مويەن، نوبېل مۇھەممەد خېۋىر مېھىر، ئىران نەسىر، تەرجىمە نەسىر، تەرجىمە، سىرلىق يالعۇز يايلاق، خاتىرە يۇرتۇم، بەشكېرەم پابلو نېرۇدا، شېئىر پەرھات تۇرسۇن چۈشتاق گوركى، ۋاقىت ۋىسال، ھىجران، پەسىل، ئەركەم
ئەزا مەركىزى
مۇزىكا بۇ شېئىر بىلەن بېرىكىپ ئالاھىدە كەيپىيات پەيدا قىلدى. مەرھۇمغا ئاسانلىق تىلەيمەن.
ئۇزاڭ بوپتىكەن مەرھۇم پىشىۋايىمىزنىڭ بۇ شېئىرنى ئوقۇمىغىلى.
مۇزىكا بىلەن ئادەمنى ئاجايىپ خىياللارغا غەرق قىلىدىكەن.
مۇزىكا نېمە دېگەن قايغۇلۇق!