مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
ۋاڭ ئەنيى: كەپتەر(روماندىن پارچە)
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2013/06/05 | كۆرۈلۈشى: 213 قېتىم

جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق ئايال يازغۇچى ۋاڭ ئەنيىنىڭ «نادامەت» «长恨歌» ناملىق رومانى جەمئىي 3 قىسىم 12بابتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، روماندا شاڭخەيلىك بىر ئايالنىڭ 40 يىللىق نادامەتلىك مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسى تەسۋىرلەنگەن ھەم شۇ ئارقىلىق شاڭخەينىڭ 40 يىللىق ئۆزگىرىشىگە يوشۇرۇنغان سىرلار ئىشارە قىلىنغان.  رومان 5-نۆۋەتلىك «ماۋدۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ۋە 1998-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئايال يازغۇچىلىرى ئىجادىيەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. تۆۋەندىكى «كەپتەر» ماۋزۇلۇق پارچە روماننىڭ 1-قىسىم 1-بابىنىڭ 4-بۆلىكى بولۇپ، ئاپتور كەپتەرنىڭ كۆزى ئارقىلىق شاڭخەينى كۈزەتكەن، ھەسرەتلەنگەن. (رومان پات ئارىدا نەشىردىن چىقىدۇ)

—————————————————————————–

كەپتەر بۇ شەھەرنىڭ روھىدۇر. ھەركۈنى سەھەردە تۇتاش كەتكەن ئۆگزىلەردىن تالاي كەپتەر كۆككە كۆتۈرۈلىدۇ. ئۇلار بۇ شەھەرگە كۆكتىن نەزەر سالىدىغان بىردىنبىر جانلىق. ئۇنىڭدىن باشقا كىممۇ بۇ شەھەرنى ئۇنىڭدەك ئېنىق ۋە مېھىرلىك كۆرسۇن! بۇ شەھەردىكى تالايلىغان ئېچىلمىغان سىرلار ئۇلارغا ئايان، ئۇلار بۇ سىرلارغا شاھىت. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە قانچىلىغان سىرلار يوشۇرۇنغان-ھە؟ ئۇلار سانسىز ئۆيلەرنىڭ دېرىزىسى يېنىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە، ئاشۇ دېرىزىلەردىكى كۆرۈنۈشلەر بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كېتىدۇ. گەرچە ھەيران قالغۇچىلىكى يوق ئادەتتىكى ئىشلار بولسىمۇ، بىر يەرگە جەملەنسە چوقۇمكى كىشىنىڭ ئەقلىنى لال، تىلىنى گال قىلىدۇ. ئۇلارغا ھوزۇر ۋە لەززەت ئاتا قىلىش دەل بۇ شەھەرنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ۋە بەشىرىسىدۇر. ئۇلار سەھەر چىقىپ، كەچ قايتقاچقا، نەزەر دائىرىسىمۇ كېڭىيىپ بارىدۇ، كۆزى ئېچىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى زىيادە كۈچلۈك، بىر كۆرگەننى ئەسلا ئۇنۇتمايدۇ. بولمىسا ئۇلارنىڭ يول تونۇش تالانتىنى قانداق چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ دەيسىز؟ ئۇلارنىڭ نېمىگە تايىنىپ يوللارنى شۇنچە ئېنىق ئېسىدە ساقلىيالايدىغانلىقىنى بىز نەدىن، قانداق بىلىمىز؟ دېمىسىمۇ، ئۇلار بۇ شەھەرنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ-پۇشقىقىغىچە ئېنىق پەرق ئېتەلەيدۇ. باشتا دەپ ئۆتكەن ئېگىز يەر ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسىنى كۆرسىتىدۇ. قانداق بىر ئېگىزلىك بىز ئىنسانلارنىڭ چىقىشىغا ۋە پۇت دەسسەپ تۇرىشىغا لايىق كېلىدۇ، دەيسىز؟ ئىنسانغا ئوخشاش ئىككى پۇتلۇق مەخلۇقنىڭ مېڭىش-تۇرۇشى، ئارزۇ-ئىستەكلىرىنىڭ مۇئەييەن چەكلىمىدە، نەزەر دائىرىسىنىڭ چەكلىك دائىرىدە بولۇشى ئەسلىدىنلا كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. بىز ئۆزىمىز بىلەن ئوخشاش ئادەملەر ئارىسىدا ياشايمىز، كۆرىدىغىنىمىزمۇ ئوخشاشلا بىر ئىش، قىلچە يېڭىلىق يوق. قەلبىمىزدىمۇ ھېچبىر ھەيرانلىق ۋە قىزىقىش يوق، ھەممە ئىشلار نەزىرىمىزدە شۇقەدەر تەبىئىي ھەم ئۆزگەرمەس. چۈنكى بىز ئۆزگىچە، ئالاھىدە شەيئىي ۋە ھادىسىلەرنى كۆرەلمەيمىز. كەپتەر بىزگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ھەركۈن كەچ نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كۇۋىكىغا قايتىدۇ. بۇ شەھەرنىڭ ئاسمىنىدا مۇشۇنداق جۈپ كۆزلەردىن قانچىسى باردۇر-ھە؟

كوچىدىكى ئۆزگەرمەس مەنزىرىلەر ئاللىبۇرۇن كۆزىمىزگە سىڭىپ قالغان. بۇ مەنزىرىلەر ئۆزىنىڭ تاماششالىق ۋە قېلىپلىق شەكلىدە، ھەرقانچە رەڭدار، جۇلالىق بولسىمۇ، يەنىلا شۇ كونا ئەندىزىدىن چىقالمايدۇ. ھەرخىل نىئون چىراقلار ھەممە يەرنى بىر ئالغان، ماگېزىنلار خىلمۇ-خىل زىننەتلەنگەن بولسىمۇ يەنە شۇ ئاتام ئېيتقان بايىقى دېگەندەك قىلچە يېڭىلىق يوق. كوچىدا مېڭىپ يۈرگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى كوچىدا يىغىلىش ئۆتكۈزگەندەك ساختا نىقابلانغان، كۈلكىسىمۇ ، قىلغان گەپلىرىمۇ ساختا، كونىلىقنىڭ شەرتىگىمۇ چۈشمەيدۇ. تار كوچىلارنىڭ مەنزىرىسىلا ئەسلىنى يوقاتمىغان. ئۇلار شەھەر كوچىلىرىدىكى مەنزىرىلەرنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، كوچىنىڭ بۇ تەرىپىدىكى ئۆيلەر بىلەن ئۇ تەرىپىدىكى ئۆيلەر قارىماققا بىر ئۇسلۇبتا سالغاندەك پەرقسىز، بىر قېلىپتىن چىققاندەك بىلىنىدۇ. ئەمما، بۇ ئۆيلەرنىڭ ھەربىرى ئايرىم بىر دۇنيا. ھەربىرىنىڭ ئۆزىگە خاس مەنزىرىسى، شەكلى ۋە ئۆزگىچىلىكى بار. بىر تام ئايرىپ تۇرىدىغان قوشنىلارنىڭ ئۆيىمۇ، ھالىمۇ خۇددى نەچچە چاقىرىم يىراقلىقتىكى باشقا بىر جايدەك ئايرىم بىر دۇنيا. بۇ تار كوچىلاردىكى سىرلىق ئىشلار زىيادە كۆپ، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى چىقىپلا تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ سەۋەبىنى كىم بىلسۇن دەيسىز؟ ئاشۇ پىتنە-ئىغۋالارمۇ ئەمەلىيەتتە بەكلا كۆپتۈرىۋىتىلگەن. ئەستايىدىل ئويلاپ كۆرسىڭىز بىرىمۇ پۇت دەسسەپ تۇرالمايدىغان، كۆتىگە ئۇرۇپلا تېپىلغان گەپلەر. تار كوچىلاردىكى ئىشلارنى ھەركىم ئۆزى بىلگەنچە سۆزلەيدۇ. ئۇ كېلىپ ئاق، دەيدۇ، بۇ كېلىپ قارا، دەيدۇ. ئاخىرى بېرىپ، ئاق-قارىلىقى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ-دە، پىتنە-ئىغۋاغا تۇترۇق بولىدۇ. تار كوچىلارنىڭ سىرتقى مەنزىرىسى شۇقەدەر سۈزۈك ھەم يارقىن، ئەمما، ئىچ-باغرى شۇقەدەر قالايمىقان. ھەرقانچە قىلىپمۇ تۈزۈگىلى بولمايدۇ. ئاشۇ پەنجىرىلەردىن كۆرۈنىدىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بۇ ئىشلارنىڭ ئىگىسىدۇر. ئەڭ ئەخمەق كىشىلەرمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئەڭ بىخۇد، كور ئادەملەرگە ئايلىنىدۇ. قارچۇقتىكى نەرسىلەر ئۇچالايدىغان جانلىقلار، ئۇلار بۇلۇتلارنى يېرىپ، كۆك قەھرىدە ئەركىن پەرۋاز قىلالايدۇ، خالىغان يېرىگە بارالايدۇ. ئۇلار نەقەدەر ئەركىن-ھە! بۇ خىل ئەركىنلىك راستىنلا كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. چوڭ كوچىلارنىڭ مەنزىرىسى ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتالمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكۈز كۆزلىرى ئارقىلىق ئۆزگىچە ۋە ئالاھىدە ئىشلارنى بايقىيالايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى يەنە ساختىلىق ئىچىدىن ھەقىقىي نەرسىلەرنى، ماھىيەتنى بايقاشقا ماھىر. ئۇلار تولىمۇ ئەقىللىق. ئۇلار ئاقماس قائىدە-نىزاملارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ئۇلار بۇ شەھەردىكى بىردىنبىر ئەركىنلىك شاھزادىسىدۇر. ئۇلار غۇچچىدە ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسى ئۈستىدە خۇددى كېرەكسىز چاقچۇق پارچىلىرى دۆۋىسى ئۈستىدە ئەگىپ يۈرگەندەك پەرۋاز قىلىدۇ. ئۇلار شۇ پەرۋازىدا خۇددى ئاپەتتىن كېيىن ئامان قالغان ئاخىرقى جانلىقلاردەك كۆرۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ شۇ پەرۋازىغا ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئۈمىدسىزلىك سىڭگەن. كۆزلىرىگە سىڭگەن رەڭدار مەنزىرىلەرمۇ ھەسرەت بوياقلىرىدا رەڭلىنىشتىن خالىي بولالمىغان.

شۇنىمۇ ئېيتىش كېرەككى، بۇ شەھەردە ئەركىن ئۇچالايدىغان جانلىقتىن يەنە بىرى بار، ئۇ دەل قۇشقاچ. لېكىن قۇشقاچ جاھاننىڭ رەپتارى، ئېگىزمۇ ئۇچالمايدۇ. ھەرقانچە ئۇچسىمۇ كىشىلەرنىڭ بالكونىدىن ياكى تۈڭلۈكىدىن ئاشالمايدۇ. سېمونت يېرىقلىرىدا تۇرۇپ قالغان كۆكتات ۋە گۈرۈچ قالدۇقلىرى بىلەن جان ساقلايدۇ. ئۇلار تار كوچىلارنىڭ ئانچە قارشى ئېلىنمايدىغان دائىملىق مېھمىنى بولۇپ، كىشىلەر تەرىپىدىن قوغلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلار قۇشلار ئىچىدىكى ئەخمەقلەر بولۇپ، ئانچە ئەقىللىق ئەمەس. ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ ياردىمى تەگمىگەچ ھەم تۇغما شۇنداق بولغاچ، ئۇلارنىڭ شەيئىلەرنى كۆزىتىشى ئادەملەرگىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇلارنى كەپتەرلەر بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغىلى بولمايدۇ. كەپتەر روھى زېرەك جانىۋار، قۇشقاچ گۆشتەن جانىۋار. ئۇلار بۇ تاركوچىلاردا ياشاشقا ئەڭ لايىق قۇش بولۇپ، تار كوچىلار ئۇلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى. ئۇلار كۆزى كىچىك، ئىچى تار، ۋىتىلداق قۇش بولۇپ، پىتنە-ئىغۋالار ئارىسىدىن نېرى بولالمايدۇ. تار كوچىلارنىڭ بۇرۇختۇملىقىدا ئۇلارنىڭمۇ بىر كىشىلىك ھەسسىسى بار. ئۇلار تار كوچىلارنىڭ چۈشكۈن كەيپىياتىنى ئاشۇرغان. كەپتەرلەر ئەزەلدىن كوچىلاردا پەسلەپ ئۇچمايدۇ. ئۇلار ئەزەلدىن بالكونلارغا، دېرىزە راملىرىغا ۋە تۈڭلۈكلەرگە قونىۋېلىپ، كىشىلەرگە مەككارلارچە يېقىنلاشمايدۇ. ئۇلار كۆك قەھرىدە ئەركىن پەرۋاز قىلىپ، سانجاق ئۆيلەرنى ئۆز پەرۋازىنىڭ ئاستىدا قالدۇرىدۇ. ئۇلار مەردانە قىياپىتىدە بوشلۇقتا غۇيۇلداپ ئۇچىدۇ. ئۇلار نەقەدەر مەغرۇر-ھە! لېكىن، ئۇلار ئادەملەرنى تاشلىۋەتمەيدۇ. ئۇلار ھەرقانچە يىراققا كەتسىمۇ، ئاقىۋەت يەنىلا قايتىپ كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇلار ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي دوستى. پايدا-مەنپەئەتلىك ئەمەس، چۈشىنىشلىك، كۆيۈملۈك ۋە مۇھەببەتلىك دوستى. ئەگەر سىز قاش قارايغان دەقىقىلەردە شامالدا يەلپۈنىۋاتقان ھەلەم(كەپتەر ئۇچۇرغاندا ئىشلىتىدىغان، بىر ئۇچىغا لاتا باغلانغان تاياق)لەرنىڭ كەپتەرلەرنى چاقىرىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى كۆرگەن بولسىڭىز، يۇقارقى سۆزۈمنىڭ تەكتىگە يېتىسىز. بۇ نەقەدەر چوڭقۇر ھەم بالىلارچە ساددا دىلكەشلىك ھە! ئۇلارنىڭ قەلبىدە قانچىلىك سىر-مۇئەمما بولسا، ئۇلاردا شۇنچىلىك ھېسداشلىق مەۋجۇت. قانچىلىك ھېسداشلىق بولسا، شۇنچىلىك ئىشەنچ ھەم مەۋجۇت. كەپتەرلەر توپى بۇ شەھەردىكى ئەڭ مۇھەببەتلىك بىر مەنزىرە، شۇنداقلا شاڭخەي تار كوچىلىرىنىڭ ئەڭ جەلبكار مەنزىرىسى. ئۆگزىدە كەپتەرلەرگە كۇۋۇك ياساپ، دان بېرىش؛ ئەتىگىنى ئۇچۇرۇپ، كەچتە قارشى ئېلىش بۇ شەھەردىكى بىر خىل مۇھەببەت؛ بۇ شەھەرنىڭ يۈرىكىدىكى بىر خىل ھارارەت.

بۇ شەھەردىكى ئەڭ پىنھان ئامەت ۋە ئاپەتلەر، جىنايەت ۋە رىيازەتلەرمۇ ئۇلارنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. كەپتەرلەر توپىنىڭ بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، مەلۇم دائىرىدە ئەگىپ يۈرگەن ۋاقتى زېمىندا دەل جىنايەت ھەم رىيازەت، ئامەت ھەم ئاپەتلەرنىڭ ئەدىگەن ۋاقتىدۇر. بۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز ئۇلارغا قارىسىڭىز خۇددى قۇياش نۇرىنى توسۇپ تۇرغان تۈرۈم-تۈرۈم قارا بۇلۇتلارغا، قۇياشنىڭ يۈزىدىكى داغلارغا ئوخشايدۇ. بۇ سېمونتلار بىلەن بېزەلگەن تاش شەھەرنىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدا قارىغۇسىز لەھزە ۋە مەنزىرىلەردىن قانچىلىك باردۇ؟ بىز كۆرەلمىسەك بوپتىلا. ئەمما كەپتەرلەر ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئامالسىز. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە ئاشۇ لەھزە ۋە مەنزىرىلەردىن پەيدا بولغان تەئەججۈبلۈك مۇڭلار، ئاقالمىغان ياشلار قېتىپ قالغان. سامانىڭ قوينىدىكى سېمونت شەھەر، گىرەلىشىپ كەتكەن تار كوچىلار خۇددى تەگسىز بىر ھاڭغا ئوخشايدۇ، ئاشۇ ھاڭدا چۈمۈلە كەبىي ئاجىز ھاياتلىق تىركىشىدۇ، جان تالىشىدۇ. ھاۋادىكى سانسىز چاڭ-توزانلار لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، بۇ زېمىننىڭ خوجىدارىغا ئايلىنىدۇ. كەپتەرلەرنىڭ تۇيۇقسىز ئاڭلانغان سۈزۈك ۋە زىل بۇقۇلدىشى ئۇيقۇلۇق زېمىندىكى بىر خىل بىدارلىققا ئوخشايدۇ. بۇ شەھەردىكى ئۆگزىلەرنىڭ ئۈستىدە، گاھىدا كەپتەرلەر بىلەن بىرگە پەرۋاز قىلىدىغان يەنە بىر ھەمرا پەيدا بولۇپ قالىدۇ، ئۇ دەل لەگلەكتۇر. ئۇلار كۆپ ھاللاردا ئېلىكتىر سىملىرىغا ئىلنىشىپ، يىپى ئۈزۈلگەن ياكى قانىتى سۇنغان ھالدا سىمتاناپلارنىڭ يېنىدا ۋە ئۆگزىلەرنىڭ ئۈستىدە كۆكتىكى كەپتەرلەرگە تەلمۈرگىنىچە سۇنايلىنىپ ياتىدۇ. ئۇلار كەپتەرلەرگە تەقلىد قىلىنغان. گەرچە قۇشقاچچىلىكمۇ بولالمىسىمۇ، ئەمما، ئۇلار يىراقلارغا پەرۋاز قىلىشتەك ساپ بىر ئارماننى ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان. ئۇلار كۆپ ھاللاردا بالىلارنىڭ ۋە لايغەزەللەرنىڭ قولىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. بىر ھېسابتا لايغەزەللەرمۇ بالا، يېشى چوڭىيىپ قالغان سەبىي بالا. ئۇلار لەگلەك يىپىنى تۇتقىنىچە، جان جەھلى بىلەن ئۇلارنى بوشلۇقتا پەرۋاز قىلدۇرۇش ئۈچۈن يۈگۈرىدۇ. ئەمما لەگلەكلەرنىڭ كۆپىنچىسى يېرىم يولدا پاخشەك بولىدۇ، بوشلۇققا ئاران بىر نەچچىسىلا ئۇچۇپ چىقالايدۇ. شۇلاردىن بىرەرى كەپتەرلەر ئارىسىغا قېتىلىپ، كەپتەرلەر بىلەن بىرگە پەرۋاز قىلغاندا، سىزدىكى ھاياجان نەقەدەر ھوزۇرلۇق-ھە! سەھەر پەيتىدە، نۇرغۇنلىغان لەگلەك پاخشەكلىرى ئۆگزىلەردە بوراننىڭ سوقۇشىغا، يامغۇرنىڭ ئۇرۇشىغا يۈزلىنىپ، ئۆلۈمگە يۈزلىنىدۇ. ئاندىن ئۆگزىلەردىكى لاي-توپىلارغا بىرلىشىپ، چۈجگۈن ئوتلارغا ماكان بولىدۇ. گاھىدا، يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەكلەر ئۆز مەغرۇرلىقى ۋە ئارمانلىرىدا ساما قوينىغا سىڭىپ، ئۈنسىز غايىب بولىدۇ. ئىنسانلارغا سادىق بولغىنى يەنىلا كەپتەرلەر، ئۇلار بوشلۇقتا بۇ شەھەرگە تەسەللىي بېرىۋاتقاندەك پەرۋاز قىلىدۇ. قۇرۇپ كەتكەن دېڭىزدەك بۇ شەھەردە، غادىيىپ تۇرغان خادا تاشلاردەك بىنالار ئارىسىدا قانچىلىغان جانلار كۈلپەت چېكىۋاتقاندۇ-ھە؟ كەپتەرلەر قانداقمۇ بۇلارنى تاشلاپ يىراقلارغا كەتسۇن. كەپتەرلەر ئىلاھنى تەرك ئەتكەن بۇ شەھەردىكى ھېچكىم ئىشەنمەيدىغان ئىلاھىي بىر مەۋجۇدات. ئەمما، ئۇلارنىڭ مۆجىزىلىرى ئۆزىگە ئايان. ئادەملەر پەقەت ئۇلارنىڭ قانچە يىراققا كەتمىسۇن ھامان بىركۈن قايتىپ كېلىدىغانلىقىنىلا بىلىدۇ. ئۇلارنى كۆرسىلا قەلبى شادلىققا تولىدۇ. بولۇپمۇ، بىنالارنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتلىرىدە ئولتۇرىدىغان كىشىلەر كەپتەرلەر كۇۋىكىغا قايتسا ئۆزلىرىنىڭ دېرىزىسى يېنىدىن ئۆتىدىغان ئەڭ مېھىرلىك پەيتلەردىن شادلىنىدۇ. گەرچە بۇ شەھەردە تالاي بۇتخانا ۋە چېركاۋلار بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۆز سىياقىدا قالىدۇ، كىشىلەرمۇ يەنە شۇ تار كوچىلاردىكى كىشىلەر سىياقىدا ياشايدۇ. ئادەملەر ئاشۇ ئاۋات تار كوچىلاردىكى جاھان رەپتارىدا ياشايدىغان ئەرزىمەس بىر ھاياتلىق. كەپتەرلەرنىڭ ئۈنلەشلىرى ساما سەتھىدە ھەرۋاقىت ياڭراپ تۇرىدىغان يېقىملىق بىر سىگنال.

مانا، قۇياش ئۆزىنىڭ ئالتۇن نۇرلىرىنى چاچقىنىچە غۇجمەك ئۆيلەرنىڭ كاھىشلىرى ئۈستىدىن كۆتۈرۈلدى. كەپتەرلەر ئاپئاق قاناتلىرىنى كەرگىنىچە كۇۋۇكلىرىدىن چىقتى. ئېگىز بىنالار دېڭىزدا لەيلەۋاتقان بەلگىلەرگە ئوخشايدۇ. ھەممە ھەرىكەتكە كېلىپ، دېڭىز شاۋقۇنلىرىنى پەيدا قىلىدى. چاڭ-توزانلارمۇ كۆككە كۆتۈرۈلۈپ، تۈرۈم-تۈرۈم تۇمانلارنى پەيدا قىلىدى. نەقەدەر ئەنسىزلىك-ھە، تالايلىغان ئىشلار ئۆز سۈرئىتىدە سەۋەب ۋە ئاقىۋەتلەرنى ھادىسىلەپ، بېسىلغۇسىز ھاياجان پەيدا قىلدى. ئىشىك-دېرىزىلەر ئېچىلىپ، بۇخسۇق ھاۋالار لەيلەپ چىقتى. قۇياش نۇرى شۇ سەۋەب ئەبجەشلىشىپ، ھاۋا تۇمانلاشتى. چاڭ-توزانلار يەڭگىل ئۇسسۇلغا چۈشتى. ھاۋادا بىر خىل بۇرۇختۇملۇق پەيدا بولۇپ، ھېس-تۇيغۇلار تۇنجۇقتى. سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسى ئۈزۈلدى، قەلبلەردىكى ھاياجان ئۆلدى. ئەمما، ئىشلار يەنە سەۋەب ۋە ئاقىۋەتلەرگە ياندىشىپ، ھەركىمگە يارىشا قىسمەت ئاتا قىلدى. قۇياش ساما قوينىدا ئۆز يولىنى داۋام ئەتمەكتە، نۇر ۋە كۆلەڭگىلەر سىلجىماقتا. بارلىق ھەرىكەتلەر ۋە توزانلار ئۆز ئىزىغا چۈشمەكتە. كۈنلەر ۋە يىللار شۇ تەرىقىدە ئۆتمەكتە.

بارلىق ھاياجان بېسىقتى. بۇلۇتلار سۈرۈلۈپ، ھاۋا سۈزۈلدى. كەپتەرلەرمۇ غايىب بولدى.

 

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • بۇ بۆلەكتىن بىلىشىمچە ياخشى چىققان رومانكەن. ھەزرەتئىلىنىڭ تۇنجى يىرىك ئەسەر تەرجىمە ئىجادىيىتىگە قۇد بولسۇن! تولۇق ئوقۇشقا تەشنامەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر 00:55

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى