مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
مويەننىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ۋە مەدەنىيەت پىسخىكىمىز
تەۋە تۈر: ئۇچۇرلار، تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2013/05/24 | كۆرۈلۈشى: 154 قېتىم

ئاپتورى: ۋاڭ مېڭ

ھەزرەتئەلى ئەخەت تەرجىمىسى

 

2012-يىلى مويەن دۇنيا كۆز تىككەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ساھىب بولغاندىن كېيىن، خىلمۇخىل قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقتى. تۆۋەندە مەن بۇنى تۇتقا قىلغان ھالدا قاراشلىرىمنى بايان قىلىمەن:

بىرىنچى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نۆۋەتتىكى تەسىرى ئەڭ زور دۇنياۋى مۇكاپات بولۇش سۈپىتىدە، ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، شىمالىي ياۋرۇپا مەۋقەسىدىكى دىموكراتىك ئىدولوگىيە ئارقا كۆرۈنىشىگە، ئۆز خىزمىتىگە نىسبەتەن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان بىر تۈركۈم پېشقەدەم باھالىغۇچىلارغا، نىسبەتەن كۈچلۈك نوپۇزغا ۋە ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىك ۋە كەمتۈكلۈك تۈپەيلى ئىزچىل ھالدا شۈبھە ۋە تەنقىد-زەربىگە دۇچار بولۇپ كەلدى.

ئىككىنچى، بۇ مۇكاپات غەرب دۇنياسىنىڭ كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك مەدەنىيىتىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، بۇ مۇكاپاتنى باھالاشقا قاتنىشىۋاتقان ئايرىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىدىيەسىدە ھەقىقەتەنمۇ بىلەرمەنلىك (ئۆزمەپتۇن) ئالامەتلىرى بولۇپ، جۇڭگو ئەدەبىياتىغا قول شىلتىش خائىشى مەۋجۇت. جۇڭگودىكى ئايرىم زاتلار بۇنىڭدىن ھەم سەرخۇش ھەم ناخۇش، ھەم تەلمۈرىدۇ ھەم شۈبھىلىنىدۇ، ھەم شۇ باھانىدە ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشنى ئويلايدۇ ھەم چوڭ ئېقىمغا يەم بولۇپ، داغدا قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ. بەزى قەلەم ساھىبلرى بالا ھەسەل ھەرىسىدەك ئاتالمىش نوپۇزلۇق باھالىغۇچىلارنى ئەگىپ كېتەلمەي، بۇ مۇكاپاتنىڭ شاپائىتىدە ئۆز قىممىتىگە ۋەزىن ئاتا قىلماقچى بولىدۇ. بۇ مۇكاپات ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇپ، تېز سۈرئەتتە باش كۆتۈرىۋاتقان ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى سەگەك ئاڭلىقلىقى ۋە ئىشەنچى تېخى يېتەرلىك ئەمەس، تاشقى دۇنيانىڭ تۈرلۈك ئالامەتلىرىگە بولغان تونۇشى تېخى مۇكەممەل ئەمەس. بىز مويەننىڭ بۇ مۇكاپاتقا ساھىب بولۇشى ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولمىغان قەدىمىي خاس مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىگە يۈزلەنگەندىكى تۈرلۈك جەريانلىرىنى ۋە ساۋاقلىرىنى خۇلاسىلەپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆزىنى دەڭسىيەلەيدىغان، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان، مەردۇمەردانە، زىددىيەتكە دادىل يۈزلىنىدىغان، ھەمكارلىققا قابىل قول بېرىدىغان، ئۆز ئىشەنچىسىنى، ئىززەت-ھۆرمىتىنى يوقاتمىغان ھالەتنى بەرپا قىلىشىمىز لازىم.

ئۈچىنچى، بىز ھازىر جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ «سىرتقا يۈزلىنىش»ىنى كۈچەپ تەكىتلەۋاتىمىز. سىرتقا يۈزلەنگەن ئىكەنمىز، كۈچلۈك بولمىغان، ئاساسىي ئېقىم بولمىغان مەدەنىيەتنىڭ كۈچلۈك ۋە ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىگە يۈزلىنىش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىمىز. گاھىدا سىز ئىدولوگىيەدىن سۆز ئېچىشنى خالىمىسىڭىزمۇ غەربنىڭ ئىدولوگىيە سەپسەتىچىلىرى سىزنىڭ ئىدولوگىيە مەۋقەيىڭىز بىلەن ھەپىلىشىپ ھارمايدۇ. گاھىدا قارشى تەرەپ ئۆز تەرغىباتلىرىنى ئىدولوگىيەگە مۇناسىۋەتسىز ئاددىي قىممەت ۋە ئىلمىي مەشغۇلىيەت دەپ قارىسىمۇ، ئەمما، سىزنىڭ ئىدولوگىيە مەۋقەيىڭىزدىكى سەگەكلىكىڭىزنى قوزغاپ، ئوڭايسىز بىر كەيپىياتقا مۇپتىلا قىلىدۇ. بۇ جەھەتتىكى ئاڭلىقلىق ۋە ئىشەنچ چوقۇمكى سالماقلىق ۋە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كۆكسى-قارنىنى كەڭ تۇتۇشتا، ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى بىلىشتە، ھەقىقەتكە ئىنتىلىشتە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى كېرەك. بىر توقام پۇل خەجلەپ، ھەممە يەردە بېلەتنى بىكارغا بېرىپ، ئۆزىمىزنىڭ قانداقتۇر ياۋرۇپا، ئامېرىكا سەھنىلىرىدە ئويۇن قويغانلىقىمىزنى پەش قىلىش ئەسلا بىھاجەت؛ بىر ئېغىز گەپتە چىقىشالمىساقلا قارشى تەرەپ بىلەن ئۆزىمىزنى ئەشەددىي رەقىب ساناشمۇ ھەم ئەسلا بىھاجەت. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بىز كەڭ قورساق، ئۆزىدىن ھالقىغان ھالدا يىخېتۈەن ۋە سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسىگە ساقلانغان كەيپىياتىمىز ۋە مەۋقەيىمىزدىن ئازات بولىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسىگە ئوخشاش ئۆزىنى چوڭ چاغلاپ، جۇڭگۇغا قول شىلتىيدىغان قىلمىشلارمۇ ئادەمدە خۇددى ئۇلار تېخىچە ئاشۇ كونا زاماندا بىخۇدلارچە ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇغا باشلايدۇ.

تۆتىنچى، قەلەمدە سۇلتان يوق، ئەلەمدە چولپان. ئەدەبىيات يۈكسەك خاسلىق ۋە ئۇسلۇبتا روياپقا چىقىدىغان تىل سەنئىتى بولۇپ، ئۇنىڭ لەززىتى ۋە تەھلىلى، تارقىلىشى ۋە قوبۇللىشىمۇ ئوقۇرمەن(ياكى كۆرۈرمەن)نىڭ خاسلىقى ۋە ھەۋىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. لىبەي(شېئىرىيەت ئىلاھى)، دۇفۇ(شېئىرىيەت ئەۋلىياسى) ۋە تاڭ، سۇڭ دەۋرلىرىدىكى سەككىز چوڭ ئەدىب؛ تولىستوي ۋە بالزاك، پۇشكىن ۋە بايرون، شېللېيلارنىڭ قايسىسى بىرىنچى (قايسىسى قەلەمدە سۇلتان)؟ ئېنىق بىر قاراش بارمۇ؟ ئەدەبىياتنى مۇكاپاتلاش، دەرىجىگە تىزىش ئىنتايىن مۈشكۈل ۋە قارام بىر قىلمىش. ئەمما، ھازىرقى ئۇچۇرلاشقان، كۆپ خىللاشقان ۋە تاۋارلاشقان شارائىتتا، بۇرۇختۇم ھالەتتىكى ئەدەبىيات ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان يازغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جەمئىيەتنىڭ تۈرتۈپ تىكلىشىگە ۋە پۈۋلەپ كۆپتۈرىشىگە خۇشتار ھەم ھېرىسمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، بىرقىسىم قول-ئىلكىدە بار زەردار ھەم ھوقۇقدار زاتلار مۇكاپاتلاش ئارقىلىق ئەدەبىيات ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، بايقالمىغان ئەدەبىيات تالانتلىقلىرىنى بايقاشقا، كەڭ ئاممىغا مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تونۇتۇشقا ئىنتىلىدۇ. ھەتتا، ماددىي جەھەتتىن يازغۇچىلارنى قوللاش ئارقىلىق ئەدەبىيات، نەشرىيات ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ ئالقىشلاشقا ۋە ماختاشقا تېگىشلىك ياخشى ئىش، ئەلۋەتتە.

بەشىنچى، ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرى ھەرقانچە ياخشى ئېلىپ بېرىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ھامان ئەدەبىياتشۇناسلىق، تىل سەنئىتى، ئىستېتىكا، پىروزا ياكى شېئىرىيەتكە تەۋە ئەمەس. سۇبيېكتىپ جەھەتتىن ئۇ پەقەت بىر خىل مەدەنىي دوستانىلىق ھەم ساخاۋەت مەۋقەسىدىكى مەدەنىيەت پائالىيىتى ۋە مەدەنىيەت قىلمىشى خالاس، ھەرگىزمۇ مەدەنىيەت ئىختىراسىنىڭ ئۆزى ئەمەس. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئۇ ئاللىقاچان ئەڭ مۇھىم بىر خىل تارقىتىش ۋاسىتىسى ھەم زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنىڭ كوزۇرى، قوپارغۇسىغا ئايلاندى. ئەلۋەتتە، بۇ يەنە ئاللىقاچان ئۇتۇق قازانغان يازغۇچىلارنىڭ شېرىن چۈشى، شەرەپ ھەم مەنپەئەتتىن ھەمقەدەم بەھرىمەن بولىدىغان خۇشاللىقى، ئۆز ئەسىرى ۋە شۆھرىتىنى بازارغا سالىدىغان شىپالىق مەلھەمگە ئايلاندى.

ئالتىنچى، تۇرمۇشىمىزدا ئاشۇ زور مۇكاپاتلار مۇكاپاتلانغان ئەسەر ھەم يازغۇچىدىنمۇ بەكرەك شۆھرەتلىك بىلىنىدۇ. بىر ئېسىل كىتاب نەشىردىن چىقتى، سادا يوق، ھەممە بىزۇۋان؛ بۇ كىتاب كاتتا مۇكاپاتتىن بىرىگە ئېرىشتى، سادا شۇنچە ياڭراق، ھەممە خۇشزۇۋان. شۇنداق قىلىپ بۇنداق كاتتا مۇكاپاتلار تاراتقۇلار ۋە ئاممىنىڭ دىققەت ئوبيېكتىغا ئايلىنىدۇ. ئەمما، يازغۇچى تەنھا ھالدا بۇنداق قۇدرەتتىن مۇستەسنا.

يەتتىنچى، ياخشى ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ تەسىرلىك يېرى ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزىنىڭ بارلىقىدا. ئادەتتىكى بىر مۇزىكانتنىڭ داڭلىق سەھنىدە ئويۇن قويۇشى بىلەنلا ئۇنىڭ داڭقىنىڭ بىر كېچىدىلا ھەممە يەرگە پۇر كېتىشى دەل ئاشۇ كاتتا مۇكاپاتلارنىڭ كىشىنى قايىل قىلىدىغان ھەم ھاياجانلاندۇرىدىغان تەرىپىدۇر. ئەمما، بۇ كاتتا مۇكاپاتلارنىڭمۇ كەتكۈزۈپ قويىدىغان، بىرنى دەپ، مىڭنى خارلايدىغان، كۆزى ئوچۇق كور بولىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭدىن ساقلانماق تەس. ھېمىڭۋاي بىلەن گارسىيا ماركۇز دەل ئالدىنقى مىسالىمىزنىڭ جۈملىسىدىندۇر. كېيىنكى مىسالىمىزغىمۇ دۇنيا ئەدەبىياتىدا بىر تالاي مىساللار بار. بىز بۇنىڭغا قارىتا ئوبيېكتىپ باھا بېرىشىمىز كېرەك. قانداقتۇر ئاللىقانداق كاتتا مۇكاپاتقا چوقۇنۇش بىھاجەت.

سەككىزىنچى، ئەدەبىيات گۈزەللىكنى قوغلىشىدۇ. يازغۇچى ۋە باھالىغۇچىلار چاكىنىلىقتىن ئەسلا مۇستەسنا بولالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار گۆش ھەم قاندىن پۈتكەن ئاددىي ئىنسان خالاس. مۇكاپات خىسلەتلىك مەلھەم ياكى ئەۋلىيا ئىنھامى ئەمەس. كىشىلىك ھاياتتىكى ھەرخىل قىلمىشلاردا كەمتۈكلۈك ياكى ئازغۇنلۇق مەۋجۇت، يازغۇچى ھەم باھالىغۇچىلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. مەن بۇ مۇكاپاتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى كىشىلەرنىڭ خالىس ساپ نىيىتىگە ئىشىنىمەن، ئەمما، كىشىلىك ھاياتتا كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك قارارىنىڭ ھاياتلىقتىكى تۈرلۈك ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى ئىنتايىن نورمال بىر ئىش. بۇ تەسىر ئەلۋەتتە، خەلقئارا ۋەزىيەت، دېپلوماتىيە مۇناسىۋىتى، كىشىلىك قىممەت قاراش چەكلىمىسى، ئەسلىي تىل ۋە تەرجىمە ئوتتۇرىسىدىكى پەرق قاتارلىق ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىمۇ مۇمكىن ھەم بۇنى چۈشىنىشمۇ مۇمكىن. لېكىن بىز ئەڭ ئاچقۇچلۇق نەرسىنىڭ يەنىلا ئەسەر ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلالمايمىز.

توققۇزىنچى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بىلەن سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر ئارىسىدا ئاز بولمىغان سۈركىلىشلەر بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى پاستېرناك ۋە سولزىنىتسلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا پاسسىپ تەسىر پەيدا قىلغان. ئەمما، شولوخوفنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى چوڭ خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەن. يەنە شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىشىمىز لازىمكى، نوبېل مۇكاپاتى ئامېرىكا بىلەنمۇ چىقىشالمىغان. مويەنگە تەسىرى زور بولغان نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى گارسىيا ماركۇز كاسترونىڭ يېقىن دوستى بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ چىگرىدىن كىرىشىنى ئۇزۇن مۇددەت چەكلىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئامېرىكا يازغۇچىلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. نوبېل مۇكاپاتى يەنە ئارافاتنىڭ دوستى، پورتىگالىيە كوممۇنىستىك پارتىيە يازغۇچىسى ساراماگو، ئىتالىيە سولقانات درامماتورگى دىلوغىمۇ بېرىلگەن. ئەڭ ياخشىسى بىز بۇ مۇكاپاتنى ساددا ھالدىلا دۈشمەن كۈچلەرنىڭ نەيرىڭى دەپ قارىماسلىقىمىز، ھەتتا، شىۋىتسىيە ئەدەبىياتچىلىرىنى جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ قازىسى قىلىۋالماسلىقىمىز كېرەك.

ئونىنچى، مويەننىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى تاساددىپىيلىق ئەمەس. ئۇنىڭ نازۇك بەدىئىي دىتى، چەكسىز تەسەۋۋۇرى، ئۆز خەلقىگە، بولۇپمۇ يېزا تۇرمۇشىغا بولغان تونۇشىنىڭ ئەتراپلىقلىقى، ئۇنىڭ سالماق، قاغجىراق، يۇمۇرىستىك ۋە ھېسداشلىق تۇيغۇسى، ئۆتكۈرلىكى، فونتاندەك ئىجادىيەت قىزغىنلىقى، ئىجادىيەتتىكى ئىزچىللىقى ئۇنى بۈگۈنكى شەرەپلەرگە ئۇلاشتۇردى. بۇنىڭدىن 11يىل ئاۋۋال، نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ياپونىيە يازغۇچىسى كېنزابۇرو بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغاندا مويەننىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى بىلدۈرگەن.

11. بەزىلەر مويەننىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرماي، ئەسەردىكى ئايرىم قوپال جايلارنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇ خاسلىققا مەنسۇپ ئامىل، شۇنداقلا، مەلۇم ئاساسىمۇ بار. كاتتا مۇكاپاتلار ئەسەرنىڭ مۇكەممەللىكىگە ياردەم قىلالمايدۇ، بۇ تەھلىللەر ئىنتايىن نورمال، ھەتتا ئىجادىيەتكە پايدىلىق.

12. مويەننىڭ ئەسەرلىرىنى پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى دېگەندىن كۆرە، نۇرغۇنلىغان يېڭى شەيئىلەرنىڭ پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمىدەك كەمتۈكلىرى بار دېگەن تۈزۈك. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى، مىللىي ئەنئەنە، كۆنۈككەن قىممەت قارىشى، ماختاپ ئۇچۇرۇشلار…نىڭ ھەممىسى كەم-كۇتىسىز ئەمەس. تولىستوينىڭ شىكىسپىرنى كەمسۇندۇرۇشىنىڭمۇ، دوستويىۋېىسكىنىڭ تۇرگىنىف ۋە بىلىنىسكىيدىن بىزار بولۇشىنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا ئاساسى بار.

ئون ئۈچىنچى، ئەدەبىياتنىڭ جەلبكارلىقى ئۇنى چۈشىنىشتە. ئەدەبىيات چەكسىز چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ۋە تەھلىل تەرەپلىرىگە ئىگە. بىر ئەدەبىي ئەسەرگە نىسبەتەن سىزمۇ ئۆزىڭىزچە چۈشىنىسىز، مەنمۇ ئۆزۈمچە چۈشىنىمەن. باشقىلارنىڭ چۈشىنىشىنىڭ ئۆز چۈشىنىشىمىزگە ئوخشىمىغانلىقىدىن خۈدۈكسىرەش ھاجەتسىز.

ئون تۆتىنچى، مويەننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ ئەڭ زور ئەھمىيىتى شۇكى، ئۇ جۇڭگونى مەغرۇر-مەردانە ھالدا تەكەببۇر «نوبېل»غا يۈزلەندۈردى. ھەم «نوبېل»نىمۇ يۈرەكلىك ھالدا ناتونۇش جۇڭگوغا يۈزلەندۈردى. ئاتالمىش نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىدا ئەمدى جۇڭگو ئامىلى پەيدا بولدى. ئوخشاشلا جۇڭگو ئەدەبىياتىدىمۇ نوبېل مۇكاپاتى ئامىلى پەيدا بولدى. مويەننىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئۆز-ئارا ئېتىراپ قىلىنىشتۇر. مويەننىڭ شىۋىتسىيە ئاكادىمىيەسىدە سۆزلىگەن «ھېكايە سۆزلىگۈچى» سەرلەۋھىلىك نۇتىقى شۇ جايدىكى ئىلىم ئەھلىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى ھەم تولۇق تېكىستى بىلەن «خەلق گېزىتى»نىڭ چەتئەل نەشرىدە ئېلان قىلىندى. ئەدەبىياتقا خاس مۇبالىغە ئارقىلىق ئېيتقاندا، بۇ دۇنيانىڭ تېنچلىقى ۋە ئىناقلىقىغا، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا، مەدەنىيەتتە گۈللەپ ياشناپ سىرتقا يۈزلىنىشكە ۋە سىرتتىن قوبۇل قىلىشقا پايدىلىق. ئەگەر بۇندىن كېيىن جۇڭگودا ئونلىغان، ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ مۇشۇ خىلدىكى ئەھۋال يۈز بەرسە، جۇڭگومۇ باشقىچە بىر كەلگۈسىگە يۈزلىنىدۇ، دۇنيامۇ ھەم شۇنداق، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى كۈنسايىن ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.

ئون بەشىنچى، نوبېل مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە يۈزدىن ئارتۇق يازغۇچى-شائىر بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولدى. ئەمەلىيەتتە، ئەدەبىيات ساھەسىگە زور تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان يازغۇچى ۋە ئەسەر چەكلىك بولىدۇ. بەزىلەر نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى زىيادە ئۇلۇغ بىلىۋېلىپ، ئۆز يازغۇچىلىرىنى بىر تىيىنغا ئەرزىمەس ھېسابلايدۇ. بۇ كۈچلۈك مەدەنىيەتكە يۈزلەنگەن ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى مەدەنىيىتىدىكى ئىنكارچىلىقلىقنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا، ئاڭقاۋلىق ۋە ساددىلىقنىڭ ئىپادىسى.

ئون ئالتىنچى، مۇئەييەن شارائىتتا، ئەدەبىيات مەلۇم خىل چەتلىشىش خائىشىغا ئىگە بولىدۇ. ئۇچۇر ئىلمىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى، ھەرخىل تاراتقۇ ۋە تورنىڭ زەربىسىدە ئەنئەنىۋى ئەدەبىي ئىجادىيەتتە بۇرۇنقىدەك داغدام يول يوق. مۇشۇنداق شارائىتتا مويەننىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى خۇشاللىنارلىق بىر ئىش، شۇنداقلا، شىۋىتسىيە ئاكادىمىيەسىنىڭ ئەدەبىيات ئىشلىرىغا بولغان تەۋرەنمەس پوزىتسىيەسى تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا، كۈچىمىزگە كۈچ قوشاپ، ئەدەبىيات ھەققىدە نېمىشقا كۆپرەك پاراڭلاشمىغۇدەكمىز؟

ئون يەتتىنچى، شۈبھىسىزكى، بۇ مۇكاپات مويەنگە بېرىلگەن. ئەمما، شەخسنىڭ يېزىقچىلىقى ئۆزىگە خاس تىل ئالاھىدىلىكىگە، سەرگۈزەشتكە ۋە مۇھىتقا ئىگە بولىدۇ. مويەن مۇكاپاتقا ئېرىشىش بىلەن بىرگە بىز يەنە، بىرقاتار جۇڭگو ئەدىبلىرىنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىنىمۇ ئويلايمىز. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ شۇ نەتىجىلىرىنى قەدىرلىمەي بولمايدۇ. نۆۋىتىدە ئۆزىمىزمۇ سەزمىگەن ھالدا نۆۋەتتىكى ئەدەبىي ئىجادىيىتىمىزگە ئىشەنچىمىز تۇغىلىدۇ.

ئون سەككىزىنچى، بەزى دۆلەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۇتۇقى ۋە تەسىرى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرى تولىمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەچكە، ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزى يوغان ھەم ھالى ئۈستۈن. شۇڭلاشقا، مەن ئالدى بىلەن جۇڭگونىڭمۇ ئۆز ئالدىغا نوپۇزلۇق ھەم كۆلەملىك بىر ئەدەبىيات مۇكاپاتى بولۇشىنى، مۇكاپات سوممىسىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىشنى ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنە جۇڭگونىڭ ئۆز ئالدىغا دۇنياۋى ئەدەبىيات مۇكاپاتى تەسىس قىلىشىنى، ھېچ بولمىغاندا، خەنزۇ تىللىق ئەسەرلەر ئەدەبىيات مۇكاپاتى تەسىس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى