مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
ئاتەش رىۋايەتلىرى
تەۋە تۈر: تەرمە گۈل | يوللانغان ۋاقتى: 2013/05/24 | كۆرۈلۈشى: 156 قېتىم

مۇھەممەت خېۋىر

(1954_2009.1.27 )

1

تەڭشىلىپ چىقسام قاۋاقتىن،سىڭسە گەر باتنام ماڭا،

تەڭشىلىپ يۈرسەم جاھانغا بەدۋىچە بايرام ماڭا.

بەك يىراق يىراقتا سەن كوزىغا كەتتىم چۆكۈپ،

باغلىدى زەنجىرى ھەسرەت ،بىر ئۆمۈر ئېھرام ساڭا.

لال بولۇپ ئۆتمەك سەبىنىڭ خىسلىتىدۇر بەك ئېنىق،

مۇپتىلالاىق تۈنلىرىمدە بەرمىدى ئارام ماڭا.

بۇ رىيازەت مەنزىلى ئۆرتەپ ،تاپانغا كىردى مىق،

راسلىدى ماڭدامدا قانچە قەستى قابىل دام ماڭا.

گۆرسىنمان زەرگى سۈكۈتتىن سولدى ئىدراگلار تولا،

رەھمىتىم،زەخمەتلىرىم جۇغلىدى ئىلھام ماڭا.

سەللىلەر نىقاپلىرىدا قالدى ۋەزلەر تاش بولۇپ،

سېھرى ھېكمەت سىرلىرىنى يەتكۈزەر ھەر جام ماڭا.

ۋەسلى دەملەر قالدى پىنھان مۆلكىدە يانغىن بولۇپ،

ساقىيا ،ھېكمەتلىرىڭدىن تۇتقىنا ئىلدام ماڭا!

2

ئىشىق گۈلخانىدىن تاپتىم ئۈزۈلمەس ئىنتىزارىمنى،

خىياللار ئالدى مەيلىمدىن ئۈزۈلمەس ئىىخىيارىمنى.

شارابتىن بەزلىنىش دەرتمەن ئىشىغا بىر ئۇدۇم بولدى،

ھېجىر دەلىلىدىن تاپتىم يوقالغان غەمگۈزارىمنى.

كىشىنىڭ بەختىگە ئىقبال تىلەپ ئۆتمەكتە مەۋقەيىم،

تاپارمان ئاخىرى بەلكىم شۇ يەردىن لەيلىزارىمنى.

تېتىلغان باغرى زەرداپتىن كېلەر مەرغۇلى تۈنلەرنىڭ ،

تېپىپ كەلدىم قەلەم ئىزھارىدا نىمكەش غۇبارىمنى.

مېنى كۆرمىشلەر زەردار مەرتىۋىسىنى قىياس قىلدى،

تىيىن ھېممىتىگە زارلىق ئېلىپ تۇرسا قارارىمنى.

قولۇم ئىمكانغا ئىمكانسىز پەلەكتە لەيلىدى،ككيدى،

بېھىش ئارمانىدىن كەتمەي ئۇزاتتىم ككپ باھارىمنى.

يېشىم لەززەتلىرىدىن مەست بولۇپ كەلمەكتە كىم-كىملەر،

ئەجەم خەندانىغا تەققاس بىلىپ پەريادۇ-زارىمنى.

خارابە كەچمىشىدىن ئىپتىخار مەيلى ئۈمىدسىزدۇر،

شۇڭا كەلمىشكە قويدۇم تاپمىغان نەۋ گۈل ئۇزارىمنى.

ئىچىمدە ماگما غەليانى پۇرۇقلاپ جۇش ئۇرار تىنىماي،

تۆكۈل پىنھان،جاھان ككرسۈن مېنىڭ زەخمەت دىدارىمنى.

3

ساقى يا كەلتۈر شاراب ،قۇي يۈرىكىم گۈلخانىغا،

ئوتتنى دەپ كىردىم مۇقەددەس سىر ئۆيى-مەيخانىغا.

سېھرىي مۇڭغا بىر چۆكەي ئۇنتۇپ جاھاننىڭ دەردەنى،

بەھۇزور پىكرەتكە جاي بۇ ئىستىكىم ئىمكانىغا.

ھەزرىتى ھەييام بىلەن سۆھبەتكە نائىل مەن بۈگۈن،

ياكى يەتمىشمەن كەيىپنىڭ بىمالال ئېھسانىغا.

باغ ئارا گاھ سايرىسا تورغاي كۈيىگە بولما لال،

بولسا ئالجىش بولماس ھەيران شىر كەيىپ خەندانىغا.

قۇي شاراب، قۇي يالقۇنۇم يېلتىزلىرىغا ،پەسلىسۇن،

جان بولۇپ قۇيسۇن چېكىتنى چىللىلەر ھېجرانىغا.

ئۇلغىيار ئوت، دۈملىنەر روھ،تاۋلىنىنار ئىشقىي بايان،

كۈكلىتىپ تاڭ چۈشلىرىمنى سىڭدۈرۈپ جەريانىغا.

قۇي شاراب سېھرىي سۈزۈكلۈك پەزلى ئەلگە پارلىسۇن،

قاينىسۇن قان،ئايلىنىپ سۆيگۈ -ئىشىق قىيانىغا.

رەڭلىرى ئۈچسۈن نىقاپنىڭ ،رەڭلىنىپ چىقسۇن شەپەق،

كىرمىسۇن زەرگى پالاكەت كۈلكىلەر دەردخانىغا.

كۆز ئېچىپ خامۇشلىقىڭدىن سۆھبىتىمگە سال قۇلاق ،

قالمىسۇن پىنھان كەيىپتىن بۇ قاۋاق بۆھرانىغا.

4

يوقالدى بىر غېرىپ شاردىن ،بېرىپ، سەرساننى ئىزدەڭلار،

يوقالدى ئۇ شەرەپ-شاندىن ،غېرىپ پايخاننى ئىزلەڭلار.

يىرىك،ۋەيرانە ،يىگانە،قوپال،سەت….بەلگىسى شۇلدۇر،

يوقالدى پوستىدىن قاڭقىپ، ئاشۇ جەرياننى ئىزدەڭلار.

يوقالدى بەت-بەشىرە مىسرالىرى توغقان تومانلاردا،

يوقالسا چوڭلا بىر ئادەم !ئۇنى بۆھراننى ئىزدەڭلار.

يوقالماس چاغدا بىر كىم ئۇنى يانىدا سەزمەييتى،

ئاراڭلاردىن يوقالدى ئۇ ،دىلى پۇشماننى ئىزدەڭلار.

كىشىگە ياقمىغان ئۇچقۇن ئۇنىڭ جىسمىنى چوغ قىلدى،

ھەسەتلەرگە ئاسان بولغان قارام گۈلخاننى ئىزدەڭلار.

سوقۇر قىلماققا كۆزلەرنى بىراۋ ئۆسەكتە قۇم چاچتى،

مانا ئۇ ئۇيقۇسىز قالدى بىدار ئىمكاننى ئىزدەڭلار.

كۆنۈككەن پەردە چالماس ،ئۇنىڭ سەۋدالىقى غەيرى،

تېپىڭلار تەركىي ئادەتتنى ،گېپى تۇغياننى ئىزدەڭلار.

ئەزەلدىن قارغۇ ئامەتلەر ،كۆرەڭلەرگە بوياق بولدى،

لېكىن ئامەتكە باقماڭلار ،ئەجىرلىك جاننى ئىزدەڭلار.

ئۇنىڭ ئالدىدا مەبۇت يوق، كىشىنىڭ يوللىرى مەكرۇ،

ئوزۇن يوللاردا تاق كەلگەن يېتىم كارۋاننى ئىزدەڭلار.

نەزىمگە باغلىدى تەغدىر ،نەزىمگە باغلىدى زەنجىر،

ئۇنى-مەھكۈمنى ئىزدەڭلار ،جېنى ئېھساننى ئىزدەڭلار.

يوقالدى بىر خاراپ بەندە ،يوقالسا خەق ئۈچۈن گەپ يوق،

يوقالماق ئىزدىمەس رايى ،يىرىك پىنھاننى ئىزدەڭلار.

5

بۇ كۈنلەردە بەلەن چۈشلەر مىسال زەنجىرگە ئوخشايدۇ،

ئۈگۈتلەر سۇدىكى چەشكە ،ۋىسال غەلۋېرگە ئوخشايدۇ.

تېخىچە بولمىدىم كۆرۈپ قاچاندۇر باشلىغان چۈشنى،

مىسالى ئۇ بوياقلارى تۇتۇق تەسۋىرگە ئوخشايدۇ.

ئىشەمەي نە ئامال تەكرار تۈنۈمدىن كەتمىسە بۇ چۈش،

مىسالى ئۇ جۇنۇن بەرگەن كەيىپ-تەبىرگە ئوخشايدۇ.

ۋىسال ئىمكانىدا گاھ-گاھ تۇرارمەن مەستخۇش،

مىسالى ئۇ رىۋايەتتەك گۈزەل تەغدىرگە ئوخشايدۇ.

بۇ چۈشلەر تەركى پات-پاتلا يۈرەرمەن شىر كەيىپ ئالجىپ،

مىسال چۈشلەر ئوڭۇمنى ئوڭشىغان تەھرىرگە ئوخشايدۇ.

يۈرەرمەن كەچكىچە ئوشاق كۈيىگە خۇش ئاھاڭ توۋلاپ،

مىسالى ئۇ جاھاننى قاپلىغان ئەتىرگە ئوخشايدۇ.

كۈنۈپ قالدىممۇ بۇ چۈشلەر ھۈكران ئىختىيارىمسىز،

غېرىپ پىنھان ئۇزۇن چۈشلەر قولى-ئەسىرگە ئوخشايدۇ.

6

ئىشىق دەپ كۆيمىدى كىملەر ئىشىقتا بىر پايان بارمۇ؟

ئىشىق دەپ كۈيلىدى كىملەر يەنە كامىل بايان بارمۇ؟

ئىشىق مەزمۇنلىرى يەڭگۈشلىنىپ تۇرغان كارامەتقۇ،

ئىشىقتىن يۈرىكىڭ ئىسسىق ،يەنە ئارتۇق ھايان بارمۇ؟

بۇ ئالەم ئالتە كۈنلۈك بىر سەپەر ئۆتكۈنچىدۇر ھەممە،

ۋۇجودۇڭغا ئىشىق تولسا بۇ ئامەتقۇ زىيان بارمۇ؟

ئەگەر ئۇچقۇن بىلەن قەلبىڭ ئۆمۈرلۈك كۆلەم تاپسا،

مۇھەببەت ۋەسلىەە يەتمەك تۈزۈك باشقا سايان بارمۇ؟

مۇھەببەت مەيلىدىن كەتمە ،ئەكىس پىنھانلىقىڭ شەكسىز،

مۇھەببەت قەستىدىن ئارتۇق گۇناھ بارمۇ ، چايان بارمۇ؟

7

ئېزىپ شاھ كۈيىدىن بىر رەت قارا ھېجرانغا چالدىممۇ؟

ئېزىپ شاھ ئۆيىدىن مەشرەپ قەلەندەر بىرلە قالدىممۇ؟

ئۆزۈمگە مەستۇ-مەپتۇنلۇق كېچىكتى سوغ ئاگاھلاردا،

قاراڭغۇ تۈندە شەيتاندەك يېتىم ئىزسىز يوقالدىممۇ؟

تەمەننا بەلكى ئۇنتۇلدۇردى قەۋمىمنى تومانلاردا،

يۈرەك تەنھا قىلىپ شەرمەندە ئازغۇن نامى ئالدىممۇ؟

ئۆزۇڭ شاھ بولمىساڭ مەيلى،يېنىڭدا دىلكىشىڭ بولسۇن،

بىىوتلار قەلبىگە چىركىن ،ساياق ئكزنەكنى دالدىممۇ؟

ساتارىم دەرت بىلەن يىغلايدۇ باغلاردا تۇمان تارتىپ،

نىجاسەت ياغدۇرۇپ شەيتانغا شاھ شەيتان ئاتالدىممۇ؟

مانا ئەمدى كامالەت تاپتى ئاخىر تەلۋە پىنھانلىق،

قاۋاقتا دەرت ئىچىپ ھەسرەت بىلەن دەھشەت ساۋالدىممۇ؟

8

لاپ قىلىپ ئۆچكەن يۈرەكتە سۆيگۈلەر جەريان ئەمەس،

چايقىلىپ كۆچكەن تىلەكتە ئىزگۈلەر ئېسىيان ئەمەس.

شۇنچە يولدا ئالجىماستىن كۈيلىدىم بىر ناخشىنى،

جىن كۈيىدىن ئالجىغانلار ئوت يۈرەك كارۋان ئەمەس.

يار يىراقتا،مەن پىراقتا ۋەسلى دەم تايىن ئەمەس،

ۋەسلىدەمدە يار ھارارەتتىن يىراق بورھان ئەمەس.

سۈپسۈزۈك بىر ئىشقىي دەردكە باغلىغان كىم ئېيتقىنا،

قاشنى بۇزماي تەكشى ئاققان سەل ئەمەس ،توغيان ئەمەس.

بىر خەۋەر كەلسە مۇلاقات بايرىمىغا بىر كۈنى،

ئۇنتىسام ئالەمنى شۇ كۈن ھېچ كىشى ھەيران ئەمەس.

لاپ قىلىپ يانسا مۇھەببەت ئوتىدىن نىشان دېمە،

ئۆرتىمەي ھېجران يۈرەكنى يانغىنى گۈلخان ئەمەس.

چوقىلارغا يامىشىشتىن ئۆتتى قانچە كۈز،باھار،

تەم تولا بەخشەندىدىن ،بىزگە ئۇ ئالۋان ئەمەس.

شۇنچە يولدا تەۋرىمەستىن توۋلىدىم بىر ناخشىنى ،

كۈيلىرىم يۈرەك بايانى،ئۇ زەئىپ داستان ئەمەس.

سىرلىرىمنى ئالەمگە ئېيتسام خەق ئۇنى غەزەل دېدى،

مەيلى بۇ رەت بۇ يۈرەكتە قالغىنى پىنھان ئەمەس.

9

تۇماننىڭ سايىسى ئۆچتى ،قۇياش كۈلدى چىرايىڭدا،

ياماننىڭ بائىسى ئۆچتى،رەشىك ئۆلدى سارايىڭدا.

مېنىڭ ئىسمىم كاشال چاغلاردا ئېيتىلدى پالاكەتتىن،

تىلە ئەمدى ماڭا_بىچارىگە قۇتنى دۇئايىڭدا.

سالاملار كەتتى ئالدىڭغا،ئاڭا سەن ھەر كۈنى روبىرۇ،

ئىلىك ئالماققا جاي يوقمۇ سېنىڭ شاھانە رايىڭدا؟

سالاممنى ئالمىساڭ دەھشەت يېتەر تەختىمنى زەي تارتىپ،

خوشاللىق يەتكۈزۈش سەنچۈن ئاسانغۇ ئىىتىيارىڭدا؟!

سېنىڭ يېلتىزلىرىڭ قەلبىم ئارا مەھكەم قۇچاق يايغان،

ئاڭا جەۋھەر جۇلا يەتكۈز ۋەھكى يەڭلىغ سادايىڭدا.

زىمىن كۆكلەمگە ماس كەلدى مېنىڭ قەلبىمدە كۆكلەش يوق،

ئاراچ يوقمۇ تەبەسسۇمغا ماڭا بەرگەن باھايىڭدا.

پالاكەت تاغلىرى باستى مېنى جىملەشكە سەن ھەقلىق،

تاۋابىمچۈن ئورۇن بارمۇ سېنىڭ ھەيۋەت قورايىڭدا.

سىقىلدى بىشامال پىنھان ئېگىلدى باشى ئالدىڭدا،

تۇمان كۆيسۇن،قۇياش كۈلسۇن قۇياش يۇرتى چىرايىڭدا.

10

قايسى نۇسرەت شەۋكىتىگە تەنتەنە ،خەندان قىلاي،

قايسى ئامەت بەركىتىگە ۋەسېەسە جەريان قىلاي.

باش بېسىپ كەلەندە تاغلار يۈككە ھەمدەم يوق ئىدى،

قايسى ھەمدەرت رەھمىتىگە رەھمىتىم داسران قىلاي.

ياش سېلى باستى بويۇمنى، تۈن بولۇپ ئۇچتى جاھان،

قايسى ھىممەت ھەركىتىگە بويلىرىم پايخان قىلاي.

ئاھ!قەلەم دەپ چەرىخئۇرۇپ يۈردۈم سوغۇق مەيخانىدا،

قايسى ئادەت ھۈرمىتىگە بىر جېنىم مىڭ جان قىلاي.

زارلىنىش بەلكىم ئۇدۇم بوپ بۇ ۋۇجوتتىن ئالدى جاي،

قايسى شەۋكەت ئىززىتىگە زەرنى دەپ ئىمكان قىلاي.

دوستلىرىمدىن بولدى مەلۇم مىڭ خىزىرنىڭ خىسلىتى،

قايسى ىىسلەت پەرىقلىرىەە باش ئىگەي كامان قىلاي.

تەرلىرىمدىن پارلىسا باش خەق ئۇنى ئامەت دېدى،

نە ئۈچۈن بۇ بىساۋاتقا گۈل بىلەن بۇستان قىلاي.

مەيلى كەچسەڭ كەچ مېنىڭدىن بۇ ساڭا سەھۋەن ئەمەس،

مەدىيىنى سورىساڭ رەدنامىنى ئېھسان قىلاي.

قىينىلىپ يۈردۈم ئەجىردىن ،بىئەجىرلەر خەستە دەپ،

بولدىلا ئۇ تەر ئەجىرگە تەخسىنى ئىمكان قىلاي.

ئالجىغانلار خەق ئەمەس دىلبەر ،بۇدەم ھالىم خاراپ،

پەستە يول تۇرسا ئاسان ،تۈزنى نېچۈن داۋان قىلاي.

ئالجىما دىلبەر شەرەپلەر يۈز ئېچىپ كەلسە ئەگەر ،

ئەمدى بولدى زارلىرىمنى بوش قىلاي،پىنھان قىلاي…

«تۇرپان»ژورنىلىدىن تاللاپ ئېلىندى.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى