مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
زاھىر ئابدۇراھمان: روھىمغا سەپەر
تەۋە تۈر: تەرمە گۈل، تەۋسىيە | يوللانغان ۋاقتى: 2013/05/24 | كۆرۈلۈشى: 95 قېتىم

1

شادلىقىم بار تاپقان يولۇمدىن ،

ئۆكۇنۇشۇم كۆپ قالغان ئىزىمدىن .

سىرلىرىم بار ئالەم چۆككۇدەك ،

مەيلى تۇنۇش ،

مەيلى ناتۇنۇش

سىردىشىمنى تاپسام تۆككۇدەك .

رەسىدىلىكىم

خىيال بەردى بىر تالاي ،

تەكتى ئۇنىڭ تىرەن ،

تىرەن بەك…

2

بىر غەرەزسىز ئىنتىلىش ،

بىر غالسىز كۇتۇش

قۇتراتماقتا ئەسەبىلىرىمنى .

نىمە كۇتتۇم ،

نىمىگە ئىنتىلدىم ؟

ئاىتۇرۇپ كوردۇم نەسەپلىرىمنى .

قۇياش بىلەن سىرداشقان نەچچە ،

چاقچاقلاشقان ئاي بىلەن كەچتە ،

گۇلمۇ تۇنۇش ،

ئازغانمۇ تۇنۇش ،

خىزىر تۇنۇش ،

شەيتانمۇ تونۇش ،

رەتلەپ چىقتىم ئەمەللىرىمنى .

قايسى يولللار مېنىڭ تۇمۇرۇم ؟

قايسى بۇلاق مىنىڭ كۆز يېشىم ؟

قايسى گۇلزار مېنىڭ كۆز نۇرۇم ؟

قايسى تاغلار خىسلەتلىك بىشىم ؟

قايسى دالالار مېنىڭ يۇرۇكۇم ؟

قايسى سادالار مېنىڭ تىلىكىم ؟

3

ئۇپۇق تامان سوزۇلغان بىر يول ،

مەن نەچچىلەپ ماڭغان ئۇنىڭدا ،

گاھى ئاتلىق ،

گاھى ياياق .

تۇنۇش بولۇپ كەتكەن ھەتتاكى

قونالغۇدا كۇزەتتە تۇرغان

كونا تامدەك قىيسايغان بوۋاي

ھەم قولىدىكى شۇ ئەگەرى تاياق

سالام بەردىم بۇ نۆۋەت ئاڭا

قونالغۇدا توختىغىنىمدا .

ئۇ

خىرە يۇلتۇز كەبى كۆزىنى

تىكىپ ماڭا بىر ھازا

يىراقلاشتى مەندىن

بەك يىراق …

چاقماق چاقتى ۋۇجۇدۇم ئارا .

ئېچىنىشلىق تولغاندى يوللار

مەن ئىنتىلگەن

كۇتكەن نەرسىنى

دەرھال تىپىپ بەردى ئوڭ-سوللار .

4

بىر ئەسەبىي ئۇيات

ئىنتىلىش

يۇرىكىمەە چاچتى ئوت قىلىپ

يىڭى سەپەر ئىشقىنى بۇدەم .

يوللىرىمنىڭ خەرىتىسىنى

يوللۇق قىلىپ تۇتتى ئەقىدىم .

لەززەتلىك چۇش ئىلكىدە ،

ھېلى ئۇخلاپ ئويغانغان كەبى

خۇمارلىق بىقىپ .

ئاق كۆڭلىكىدەك ئاق ياغلىقىنى

سىلكىپ ئاقيول تىلىدى ئەركەم .

مەن ئۇنتۇپ قالغان ،

يىتتۇرۇپ قويغان ئادەملىكمنى ،

مىليۇنلارنىڭ قەلبىگە

نەقىشلەرنى ئويغانتى ئىزىم .

سەن تۇنجى رەت

باھاردىكى ئىللىق شامالدەك ،

لەۋلىرىمگە يېنىڭ سۆيگەندەك ،

مەن ئىقبالغا تىۋىنغان كەبى

تىۋىنىپ ساڭا

شۇنچە قىزغىن ،

شۇنچە سەبى

سويەي ئەزىزىم …

1990-يىلى ئاقسۇ .

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى