مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
پەرھات تۇرسۇن: تارىم دەرياسى
تەۋە تۈر: تەرمە گۈل | يوللانغان ۋاقتى: 2013/05/24 | كۆرۈلۈشى: 140 قېتىم

خۇددىي تارىم سۈيىدەك

بىز مۇشۇ يەردە باشلانغان

مۇشۇ يەردە تۈگەيمىز

بىز ھېچ يەردىن كەلمىگەن

ھېچ يەرگە بارمايمىز

ئەگەر خۇدا ياراتقان بولسا ئىنساننى

بىزنى خۇدا مۇشۇ يەرگە ياراتقان

ئەگەر ئادەم ئۆزگەرگەن بولسا مايمۇندىن

بىز ئۆزگەرگەن مۇشۇ يەرلىك مايمۇندىن

سەكراتتىكى ۋەسىيەتتەك ئۈزۈك – ئۈزۈك چىقىرىۋېتىلگەن قاندەك سانسىز ئېقىنلار

تارىم ، ئەي ئۇزاقتىن- ئۇزاق تىلىنغان يارا ئېغىزى

قاچان ئېقىپ تۈگەيدۇ سېنىڭدىكى قان؟

ئېرقىي ئىزلاردەك گاھىي يوقىلىپ گاھىي پەيدا بولىسەن

سۇلالىلەردەك گاھىي جاھانغا ھۆركىرەپ گاھىي ئۆچىسەن

بىراق بۆرىدەك ھۇۋلىغان تاغلار

جاكارلايدۇ ئۆچكەن ھەممىنى ئون سەككىز مىڭ ئالەمگە

بىراق ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ ئۇنىڭ تىلىنى

كۈچلۈك پەرىشتىلەر، يورۇق تەڭرىلەر

قۇياشنى تۇغ قىلىپ قادىغان كۆككە

ئۇ-ئەسىرلەر باشلانغان چاغدا

چوققىدىكى قىيا تاشلاردا قالغان قان ئىزى

سىرغىپ چىقىسەن ئاشۇ تاشلار ئارىلىرىدىن

ئاشۇ قۇياش توزۇپ كەتتى

يۆتكەپ كېتىلگەندىن كېيىنكى مۇقەددەس تاغ

بىر تال تاش بىر تال تاشتىن ئاستا-ئاستا

سېنى گاندون قۇرۇتالمايدۇ

ئەي، تامچە-تامچە قان ئىچىدە جۇلالىغان گۈل

يۈكۈنۈپ سەجدە قىلىدۇ مەنزىلسىز سەيياھ

ئوماينىڭ مەڭگۈلۈك كۆپىيىش كۈچىگە

سېنى جىنسىي كېسەللەر بۇلغىيالمايدۇ

ئەي، كارۋانلار تاشلاپ كەتكەن گۈلخان يالقۇنلىرىدا

مەخپىي ئېچىلغان زەڭگەر رەڭلىك گۈل

تەسمۇ ئەجىبا ھاياتلارنىڭ قېنىنى تەكشۈرۈش

نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى جەسەتلەردىنمۇ

ئىزدىسەك بىزنىڭ كېلىپ چىقىشىمىزنى

تېرىمىزنىڭ رەڭگىنى ئىزدە تەكلىماكان بارخانلىرىدىن

قېنىمىزنىڭ تەركىبىنى ئىزدە تارىم سۈيىدىن

خۇددىي تارىم سۈيىدەك

بىز مۇشۇ يەردە باشلانغان مۇشۇ يەردە تۈگەيمىز

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى