ئىنكاس: 7 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,393 قېتىم
ئىنكاس: 4 پارچە | كۆرۈلۈشى: 614 قېتىم
ئىنكاس: 1 پارچە | كۆرۈلۈشى: 699 قېتىم
ئىنكاس: 2 پارچە | كۆرۈلۈشى: 600 قېتىم
لەۋلىرىمگە چاپلىۋېلىپ چوغ،ئاچچىق يۈتۈپ ئەلەم پۈۋلەيمەن.مۇزلاتقاچقا نەشتەر كەبى سوغ،خىلۋەتلەردە راسا ھۇۋلايمەن،دۇنيا نېمە؟… ئويلىغۇممۇ يوق،مۈكىۋالدىم كۈكۈچ پەردىگە.ئۇ قاغايدۇ مېنى، مەن ئۇنى،كىم بوغۇلدى سۆيگۈ قەرزىگە.ئەتراپىمدا مەۋجۇت بىر دۇنيا،كۆكۈچلۈكتىن تاپىدۇ ئارام.سابا كېلىپ مەڭزىنى ياقسا،ساقىيامدۇ مېنىڭ دىل يارام.تۈگەپ قالدى موخۇركام ئاباي،سېتىقچى قىز بەرگىن بىر ئورام.يەنە بىر پەس تۇراي قوينىدا،كۈلەلەمتىم سۇنسا دىل كوزام.كۆكلۈك ئىچرە ئۆتىدۇ شۇنداق،ۋىجىك تېنىم ئەلەمگە پايخان.قۇربىم يەتسە مۇمكىنلىك ئىچرە،ياراتقۇم بار ۋىساللىق ئىمكان.
ئىنكاس: 2 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,223 قېتىم
قار سېغىنغان، يار سېغىنغان شۇ چاغلار بۈگۈن ئېسىمگە كەپ قالدى. قارمۇ يېغىپ تۇرسا ياخشىكەن، قاردا قالغان ئەسلىمىلەر تەكرارلانمايدۇ ھەم ئۇنتۇلمايدۇ. بىلىمەن، ئەمدى ئۇنداق قار ياغمايدۇ. ياغسىمۇ مەن پەقەت دېرىزىدىن قاراپ قالىمەن خالاس. مەن ئۈچۈن ھازىر قارنىڭ ئىسمى بار، جىسمى يوق، قار ئۈچۈن مېنىڭ ئىسمىممۇ ھەم يوق، جىسمىممۇ ھەم يوق. يوقىلىشنىڭ دەھشىتىنى يوقالغانلار بىلمەيدۇ. يوقىلىش يوقالغانلار ئۈچۈن يېڭى بىر باشلىنىش. ئىسسىق تىنىقلاردا قار ئېرىگەن شۇ دەقىقىلەر مەنمۇ قاردەك ئېرىگەن ھەم قارنىڭمۇ ئوتتەك ھارارەتلىك ئىكەنلىكىنى تەن ئالغان. قارنىڭمۇ سۆزى بار، كۆزى بار، شۇ سۆزلەرنى تىڭشاش نېسىپ بولمىدى، شۇ كۆزلەرنى ياشلاش نېسىپ بولدى. لېكىن شۇ ئېرىش داۋاملاشمىدى… قارمۇ ئەمدى ئۇ ھارارىتىدىن مەھرۇمدۇر بەلكىم.
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 464 قېتىم
ھاياتقا قانداقلا تەبىر ۋە شەرھى بەرمەيلى، بىزنىڭ بارلىق بايانلىرىمىز ئاخىرقى ھېسابتا ھېچنىمىگە ئەرزىمەس بولۇپ چىقىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى ھايات مەنىسىز، بىز ئۆز ھاياتىمىزغا مەنە ئىزدەپ مالال بولىمىز؛ مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئىنسان بىر سىنالغۇچى، ئازغۇچى. بىزنىڭ سەپىرىمىز ئازغۇنلۇق سەپىرى، ئەگەر بىز ئازغۇن بولمىغاندا ئىدۇق، ھايات بىزگە كۈلمەيتتى. بىز ئىزدىگەن بارلىق ئىستەكلەر ئۆزىمىز نۇقتىسىدىن ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاشتىكى ئۇرۇنىشلىرىمىزدۇر. بىز مۇشۇ ئۇرۇنۇشلارنى ئۆزىمىزگە شەرەپلەنگەن تەلەي ھېسابلايمىز. ئاشۇ تەلەي سەۋەبلىك چەكسىزلىككە قاراپ ئىنتىلىمىز. ..
ئىنكاس: 7 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,473 قېتىم
باياۋان ئىزىمنى ئوقۇيدۇ تىمتاس،پەللىگە يەتكۈزگەي سەن بەرگەن چىدام.ئەبەدلىك مەيلىمسەن بەندىگە تىنماس،بېھىشنىڭ ئەندازى بەشكېرەم يېزام.ئەسەبلەر تىترىگەي ئەسلەرگە ئاقساڭ،قىيامدۇر ھەرپلەر سۆيگۈڭ دەستىدە.ياپراقنىڭ دەردىگە قۇلاقنى ياقساڭ،شىۋىرلار ئانا يەر قوينۇڭ قەستىدە.شىپالىق تاپمىغان يىرىڭلىق يارام ساقىيار، داۋادۇر جەننەت باغلىرىڭ.ئاققاندا بىخۇدلۇق ياشلىرىم تارام،مەڭزىمنى سىلىغاي مېھىر تاغلىرىڭ.كەزسەممۇ ئالەمنى ئېشىپ مىڭ داۋان،قاراقتا قاتمىغاي ئەللەر سىياقى.سەرسانلىق كۈنلەرنىڭ چىرايى سامان،جېنىمنى تىغلىغاي ئىشقىڭ پىراقى.ئېيتىلماس ناخشا بار باغرىڭنى سۆكسەم،بوۋامنىڭ كۆزىدىن تامغان يادىكار.ئەسلىمگە ئىنتىلىپ خىيالغا چۆكسەم،ئاۋازسىز بىر ئاھاڭ جانغا تاقىشار.رىۋايەت كۆكلىگەن قەدىم بىشارەت تەئەججۈپ چۆلىگە كۆڭلۈم تاشلىغاي.قىسمىتىڭ ئەقلىمگە يانداپ ئىشارەت،ھېكمەتنىڭ بابىدىن ساۋاق باشلىغاي.ئەيىبتە قارايغان چىرايدا مەن يوق،قەددىمگە راۋادۇر سەن بەرگەن غۇرۇر.تۇزكورغا سۆز قاتسام ئاغزىمدۇر پۇچۇق،ئەلەسكە ئوخشايمەن ئىزدىسەم قۇسۇر.مۇھەببەت-نەپرىتىم سەن بەرگەن ئۇدۇم،مەككارغا ئىشتىياق بەرمەس دەقىقەم.مۇقەددەس مۈلكىمدۇر ساڭا خاس خۇيۇم،ھەققىڭگە تالىقتۇر ئالماس ئەقىدەم.
ئىنكاس: 3 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,270 قېتىم
چېپىپ كەلدىم پايانىمغا، كۆرۈنمەس ھېچ تىرىك بىر جان،بايان ئەيلەي ساڭا باتىن، ئىشەنگىن بۇ ئەمەس يالغان.ئۈنۈم پۈتتى بولۇپ ۋاھىز، قۇلاق سالمايدۇ يارەنلەر،بۇقۇلداپ يىغلىغۇم كەلدى كۆرۈڭلار ئۆزلۈكى تايغان.شەبىستانىمدا ھۇۋلايمەن ئۆزۈمگە بىر راۋا ئىزلەپ،قېنى كەلتۈر شارابىڭنى بولايمەن ئەقلىدىن ئازغان.تاتارغان بۇ چىرايىمدىن ئۈمىدنىڭ ۋەسلىنى ئۈزمە،تۈگەر بىر كۈنلىكى سەۋرىم، توشار ھامانە بۇ پەيمان.ئازابتىن يىمىگىن ۋايىم، ئۇ ھەركىمگە ئاتا بولماس،ئايا ئۆزلۈك مادارىڭنى، ھامان تەۋە ساڭا بازغان. قازا ئەتمە نەزەرلىكنى، قارار ئەتكىن تېرەنلىكنى،ۋۇجۇد ئۆزلۈككە يار بولسا، دېمەس ھېچكىم سېنى پاكلان.
ئىنكاس: 3 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,312 قېتىم
يىغلىۋەتتىم ئۈنۈم پۈتكىچە ،دېرەكلەنسە مېنىڭدىن باھار .كۈلۈپ كەتتىم كۆزۈمنى يۇمۇپ ،ئەگىپ ئۆتسە مېنىڭدىن باھار .چىمەنلىكتە سەيلە قىلمىدىم ،ئىلتىجالىق بوغسىمۇ مېنى .دەرتلىرىمنى ياتقا تىنمىدىم ،ئەركىلەتسە بىراۋلار سېنى .باغلىرىمدىن ئۆلۈم پۇرايدۇ ،ئەمدى ھېچكىم يۈرمەيدۇ ئېزىپ .تۈتۈن شوراپ غەمدە ئولتۇرسام ،كەلمەس بىرى تەسەللىي بىرىپ .مەن كۆرمىدىم بىر تال گۈل تېخى ،ئىنتىزارلىق باھار پەسلىدە .مەن ساقلىغان ئەقىدە قېنى ،ئۆلسەم دەيتتىم يارنىڭ ۋەسلىدە .ئاخشام ئەسلى بولغانتى ئايدىڭ ،ئايدىڭ دېگەن قوشماق چىللايدۇ .تەنھا چىقسام تاماكا شوراپ ،نېچۈن ئايمۇ مېنى تىللايدۇ .كۈلكىلەرگە مەيلىم يوق ھامان ،بىلەلمىدىم يوقاتتىم قاچان .ئۆتسە كۈنلەر يەنە مۇشۇنداق ،قانچە كۈنلەر يۈرەيمەن ئامان .قار ياغقاندا قاپتىمۇ ئىزىم ،سۈبھىي پەيتى مەھەلەڭ تامان .ساقلاپ تۇرسام كاچكۇل تۈۋىدە ،ماڭا سىرلار بولامدۇ ئايان .
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,131 قېتىم
- خۇشخۇي:
بۇ بۆلەكتىن بىلىشىمچە ياخشى چىققان رومانكەن. ھەزرەتئىلىنىڭ ت
- غازى:
ئۆزلۈك پايانىغا سەپەر قىلدىم
- Adeline K. Sampson:
رەھمەت ئاكا، «يىگىرمە پارچە مۇھەببەت لېرىكىسى ۋە بىر ئۈمىدسى
- خۇشخۇي:
ئالدى بىلەن «چۈشتاق تور پۈتۈكلىرى»تورى ئۇسلۇبىنىڭ يېڭىلانغان
- تۈركزات:
شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ئانا تىل ھەققىدىكى شېئىرىنى ئوقۇپ ي
- ئاتىلار، خەنجەر ئوسمانجان ساۋۇت، ئانا تىل ئىجادىيەت، خاسلىق ئىجادىيەت، يازغۇچى ئىجادىيەت، يازغۇچى، قەلەم ئىمىن تۇرسۇن، شېئىر ئۆز، رومكا، شامال ئۆزلۈك ئۈندىدار ئەدەبىيات، ئىستىل ئەدەبىيات، بىمەنە ئەدەبىيات، نادىر، ئالىيجاناب باغنا، يايلاق باھار، شېئىر بۇلاق، سۆيگۈ بېي داۋ، تۇيغۇ بەخت، فىلىم تار كوچا، پوۋېست تارىم تارىم، ئەدەبىيات تۇلپار، ئەسەر، پوۋېست تېڭىرقاش، ياشاش، ھېكمەت تەرجىمە، شېئىر تەنقىد، بايقاش تەنھالىق، ئالۋۇۇن جىبران، شەپە جەننەت، ئەما خازان، كىتاب دادام رومان، ۋاڭ ئەنيى رىيۇ ئەنكىم زاھىر ئابدۇراخمان سايە، تەنھالىق، يېتىم سوسۇر، ئانا تىل سوسۇر، ئەدەبىيات شائىر، ئاۋام، قەلب شۈ جىمو، شېئىر، تەبىئەت شېئىر، ئانا، ۋاقىت شېئىر، تەرجىمە شېئىر، شامال، ئۆلۈم شېئىر، ماكان شەھەر، غېرىبلىق غوجىمۇھەممەد غېرىپ، ساراڭ قار، يار قىسمەت، مۇھەببەت كاتلىن راينى، شېئىر كۆز، دادام كۆز، گۈل كۆكلەم، چىمەن مويەن، نوبېل مۇھەممەد خېۋىر مېھىر، ئىران نەسىر، تەرجىمە نەسىر، تەرجىمە، سىرلىق يالعۇز يايلاق، خاتىرە يۇرتۇم، بەشكېرەم پابلو نېرۇدا، شېئىر پەرھات تۇرسۇن چۈشتاق گوركى، ۋاقىت ۋىسال، ھىجران، پەسىل، ئەركەم