مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
بېھىش يېزام — بەشكېرەم
تەۋە تۈر: شېئىرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/08/25 | كۆرۈلۈشى: 1,271 قېتىم

(مۇۋەششەھ)

ئاپتورى: چۈشتاق 

 

 

باياۋان ئىزىمنى ئوقۇيدۇ تىمتاس،

پەللىگە يەتكۈزگەي سەن بەرگەن چىدام.

ئەبەدلىك مەيلىمسەن بەندىگە تىنماس،

بېھىشنىڭ ئەندازى بەشكېرەم يېزام.

 

ئەسەبلەر تىترىگەي ئەسلەرگە ئاقساڭ،

قىيامدۇر ھەرپلەر سۆيگۈڭ دەستىدە.

ياپراقنىڭ دەردىگە قۇلاقنى ياقساڭ،

شىۋىرلار ئانا يەر قوينۇڭ قەستىدە.

 

شىپالىق تاپمىغان يىرىڭلىق يارام

ساقىيار، داۋادۇر جەننەت باغلىرىڭ.

ئاققاندا بىخۇدلۇق ياشلىرىم تارام،

مەڭزىمنى سىلىغاي مېھىر تاغلىرىڭ.

 

كەزسەممۇ ئالەمنى ئېشىپ مىڭ داۋان،

قاراقتا قاتمىغاي ئەللەر سىياقى.

سەرسانلىق كۈنلەرنىڭ چىرايى سامان،

جېنىمنى تىغلىغاي ئىشقىڭ پىراقى.

   

ئېيتىلماس ناخشا بار باغرىڭنى سۆكسەم،

بوۋامنىڭ كۆزىدىن تامغان يادىكار.

ئەسلىمگە ئىنتىلىپ خىيالغا چۆكسەم،

ئاۋازسىز  بىر ئاھاڭ جانغا تاقىشار.

 

رىۋايەت كۆكلىگەن قەدىم بىشارەت

تەئەججۈپ چۆلىگە كۆڭلۈم تاشلىغاي.

قىسمىتىڭ ئەقلىمگە يانداپ ئىشارەت،

ھېكمەتنىڭ بابىدىن ساۋاق باشلىغاي.

 

ئەيىبتە قارايغان چىرايدا مەن يوق،

قەددىمگە راۋادۇر سەن بەرگەن غۇرۇر.

تۇزكورغا سۆز قاتسام ئاغزىمدۇر پۇچۇق،

ئەلەسكە ئوخشايمەن ئىزدىسەم قۇسۇر.

 

مۇھەببەت-نەپرىتىم سەن بەرگەن ئۇدۇم،

مەككارغا ئىشتىياق بەرمەس دەقىقەم.

مۇقەددەس مۈلكىمدۇر ساڭا خاس خۇيۇم،

ھەققىڭگە تالىقتۇر ئالماس ئەقىدەم.

***********************

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى