مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
ناخشىدىكى قىسمەت: قارا تۇلپار(1)
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/08/24 | كۆرۈلۈشى: 914 قېتىم

ئاپتورى: جاڭ چېڭجى

چۈشتاق تەرجىمىسى

(پوۋېست)

 

مۇقەددىمە

 

ھەممە بىلىدىغان ئەشۇ يايلاق ناخشىسىنىڭ سەۋەبىدىنمىكىن، كىشىلەردىكى: «يايلاق رومانتىكىنىڭ بۆشۈكىدۇر» دەيدىغان خاتا چۈشەنچىنى ھامان بايقاپ تۇرىمەن. ھەر قېتىم مېنىڭ يايلاقتىن كەلگىنىمنى ئاڭلىغىنىدا ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدا بىر خىل ھەۋەس ئۇچقۇنلىرى چاقناپ كېتىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدىن ئاپئاق بۇلۇتلارنى، خۇشپۇراق گۈللەرنى، قىز ۋە جانغا راھەت قىمىزلارنى ھېس قىلالايمەن. قارىغاندا دوستلىرىم ئەشۇ ناخشىلاردا ئىپادىلىنىۋاتقان كەيپىياتنى، چارۋىچىلار پىسخىكىسىنىڭ تۈپ ساپاسى ھېساپلىنىدىغان روھى ھالەتنى پەقەتلا ھېس قىلالمىغان ئوخشايدۇ.

بىپايان يايلاق، چەكسىز ئوتلاقتا بىر ئاتلىق كىشى يالغۇز كېتىپ بارماقتا ئىدى. ئوتتەك قىزىق كۈن نۇرى ئۇنى كۆيدۈرۈپ تۇراتتى. ئۇ بىرقانچە كۈندىن بۇيان مىسكىنلىك ئىچىدە تاسقىلىپ كېلەتتى. ئەتىراپتىن بولسا ئوت ـ چۆپلەرنىڭ دىماقنى ئېچىشتۇرىدىغان  ھىدى ئۆرلەيتتى. ئۇنىڭ ئۆڭى قارىداپ كەتكەن، قوشۇمىلىرى تۈرۈلگەن بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى، قەۋىم ـ قېرىنداشلىرىنى ئەسلىگەچ، تۇرمۇشنىڭ قاتتىقلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ باراتتى. ئۇ ئەستىن كۆتۈرۈلەي دەپ قالغان كەمچىللىك، خىجالەتچىلىك ۋە ئازاپلارغا چىداپ، ئالدىرىماي، دولقۇنلاپ تۇرىۋاتقان يايلاقنىڭ ئىچىدە ئۈن ـ تۈنسىز ھالدا كېتىۋاتماقتا ئىدى. تۇتىۋالغىلى بولمايدىغان بىر خىل ھېسسىيات يەڭگىل، پەس ھالدا ئاتنىڭ ئالدى – كەينىدە چۆرگىلەپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ بۇ ھېسسىياتى ــ ئۆزى ئىلگىرى پەقەتلا بايقاپ باقمىغان بىر خىل غەلىتە ھىسسىيات ئىدى.

بۇنداق ھېسسىياتقا پىسەنت قىلىش ۋە كۆڭۈل بېرىش كەتمەيدۇ. جاھاندا سانسىز ئەسىرلەردىن بۇيان قەھرىتان سوغۇق بىلەن تومۇز ئىسسىق تەكرار ئۆزگەرتىپ كېلىۋاتقان مۇشۇ يايلاقلا بار. شۇڭىمۇ، كىشىلەر قوپال ۋە كۈچلۈك بولۇپ يېتىشكەن. ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ھەممە نەرسىنى ئەرلىكنىڭ مۇزدەك تەلەتى توسىۋالغان. مۇبادا كۈچلۈك ھاراق ياكى باشقا ئالاھىدە نەرسىلەر بىلەن بۇ مۇداپىيە سېپىنى ھالاك قىلىپ، كىشىلەردىكى رايىش تۇغما تەبىئەتنى ئويغاتمىغاندا، سىز ئاتقا قىڭغىر مىنىپ كېتىۋاتقان ئەشۇ ئەرنىڭ قەلبىگە مەڭگۈ چوڭقۇرلاپ كىرەلمەيسىز.

لېكىن، ئەقلىيلىكمۇ ئوبىكتىپ بار نەرسە. چەۋەندازلارنىڭ قەلب تەكتىدە ئۇزۇنغىچە بېسىلىپ تۇرغان ھېس – تۇيغۇلار جىمجىتقىنە ئۆرلەشكە باشلايدۇ. ئۇ ئايلىنىپ يۈرۈپ بىر خىل مىلودىيەگە، تەسۋىرلىگۈسىز ئاددى تەمگە ۋە ئالاھىدە بىر خىل ئەقلىيلىككە ئايلىنىدۇ. بۇنداق ئەقلىيلىكنىڭ ئاۋازى بولمىسىمۇ ئۇنىڭدا قىسمەتتە پۈتۈلگەن مۇزىكىلىق، سۇس رېتىم، تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ئاۋالقى مىلودىيەسى، شۇنداقلا كۆك ياكى يېشىل رەڭدارلىقلار بار. بەكمۇ ئۇزۇن سۈكۈتكە چۆمگەن بۇ ئاتلىق كىشى كۈتمىگەن يەردىن بۇ ئەقلىيلىكنىڭ تۈرتكىسى ۋە قورشاۋىدا غىڭشىشقا باشلىدى:

ــ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل كۈيلىرىنى ئەمدى سۆزلەيدۇ، دىلىدىكى يۈكلەرنى تاشلايدۇ.

ماڭا ئىشىنىڭ، مانا بۇلار موڭغۇل خەلق ناخشىلىرىنىڭ مەنبەسىدۇر.

جاراڭلىق ھەم ھەسرەتلىك ئۇزۇن كۈي ياڭراشقا باشلاپ، زىمىننىڭ كۆكسىنى چېكىپ، ئۇچىۋاتقان بۇلۇتلارغا سوقۇلدى. كۈچلۈك تولغۇنۇپ، ئىگىزگە ئۇچىۋاتقان ۋە پەس ئاۋازدا بوغۇلۇپ بېرىۋاتقان رېتىمدا يېڭى بىر جۈملە باشتىكى جۈملىنىڭ ئەكس ساداسىنى قوغلاپ يېتەتتى. يايلاققا يېڭى قان قېتىلغاندەك بولدى. جىمى مەۋجۇداتلار يېڭى مەزمۇنغا ئېرىشتى. ناخشا ئەۋجىگە چىقىپ خالىغىنىچە يىراق ئۇپۇقلارغىچە يېتىپ باردى.

ناخشىچى ئاتقا مىنگىنىچە ئاڭلاپ باراتتى. پەقەت ئاتلا بېشىنى لىڭشىتقىنىچە خوجايىنغا ئۈندىمەستىن خەيرىخاھلىق قىلاتتى. بەزىدە ئات ئۈستىدىكى ئادەمنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياش ئاتنىڭ يايلىسىغا تامچىپ چۈشەتتى. ناخشىچى سىردىشىنى تاپتى. شۇنداق قىلىپ ئۇزاقتىن تارىلىپ كېلىۋاتقان بارلىق قەدىمى ناخشىلارغا ئات ھەققىدىكى ئىسىملار قويۇلدى: «ئېگىز قارا گىر»، «چىلانتورۇق يورغا»، «كۈلرەڭ ئۇچقۇر» قاتارلىقلار.

قەدىمىي ناخشا «گانگا قارا» ــ «قارا تۇلپار» ئەنە شۇ سانسىز ناخشىلارنىڭ بىرسى. مەن بالىلىق چاغلىرىمدىلا بۇ مىلودىيەنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىغان ئىدىم. ھېلىمۇ ئېسىمدە، شۇ چاغدا مەيداندا ئىككى قولۇمنى ساڭگىلىتىپ، ناخشا ساداسى شامال بىلەن غايىپ بولغىچە تۇرۇپلا قالغان ئىدىم. قەلبىم ئىللىقلىق تۇيغۇسىغا تولغان ئىدى. ناخشىنى تولۇق چۈشۈنۈپ يەتمىگەن بولساممۇ، يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭغا قەۋەتلا ئامراق بولۇپ قالغان ئىدىم. ھالا بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ بىرقانچە مىسرالىق ئاددى تېكىستنى تولۇق چۈشۈنۈپ يەتتىم، دەپ ئېيتىشقا ئاجىزلىق قىلىمەن. بۇ زادى قانداق بىر ناخشىدۇر ــ ھە؟ ئۇ بەلكىم بىر مۇھەببەت ناخشىسى بولسا كېرەك…

كېيىنكى چاغلاردا مەن چوڭقۇر پىكىرلىك بىر يازغۇچى بىلەن ئۇچرۇشۇپ قېلىپ، بۇ ناخشا ھەققىدە ئۇنىڭدىن پىكىر ئالدىم. ئۇ چۈشەندۈرۈپ:

ــ ناھايىتى ئاددى، ئۇ پەقەت ئېچىلمىغان سەبىي قەلبنىڭ كۈچلۈك ئىنسانى تۇيغۇ تەرىپىدىن بىر قېتىم سوقۇلۇشىدىنلا ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە بۇ ناخشا ئاددى، نازاكەتسىز، ئۇنىڭدا كۈچلۈك تەسىرچانلىق يوق» ــ دەپ جاۋاپ بەردى.

مەن شۈبھە بىلەن يەنە:

ــ ئۇنداق بولسا ئۇ نېمە ئۈچۈن قەدىمدىن تارقىلىپ كېلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ ھامان قەلبىمدە چۆرگىلەپ يۈرىدۇ؟ ــ دەپ سورىدىم.

ئۇ كۈلدى. ھەم كەڭ قورساقلىق بىلەن بېلىكىمنى چىمداپ قويۇپ:

ــ چۈنكى سەن ھازىر يېتىلىپ قالدىڭ. چۈنكى ئۇ مۇھەببەتنىڭ ئۆزىدىكى گۈزەللىك، ئۇ سېنى جەلىپ قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ. بايىن باۋىرگىن، بۇنى چۈشىنەمسەن ــ دىدى.

نەدىن بىلەي، خېلى يىللاردىن كېيىن مەن بۇ قەدىمي ناخشىنى ئېيتىپلا قالماي، ئۇنى ھاياتىمدا بىر نۆۋەت تەكرارلاپ چىقتىم!

مەن ئوت ـ چۆپلەرنىڭ ئارىسىدىن بېشىمنى چىقىرىپ، كۆپ ـ كۆك ئاسمانغا بېقىپ، بۇلۇتلار قاتلىمىغا سىڭگەن ۋە چۆپلەرنىڭ ئۇچىنى سىيپاپ ئۆتكەن ئەشۇ بوغۇق ئاھاڭغا قۇلاق سېلىپ، تىمتاسلىق ئىچىدىن كۆرۈنمەس ئەشۇ ئەقلىيەلىكنى ئىزدەۋاتقىنىمدا، زىيادە ھاياجانلىق، پايانسىز ئاخىرقى چۈشۈرگىنى، ئۇچۇرىتىش قىيىن بولغان ئازاپنى، سىدام تىراگىدىيەلىك ھېكايىنى، ئۇندىن باشقا يەنە، چوڭقۇر ۋە سەمىمىي مۇھەببەت بىر خىل يۆلەنچۈك ۋە رامكىنى ئاستا ـ ئاستا ھېس قىلىپ يەتمەكتە ئىدىم. باشقىچە ئېيتقاندا ھەممىسى ئەشۇ ئەقلىيەلىكنىڭ مۇزىكىلاشقان رەڭدارلىقى ۋە رېتىمىدىن ئىبارەت ئىدى. ئەكسىنچە بۇ قەدىمىي ناخشىنىڭ ھەقىقى ئىچكى روھى تېخىمۇ يوشۇرۇن ھەم مۇرەككەپ ئىدى. پەقەت شۇلا ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقىچە ئەجداتلىرىمىز ۋە بىزگە ئەستىن چىقماس تەسىراتلارنى بېرىدۇ ھەمدە يەنە بىزگە مەڭگۈ  ئۆزىنىڭ ئىمكانىيىتىنى ھىدلاتقۇزمايدۇ.مەن خىيال بىلەن ناخشا سىڭىپ كېتىۋاتقان كۆككە نەزەر سالماقتىمەن، قاققىلداپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قاقىرلار ئۆتۈنۈشلىرىمنى بۆلۈۋەتتى.مەن ھېلىقى ئۇزۇندىن بۇيان چوڭ بىلىپ كېلىۋاتقان يازغۇچىنى ئەسلەپ، تۇنجى قېتىم ئاتاقلىق كىشىلەردىكى يۈزەلىكنى ھېس قىلدىم…

ھەئە، ئەمدى بۇ مەسىلىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك ئوخشايدۇ.مەن ئۆزۈمدىن، كىشىلەردىن، ئەزەلدىن كۆرۈشۈپ باقمىغان لېكىن مەن بىلەن دىلكەشلىكنى ساقلاپ كەلگەن دوستلاردىن سوراپ باقاي: «قارا تۇلپار» زادى قانداق بىر ناخشىدۇ؟ بۇ قەدىمىي ناخشا نىمە ئۈچۈن قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئېيتىلىپ كېلىدۇ؟

 

1

قارا تۇلپارىم يۈگرۈك، چىرايلىق،

باغلاغلىقتۇر تالادىكى ھارۋىغا.

 

      قەدىمدىكى دەۋىرلەردىكى ئىتتىپاق تۈزگەن مۇقەددەس ئوۋبا ۋە ئانا كۆل، سېرىن دەرياسىنىڭ چەت ياقا ئوتلاقلىرىنىڭ ئىچكىرىسىدە سىز «بېرگىن»[1] ناملىق كىچىك بىر ئېقىننىڭ بارلىقىنى بايقايسىز. چارۋىچىلار چاقچاق ئارىلاش چۈشەندۈرۈپ:

ــ بەلكىم ئەشۇ يەڭگىمىز بۇ يەردە نام چىقارغان بولسا كېرەك، شۇڭا بۇ ئېقىننىڭ نامى مۇشۇنداق قىزىقارلىق قويۇلۇپ قالغان گەپ ــ دىيىشىدۇ.

      لېكىن، ئاق چاچلىق بىر موماي ماڭا ئۆز ئېغىزى بىلەن:

ــ «بېرگىن» بىز موڭغۇللارنىڭ ئەجداتلىرى تېخى بۇ يەرلەرگە مال بېقىپ كەلمىگەن چاغلاردا ياتلىق بولغان قىزنى قۇدىلارغا «بەرگەن» ۋە يېڭى كېلىن، ئۇزىتىپ كەلگەن ئاتا ـ ئانىلىرى بىلەن خوشلاشقان بىر كىچىك دەريانىڭ نامى ــ دەپ ئېيتىپ بەرگەن ئىدى.

     ئاتلىق ئېقىننى كېچىپ ئۆتمەكتە ئىدىم، ئات ئۆزلۈكىدىنلا توختاپ، ئېقىننىڭ ئوتتۇرسىدىلا سۇغا تۇمشۇقىنى تىقىپ سۇ ئىچىشكە باشلىدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئەتىراپتىكى تونۇش ۋە ناتونۇش مەنزىرىلەرگە كۆز يۈگۈرتتىم. يىگىرمە يىل بوپتۇ، بېرگىن دەرياسى يەنە ئاۋالقىدەكلا ئېقىپ تۇراتتى. تۇنجى قېتىم بۇ يەرگە كەلگەن چېغىمدا دادامنىڭ بېشىمنى نوقۇپ، ۋاقىراپ تۇرۇپ، «ھەي، موزاي! ئۆمىلەپ تۇرۇپ ئىچە. بۇ يۇرتىمىز ـ يايلاقنىڭ سۈيى» دىگىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.

ئالدىنقى بىر مەزگىلدە مەن چارۋىچىلىق نازارىتى پىلان باشقارمىسىدىكى بىرنەچچە مۇتەخەسىسكە ھەمراھ بولۇپ، بۇ ئەتىراپتىكى ياش چارۋىلارنى تەكشۈرۈشكە كەلگەن ئىدىم. مەن خوشنا خوشۇن خەلق كومىتىتىغا ئاتايەن دادامنى يوقلاپ بارغىنىمدا، نىمە سەۋەپتىن ئىكىن ئۇ يەنە چېچىلىپ كەتتى:

 ــ ھە! مۇتەخەسىسكە ھەمراھ بولۇپ؟ تەرجىمانلىق قىلىپ؟ ھەي، موزاي! ئۆزۈڭچە ئەمدى قامچامنىڭ تەمىنى تېتىمايمەن دەپ قېلىۋاتامسەن… ماڭ بېرگىننىڭ بويىدىكى قومۇشلۇقلارغا بار. سۇغا ئۈچ كېچە ـ كۈندۈز چىلىنىپ يېتىپ، ئەپتىڭدىكى ماۋۇ چوڭ تەرجىمان، چوڭ كادىرلىقتىن ئىبارەت سېسىق ھىدنى تازىلاپ بولۇپ مېنى يوقلاپ كەل!

دادا، پەقەت سىلەرلا يايلاقنى چىن يۈرىكىمىز بىلەن ياخشى كۆرىمىز دەپ قارامسىلەر؟ شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، كەچۈرمىش دىگەننى ئالماشتۇرغىلى بولمىسىمۇ، ھەممە كىشى ئوخشاشلا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ…

ئېقىننىڭ ئەگىملىرى ۋە نەمخۇش سازلىقتا ئاپئاق مەخمەل پوپۈكلۈك قومۇشلار زىچچىدە ئۆسۈپ كەتكەن ئىدى. تۇرنىلار كۆكتە قى ـ قۇ قىلىشقىنىچە سەپلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئۇچۇشۇپ يۈرەتتى. قومۇشلۇق شۇنداق قېلىن بولۇپ، ئۇنى كېسىپ ئۆتمەچى بولغان چەۋەندازنىڭمۇ قىينىلىپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. ھېلىلا قونۇشقان تۇرنىلار توپىنىڭ ۋاڭ ـ چۇڭلىرى، سايراشلىرى بېسىقمايتتى، ئۇلار  قاناتلىرىنى سۇ يۈزىگە ئۇرۇپ بۇژغۇنلارنى چاچرىتاتتى. قومۇشلار بولسا شار ـ شۇر قىلىپ يەلپۈنەتتى. تۇرنىلار ئۇگىلىرىنى سەرەمجەنلاشتۇرۈش بىلەن ئاۋارە بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى قاتمۇ –قات غەملەرگە پاتقان بىر ئادەم بىلەن پەقەتلا كارى يوق ئىدى.

ئاتنى دىۋىتىپ،قىرغاققا چىقتىم. تونۇش كورۈنۈشلەر كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.بۇ يەر مەن بۇرۇن ياشىغان بۆشۈك، ئايرىلغىنىمغا ئۇزۇن بولغان يايلاق ئىدى. دادام ــ ئۇ مېنىڭ بۇ يەرگە ئۇنى يوقلاپ كېلىدىغىنىمنى ئاڭلاپ ئاچچىقىدىن يېنىپتۇ، لېكىن ئۇ مېنىڭ نېمە ئۈچۈن يۇرتۇمغا قايتىپ كەلگەنلىكىمدەك روھى ھالىتىمنى پەقەتلا چۈشەنمەيتتى… ئېھ، يۇرتۇم، سەن چۈشۈمدىكىدەك سۈزۈك، مەپتۇنلۇقسەن. سەن ئۆزۈڭدىن ئايرىلىپ كەتكەنلەرگە قانداق ھەسرەتلەرنى تەقدىم ئەتكەنلىكىڭنى بىلەمدىغانسەن؟

سول تەرەپتىكى تۆپىلىكتە قويلار يېيىلغىنىچە ئوتلىشىپ يۈرەتتى. قويچىنىڭ  چىملىقتا يانچىلاپ ئاپتاپ سۇنۇپ ياتقانلىقىنى يىراقتىنلا كۆردۈم – دە، ئۇددۇل ئۇنىڭ قېشىغا قاراپ ماڭدىم.

ــ ھەي، ناتونۇش دوست ياخشىمۇسەن؟ ۋاي، ئېتىڭ ئاجايىپ قالتىسكەنغۇ! ــ ئۇ كۆزىنى قىسقىنىچە قاراگىر ئېتىمغا قاراپ تۇراتتى.

ــ ياخشىمۇسەن، بۇ ئاتنى دەمسەن، ھەرھالدا بولىدۇ ــ كومۇنا ماڭا بېرىپ تۇرغان ــ مەن مۇنداقلا تەكەللۇپ قىلىپ قويدۇم.

ــ ھە، ئەلۋەتتە! بۇ ئاتنى مەن تونۇيمەن. ئۇ گانگا قارا. خاتا ئەمەس، بۇلتۇرقى ئات بەيگىسىدە بىرىنچى بولغاندا مەن يىراقتىن كۆرگەن، شۇڭا خاتالاشمىدىم. كومۇنا ئەڭ نوچى گانگا قارانى ساڭا بېرىپ تۇرۇپتىدە.

گانگا قارا؟! كۆز ئالدىمدا چاقماق چاققاندەك بولۇپ، كۆزلىرىم قاراڭغۇلاشتى، ئىگەردە ئولتۇرالماي ئاتتىن يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدىم. شۇنداق بولسىمۇ ئۆزۈمنى تەستە تۇتىۋېلىپ:

ــ ئاكا، قويلىرىڭ سەمىرىپ كېتىپتۇ ــ دىگەچ ئاتتىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا بىر تال تاماكا ئۇزاتتىم.

گانگا قارا… مەن ئالدىمدىكى گەۋدىلىك، ئىگىز، پۇتلىرى تۈز، كەڭ ئالدى كۆكرىكى بۆرتۈپ تۇرغان قارا ئاتقا نەزەر تاشلاپ تۇرماقتا ئىدىم. كۈن نۇرىدا ئۇنىڭ مويلىرى قۇندۇزنىڭكىدەك چاقناپ تۇراتتى. مېنىڭ قارا قۇلۇنۇم، قارا ئارغىمىقىم! مەن ئۈنسىز ھالدا ئۇنىڭ نامىنى زىكىر قىلماقتا ئىدىم. سېنى قانداقمۇ تونىيالماي قالغاندىمەن؟ ماۋۇ قويچى سېنى بىرلا كۆرگەن تۇرۇپ خۇددى پىچاق بىلەن ئەن سالغاندەك سېنى خاتىرىسىدە ساقلاپتۇ. مەنچۇ، سەن ھاياتلىق سۈپىتىدە بۇ دۇنياغا ئەمدىلا كۆز ئاچقىنىڭدا، پەقەت مەنلا ساڭا قىزغىن ئۈمىدلەرنى باغلىغانلىقىمنى بىلىسەن.مەن ساڭا مۇشۇ پەخىرلىك نام ــ گانگا قارانى ئىسىم قىلىپ قويمىغانمىدىم. قارىغىنا ئون تۆت يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ،ۋاقىت يايلاقتىكى شاماللاردەك، يىراقتىكى سۇس كۆك رەڭلىك تاغلار ۋە بېرگىن دەرياسىنىڭ مەنبەسىدىنمۇ يىراقتىكى زىمىنلانىڭ ئاخىرىدەك غايىپ بوپتۇ. ئۇ يۈزلەرنى سىلاپ ئۆتسىمۇ، ئارقىسىغا قايتىپ كەلمەي، قەلبلەردە كىشىنى ھەسرەتكە سالىدىغان تەسىراتلارنى قالدۇرىدۇ.مەن توققۇز يىل جەريانىدا چارۋىچىدىن چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ ئىلمىي خىزمەتچىسىگە ئايلاندىم. سەنچۇ، يېراق ـ يېقىنغا نامى تارالغان ئۇچقۇر تۇلپارغا ئۆزگۈرۈپسەن. ياخشى تۇرغانسەن، بالىلىقتىكى ھەمرايىم؟ مېنى پۇراۋاتىسەن، پەشلىرىمدىن تېتىۋاتىسەن. كۆزلۈرۈڭ ماۋۇ قويچىنىڭكىدەكلا ئۆتكۈر، سەن مېنى چوققۇم تونىۋالدىڭ. ئۇنداقتا ـــ ماڭا ئۇنىڭ نەدىلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەمسەن؟ ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلغاندىن كېيىن خەت ـ خەۋەر قىلىشالمىدۇق، پەقەت سەنلا بۇ جەريانلارنىڭ شاھىدى. ئۇنى نەقەدەر سېغىنىدىغانلىقىمنى پەقەت سەنلا چۈشىنىسەن.چۈنكى ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئەگرى – توقاي يوللارنى مەنلا ھېس قىلالايمەن. بېشىڭنى چايقاپ يا لىڭشىتىپ جاۋاپ بەر؟ ئۇ ــ سۇمىيە زادى قەيەردە؟

ــ قېنى تاماكا چەك! ــ قويچى ماڭا بىر تال تاماكا ئۇزاتتى.

ــ ماقۇل، ماقۇل، ئاپتاپقا قاقلىنىپ يېتىش نىمىدىگەن راھەت! ئاكا سەن بېرگىن ئىشلەپچىقىرىش ئەتىرىتىدىنمۇ؟ ــ مەن ئۇنىڭدىن سورىدىم.

ــ ياقەي، لېكىن ئارلىقىمىز بەك يېقىن.

……. ئۇ چاغدا دادام مۇشۇ كومۇنانىڭ كومۇنا باشلىقى ئىدى. بىر كۈنى ئۇ مېنى ئاتنىڭ كەينىگە مىنگەشتۈرۈپ يىراق مومىمىزنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى.

ــ ئېرجى! ــ دىدى ئۇ ۋاقىراپ: ــ مانا بايىن باۋرگېننى ساڭا تاپشۇرۇپ بەرگىلى كەلدىم. ئۇ كومۇنا بازىرىدا يۈرۈپ بەك يامان ئۈگىنىپ كەتتى. تېخى يېقىندىلا قوراللىق قىسىمنىڭ مىلتىقىنى ئويناۋېتىپ، تورۇستىن بىر تۆشۈكمۇ ئېچىۋەتتى.مېنىڭ ئۇنى باشقۇرىدىغانغا نەدە ۋاقتىم، كۈندە ئەتىرەتلەرگە قاترايمەن.

ئاپئاق چاچلىق موماينىڭ خۇشاللىقتىن كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كەتتى.ئۇ دادامغا كالا تېرىسىدىن تىكىلگەن بىر ھاراق قۇتىسىنى تاشلاپ بېرىپ، مېنى مېھرىبانلىق بىلەن قۇچىقىغا ئالدى ۋە پېشانەمگە «چوككىدە» قىلىپ بىرنى سۆيۈپ قويدى. پېشانەمدە بولسا خېلىلا شۆلگەينىڭ ئىزلىرى قالدى. مەن يۇلقۇنۇپ ئۇنىڭ مايلىق قۇچىقىدىن چۈشۈپ كەتكەن بولساممۇ، دادامنىڭ يېنىدا ئولتۈرۈشقا جۈرئەت قىلالماي، ئاستا ـ ئاستا سۈركىلىپ بىر چەتتە جىمغىنە چاي ئىچىپ ئولتۇرغان قارا كۆزلۈك كىچىك بىر قىزنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردۇم. ئۇ ماڭا قاراپ ـ قاراپ قوياتتى، مەنمۇ ئۇنىڭغا قاراپ ـ قاراپ قويدۇم. ئۇ كۈلىۋېدى، مەنمۇ كۈلدۈم.

ــ ئىسمىڭ نىمە؟

ــ سۇمىيە، سېنىڭ ئىسمىڭ  بايىن باۋرگېنمۇ؟ ــ ئۇنىڭ ئاۋازى يېقىملىق، تاتلىق ئىدى.

دادام قىمىزنى قانغىچە ئىچىپ، مۈرەمگە يەڭگىل تايىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، تالاغا ئاتنىڭ قېشىغا چىقتى.تومۇزدىكى يايلاق بەكمۇ يېپىشقاق ئىدى، شەبنەم تامچىلىرى چۆپلەرنىڭ ئۇچىدا ساڭگىلاپ، كىرىستالدەك سۇس چاقناپ تۇراتتى. مەن خۇرسەنلىك بىلەن يۈگرەپ بېرىپ، دادامنىڭ كۆك يورغىسىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ پۇتىدىكى چۈشەكنى يەشتىم.

ــ بايىن باۋرگېن، ــ دادام مۈرەمدىن قايرىپ مېنى ئۆزىگە قاراتتى، ئۇنىڭ قوۋۇزىغىچە كەلگەن قارا ساقاللىرىنىڭ تىترەپ تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم ــ بالام، ئاپاڭ تۈگەپ كەتكەن كۈندىن باشلاپ، مەن ئىزچىل ھەلدا مۇشۇنداق بىر ئائىلىنى ئىزدەپ يۈردۈم…… مېنىڭ ئالدىراشلىقىمنى بىلىسەن. بوۋاڭ ۋە داداڭغا ئوخشاش مۇشۇنداق يەردە چوڭ بول.ئوبدان ئىشلە موزاي. ئېرجىلارنىڭ ئۆيىدە ئەر كىشى يوق، ئۇلار ساڭا تايىنىدۇ. ئاۋۇ ئاتلىق ئەركەكلەرگە ئوخشاش! ئۇقتۇڭمۇ؟

ــ ئات مىنەمدىمەن؟ ـ  ئۈمىد بىلەن دادامدىن سورىدىم: ــ مېنىڭمۇ ئۆز ئېتىم بولامدۇ؟

ــ ئەلۋەتتە، مۇھىمى سەن كومۇنا بازىرىدىكى كىچىك لۈكىچەككە ئايلىنىپ قالمىساڭلا، ــ دادام ئېرەڭسىز ھالدا جاۋاپ بەردى.

شۇنداق قىلىپ مەن چېدىردىكى بالىغا ئايلاندىم. تېزەك تېرىشنى، موزاي باغلاشنى ئۈگەندىم. ئەتىيازدا قوزىلارنى ئۈركۈتۈپ قوغلاپ كېلەتتىم، ئۆكۈزنى كۆتەك ھارۋىغا قېتىپ چىغلارنىڭ ئارىسىدىكى قۇدۇقتىن سۇ توشۇپ كېلەتتىم.ئەپلەپ ـ سەپلەپ ياسىۋالغان ئات دەستەم بىلەن ئىرىك قوي ۋە ئەينى چاغدىكى قارا تېيىمنى تۇتاتتىم. سۇمىيە ئىككىمىز دىمەتلىك بولۇپ، ھەر ئىككىلىمىز قوي يىللىق، مومىمىزنىڭ جىگەر پارىلىرى ئىدۇق.ئىككىمىز بىللە ئىش قىلاتتۇق ھەم باشلانغۇچتا ئۈچ يىلغىچە موڭغۇل تىلى ۋە ھېساپ ئۈگەندۇق. يازدا رەسمى مەكتەپتە ئوقىساق، قىش كۈنلىرى خەلق ئوقۇتقۇچىسىنىڭ كىگىز ئۆيىدە ساۋاق ئالاتتۇق. ئۇ مېنى «باپا» دەپ چاقىراتتى، مەنمۇ ئۇنى بەزىدە «سانا» دەپ چاقىراتتىم. مەن ھازىرغىچە يايلاقتىكى بالىلارنىڭ قانداق قىلىپ بۇنداق غەلىتە ئاتالمىلارنى ياساپ چىققانلىقىنى چۈشىنەلمەيمەن. بەلكىم ، بۇ ئاتالغۇلار تۇققاندارچىلىق ھەققىدىكى سۆزلەرنى تەتقىق قىلىۋاتقان مىللەتشۇناسلارغا خېلى باش ئاغرىقى تېپىپ بېرەر.

يايلاق شۇقەدەر چوڭ، شۇقەدەر گۈزەل بولۇپ، كىشىگە ئويناپ قانمايدىغان تۇيغۇلارنى بېرەتتى.ئۇ مېنى باغاچلىماقتا، ئېرىتمەكتە ئىدى. مەن بۇ يەرگە كۆنۈپلا قالماي، ھەتتا ئايرىلالماس بولۇپ قالغان ئىدىم. دادام كۆك يورغىسىنى مىنىپ تۆۋەنلەرگە چۈشكەندە، پات ـ پات مېنى يوقلاپ كېلەتتى. مەن بولسام ئۇنىڭغا يېپىشىۋېلىشتىن تامامەن قالغان ئىدىم. كىگىز ئۆينىڭ سىرتىدا موزاينىڭ ۋە ئىتنىڭ بىر نەرسىلەرنى ئۆرىۋەتكەن ئاۋازىنى ئاڭلىساملا دادامنى تاشلاپ قويۇپ سىرتقا يۈگرۈپ چىقىپ ئۇلارنى ئەدەپلەيتتىم. بەزىدە دادام ماڭا «چوڭ يوليورۇق»لارنى بېرىۋاتقان بولسىمۇ، سۇمىيەنىڭ سىرتتا ئۆكۈز ھارۋىسىنى قېتىۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلىساملا دەرھال سىرتقا قاراپ ماڭاتتىم.

مەن ئۆزۈمنى كۆرسۈتىپ، كۆتەك ھارۋا بىلەن يىراقتىكى قۇدۇقتىن سۇ توشۇغىلى كېتىۋىتىپ ئارقامغا قارىغانىمدا، كۆك ئاتقا مىنگەن بىر كىشىنىڭ يالغۇز، مىسكىن ھالدا ئۆيىمىزدىن ئايرىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم. نىمىشقىكىن، قەلبىمدە دادامنىڭ ئېتىبارىدىن غالىپ كېلىشتەك بىر خىل پەخىرلىنىش تۇيغۇسى يالقۇنجايتتى. ئۇنىڭ كېلىپ ماڭا بۇيرۇق بېرىشلىرىگە ئەمدى ئورۇن يوق ئىدى. ھازىر مەن بۇ كۆپكۆك، سۆيۈملۈك دالادا ئىشنى ئۆز ئالدىمغا قىلىدىغان ئەركەك ئىدىم. مەن سۇمىيەگە قاراپ قوياتتىم، ئۇ ئاۋايلىغانچە ياغاچ تۇڭنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، قايىللىق ۋە ئىشەنچ نەزىرىدە ماڭا باقاتتى.مەن سۈر ۋە ھەيۋەت بىلەن ئۆزۈمنى رۇسلاپ، كېتىۋاتقان ئۆكۈزگە قامچا سالاتتىم. كۆك قاناتلىق قارلىغاچلار ئۆكۈزنىڭ بېشى ئەتىراپىدا ئۇسۇل ئوينايتتى، تىك، قويۇق ئۆسكەن چىغلار ھارۋىنىڭ چاقى ئاستىدا پاراسلاپ يانچىلاتتى.مەن بولسام قانائەت بىلەن ھارۋىنى ھەيدەپ باراتتىم، بەزىدە ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ، بىر ـ ئىككى مىسرا توۋلاپمۇ قوياتتىم.

ئون تۆت يىلنىڭ ئالدىدىكى قوي يىلىدا، سۇمىيە ئىككىمىز ئون ئۈچ ياشقا كىرگەن ئىدۇق.

ئون ئۈچ ياش موڭغۇل بالىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاۋام تەرىپىدىن ئىززەتلىنىدىغان مەزگىلى. چاغاندا مومام سۇمىيە ئىككىمىزگە تېزەكتە ئىسلاپ سارغايتىلغان، جىيەكلىرى چىرايلىق يېڭى تېرە يەكتەك كەيگۈزۈپ قويدى.بىز كالا ھارۋىسى بىلەن ئۆي ـ ئۆيلەرگە پەتىلەپ باردۇق. شۇ يىلى بىزنىڭ مۆچىلىمىز بولغاچقا ھەممەيلەن قائىدىسىنى قىلىپ بىزگە ھەر خىل سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىشتى.سۇمىيە خوشاللىق بىلەن ئۆزىنىڭ سوۋغاتلىرىنى سانىماقتا ئىدى، ئۇ ئايتوقاچ، قولياغلىق، سىركايە قاتارلىقلارنى ئۆرۈپ ـ چۆرۈپ كۆرمەكتە ئىدى. مەن بولسام، ئىختىيارسىز ھالدا سەل خۇرسىنىشقا باشلىدىم: شۇنداق مۇھىم بايرامدا ئاياللارغا ئوخشاش كالا ھارۋىسىدا ھېيتلاپ يۈرمەكتە ئىدىم. چارۋىلىرى بار ئۆيلەرنىڭ بالىلىرى يايلىلىرى تەكشى قىرقىلغان ئىگىز باشلىق ئاتلارنى مىنىپ چوڭلارنىڭ كەينىدىن، قارلارنى توزۇتۇپ، سۈرەن بىلەن كىگىز ئۆيلەرنىڭ ئارىلىرىدا چېپىشىپ يۈرەتتى. ھەي! قاچانمۇ مېنىڭ ئېتىم بولار ــ ھە؟

سۇمىيە ماڭا تەسەللى بېرىپ:

ــ ئالدىرىما، مومام: ئىككى يىلدىن كېيىن ئەترەتتىن بىر قورۇ كالا ئېلىپ باقايلى دىدى. شۇ چاغدا سېنىڭ بەش ئېتىڭ بولىدۇ ــ دەيتتى.

ــ ھىم، ئىككى يىل! ــ مەن ئۇنىڭغا قاراپ ۋاقىرىدىم: ــ ئىككى يىلنىڭ ئىچىدىچۇ؟

ئىشنىڭ تولىمۇ تېز ئۆزگىرىشىنى راستىنلا خىيالىمغا كەلتۈرمىگەن ئىكەنمەن.

باھار، چوكانتال بايرىمىغا بىرقانچە كۈن قالغان چاغلاردىكى بىر كېچىدە تولىمۇ قاتتىق بىر جۇدۇن يۈز بەردى. كېچىچە بىز تېرە يوتقانغا ئورىنىپ، سىرتتىكى شىۋىرغاننىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ مومىمىزنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ چىقتۇق. كىگىز ئۆينىڭ ئۈستى ئىغاڭلاپ چىقىرىۋاتقان تاراق ـ تۇرۇق ئاۋاز بىلەن سىرتتىكى ئات تۇياقلىرىنىڭ ئاۋازىنى پەرىقلەندۈرگىلى بولمايتتى. مومام تەشۋىش بىلەن ئاۋازىنى سوزۇپ:

ــ شىۋىرغان يىلقىلارنى ئۈركۈتىۋەتتى، بوغاز بايتال ئۆلىدىغان بولدى … ــ دىدى.

ئىككىنچى كۈنى سەھەردە مۆجىزە يۈز بەردى.

سۇمىيە ئىككىمىز كۈلتۈك قار ئېتىۋالغان كىگىز ئۆينىڭ ئىشىكىنى كۈچەپ ئاچقاندىن كېيىن، ئىشىكنىڭ ئالدىدا تۇرغان قاپقارا بىر قۇلۇننى كۆردۇق. شامال ھېلىمۇ چىقىپ تۇراتتى، يىراقتىكى قارلىق يانباغىردا دىگەندەك بىر بايتالنىڭ ئۆلۈكى بىلىنەر ـ بىلىنمەس كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بىز چۇقۇرىشىپ قۇلۇننى يېتىلەپ، كۆتۈرۈپ دىگۈدەك كىگىز ئۆينىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىردۇق. قۇلۇن قورققىنىدىن ياشلىق كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇراتتى. تۇياقلىرىمۇ ئىگىلىپ تىترەپ، كىگىز تامغا يۆلىنىپ قالغان ئىدى. ئوچاقتىكى ئوتنىڭ ئىسسىقى ئۇنىڭ سوغۇقتىن توڭلاپ قېتىپ قالغان مويلىرىنى ئېرىتتى. قۇرىغان مويلار قاپقارا بولۇپ يالتتىراشقا باشلىدى. مومام بەلبېغىنى باغلاشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، تىترەپ تۇرۇپ قۇلۇننى قۇچاقلاپ، يەڭلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىبېشىنى ئېيتىشقا باشلىدى، ئاندىن يەكتىكىنىڭ ئالدىنى ئېچىپ ئۇنى قۇچىقىغا ئالدى.  ئۇ يەكتىكىنىڭ سىرتىغا چىقىپ قالغان قۇلۇننىڭ بېشىغا سۆيۈپ تۇرۇپ، ئەزمىلىك بىلەن يۈرۈش ـ يۈرۈش دۇرۇتلارنى ئوقۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ دىيىشىچە، بايىن باۋرىگېن ئات مىنىدىغان يېشىغا يەتكىنى ئۈچۈن، بۇ قۇلۇننى ئىلاھ ئەۋەتىپتىمىش. بايىن باۋرىگېننى ئۇنىڭغا ئىلاھ ئاتا قىلغاچقا، ئىلاھ بايىن باۋرىگېنگە بىر ياخشى ئات تەقدىم قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغانمىش. بولمىسا بوغاز بايتال شىۋىرغاندا قۇلۇنلاپ ئۆلۈپ قالمىغان، بىر تېمىممۇ سۈت ئەممىگەن قۇلۇن قاپتالدىن كىگىز ئۆينىڭ ئىشىكىكە كېلەلمەسمىش. ئۇ يەنە، ئۆمرىدە نۇرغان قۇلۇنلارنى كۆرگەن بولسىمۇ بۇنداق چىرايلىق قۇلۇننى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى، بۇ قۇلۇننى بېقىپ چوڭ قىلىش بولسا ئىلاھ ئۇنىڭغا بۇيرىغان ئەڭ ئاخىرقى ئىش ئىكەنلىكىنىمۇ دەپ بەردى.

سۇمىيە ئىككىمىز ئۇنىڭ گەپلىرىگە بېرىلىپلا كەتتۇق. ئۇنىڭ سۆزلىرى بىزنى مايىل قىلىۋالدى. كېيىن ئۇنىڭ قىزىل رەخت بىلەن قۇلۇنغا تۇمار تىككىنىنى كۆرگىنىمىزدە بولسا، ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ خۇراپاتلىققا ئىشەنمەسلىك، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى تەلىملىرىنى ئۇنتۇپلا كەتتۇق.

      ئاخىرقى قارلار تېخى ئېرىپ بولمىغان، تاغ ـ دالالار تېخىچە ئالا ـ بۇلا ھالەتتە ئىدى. قارا قۇلۇن ھەر كۈنى كالا سۈتى ئىچەتتى. ئاندىن يۇمشاق چىملىقتا بويۇنلىرىنى تىك قىلىپ قىيغىتىپ يۈگرەيتتى، بەزىدە ئىللىقىنە يېتىپ ئۇزۇنغىچە يىراقتىكى تاغ تىزمىلىرىغا ۋە بۇلۇتلارغا نەزەر سالاتتى. سۇمىيە ئىككىمىز يانباغىرلاردىن تېزەك تېرىپ قايتقان چېغىمىزدا قوۋۇزىمىزنى كۆتۈرۈپ زىل ئاۋازدا ئىسقىرتىشقا ياكى ئاۋازىمىزنى سوزۇپ تۇرۇپ «خې…… يى» دەپ توۋلاشقا ئامىراق ئىدۇق. قارا قۇلۇن توشقاندەك ئەپلىك سەكرەپ، چىغىرتماقلىق ۋە قىغ دۆۋىلىرىنى ئەگىپ ئۆتۈپ، ئادەمنىڭ ئىچى كۆيگىدەك چىرايلىق قەدەملىرى بىلەن بىزگە قاراپ ئۇچقاندەك يېتىپ كېلەتتى. بىز سېۋەتلىرىمىزنى تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىبېشىنى تازىلايتتۇق، قىڭغىر بولۇپ قالغان تۇمارىنى ئوڭشاپ قوياتتۇق، يېنىمىزدىكى ئايتوقاچ، قىزىل شىكەر، بوغۇرساق قاتارلىقلار بىلەن ئۇنى مېھمان قىلاتتۇق. يىراقتا مومىمىز چېكە چاچلىرىنى لەپىلدىدىپ، سۈت سېغىش، موزاي باغلاش دىگەندەك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولاتتى، شۇ تۇرقىدا ئۇ راستىنلا مۇقەددەس بىر ۋەزىپىنى ئادا قىلىۋاتقان ئايالغا ئوخشاپ قالاتتى. ئەلۋەتتە، بىز كېچىلىرىمۇ ئۇنى سىرتقا تاشلاپ قويمايتتۇق، ھەر كۈنى كەچتە بىز ئۇنى قوي يۇڭىدا ئېشىلگەن يۇمشاق چۇلۋۇر بىلەن ئوچاقنىڭ يېنىغا باغلاپ قوياتتۇق. بۇ چاغدا قۇلۇن تاي بولۇپ قالغان بولۇپ ئائىلىمىزنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغان ئىدى، تۆتىمىز كۆڭۈللۈك تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق، ئۇنىڭ بىزگە بەرگەن چەكسىز خوشاللىقىدىن ھوزۇرلىناتتۇق.

بىر كۈنى سۇمىيە قارا تاي بىلەن ئويناپ ئولتۇرغان ئىدىۇق. كالا سېغىۋاتقان مومام تۇيۇقسىز بىر ناخشىنى غىڭشىپ ئېيتىشقا باشلىدى. بۇ ناخشا دەل «گانگا قارا»[2] ــ «قارا تۇلپار» ئىدى.

 مومام يېنىدا گويا ھېچكىم يوقتەك بىر تەرەپتىن سۈت ساغقاچ، ناخشا ئېيتماقتا ئىدى. ئۇ سۈتنى سېغىپ بولۇپ، پۇرچاق كۈنجۈرىسىنى ئۇششاق قىلىپ پارچىلاپ، ئويۇققا سېلىپ قويۇپ، سىيىر بىلەن موزاينى يېتىلەپ ماڭدى. ئۇ ناخشا ئېيتقاچ سىيىرنى ئەدەپلەپ باراتتى: «قارا ئارغىمىقىم يۈگرۈك، چىرايلىق، ھەييۇ…… ماڭە، ئاق تۇمشۇق! تېخىچە يەپ تويمىدىڭمۇ؟ ــــ باغلاقلىقتۇر تالادىكى ھارۋىغا. ھەييۇ……»

  مومام ناخشىنى تولىمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئېيتماقتا ئىدى، ئۇنىڭ ناخشىنى مۇنداق ياخشى ئېيتىدىغانلىقىنى راستىنلا ئويلىمىغان ئىدىم. ئۇ ئاخىرقى ئاھاڭنى سوزۇپ، ئايلاندۇرۇپ چۈشۈرىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئاۋازى بوغۇق ۋە جاراڭلىق چىقتى، قارىماققا ئۇ ناھايتى تەستە ئېيتقىلى بولىدىغان چىرايلىق ئاھاڭلارنىمۇ ئادەتكىچىمۇ ئېيتالايدىغاندەك قىلاتتى. مەكتەپتە ئۈگەنگەن رېتىمى ئاددى بالىلار ناخشىلىرىغا كۆنگەن بولسام كېرەك، بۇ ئاددى ھەم قەدىمىي «قارا تۇلپار» ماڭا ئاجايىپ يېڭى ۋە ئۆزگىچە تەسىر بەردى. سۇمىيە ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە قاراشقىنىمىزچە نەپەسمۇ ئالماي دىگۈدەك مومىمىزنىڭ مەپتۇنلۇق ئىچىدە ئېيتىۋاتقان ناخشىسىنى ئاڭلىماقتا ئىدۇق. مومامنىڭ ئېيتىۋاتقىنى بىر ئاكاشنىڭ مىسلىسىز گۈزەل بىر قارا تۇلپارغا مىنىپ، ئۈزۈن يوللارنى بېسىپ، چەكسىز يايلاقنى كېسىپ،سىڭلىسىنى ئىزدەۋاتقانلىق ھەققىدىكى بىر ھېكايە ئىدى. ئۇ ھامان ئەۋرىشىم، ئۆزگۈرۈشچان ئاخىرقى ئاھاڭغا كەلگەندە ئۇنى كۈچلۈك ھالدا تەسىپ قىلاتتى. بىز چۈشىنەلمەي قىينىلىپ كېتەتتۇق. ئۇ بىزنى قىيناپ بىر يەرگە بارغاندىن كېيىن، بىرەر ـ ئىككى  ئاددى سۆزلەر بىلەن شۇ باسقۇچتىكى ئىزدەشنىڭ نەتىنجىسىنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى. چەۋەنداز ئاكاش ئايرىلغىنىغا ئۈزۈن بولغان سىڭلىسىنى زادىلا تاپالمايتتى. ناخشىنى ئاڭلاپ تۇرغان بىزمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەكپارە بولاتتۇق. ئېھ، بۇ نەقەدەر ساپ ۋە تەسىرلىك ناخشا ــ ھە! ئۇ سۈپ ـ سۈزۈك جىرا سۇلىرىغا، رەھەتبەخىش شامالغا ئوخشاپ مۇسكۇللىرىمنى نەمدەپ، يۈرىكىمنى سىلىماقتا ئىدى. مەن يايلاقتا خۇدۇمنى يوقاتقان ھالدا مۇشتۇمۇمنى تۈرۈپ ئۇنى ئاڭلىماقتا ئىدىم. ئاجايىپ مىلودىيە قەلبىمدە تەكرار ـ تەكرار ھاياجانلارنى قوزغاپ مېنى ئاستا ـ ئاستا قۇندۇزدەك قارا، گەۋدىسىنى كېرىپ، كىشنەپ تۇرغان تۇلپارغا ئايلاندۇرماقتا ئىدى. بۇ تۇلپارنىڭ ھەر بىر قەدىمى، چاپچىشى، يايلىنى تاشلىشى كاللامدا شۇقەدەر چوڭقۇر ۋە شۇقەدەر ئېنىق تەسىراتلارنى قالدۇرۇپ تۇراتتى.

ناخشىمۇ ئېيتىلىپ بولدى. مەنمۇ ئۆزۈمگە كەلدىم. سۇمىيە قارا تاينىڭ بوينىدىن قۇچاقلىغىنىچە ئۈنسىز يىغلاپ تۇراتتى. مەن ئاۋازىمنى قويۇپ بېرىپ ۋاقىرىدىم: «ھەي، سانا مەن بۇ تايغا چىرايلىق ئىسىمدىن بىرنى قويىمەن! بىلەمسەن، بۇ مومام ناخشا قىلىپ ئېيتقان ئەشۇ ئاتنىڭ بالىسى. ئۇنىڭغا ‹گانگا قارا› دەپ ئىسىم قويىمەن.ئۇ چوققۇم بەيگە ئېتى بولىدۇ. ‹قارا تۇلپار› نىمە دىگەن قالتىس ئىسىم! مەن ئۇنى مىنىپ ئاساۋ بۇقىلارنى قوغلايمەن، ئۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئۇجمۇچىن، سىرىنغول يايلاقلىرىنى كېزىپ چىقىمەن!

سۇمىيە ماڭا ھەيرانلىق بىلەن باقتى ۋە:

    ــ ئۇ ئەلۋەتتە قارا تۇلپار. ئۇ تۇغۇلۇپلا شىۋىرغانغا قارىماي بىزنىڭ ئىشىككە كېلەلىگەن تۇرسا …… لېكىن، باپا، ــ دىدى ئۇ قاپقارا كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ تۇرۇپ: ــ  سەن سىرىنغول ۋە بارلىق  يايلاقلارنى  كېزىپ چىقىپ، مومام ناخشىسىدا ئېيتقاندەك، قارا تۇلپارىڭغا مىنىپ مېنى كۆرگىلى كېلەمسەن؟

ــ ئەلۋەتتە! ــ مەن ئىككىلەنمەيلا جاۋاپ بەردىم.

ــ ھەي! ھەي! ــ قويچى مېنى تۈرتۈپ قويدى، ــ نىمە بولدۇڭ، ئاغرىپ قالمىغانسەن؟ چىرايىڭ بىر قىسمىلا تۇرىدۇ!

چۆچۈپ خىيالدىن ئويغاندىم:

ــ ھە، ھېچقىسى يوق، كۈن ئىسسىپ كەتتى ــ ئۇنىڭغا جاۋاپ بەرگەچ ئورنۇمدىن تۇرۇپ، گانگا قارانىڭ تىزگىنىنى تارتتىم.

 

2

ياتلىق بولدى ئاق كۆڭۈل سىڭلىم،

يىراق ـ يىراق تاغلار سىرتىغا.

 

   ئون تۆت يىللىق ۋاقىت خۇددى سۇدەك ئۆتۈپ كەتتى. گانگا قارا ئۇستىخىنىغا تولۇپ، ئىلگىركى زىلۋالىقىغا ئوخشىماي قالدى. ئۇنىڭ كۆكرەكلىرى كەڭ ۋە قاۋۇل كۆرۈنسىمۇ، بەيگىلەردە تۈجۈپىلەپ تاللىنىدىغان تۇلپارغا نىسپەتەن ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئاخىرلاشقان ئىدى. بۇ خۇددى بىز قۇرامىمىزغا يېتىپ، ئۆيلۈك ـ ئوچاقلىق بولۇپ، بىرەر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتۇپ، ياشلىقتىكى قىزغىن ھېسسىيات ۋە غايىۋانە خىياللار بىلەن خوشلاشقىنىمىزغا ئوخشاش بىر ئىش ئىدى.

قويچى ۋە مەن ئات بىلەن بىللە كېتىپ بارىمىز.ئۇ قويلار بىلەن يالغۇز يۈرۈشتىن زېرىككەن بولسا كېرەك،ماڭا ھەمراھ بولۇپ مېڭىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋاتاتتى.

بېرگىن ئېقىنى بۇ يەردە ئاستا ـ ئاستا غايەت زور يېرىم ئايلانما ھاسىل قىلغان ئىدى. ئات ۋۇگا گۇتار ئاچىلىدىن ئۆتۈپ يانباغىرغا ياماشقىنىدا كۆك ئەينەكتەك ئېقىن سۈيىنىڭ تىمتاس ھالدا قويۇق قارامتۇل ئوتلاققا سىڭىپ بېرىپ، يىراقتىكى زىمىندا يۇرتۇم بىلەن خوشنا ئەترەتنىڭ  چېگرىسىنى ھاسىل قىلغان ئىدى. ئېقىننىڭ ئەگمىسىدىكى سىماسىنى ئىلغا قىلغىلى بولىدىغان يۇلتۇزلاردەك ئاق ئۆيلەرگە قاراپ، ئىختىيارسىز ھالدا گانگا قارانىڭ ئېغىزدۇرۇقىنى تارتتىم. يۇرتۇم ــ ئۇنسىز ھالدا بۇ سۆزنى زىكىر قىلاتتىم. يۇرتۇم، بۆشۈكۈم، سۆيگۈم، ئانام! دەريا ساھىلىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تاغ قاپتىلىنىڭ ئاستىدا ئىدى. تاشلار بىلەن قوپۇرۇلغان كالا قوتىنى ھېلىمۇ ئۆز پېتى بىلەن تۇراتتى. چىڭگىر ئاۋباسى بىلەن مەكتاي خەيلىخان ئارلىقىدىكى تار جىلغىدا كۆك – سۆسۈن چىغىرتماق گۈللىرى ھۈپپىدە ئېچىلىپ تۇراتتى. ئېھ، ماڭا شۇنچىلىك تونۇش، شۇنچىلىك ئىللىق بۇ يايلاقتا بالىلىقىمدىكى بەخت، ياشلىقىمدىكى شادلىقلار كۆمۈلگەن ئىدى. سۇمىيە بىلەن ئىككىمىزنىڭ گۈزەل مۇھەببىتى كۆمۈلگەن ئىدى…

ئۇنىڭدىن ئايرىلغىنىمغا ساقمۇ ـ ساق توققۇز يىل بولدى. مەن ئىلگىرى ئۇنىڭدىن قىزىققانلىق ۋە جەھلىم بىلەن ئايرىلغان ئىدىم، چۈنكى مەن ئۆزۈمنى تولىمۇ پاك بولغان غايە يولى بىلەن ئەتىگە قاراپ كېتىۋاتىمەن دەپ قارايتتىم. كوپلىگەن ياشلارغا ئوخشاش، بىز ھامان قول كۆتۈرۈشنىڭ ئارلىقىدىلا تارىختىن ئاسانلا ۋاز كېچىپ، يېڭى مەنزىللەرنى تاللاشقا دۇچ كەلگەن ئىدۇق. بىز ھامان رىياللىقنىڭ رەھىمسىز زەربىسى ئاستىدىكى جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىكى ئاجىزلاپ كەتكەن ۋاقتىمىزدىلا ئىلگىركى قىلمىشلىرىمىزغا قاراپ چىقىشقا ئۈلگۈرەلىدۇق. بىز ھامان مەڭگۈلۈك يوقۇتۇشتىن كېيىنلا بۇرۇن بۇزۇپ ـ چاچقان ياكى رايىمىز يېنىپ كەتكەن ھەممە نەرسىلەرنى قەدىرلەشنى ئېسىمىزگە ئالدۇق. ئۇلار، يۇرت، دوستلۇق شۇنداقلا ئۆزۈمىزنىڭ ئۆتمۈشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. توققۇز يىل بولدى، ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن، كۆكرەكلىرى كەڭ، بەللىرى ئىنچىكە قارا ئات، يېڭىلمەس، غالىپ چىمپىيۇن ــ گانگا قارا بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. سەنچۇ؟ بايىن باۋرگېن، سەن نىمىگە ئېرىشكەنسەن؟ ئېرىشكىنىڭ خىزمەتتىكى ئۇتۇق ياكى كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىتىمۇ؟ شاۋقۇنلۇق دولقۇنلارنىڭ ئىچىدە قىسىلىش، قۇرۇق، مەززىسى يوق ھۆججەت ـ ئالاقىلەر، ئايىغى چىقماس يىغىنلار، كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئورۇنسىز سۈركىلىشلەر، قەدەمدە بىر كىشىنى ئىتائەتكە قىستايدىغان مۇناسىۋەت يوللىرىمۇ؟ ۋە ياكى، بېرگېن يايلىقىنىڭ تىلى ھېچقاچان تەرجىمە قىلىپ بېرەلمەيدىغان سالونلاردا كۆرگەن مەدىنىي تۇرمۇشمۇ؟ ئالاھىدە ئىمتىيازدىن يېرگىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ خاتىرجەملىك بىلەن ئۇنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈشمۇ؟ كانادا ياكى ئامىرىكىغا كۆچۈپ كەتمەكچى بولىۋاتقان دوستلىرىنىڭ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ھەققىدىكى لاپلىرىمۇ؟

سۇمىيە ھازىر قانداق تۇرىۋاتقان بولغىيتتى؟ يىراقتا يۇلتۇزلاردەك كۆرۈنىپ تۇرغان قوشلارنىڭ قايسىسى ئۇنىڭ بولغىيتى.

ــ ھەي، قويلار يىراقلاپ كېتىپتۇ، ئۇكام خوش ئەمىسە ــ قويچى چۈشكۈرۈپ تۇرۇپ ئېتىنىڭ بېشىنى بۇرىدى.

ــ ئاكا، توختاپ تۇرىڭە! ــ مەن ئۇنى چاقىرىپ توختاتتىم. ــ سۇمىيە بىلەن ئۇنىڭ مومىسىنىڭ قوشىنى ماڭا كۆرسىتىپ قويالامسىز؟ شۇنى بىلمەكچى…

ئۇ كۆزىنى قىسىپ سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:

ــ بېرگىندىكى ئاق چاچلىق ئېرجىنى دەيسەنغۇ! ئۇلارنىڭ ئۆيى بۇ يەردە ئەمەس ــ دىدى.

ــ نىمە؟ نىمىىشكە بۇ يەردە ئەمەس؟ ــ مەن ئالدىراپ سورىدىم.

ــ ھەي، موماينىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە خېلى بوپقالدى، ئۇ قىزمۇ ياتلىق بولۇپ كەتتى، ــ دىدى. ۋە سەل ئويلىنىۋېلىپ: ــ ناھايىتى يىراق، بەييىن ۋۇلا دىگەن يەرگە ئەرگە تېگىپ كەتتى ــ دىگەننى قوشۇپ قويدى.

مالچى سۆزىنى تاماملاپ قويلىرىنىڭ يېنىغا كېتىپ قالدى.

گۇگۇم چۈشۈپ قالغان ئىدى.ئاسماننىڭ غەرىپ ئۇپۇقىدا تۇتۇق بۇلۇتلار يېيىلىپ تۇراتتى. قۇياشنىڭ قالدۇق نۇرلىرى قېلىن بۇلۇتلارنىڭ ئاستىغا سۇس قىزىللىق ئاتا قىلغان بولۇپ، تۈتەكلەر يەڭگىل لەيلەپ، ئويمانلىقتىكى مورىلاردىن كۆتۈرىلىۋاتقان ئىسلار بىلەن قوشۇلۇپ كەتمەكتە ئىدى. مەن گانگا قارانى دىۋىتىپ، قىزغۇچ شەپەق قاپلانغان غەرىپ تەرەپكە يول ئالدىم.

مۇزدەك سالقىن شامال يۈرەككە ئۇرۇلۇپ، پۈتۈن قىسمىمغا تىترەك ئولاشتى، مەن قەدىمقى دەۋىردىكى چەۋەندازلار ئۆزىلىرىنىڭ مەھشىرىگە يۈزلىنىپ كېتىۋاتقاندەك ئېغىر ۋە قەتئېي بىر كەيپىيات بىلەن غەرپ تامان كېتىۋاتماقتا ئىدىم.

بېرگىن ئېقىنىنىڭ ساھىلى بىلەن تاشقى يايلاق ئايرىلىپ تۇرىدىغان تىك تاغ جىلغىسىدىن چىقاي دىگەندە كەچكى شەپەقنى قوغلاپ يەتتىم. بۇ ئادەملەر ناھايتى ئاز ئاياق باسىدىغان جىلغا بولۇپ، ئەزەلدىن چارۋىلار بۇ يەرگە ئوتلاپ كەلمەيتتى. كىشىلەرمۇ بۇنىڭ ئەتىراپىدا قوش تىكىپ ئولتۇرمايتتى. سىنچىلاپ قارايدىغان بولسىڭىز، بەلگىچە كېلىدىغان ياۋا چۆپلەرنىڭ ئارىسىدىن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئاپئاق نەرسىلەرنى كۆرەلەيتىڭىز. ئۇلار بولسا ئەۋلاتمۇ ـ ئەۋلات بىزدىن ئايرىلىپ كەتكەن چارۋىچىلارنىڭ جەسەت سۆئەكلىرى ئىدى. ئۇلار ئوت ـ چۆپلەرنىڭ ئارىسىدا تۇغۇلۇپ، ئوت ـ چۆپلەرنىڭ ئارىسىدا تىرىكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەخت ۋە خۇشاللىق ئىزدەپ، ئاخىرى تەن ھەم روھىنى ئۇلارغا تاپشۇرغان ئىدى. ئاق چاچلىق ئېرجى، ماڭا ئانىلىق مېھرىنى بەرگەن مومامنىڭمۇ بۇ يەردە ئوچۇقچىلىققا دەپنە قىلىنغانلىقىدا شۈبھە يوق ئىدى.

ئۇ مېنى كىچىكىمدىن بېقىپ چوڭ قىلغان ئىدى. مەن بولسام قاناتلىرىمنى قاتتۇرۇپ ئۇنى تاشلاپ يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىپ قايتىپ كەلمىگەن ئىدىم. ئۇنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىدا مېنى يادىغا ئالغان ـ ئالمىغانلىقىنى بىلمەيمەن. لېكىن شۇ نەرسە ماڭا ئېنىقكى، چوڭلارنى ئۇزىتىدىغان ئىش ئەسلىدىنلا ئۇنىڭ بىردىن – بىر نەۋرىسى ھېساپلانغان ماڭا تەئەللۇق ئىدى. ئېرجى مېنى كەچۈرگىن، ۋاپاسىز نەۋرەڭ ساڭا خاتىرجەملىك تىلەيدۇ.

ھەممە ياقنى تۈن قاراڭغۇلىقى قاپلىغان ئىدى. كۆكتە ئېسىلىپ تۇرغان ئورغاق ئاي، شۇ مىنۇتلاردا تولىمۇ گۈزەل كۆرۈنەتتى. مەن ئىگەرنىڭ چىۋلىڭىنى چىڭىتىپ، ئۇنى بىر قۇر تۈزەشتۈرۈپ چىقتىم. ئاتقا مىنىشنىڭ ئالدىدا، ئۈنسىز ھالدا بىر تىزىم بىلەن تىزلىنىپ بىر تال ياۋا چۆپنىڭ يوپۇرمىقىنى ئۈزۈپ مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان بېرگىن يايلىقى بىلەن خوشلاشتىم.مومام ۋاپات بولۇپ كەتكەن، سۇمىيەمۇ يىراقلارغا ياتلىق بولۇپ كەتكەن،  مېنى بۇ يايلاق بىلەن باغلاپ تۇرىدىغان قان تومۇرمۇ ئۈزۈلگەن ئىدى.

لىككىدە ئاتقا مىندىم. گانگا قارا تۇيۇقسىز ئالدى ئىككى پۇتىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ بوشلۇقتا يېرىم ئايلاندى، ئاندىن كەينىگە داجىپ تۇرۇپ ئالدىغا قاراپ ئېتىلدى. ئالدىمدا بەييىن ۋۇلا تاغلىرىنىڭ غۇۋا كۆلەڭگىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

ئېھ، بەييىن ۋۇلا، سۇمىيە ياتلىق بولغان جاي! گانگا قارا بېرىپ سېنى كۆرۈپ كېلىشنى قارار قىلدى. مەن يەنە بىر قېتىم كېچىككەن ئۆكۈنگۈچى بولۇپ قېلىشنى خالىمايمەن.بەلكىم، مېنىڭ سانارىم تۇرمۇشنىڭ دىشۋارچىلىقىدا نامىمنى زىكىر قىلىپ تۇرىۋاتقاندۇر، مېنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قولۇمنى سۇنۇشنى كۈتىۋاتقاندۇر……

سۇمىيە ساڭا قاراپ كېتىۋاتىمەن. قارا ئارغىماق غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرغان بەييىن ۋۇلا تاغلىرىغا قاراپ ئوقتەك ئۇچماقتا، تىمتاس كېچە ھاياجانغا تولماقتا ئىدى.

قارا تايغا مەن ئىسىمنى «قارا ئارغىماق» دەپ قويغاندىن كېيىن چارۋىچىلىق ئەترىتىدىكى چوڭ ـ كىچىك ھەممەيلەن ئۇنى شۇنداق دەپ ئاتاشقا ئادەتلەندى. لېكىن مەن سۇمىيەگە ئوخشاش كۈندە «قارا ئارغىماق»دىگەن ناخشىنى ئېيتىپ يۈرمەيتتىم.ماڭا ئۇ ناخشا غەلىتىلا تۇيغۇ بېرەتتى. ئۇ چاغلاردا مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشام «ئالاجور» دىگەن ئاددى، تېز ئودارلىق ئاتنى كۈيلەيدىغان بىر ناخشا ئىدى. ئۇنىڭدا كارمەت بىر ئاتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى تۈرلۈك مۆجىزىلىرى ھەققىدىكى ۋەقەلەر سۆزلىنىپ، ئۇنىڭ «دالاي لاما ئات بەيگىسى»دە ئۇدا يەتمىش ئۈچ قېتىم  بىرىنچى بولغانلىقى بىلەن تۈگەللىنەتتى. قارا قۇلۇن دۇنياغا كەلگەن ئەشۇ خۇرسەنلىك باھاردىن باشلاپ، مەن بىر يىل دىگۈدەك : «ئىگەر ئارتىلدى، بىر ياشلىق تايغا» دىگەننى غىڭشىپ ئېيتىپ يۈردۈم. ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭ بېشى بېشى كىچىكلەپ قۇيرۇقلىرى يېتىلىشكە باشلىدى. مەن ئۇنىڭ تېزەرەك چوڭ بولۇشىغا تەققەزا ئىدىم. كومۇنادىكى مىڭلىغان ئاتلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشىنى تىلەيتتىم. ئۇ چاغلاردا ئىچىم تىتىلداپ تۇرۇپ: «ئوخشار يانىڭ ئوقىغا، ئىككى ياشلىق مېنىڭ تايچىقىم» دەپ ئۇنىڭغا قاراپ ناخشا ئېيتىپ كېتەتتىم. بەزى كۈنلىرى سەھەردە مومام ياكى سۇمىيە مېنى تۈرتۈپ ئويغىتاتتى، مەن چۈشكۈرگەنچە كۆزلىرىمنى ئۇگىلاپ ئورنۇمدىن تۇراتتىم. ھەتتا سۈت چاي ئالدىمغا قويۇلغاندىمۇ ئۇيقىدىن تولۇق ئويغىنىپ بولالمايتتىم، شۇنداق چاغلاردا بىر نەرسە دىمەكچى بولساملا، ئېغىزىمدىن : «ئوخشار يانىڭ ئوقىغا… ئىككى ياشلىق مېنىڭ تايچىقىم!» دىگەن گەپلا چىقاتتى.بۇنىڭ بىلەن مومام كۈلۈپ كېتەتتى. سۇمىيەمۇ خىرىلداپ كۈلەتتى.

ئۈچۈنچى يىلى باھاردا مومام قازناقتىن كونىراپ كەتكەن بىر ئىگەرنى تېپىپ چىقىپ، خوشنىلارغا رېمىنۇت قىلىشقا بەردى. ئۇ سۇمىيەنىڭ دادىسىدىن قالغان ئىگەر بولۇپ، سۇمىيەنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئىزچىل ئىشلىتىلمىگەن ئىگەر ئىدى. ھازىر گانگا قارا غونان ئات بولۇپ قالغاچقا ئىگەر ئىشلىتىدىغان چاغمۇ كېلىپ قالغان ئىدى. پات يېقىندا ئۇ كۆندۈرىلەتتى. بايىن باۋرگېنمۇ ئونبەش ياشتىن ئېشىپ، يىگىت بولۇپ قالغان ئىدى.

ئونبەش ياش يىگىتلىك بىلەن بالىلىقنىڭ چېگىرىسى. بالدۇر يېتىلىدىغان يايلاق بالىلىرىغا نىسپەتەن ئېيتقاندا تېخىمۇ شۇنداق. ئۇ چاغدا مەن ئۆزلۈكىمدىن چارۋىچىلىق ماشىنىسازلىقى بىلەن مال دوختۇرلۇقنى ئۈگىنىۋاتاتتىم، سۇمىيەمۇ خوشنىلارنىڭ قويلىرىغا قاراۋاتاتتى. مەن «ئالاجور»نىمۇ ئېيتمايدىغان، كەمسۆز، ئويلىنىشقا ئامراق بولۇپ قالغان ئىدىم. داداممۇ مېنى يوقلاپ كەلگەن چاغلىرىدا سۈرىنى كۆرسەتمەيدىغان بولغان ئىدى. مەن دائىم دىگۈدەك خەت بىلەن رەسىم كىرىشتۈرۈلگەن «چارۋىچىلىقنى قانداق باشقۇرۇش كېرەك» دىگەن كىتاپنى ئوقۇپ يۈرگەن ياكى بولمىسا يالاڭغاچ ھالدا قوتاندىكى قىغلارنى ئادالاۋاتقان ھالدا بولاتتىم ـ قېتىۋاتقان مۇسكۇللىرىمدىن تەرلەر قۇيۇلۇپ تۇراتتى. داداممۇ: «بايىن باۋرگېن چوڭ بوپتۇ» دىگەننى كوڭلىدىن ئۆتكۈزەتتى.

ئۇ كۈنى ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، باھارنىڭ ياخشى كۈنلىرىنىڭ بىرى ئىدى. مەن بەلبېغىمنى چىڭ باغلاپ، سىرتقا چىقىپ گانگا قارانىڭ پۇتىدىكى چۈشەكنى يەشتىم. ئەگەر بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولسا ئاتنى رەسمىي ئىگەرلەپ، سىرتقا ئېلىپ چىقىشنى ئاخشام پۈتۈشكەن ئىدۇق.

سۇمىيە يېنىمغا يۈگرەپ كەلدى. ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقىدىنمۇ ياكى قولاي بولۇشى ئۈچۈنمىكى ئۇچىسىدىكى مومامدىن ئاشقان كونا خالاتنى سېلىۋەتكەن ئىدى. ئۇ ھاسىراپ دېگۈدەك كەلدى، قۇياش نۇرى يۈزىگە ئۇدۇل چۈشكەن ئىدى. ئۇ تەرلىرىنى سۈرتۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ نازۇك بەدىنى ئۆزىنى ئاشكارلاپ تۇراتتى. شۇ دەقىق يۈرىكىم ئېيتقۇسىز بىر ھېسلارغا تولدى. كۆز ئالدىمدىكىسى مەن بىلەن 6-7يىللىق بالىلىقنى بىرگە ئۆتكۈزگەن شانا ئەمەس ئىدى مەن بىلىدىغان سۇمىيە شۇنچىلىك سەبىي، بودەك، كۆز قىسىشلىرى شۇنچىلىك ئوماق ئىدى. ئەمما مەندىن نەچچە قەدەملا نېرىدا تۇرغىنى ئېنىقكى بوي سۈرگەن، زىلۋا، كۆزۈمنى قاماشتۇرغان بىر قىز ئىدى.

“بايىن، راستلا بۈگۈن مىنەمدۇق؟ ئەجەب خۇش بولدۇم!” ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن خۇشاللىق بالقىپ تۇراتتى، بۇرۇنمۇ ئانچىكىم ئىشلار ئۈچۈن مۇشۇنداق خۇش بولاتتى، ئەمما بۇرۇن ھازىرقىدەك بۇنداق سېزىمدا بولمىغان ئىدىم. تۇرۇپلا كەيپىم بۇزۇلدى، نېمىگە خۇيۇم تۇتقانلىقىنى بىلمەيتتىم. قوپاللىق بىلەن ئاتنىڭ چۈشىكىنى يەرگە تاشلاپ ئۇنىڭغا “چىڭ تۇت” دېگىنىمچە ئاتقا مىندىم.

گانگا قارا ئۆز ئىزىدا چۆرگىلەپ كەتتى. “چىڭ ئولتۇر، بايىن”-ۋارقىرىدى سۇمىيە. ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ بۇرۇنقىدەك ئوماق ئەمەس ئىدى، ئەكسىچە شۇنداق يېقىملىق بولۇپ، كىشىنى ھاياجانغا سالاتتى. “قالايمىقان ۋارقىرىما”-دېدىم ئۇنىڭغا ۋە ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى سىلكىپ قويدۇم. ئات شۇئانلا تىپىچەكلەپ كەتتى.

ئۈچ ياشلىق ئاتنىڭ ئۇنچە كۆپ ماغدۇرى يوق ئىدى. كەچ كىرگىچە گانگا قارا قامچىنىڭ ھەيۋىسىدە يۈگرەشنى ئۆگەندى. ئاتتىن چۈشۈپ،باغلاپ قويغاندىن، ئوتلاشقا قويۇپ بەردىم.

ئېرىپ تۈگەيلا دەپقالغان قار ئىزنالىرى بارغانسېرى غۇۋالىشىۋاتقان گۇگۇمدا تېخىمۇ ئاقىرىپ كۆرۈنەتتى. گۇگۇم قوينىدا قۇرۇق ئوتلارغا تولغا تۇپراق تېخىمۇ قارا كۆرۈنەتتى.سالقىن شامال تاغ باغرىدىكى قارلارنى، سوزۇلۇپ كۆككە كۆتۈرىلىۋاتقان ئىس-تۈتەكلەرنى ئۇچۇرۇپ، پۈتكۈل يايلاققا ھەقىقىي باھار سىياقىنى پۈركۈيتتى. سۇمىيە ئىككىمىز توقۇم بىلەن قامچىنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە قاراپ كېتىۋاتاتتۇق. سۇمىيە ناھايىتى خۇشال ئىدى. ئۇ گەپ قىلغاچ بۇرۇلۇپ ماڭا قاراپ قوياتتى، گاھىدا يېنىچە ماڭاتتى، قانداقتۇر بىر ئاھاڭغا غىڭشىيتتى.

-بايىن، ئاتنى ئوبدان مىنىدىكەنسەن. مەن تېخى گانگا قارا سېنى تاشلىۋىتەمىكى دەپ ئويلىغان، ھوي، ھوي، ئاڭلاۋاتامسەن؟ – ئۇ بۇرۇنقىدەكلا مۈرەمدىن تۇتۇپ مېنى سىلكىپ قويدى.

-ھىم، ھە-ھە،- مەن دېگىلى گەپ تاپالماي ئاۋارە ئىدىم. بۇ نېمىدىگەن ئۆزگىچە، غەلىتە بىر تۇيغۇ ھە،- ئاڭلاۋاتىمەن، كەچتە نېمە تاماق يېسەك بولار؟

-گۆشنان يەيلى!-دېدى سۇمىيە ۋارقىراپ،- ھا…ھا…-گۆشنان يەيلى، مەن بېرىپ گۆش ئەكىلەي،- ئۇ ئۇچقاندەك ئالدىغا قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپلا قالدىم، ئۇنىڭ مۇشۇنداق گۈزەل بىر ھالەتتە يۈگۈرۈشلىرىدىن ھەيران قالدىم.

ھەي، چوڭ بوپتۇق. ئۆزىمىزمۇ چۈشىنەلمەيدىغان ئاشۇنداق ئۆزگىچە ھاياجان ۋە قىزىقىش توساتتىن قەلبىمىزدە غەليان كۆتۈرگەندە، تۈرلۈك ھودۇقۇشلار ئىچىدە ئاشۇ ھاياجان ۋە قىزىقىشلارنىڭ سەۋەبىنى زادى قانچىلىك چۈشىنىمىز؟ بىز ئەسلا چۈشەنمەيمىز، ھەتتا، بۇنىڭ دەل ياشلىقنىڭ شەپىسى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمىز.بىز پەقەت قەلبىمىزدە غەليان كۆتۈرگەن ئاشۇ مۇقەددەس ھاياجاننىلا بىلىمىز… ئۆزىمىزنىڭ بىغۇبار بىر دۇنيا بىلەن قورقۇنۇچلۇق، كىشىنى خىجىللىق ھەم ھاياجانغا ئىتتىرىدىغان بىر دۇنيانىڭ ئالمىشىشىنى باشتىن كەچۈرۋاتقانلىقىمىزنى مەمنۇنلۇق ئىلكىدە ھېس قىلىمىز. مەن تۇنجى قېتىم ھاياتنىڭ شېرىنلىكىنى ھېس قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزۈم مەھرۇم بولغان نەرسىلەرنىمۇ تونۇپ يەتتىم. بىز ئەمدى ھەرگىزمۇ قىش كۈنلىرى مومامنىڭ يوتقىنىغا كىرىۋېلىپ، بىر-بىرىمىزنى نوقۇپ ئوينىمايمىز؛ گۈللەر پورەك ئاچقان دالىدا ئوشۇق تالىشىپ پومداقلىشالمايمىز؛ ئۆكۈزگە بىرگە مىنىپ، بىر-بىرىمىزگە يۆلەنگەن ھالدا تارچۇق يوللارنى بويلاپ قۇدۇققا سۇغا بارمايمىز… سۇمىيە كىيىۋالغان يەكتەك تار كەپ قالغان بولۇپ، بېلىنى چىڭ سىقىۋالغان ئىدى. ئۇ كۈچلۈك كۈن نۇرى ئاستىدا ماڭا قاراپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقاندا بۇرۇنقى قىياپىتىدىن ئەسەرمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۇ پۈتۈنلەي ناتونۇش بىر سىياقتا قەلب تارىمنى چەكمەكتە ئىدى ھەم بىردەمدىلا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سىلكىنىش ئاتا قىلغان ئىدى. ھەي، يىگىتلىك! مەن كىچىكىمدىنلا بىر يىگىت بولۇشنى ئارزۇلايتتىمغۇ. ئەمما يىگىت دېگەنلىك ھەرگىزمۇ بىر تۇلپارغا ئىگە بولۇشلا ئەمەس ئىكەن. مەن ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. ھەم بۇ ئىشلارنى چۈشىنەلمىدىم. مەن راستلا ئىش ئۇقمايتتىم.

ئۆزۈم يالغۇز بۇ سىرلىق تۇيغۇلارغا ھەرق بولغىنىمدا، سۇمىيەمۇ بىر نەرسىنى ھېس قىلغاندەك قىلاتتى. ئەتىسى، مەن ئۇنىڭ كالا ھارۋىسىنى قېتىپ يالغۇز سۇغا ماڭغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ ئاياللارغا خاس ھالدا ھارۋىنىڭ بىر چېتىدە ئولتۇرىۋالغان ئىدى. ئۇ مېنى چاقىرىۋالمىغان ئىدى. مەنمۇ ئەمدى ئايال خەقنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماسلىقنى چۈشەنگەن ئىدىم. مەن ئوڭغۇل-دوڭغۇل شورتاڭ يولدا ئۇنىڭ قارىسى يىتكۈچە قاراپ تۇردۇم. ئاندىن مېتىن بىلەن پالتىنى ئېلىپ سىرتقا ماڭدىم. مەن ئۇ كۈنى ئۆيدىكى ياغاچ چاقلىق ھارۋىنى رېمونت قىلدىم ھەم قوي ئېغىلىدىكى قىغنى چىقاردىم.

گەرچە ھېچكىم ئۇنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىمىسىمۇ يېڭىچە تۇرمۇش باشلاندى. تۇيۇقسىز موماممۇ بۇرۇنقىدەك ئىشىك ئالدىدىكى ۋە توختىتىپ قويۇلغان يارىيار ھارۋىلارنىڭ ئىشى بىلەن كارى بولماي، غۇۋا ئۆي ئىچىدە ئۆزىنىڭ تۈرلۈك ئىشلارغا بولغان قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇراتتى. قۇياش ئەتراپنى قىزدۇرىدىغان ياز كۈنلىرى ئۇ سىرتقا چىقىپ، ئاپتاپ سىنغاچ پىت بېقىپ ئولتۇرغاندا يولدىن ئۆتكەنلەر ئۇنىڭغا سالام قىلىپ:

-راھەتكە چىقىپسىز! ئېرجى! – دەيتتى. ئۇ خۇشال ھالدا:

-ئەلۋەتتە، بالىلارنىڭ ئىككىلىسى چوڭ بولدى ئەمەسمۇ، ماڭا قىلغۇدەك ئىش يوق.-دەيتتى. مەن مال دوختۇرلۇقنى ئۆگىنىۋاتاتتىم. ھەركۈنى قېرى مال دوختۇرىغا ئەگىشىپ ئەتراپنى ئايلىناتتۇق. تۈرلۈك ئىشلارنى ھەل قىلاتتۇق. ئىش يوق چاغلاردا كىتاب ئوقۇيتتۇم. بولۇپمۇ «چارۋىچىلىق تەدبىرلىرى» دېگەن كىتابنى بەكرەك ئوقۇيتتۇم.  بۇ كىتاب ئۈلگىلىك چارۋىچىلارنىڭ تۈرلۈك بايانلىرىنى مۇتەخەسسىسلەر رەتلىگەن كىتاب ئىدى. مەن بۇ كىتابتىن تۈرلۈك بىلىملەرنى ئۆگىنىپلا قالماي  ماڭا ناتونۇش ھەم سىرلىق بولغان  دۇنيانى چۈشىنەتتىم. مەن بېرىلىپ بىردەم ئوقۇغاندىن كېيىن، قولۇمنى چاي پىيالىسىگە ئۇزىتاتتىم.

- ئالدىرىما، بايىن.- بىر قىزچاقنىڭ بوش ئاۋازى ئاڭلىناتتى. سۇمىيە ماڭا چاي سۇناتتى. مەن ئۇنىڭ تۆۋەنگە ئىگىلگەن، تىنىمسىز لىپىلداپ تۇرىدىغان قاپقارا كىرپىكى ۋە قىزغۇچ چىرايىنى كۆرەتتىم-دە كىتاب ئوقۇشقا رەغىم بارمايتتى. سىرتقا چىقىپ، تۆت ياشتىن ئاشقان گانگا قارىنى يىتىلەپ كېلەتتىم ۋە:

-ھوي، قايچىنى ئېلىپ كېلىڭ.- دەپ ۋارقىراتتىم. سۇمىيە يۈگىرەپ چىقىپ ماڭاقايچىنى سۇناتتى. مەن گانگا قارىنىڭ يايلىنى تۈزەتتىم ۋە تۇرۇپلا سۇمىيەگە قاراپ قوياتتىم. بۇنداق چاغلاردا سۇمىيە ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قوياتتى.

مۇشۇ تەرىزدە بىز ئۆزىمىزنىڭ 17ياشلىق كۈز پەسلىنى كۈتىۋالدۇق.

بىر كۈنى بىر كۈزىچە يىغقان ئاق موگۇلارنى ھەمكارلىق كوپراتىپىغا ساتقىلى باردۇق. سۇمىيە بىلەن مومام مۇگۇ بېسىلغان ھارۋىدا ئىدى. مەن گانگا قارىنى مىنىپ ئۇلارغا ئەگىشىپ كېتىپ باراتتىم.

ئۇ يەردە خېلىلا ھايال بولدۇق، دادام مومام بىلەن بىزنى مېھمان قىلدى. بېرگىن دەريا بويىغا كەلگەن ۋاقتىمىزدا ئاللىبۇرۇن قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغان ئىدى. سىمىيە قۇرۇغان ئوت-چۆپ ۋە تېزەكلەرنى تېپىپ كەلدى. بىز دەريا بويىدا بىر چۆگۈن سۇ قاينىتىپ، ئازراق بىر نەرسە يەۋالغاندىن كېيىن يەنە يولغا چىقتۇق.

دەريا بويلىرىدا تۇزلۇق تارانباشلار قويۇق ئۆسكەن ئىدى. چىغلارنىڭ توم غوللىرى يېنىدا تېخى ئاقارمىغان يېشىل ياپراقلار بار ئىدى. ئۆكۈز بىلەن گانگا قارا مىدىر قىلماي ئىشتىھا بىلەن يەۋاتاتتى. توپ-توپ لەيلەپ يۈرگەن تۇمانلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن سىيپاپ دېگۈدەك ئۆتەتتى. بىز ئۈچىمىز ئوتنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ئۆز پارىڭىمىز بىلەن ئىدۇق. دەريا سۈيى ئويناقشىپ ئۈنسىز ئاقاتتى. بىز سۈكۈت ئىچىدىكى يۇرتىمىزغا تىكىلگىنىمىزچە گۈزەل تۇيغۇلارغا غەرق بولاتتۇق.

-دەل مۇشۇ يەر، باللىرىم،- مومام چېيىنى ئوتلىغاچ دەريا قىنىغا قاراپ شۇنداق دېدى،-دەل مۇشۇ يەر ياتلىق بولغان قىزلارنىڭ ئكيىدىكىلەر بىلەن خوشلىشىدىغان جايى. ھەي، سۇمىيە مۇشۇ يېشىمغا كەلگۈچە تالاي ساڭا ئوخشاش قىزلارنى مۇشۇ كىچىك دەريادىن ئۆتكەندىن كېيىن قايتا كۆرۈپ باقمىدىم. ئۆزۈممۇ ھەم شۇنداق. مۇشۇ دەريادىن ئۆتۈپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيان يۇرتۇمدىكى تۇققانلارنى كۆرۈپ باقمىدىم…

نەرسە كېرەكلىرىمىزنى يىغىشتۇرۇپ مېڭىشقا تەمشىلىۋاتقاندا، مومام توساتتىن سۇمىيە ئىككىمىزنىڭ قولىدىن تۇتۇتقىنىچە جىددىيلەشكەن ھالدا:

-سۇمىيە، ناۋادا سەنمۇ مۇشۇ دەريادىن ئۆتۈپ باشقا يەرگە ياتلىق بوپ كەتسەڭ مەن چىدىمايمەن، مېنىڭچە ئىككىڭلار ئۆيىمىزدىلا باش قوشۇڭلار، بىر جۈپلەردىن بولۇڭلار، شۇنداق بولغاندا مەن بىرمۇ گۆھىرىمدىن ئايرىلىپ قالمايمەن.-دېدى.

ئىككىمىز تەڭلا مومامنىڭ قولىدىن يۇلقىنىپ چىقتۇق. مەن سەكرەپ ئاتقا مىنگىنىمچە قامچا ئوينىتىپ يۈرۈپ كەتتىم. شامالنىڭ غۇيۇلدىغان ئاۋازىدا قارا تۇلپار ئۇچقاندەك چېپىپ تاغ باغرىغا يېقىنلاشتى. ئاتنى توختاتقان ۋاقتىمدا ئارقامدىن ناخشا ئاۋازى ئاڭلاندى. ئاتنى ئارقامغا بۇراپ، يىراقتىن ئاپئاق چاچلىق مومامنىڭ بىر قولىدا ئۆكۈز ھارۋىسىنى، يەنە بىر قولىدا سۇمىيەنى يېتىلىگەن ھالدا خۇشلۇق بىلەن ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ قەدەملىرى شۇنچىلىك بەردەست ئىدى، كۈمۈش چاچلىرى كېچە شامىلىدا يەلپۈنەتتى. ئېنىقكى ئۇ چوقۇم تولىمۇ رېئال بولغان ئۇنىڭغا غەيرەت ئاتا قىلىدىغان گۈزەل مەنزىرىنى كۆرگەنلىكى ۋەجىدىن ئەشۇنداق روھلۇق ۋە تېتىك ئىدى.

شۇ كۈنى كەچتە، مومام جاھىللىق بىلەن كىگىز ئۆينىڭ غەربى تەرىپىگە بېرىپ يېتىۋالدى. ئوچاقنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئەر-خوتۇن ئۆي ئىگىسىگە خاس ئاق كىگىز بار يەرنى قەستەن بىكار قالدۇردى.

(داۋامى بار)

 


[1] بېرگىن: ھازىرقى مۇڭغۇل تىلىدا «يەڭگە» دېگەن مەنىدە. ئەمما بۇ سۆزنىڭ تۈركىي تىلىدىن كىرگەنلىكىگە ئاساسىمىز بار. سۆز يىلتىزى «بەرگىن» دېگەندىن كەلگەن.

[2] گانگا قارا: مۇڭغۇلچىدا چىرايلىق قارا تۇلپار دېگەن مەنىدە.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • ئىسىل تەرجىمە بوپتۇ! تولۇق پۈتكەن بولسھ تىزرەك بىرەر مەتبۇئاتقا بىرىپ ھەممەيلەننى بەھرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغايسىز!

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەر 06:34

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى