مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
يەنە ئەدەبىيات بىلەن رېئاللىق توغرىسىدا
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم، تەۋسىيە | يوللانغان ۋاقتى: 2012/05/04 | كۆرۈلۈشى: 697 قېتىم

ئاپتورى: گارسىيا ماركۇز

چۈشتاق تەرجىمىسى

 

سۆز نامراتلىقى نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ رېئاللىق ئەدەبىياتقا تاشلىغان ئىنتايىن تەخىرسىز مەسىللەرنىڭ بىرىدۇر. بىز بىر دەريانى تىلغا ئالغان ۋاقتىمىزدا، ياۋرۇپالىق ئوقۇرمەن پەقەت 2790 كىلومېتىر ئۇزۇنلىقتىكى دوناي دەرياسىنىلا يادىغا ئالىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا تەپسىلىيرەك دېمىسىڭىز، ئۇ ھەرگىزمۇ 5500كلومېتىر ئۇزۇنلىقتىكى ئامازۇن دەرياسىنىڭ قىياپىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ، ئەگەر سىز بىرازىلىيە پارا شىتاتىنىڭ بېلېم شەھرىدە تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارىسىڭىز، قارشى قىرغاقنىمۇ كۆرەلمەيسىز، ئۇ پولودىكى دېڭىزدىنمۇ كەڭرى.

بىز «قارا بوران» دېگەن سۆزنى يازغىنىمىزدا، ياۋرۇپالىقلار تۇنجى بولۇپ، چاقماق ۋە گۈلدۈرمامىنى يادىغا ئالىدۇ، ئەمما، بىز تەسۋىرلىمەكچى بولغان شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ھادىسىنى پەرەز قىلالمايدۇ. «يامغۇر» دېگەن سۆزمۇ ھەم شۇنداق. ئاندېس تېغىدا ياۋېر.مالمى ئىسىملىك بىر فىرانسىيەلىكنىڭ باشقا فىرانسىيەلىكلەرگە تەسۋىرلىشىچە، بەزى قارا بورانلار 5ئاي ئەتراپىدا داۋاملىشىدىكەن. ئۇ: “بۇ خىل قارا بوراننى كۆرۈپ باقمىغان ئادەم ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تەسەۋۇر قىلالمايدۇ. ئۇدا نەچچە سائەتلەپ توختىماي چاقماق چاقىدۇ، دەششەتلىك بوران چىقىدۇ، ئۈزۈلمەي چېقىلغان چاقماق ئاۋازى بوشلۇقنى بىر ئالىدۇ، ئەكىس سادالار تاغلارنىمۇ تىترىتىدۇ.”-دەيدۇ. ئەلۋەتتە بۇ خىل تەسۋىرلەشنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق، ئەمما، ئۇنىڭ بۇ گىپى بىر ئىشقا ئاسانلىقچە ئىشەنمەيدىغان ياۋرۇپالىقلارنى قورقۇتۇپ، جېنىنى ئالىدۇ.

شۇڭا، بىز بىرقاتار يېڭى سۆزلەرنى ياساپ چىقىپ، نۆۋەتتىكى ئەمەلىي ئېھتىياجغا ماسلىشىشىمىز لازىم. ئەلۋەتتە بۇ ئېھتىياجنى بىرمۇبىر كۆرسىتىپ ئولتۇرمايمىز. مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئامازۇن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنى ئايلىنىپ چىققان، گوللاندىيەلىك ئىكىسپىدىتسىيەچى F.W.Updeگرافنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭغا سۇلىرى پورۇقلاپ قايناپ تۇرغان بىر ئېقىن ئۇچرىغان بولۇپ، ئېقىندىكى سۇدا 5مىنۇتتىلا تۇخۇم پىشىدىكەن. يەنە، ئۇ بىر غەلىتە رايوندىن ئۆتكەن بولۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلىشقا بولمايدىكەن، بولمىسا يامغۇر ياغىدىكەن. مەن كولۇمبىيەنىڭ كارىب دېڭىز ساھىلىدىكى بىر رايوندا بىر ئادەمنىڭ قۇلىقى قۇرتلاپ كەتكەن بىر ئىنەكنىڭ ئالدىدا جىمجىت ھالدا تىلاۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى ھەم ئۆلگەن قۇرتلارنىڭ ئىنەكنىڭ قۇلىقىدىن پەسكە چۈشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، پەقەت قانداق جانىۋار ئىكەنلىكىنى ھەم قايسى جايدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرسىلا، ئۇ يىراقتا تۇرۇپمۇ ئوخشاشلا داۋالاش ئېلىپ بارالايدىكەن. 1902-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، فىرانسىيەنىڭ مارتىنىكۇ ئارىلىدىكى پېلئان يانار تېغى پارتلاپ، نەچچە مىنۇتنىڭ ئىچىدىلا سايىنت پىئېر پورتىنى كۈلگە ئايلاندۇرغان، 30مىڭغا يېقىن ئاھالىنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن ھەم كۆمۈلۈپ قالغان. پەقەت بىرلا ئادەم ھايات قالغان، پۈتۈن شەھەر بويىچە بىردىنبىر جىنايەتچى لېدگا شىرۋاللىس قامالغان تۈرمىنىڭ مۇستەھكەم قۇرۇلمىسى ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان.

مېكسىكىدا، ئۇ يەرنىڭ ئىشەنگۈسىز رېئاللىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن نۇرغۇن كىتاب يېزىشىم كېرەك ئىدى. بۇ يەردە 20يىلغا يېقىن ياشىغاندىن كېيىن، بىر نەچچە سائەت ۋاقتىمنى چىقىرىپ، خۇددى مەن تالاي قېتىم ھوزۇرلانغاندەك قىزىل پۇرچاقنىڭ لەرزان ئۇسسۇلىدىن ھوزۇرلاندىم. ياخشى نىيەتلىك راتسىئونالىزىمچىلار ماڭا چۈشەندۈرۈپ، قىزىل پۇرچاقنىڭ ئىچىدە بىر تىرىك قۇرت بولىدۇ، دەپ چۈشەندۈردى. ئەمما بۇ خىل چۈشەندۈرۈش ماڭا تولىمۇ مەززىسىز، ئاددىي تۇيۇلدى. بۇنىڭدىكى مۇھىم ئامىل قانداقتۇر قىزىل پۇرچاقنىڭ ئىچىدە قۇرتنىڭ بارلىقى ئەمەس، بەلكى، قۇرتنىڭ قىمىرلىشى قىزىل پۇرچاقنىڭ تەۋرىنىشىگە سەۋەب بولىشىدۇر.

ھاياتىمدىكى يەنە بىر غەلىتە ئىش تۇنجى قېتىم مېكسىكا سەمەندىرىنى ئۇچرىتىش بولدى. جۇلىئو كورتېزار ئۆزىنىڭ بەزى ئەسەرلىرىدە، بىر كۈنى ئۇنىڭ شىرنى كۆرگۈسى كېلىپ، پارىژ ھايۋاناتلار باغچىسىدا مېكسىكا سەمەندىرىنى كۆرگەنلىكىنى، يەنى، ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى سۇ جانلىقلىرى سارىيىدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ، تۇيۇقسىز مېكسىكا سەمەندىرىنى كۆرگەنلىكىنى، ئاندىن بىر سائەتكە يېقىن ئۇنى تاماشا قىلغانلىقىنى، قايتىپ چىققاندىن كېيىن، باشقا ئىشقا خۇش ياقمىغانلىقىنى، يازىدۇ. مەنمۇ ھەم شۇنداق بولدۇم. مەن بىر سائەتلا تاماشا قىلمىدىم، پۈتۈن بىر چۈشتىن كېيىن، شۇنى كۆرۈش بىلەن ھەلەك بولدۇم. تېخى كېيىن يەنە نەچچە قېتىم بېرىپ كۆرۈپ كەلدىم. ئەمما، ئۇ يەردە كىشىنىنىڭ دىققىتىنى ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك تارتىدىغان نەرسە بار ئىدى، ئىشىك ئۈستىگە مىخلاپ قويۇلغان تاختىغا «سەمەندەر قىيامى سېتىلىدۇ» دەپ يېزىلغان ئىدى.

بۇ خىل ئىشەنگۈسىز رېئاللىق كارىب رايونىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ دائىرىسى شىمالدا ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىغىچە تۇتاشسا، جەنۇبتا بىرازىلىيەگىچە تۇتىشىدۇ. لېكىن بۇنى سىز كېڭەيمىچىلىكنىڭ قەستى دەپ قالماڭ. ئىش ئۇنداق ئەمەس، كارىب پەقەت جۇغراپىيەشۇناسلارنىڭ ئورتاق تونۇشىدىكى بىر جۇغراپىيەلىك رايون بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە، ئوخشاش مەدەنىيەتلەر توپلاشقان رايوندۇر.

كارىب رايونىدا، يېڭى قۇرۇقلۇق بايقىلىشتىن بۇرۇنقى ئىپتىدائىي ئېتىقاد ۋە غەلىتە قاراشلار ھەم كېيىنكى رەڭدار مەدەنىيەت ئامىللىرى بېرىكىپ ئۆزگىچە بىر ئارىلاشما ئەندىزىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭدىكى سەنئەتنىڭ جەلبكارلىقى ۋە رەڭدار، موللىقى تولىمۇ چەكسىزدۇر. ئافرىقا مەدەنىيىتىنىڭ تۆھپىسى گەرچە مەجبۇرلانغان ھەم كىشىنى غەزەبلەندۈردىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى تولىمۇ تەلەيلىك دېيىشكە بولىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئاچال نۇقتىسىدا بىر خىل چەكسىز ئەركىنلىك تۇيغۇسىنى، ھېچكىمگە بوي ئەگمەس رېئاللىقنى شەكىللەندۈردى.  ھەرقانداق بىر كىشى بۇ يەردە توسقۇنسىز ھالدا خالىغان ئىشىنى قىلالايدىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. بىر كېچىدىلا بۇلاڭچىلار خان-پادىشاھ بولالايدۇ، قاچاق ئەسكەرلەرمۇ گېنىرالغا ئايلىنالايدۇ، ھەتتا پاھىشەمۇ بىمالال ھالدا مەرتىۋىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇنداق ئىشلار تالاي.

مەن كارىب رايونىدا ئۆسۈپ چوڭ بولدۇم، بۇ يەردىن ئايرىلغان تەقدىردىمۇ بۇ يەرنى چۈشىنىمەن. بەلكىم مۇشۇ يەردە مەغلۇب بولۇشۇم مۇمكىن. مەن ئەزەلدىن رېئاللىقتىنمۇ بەكرەك كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئىشنى قىلىشنى ئويلاپ باقمىدىم ھەم قىلالمىدىم. بەلكىم مېنىڭ قىلغانلىرىم پەقەت شېئىرنىڭ ياردىمىدە رېئاللىقنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئۇرۇنۇشلىرىدۇر. ئەمما مېنىڭ كىتابلىرىمدا ئەمەلىي ئاساسىي يوق بىرمۇ سۆز يوق.

بۇ خىل ئۆزگەرتىشنىڭ بىرى دەل «يۈز يىل غېرىبلىق» دىكى بوندىيە جەمەتىنىڭ چوشقا قۇيرۇقلۇق پەرزەنت ئەندىشىسىدۇر. ئەسلىدە، باشقىچە تەسەۋۋۇرنى ئىشلەتسەم بولاتتى، ئەمما، چوشقا قۇيرۇقلۇق بالا تۇغۇشتىن قورقۇش تەسەۋۋۇرىنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن كېلىش ئېھتىمالى ئىنتايىن ئاز. ئەلۋەتتە، رومان كۆپچىلىك بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىشىلەرنىڭ ئۆز بەدىنىدە چوشقا قۇيرۇقىدەك نەرسە بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئايان بولىدۇ. ھەتتا بىر ياش گېزىتتە، ئۆزىنىڭ ئاشۇنداق تۇغۇلۇپ، چوڭ بولغانلىقىنى، «يۈز يىل غېرىبلىق»نى ئوقۇشتىن بۇرۇن بۇنى ھېچكىمگە ئاشكارىلىمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ گېپى ئۇنىڭ قۇيرۇقىدىنمۇ بەكرەك كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.  ئۇ يەنە تېخى: “ئىلگىرى ئۆزۈمنىڭ قۇيرۇقلۇق ئىكەنلىكىمنى ئاشكارىلاشتىن خىجىل بولاتتىم، ئەمما ھازىر بۇ روماننى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇ ئىشنىڭ نورمال ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدىم”-دەيدۇ. كېيىن بىر ئوقۇرمەن ماڭا گېزىتتىن قىيىۋالغان بىر پارچە سۆرەت بىلەن خەت يازدى. خېتىدە، سېئولدىكى بىر قىزچاقنىڭ تۇغۇلىشىدىنلا قۇيرۇقلۇق ئىكەنلىكى، كېيىن كېسىۋىتىلگەن بولسىمۇ، قىزچاقنىڭ ھايات قالغانلىقىنى، دەپتۇ.

ئەمما، يېزىقچىلىق ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇشەققەتلىك جەريان «ئائىلە باشلىقىنىڭ ھالاكىتى»ناملىق كىتابىمنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى بولدى. ئازكەم ئون يىل ئىچىدە، لاتىن ئامېرىكىسىغا ئائىت ماتېرىياللارنى كۆپلەپ كۆردۈم. بۇنداق قىلىشىمنىڭ سەۋەبى يازغانلىرىمنىڭ رېئاللىق بىلەن ئىمكانقەدەر ئوخشىماسلىقىنى ئارزۇ قىلغانلىقىمدىندۇر. ھەربىر قەدىمىم بىر ئۈمىتسىزلىك بولدى. يوھان ۋىسېنتې گومەزنىڭ ئىقتىدارى بىر خىل ھەقىقىي ماھارەتتىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن تۇرىدۇ. ھايتىدىكى دۇۋالېر مەملىكەت تەۋەسىدىكى بارلىق قارا ئىتلارنى يوقۇتۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ بىر دۈشمىنى ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قارا ئىت سىياقىغا كىرىۋالغان ئىمىش. دوكتۇر  فىرانسىيا ۋېلاسكونىڭ پەيلاسوپلۇق شۆھرىتى شۇقەدەر ئېشىپ، كارلىينىڭ تەتقىق قىلىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. ئۇ پاراگۋاي جۇمھۇرىيىتىنى بىر ئۆيگە ئوخشاش بېكىنمە ھالەتكە كەلتۈرۈپ، پوچتا ئالاقىسى ئۈچۈنلا بىر دېرىزە قالدۇرىدۇ. ئانتونىئو لوپەز تەنتەنىلىك دەپنە مۇراسىمىدا ئۆزىنىڭ بىر پۇتىنى دەپنە قىلىدۇ. لوپې ئاگۇيرېنىڭ كېسىۋىتىلگەن قولى ئېقىن بويلاپ نەچچە كۈن ئاقىدۇ، ئۇنى كۆرگەن كىشىلەر قورقىنىدىن قاچىدۇ. نىكاراگۇادىكى ئاناستاسىيو سوموزا گارسىيا ھويلىسىدىكى ئىككى قەپەزنىڭ بىرىگە ياۋايى ھايۋان قامايدۇ، يەنە بىرىگە ئۆزىنىڭ سىياسىي دۈشمىنىنى قامايدۇ.

سالۋادور زىيادە خۇراپىيلىق دەستىدىن مارتىنەزگە ئىشىنىپ، دۆلەت تەۋەسىدىكى بارلىق كوچا چىراغلىرىنى قىزىل قەغەز بىلەن ئوراپ چىقىدۇ، بۇ ئارقىلىق يۇقۇملۇق قىزىلنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولىدۇ. ھەم بىر خىل تەۋرىمە سىترىلكا كەشپ قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق تاماقتىن بۇرۇن تاماقتا زەھەر بار-يوقلۇقىنى بىلمەكچى بولىدۇ. ھازىرمۇ ھېلىھەم تېگۇسگالپادا قويۇلغان مورازان ھەيكىلى ئەمەلىيەتتە نېي مارشالنىڭ ھەيكىلى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، لۇندۇنغا ھەيكەل ئىزدىگىلى بارغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىر كونا ئامباردا تاشلىنىپ قالغان نامەلۇم بىر ھەيكەلنى مورازاننىڭ ھەيكىلىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىش يېڭىدىن ھەيكەل ياساتقاندىن كۆپ ئەرزان توختايدۇ، دەپ قارار چىقارغان. يىغىپ ئېيتقاندا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ۋە كارىب رايونىدىكى يازغۇچىلار چوقۇم سەمىمىيلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، رېئاللىق بىزدىن مۇنەۋۋەر يازغۇچىدۇر. بىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىمىز ھەم شەرىپىمىز شۇكى، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كەمتەر ھالدا ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىش، ئىمكانىيىتىمىزنىڭ بارىچە تەقلىدنى مۇكەممەل قىلىشتۇر.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى