مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
شېن چېن: يۇرت ئەستىلىكلىرى
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2012/09/07 | كۆرۈلۈشى: 412 قېتىم

ئاپتورى: شېن چېن 

ھەزرەتئەلى ئەخەت تەرجىمىسى

 

باھار پەسلى

 

باھارغا ھەمنەپەس كۈنلەر باغرىدا،

باغ-ئارام، ھويلىدا گۈللەرنىڭ ھىدى.

ئاق تېرەك بىخ يارسا مەيىن شامالدا،

تال شېخى ئەۋرىشىم، ياپرىقى سەبىي.

ساپ ھاۋا، كۆك ساما، قۇياش نۇرىدا،

ئېرىقتا سۇ ئاقار شىۋىرلاپ تېخى.

چىللايدۇ بارچىنى ھايات بېغىغا،

كاككۇكنىڭ تىلىدا تۇپراق تىلىكى.

ئېسىنى تاپقاندەك ئانام شۇ چاغدا،

تۇپراققا كۆمىدۇ  تەرنى، ئۇرۇقنى.

بىلمىدىم ماختايمۇ، قارغايمۇ ۋەيا،

باھاردا شەھەردە ئۆتكەن كۈنۈمنى.

  

كەچكۈزدىكى ئاق تېرەك

 

ھەر يىلى

كۈزلۈك يىغىمغا ئۇلاشقاندا،

تاغلار بەھەيۋەت، سۈربەت بولىدۇ،

دەريالار بىزۇۋان، غۇربەت بولىدۇ.

پەقەت شۇچاغ ئاقىدۇ دىلغا

كەنتتىكى ئاق تېرەك-جانلار،

ئەينى سەپتە تۇرغان قاراۋۇللار.

قېلىن قىراۋ چاقنار تۇرقىدا،

سۈرلۈك ئەپتىدە يوق ئىپادە،

مەغرۇر قەددىدە ئەمەس بىچارە.

 

قاچۇرسىمۇ ۋەسلىنى ياپراق،

كۈكۈش تۇماندا رەڭگى يايرايدۇ،

يىلتىزلار چىرمىشىپ ئەسلا قانمايدۇ،

زېمىن تەكتىدە بىر ئېقىن قايناق.

 

كۆرۈمسىز شاخلار

ساماغا سوزۇلغان قولغا ئوخشايدۇ،

غەزەبتىن دىردايغان چاچقا ئوخشايدۇ،

شاخقا قونىۋالغان نەچچە توڭ قاغا

ئۇۋىغا قايتقان سەرسانغا ئوخشايدۇ.

 

«چېگرا رايون ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىل 4-سانىدىن

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى