مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
بىر چالنىڭ تەقدىرى كۆزنى نەم قىلار
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2012/09/07 | كۆرۈلۈشى: 475 قېتىم

ئاپتورى: شيا خۇا

 ھەزرەتئەلى ئەخەت تەرجىمىسى

 

مەدھىيە ناخشىسى

(–ئانامغا)

نەزىم پۈتمەك كېرەك بولسا ئەگەردە،

ئانا تۇپراق جۇلا بەرگەي مىسراغا.

سەيياھ يۈرۈپ ئەركىن قەدەم ئىلكىدە،

تاغ باغرىدا توختار كەمتەر سىياقتا.

ئالدىمدىكى تالاي چەكسىز يوللاردەك،

قەدەملىرىم ئۇزاپ بارار سۈكۈتتە.

سان-ساناقسىز كىتابقا ئۆچ قىزلاردەك،

ئۆمۈر ئۇزاپ ئايلىنىدۇ پۈتۈككە.

كەلگىنىمدە خىيال بىلەن قېشىڭغا،

خىياللىرىم كىرسىت كەبى ئېغىركەن.

دېھقان بولۇپ تەر تۆكەيچۇ ئېتىزغا،

تەرىپلەشكە ئاسمان-زېمىن ئېزىزكەن.

شۇ رەۋىشتە ھىممەت تۆكەر بۇ تۇپراق،

بۇندىن ئۆزگە قىسمەتمۇ يوق ھەم خوپراق.

دەل-دەرەخلەر قۇچىقىڭدا بىخ يارسا،

پەرۋىشىڭدە كۆزلىرىدە كۆك ساما.

مېۋىلەرنىڭ تىللىرىدىن بال تامسا،

ياڭراپ تۇرار ئانا دېگەن بىر نىدا.

 

پادىچىلار ئائىلىسى

 

سۈبھىدەم داچېڭ[1] دا غېرىبلىق پەۋەس،

يوللارغا سابانىڭ قەدىمى يېتەر.

شەھەر ھەم چۆل ئارا كۈنلىرىم ئەلەس،

يۈرىكىم، يۈرىكىم… نە خىيال ئېتەر.

بىر مېۋە ئۆمرىگە خاس نامنى ئالدى،

قەدرىدىن پوستىغا مېنى يەم قىلار.

نام-ئاتاق ھەم ئۆمۈر نەلەردە قالدى،

بىر چالنىڭ تەقدىرى كۆزنى نەم قىلار.

شەھەردە شامالغا ئۆزۈمنى بەردىم،

جۆيلىسە سىرىنى تىڭشىماق بولۇپ.

شەھەر ھەم چۆل ئارا ئىزىنى تەردىم،

ھەممىگە شاھىتكەن قولىنى سوزۇپ.

مەرھابا! مەرھابا! يوچۇن ئادەملەر،

پادىچى ئۆيىگە قەدەملەر يەتسۇن.

رىۋايەت ئىلكىدە بارچە ھالەتلەر،

جەڭ، ئايال ھەم تۆشەك ھەيرانە ئەتسۇن.

ئادەملەر داچېڭدا، چۆللەردە ساراي،

بۇ كۆڭۈل رايىنى ھېچكىم چۈشەنمەس.

يىراقتىن كەلگەن شۇ سەيياھتىن سوراي،

بەلكى شۇ چىرايدا شۈبھە كۆرۈنمەس.

گاھ قارا يامغۇرلۇق كېچىدە دائىم،

قوي ئىزدەپ چۆللۈكتە ئېزىقار ئەرلەر.

دىل يارا، يول قارا، يېمەيدۇ ۋايىم،

پەرەزگە ياندىشار تونۇش قىسمەتلەر.

ئاياللار پاك قەلب، غەمكىن سىياقتا،

ساقلايدۇ سۈلكەتتە ئۇيقىدىن بىدار.

ئۆزىنى مىڭ تۇتار دەردۇ پىراقتا،

چېھرىدە تەبەسسسۇم، يوق زەررە غۇبار.

مەرھابا! مەرھابا! داچېڭ قوينىغا،

پادىچى ئۆيىگە قەدەملەر يەتسۇن.

رىۋايەت ئىلكىدە بارچە مۇئەمما،

قىسمىتى، خىسلىتى ھەيرانە ئەتسۇن.

تەلەيلىك شۇ سەيياھ بىلمىكى كېرەك،

بۇت، يىلان، ئىلاھە سىر-خىيالىنى.

كۆرۈنمەس مۇلايىم خۇلقىدىن دىرەك،

رايىمىش تەرۋرىتىش چىن ئىخلاسىنى.

قاراۋۇل مەردانە كۈزەتتە تۇرار،

قەددىگە ياراشقان سۈرلۈك قىياپەت.

كۆزدىكى ئالەممۇ تۇرمۇشتىن ئۇزار،

ۋەلېكىن تەدبىرلەر چولتا داۋامەت.

مۇھەببەت ئىلكىدە توۋلىساڭ ئەگەر،

پادىلار، پاقلانلار، دېگەن ئاڭاڭدا.

بوراندا تىترىشىپ تۇرغان شۇ قويلار

كۆرۈنەر شۇقەدەر ئوماق ھەم ساددا.

 

—————-

[1]  خېبېي ئۆلكىسىنىڭ داچېڭ ناھىيەسىنى كۆرسىتىدۇ

 

«مىللەتلەر ئەدەبىياتى»(خەنزۇچە) ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىل 3-سانىدىن

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى