مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
تىلنىڭ ئۇپرىشى ۋە پۇرسىتى
تەۋە تۈر: ئۇچۇرلار، تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2013/05/24 | كۆرۈلۈشى: 188 قېتىم

ئاپتورى: سوسۇر

ھەزرەتئەلى ئەخەت تەرجىمىسى

1

ئىنسانىيەتنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىسى باشلانغاندىن تارتىپ، ئىنسانلارنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى پەرقنى بىلىش ئۇرۇنۇشلىرى توختاپ قالغىنى يوق. لېكىن، كۆپىنچە ھاللاردا بىزنىڭ ئەھمىيەت بېرىدىغىنىمىز ئىنساننىڭ ئۆز قىلمىش-ئەتمىشلىرى بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇن قانداق ئىش يۈز بەرگەن؟ مىلادى مانچىنچى ئەسىردە نېمە ئىش بولغان؟ مېسوپوتامىيا مەدەنىيىتى قانداق بارلىققا كەلگەن؟ رىملىقلار، مىسىرلىقلار، ۋىزانتىيەلىكلەر، ھىندىلار ۋە جۇڭگولۇقلار قانداق شانلىق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان؟… دېگەندەك مەسىلىلەردىن نېرى بولالمايدۇ. ئۇرۇشقا ئالاقىدار ئىشلاردىمۇ نەزىرىمىز كۆپىنچە كونا تاش قورال، يېڭى تاش قورال ۋە يېڭىچە قورال-ياراق دېگەندەك ئەسلىھەلەرگە مەركەزلىشىدۇ. لېكىن، تىلدىن ئىبارەت بۇ قورالنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى رولىغا سەل قاراپ، كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەت، پائالىيەتلىرىنى تىل نۇقتىسىدىن شەرھلەشكە كۆڭۈل بەرمەيمىز. ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ئىچىدە تىل ئەڭ زور ئاكتىپلىق ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، كونا تاش قورال دەۋرىدىن ھازىرغىچە ئىنسانلار ھەرخىل قوراللارنى ياسىغان بولسسىمۇ، ئەمما، ھېچبىر قورال ئىنسانلارنىڭ ئۆزىدە تەبىئىي بار بولغان تىلدىن ئىبارەت بۇ قورالنىڭ ئورنىنى ۋە رولىنى ئىگەللىيەلمەيدۇ. تىل ئىنسانلارنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىگە بىۋاستە باشچىلىق قىلالايدۇ. بەزىدە، ياشانغان، ھالسىز بىر قەبىلە باشلىقىنىڭ ئات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قىلغان بىر ئېغىز مەردانە سۆزى شۇ قەبىلە كىشىلىرىنىڭ قولىغا قورال ئېلىپ، باشقا بىر قەبىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا تۈرتكە ھەم مەدەت بولىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ بارلىق مەدەنىيلىكى ۋە بەدۋىيلىكى، پازىللىقى ھەم پاسىقلىقى، ئۆم-ئىناقلىقى ۋە غۇم-ئاداۋەتلىرى ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىنسانلارنىڭ ئۆز قىلمىش-ئەتمىشلىرى ۋەجىدىن ئەمەس بەلكى، ئىنسانلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىگە باشچىلىق قىلغۇچى ئەڭ ئۆتكۈر يوشۇرۇن قورالى تىل سەۋەبىدىن بولىدۇ. تىلنىڭ ئۆزىدە ئانچە زور ئىقتىدار بولماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى، ئۇ ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ بېقىندىسى بولغاچقا، تەپەككۇر ۋە ئاڭنىڭ مۇئەييەن چەكلىمىسىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. سىز ئويلاپ يەتكەن سۆز-جۈملىلەر، ھەرخىل ئۇچۇرلار چوڭ مېڭىنىڭ كونتروللىقىدا بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تىل بىر بومبىغا ئوخشايدۇ. تەپەككۇر ۋە ئىدىيە دەل ئاشۇ بومبىنىڭ پىلتىسىگە ئوخشايدۇ. تەپەككۇر، ئىدىيە ۋە تىل بىرلەشكەندىلا ئىنساننىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكىتى ئۆز نەتىجىسىگە يۈزلىنىدۇ.

تىل يېزىق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولۇپ، يېزىق پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇر ساقلاش ۋە ئۇچۇر تارقىتىشى پۈتۈنلەي چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇشىغا ۋە ئاغزاكى بايانغا تايىنىدۇ. شۇ سەۋەب ئىنسانلارنىڭ ئەجدادلىرى تەسۋىر، رەسىم قاتارلىق بەلگىلەر ئارقىلىق شەيئىيلەرنى ئىپادىلەشنى ئىجاد قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئاساس سالغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە يۈز يىللار داۋامىدا بۇ تەسۋىر ۋە رەسىملەر تىل ئالاقىسى، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق بېيىپ، دەسلەپكى تەسۋىرىي يېزىق شەكىللىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق ئىختىرالىرىغا ئىمكانىيەت ئاتا قىلغان. يېزىقنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنسان تەپەككۇرىنى تىل ۋە يېزىق ئاساسىي بىلەن تەمىنلەپ، ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ ۋاقىت ۋە بوشلۇق ئىمكانىيەتلىرىنى زورايتىپ، تىلنىڭ ئىقتىدارىنى ئاددىي مەنىدىكى قورال نۇقتىسىدىن ئىنسان ئەقىل پاراسىتى دەرىجىسىگە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تىلغا يېڭىچە بىر خىل پۇرسەت ۋە قىممەت ئاتا قىلغان.

2

تىل غايەت زور بىر ھارۋىغا ئوخشاش بىر ياكى بىرقانچە مىللەت كىشىلىرىنى ئۆزىگە يۈكلەپ، ئۆزلۈكسىز ئىلگىرىلەش داۋامىدا چارچاش، خوراش، ئۇپراش ۋە يەنە ئۆزلۈكسىز ئۆزىنى يېڭىلاش ئارقىلىق ئۆزىگە يېڭى ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىش جەريانىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. تىلدىكى مەلۇم بىر سۆزلۈك ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن مەنالار خۇددى چوڭ بىر ماشىنىنىڭ بىر زاپچىسىغا ئوخشاش ئاشۇ ماشىنىنىڭ يۈرۈشمەسلىكى، چاتاق چىقىشى سەۋەبلىك ئاستا-ئاستا كونىراپ، داتلىشىدۇ ھەم ئاخىرى بېرىپ كاردىن چىقىدۇ. جۇڭگو تىل-يېزىق چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەنزۇ تىلىدىن باشقا يەنە، مۇڭغۇلچە، تىبەتچە، ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە قاتارلىق نۇرغۇن تىللار بولۇپ، ئۇزاقتىن بېرى بۇ تىللار ئۆز سېھرى كۈچىنى نامايان قىلىپ كەلدى. جۇڭگودا قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۆز ئالدىغا تىل-يېزىق ئىشلەتكەن مىللەتتىن 57سى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا، بۇرۇن ئىشلىتىلگەن، ھازىر ئىشلىتىشتىن قالغان يېزىقلاردىن قەدىمكى تۈرك يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى، ئۇدۇن يېزىقى، پاسپا مۇڭغۇل يېزىقى، قىتان چوڭ يېزىقى، قىتان كىچىك يېزىقى، جۇرجىت يېزىقى، تاڭغىت يېزىقى قاتارلىق 17خىل يېزىق بار. مانا بۇلار تىلنىڭ يەنە بىر جەھەتتىكى ئۇپرىشى ۋە يوقىلىشىدۇر. ئەمما، بۇ يېزىقلار جۇڭگونىڭ تىل-يېزىق تۇپرىقىدا ئۆز قىممىتىنى ئازدۇر-كۆپتۇر جۇلالىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شانلىق تارىخىغا قارايدىغان بولساق، تىلدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئېقىندا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى ئۆزىگە خاس بۇزغۇن چاچرىتىپ، ئۆز جۇلاسىنى چاقناتقان. ئۇلار خەنزۇ تىلىدىن ئىبارەت چوڭ بىر تىل مۇھىتىدا مەۋجۇت بولۇش داۋامىدا خەنزۇ تىلىنىڭ لىكسىكىسىنى بېيىتقان ھەم تەرەققى قىلدۇرغان. مۇڭغۇل تىلىنى مىسال ئالساق، مۇڭغۇل تىلىدىكى «نادام»، «خادا»، «خاقان»… قاتارلىق سۆزلەرنىڭ خەنزۇ تىلى لىكسىكىسىدا پەيدا بولۇشى خەنزۇ تىلىغا چەكسىز يايلاق، ئۇچقۇر تۇلپار ۋە ساپ سۈت ھىدىنى ئاتا قىلغان.

تارىخقا نەزەر سالساق، بېكىنمىلىككە ۋە تۇرغۇنلۇققا تولغان بۇرۇختۇم ھالەت تىلنىڭ ئۇپرىشى ۋە يوقىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبتۇر. تىل كىشىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاسرىشى ۋە بېيىتىشىغا مۇھتاج بولۇپ، ئەل ئىچى تىل سەنئىتىنىڭ كەڭ دائىرىلىك كۆپ خىل پائالىيەتلىرى تىلنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتىدا گۈللەپ-كۆكلىشىگە ئىمكان ھازىرلايدۇ. بۇ مۇھىتتا تىلدىن باشقا يەنە باشقىلارغا ئانچە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ئادەم —– شائىر ۋە يازغۇچى مەۋجۇت بولىدۇ. شائىر ۋە يازغۇچىلار تىلنىڭ ئەڭ دىلكەش ساھىبلىرى بولۇپ، بەلكىم، تىلمۇ ئۇلارنىڭ ئۆز ساھىبلىرى ئىكەنلىكىنى رازىمەنلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىشى مۇمكىن. شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ تىنىمسىز ئىجادىيىتىمۇ دەل تارىخنىڭ بوران چاپقۇنلىرىدا ئۆز جۇلاسى ۋە نىداسىدىن مەھرۇم ھالدا بىھۇشلانغان تىلنى ئويغىتىش ۋە بېيىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇلار ئۆز قەلبى ئارقىلىق تىلنى غىدىقلاپ، سەزگۈسىنى ئويغىتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ يوقالغان روھىغا ۋە ئازابىغا مەلھەم بولىدۇ؛ تۇرمۇشنى خاتىرىلەش ئارقىلىق تىلنى بىرمۇبىر رەتلەپ، ئۆزى بەرپا قىلغان ئىجاد قەسرىگە باشلايدۇ؛ مۇھەببەتلىك ۋە ھاياجانلىق تۇرمۇش قوينىغا تاشلايدۇ. چۈنكى، تىلنىڭ زېرەكلىكى ۋە زەكىيلىكى، ئۆز ساھىبىنىڭ ئىلھامى ۋە ئىنئامىدا كىشى قەلبىنى لال قىلالايدىغانلىقى، مەردانە، مەغرۇرلۇققىمۇ، ۋەيرانە، جىمغورلۇققىمۇ ئىگە ئىكەنلىكى شائىر ۋە يازغۇچىغا بەش قولدەك ئايان. شۇڭا، شائىر ۋە يازغۇچىلار تىلنىڭ ئۆز جەزبىسىدىن ئايرىلماسلىقى، ئۇپراپ، خورىماسلىقى ئۈچۈن بار ۋۇجۇدى ۋە قۇۋۋىتى بىلەن تىلنى پەپىلەيدۇ، بېيىتىدۇ، شۇ ئارقىلىق تىلغا تەپەككۇر، ئىددىيەگە تۇتاشقان ۋە تىلنىڭ ئەسلى مەنا قاتلىمىنى بۆسىدىغان تارام-تارام يوللارنى ئاچىدۇ. تىل بېيىتىشقا ۋە پەپىلەشكە مۇھتاج، شۇنداقلا، بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە جەلبكار ھاياتقا ۋە بۇرچقا ئېرىشىشكە تېخىمۇ مۇھتاج.

قەدىمدىن ھازىرغىچە ئىنسانلار تىلنىڭ مەۋجۇتلۇق شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ، تىلنىڭ ساقلىنىش ھالىتىدە ياشاپ كەلدى. بىر مىللەتكە نىسبەتەن مەدەنىيەت دەل ئۇلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايدىغان مۇنبەت زېمىنى —- قاتتىق ئەمەلىي كۈچى بولسا، تىل ئۇلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى يوشۇرۇن شەكلى —– يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىدۇر. ناۋادا بىر مىللەت بۇ ئىككى نۇقتىدىن ئايرىلىپ قالسا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ. تىل تەرەققىياتى جەريانىدا، جۇڭگودىكى بەزى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمدىنلا ئۆزلىرىنىڭ تىلشۇناس ئالىملىرى بارلىققا كەلگەن. ئۇلار ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىغا قارىتا تەكشۈرۈش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، خاس ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئاچقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. تىبەت تىلشۇناس تونمى سامېھوتا 7-ئەسىردىلا سانسىكىرت يېزىقىدىن پايدىلىنىپ، تىبەت تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تىبەت يېزىقىنى ئىجاد قىلغان. ئۇ يەنە «تەلىم ئاساسلىرىدىن 30قەسىدە(سۇمكاپا)»، «تىل تاۋۇشلىرى بايانى(تاگسكىي ئۈجۈگپا)» قاتارلىق گرامماتىكا كىتابلىرىنى يازغان. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سىدۇ چۆجىجيۇزەن «تىبەت تىلى گىرامماتىكىسى» ناملىق كىتابنى يازغان. ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىمۇ 11-ئەسىردىلا «تۈركى تىللار دىۋانى»نى يازغان. مۇڭغۇل ئالىمى دەگمەت دورجى 14-ئەسىرنىڭ بېشىدىلا «مۇڭغۇل تىلى ئانالىزى» ناملىق كىتابنى يېزىپ، مۇڭغۇل يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە ئاساس سالغان. يۇقارقى ئەمگەكلەر ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ بۇ ئەمگەكلىرى تىلنىڭ ئۇپرىشىغا ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن قۇتقۇزۇش ۋە قوغداش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇلار تىل-يېزىقنى ئۆزىنى ئۆزى قوغداش يولىغا باشلىغان.

3

تىل توغرۇلۇق سۆز ئېچىلسا، مەن گاھىدا ئىختىيارسىز ئانا تىلىم بولغان مۇڭغۇل تىلىنىڭ بوشاڭلىقى، رايىشلىقى، مۇلايىملىقى ۋە زىيادە نەپىسلىكىگە ئېچىنىمەن. چۈنكى بۇ تىل ھەم ئاسان ئاجىزلىشىدىغان ھەم ئاسان تىرىلىدىغان ياكى يات تىل تەركىبلىرىنى ئاسان قوبۇل قىلىدىغان، قىلچە قوغدىنىش ئىقتىدارى يوق بىر خىل تىل. شۇسەۋەب، مۇڭغۇل تىلى ئىشلىتىدىغان كىشىلەرنىڭ يات بىر تىلنى ئۆگىنىشى شۇقەدەر ئاسان ھەم ئاددىيدۇر. بۇ تىل شېئىرنىڭ نەپىسلىكىنى، ھېسسىياتنىڭ مۇلايىملىقىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن. مېنىڭچە، دەل ئاشۇ خىل ئالاھىدىلىك ئۇنىڭ ئەڭ ئەجەللىك ئارتۇقچىلىقى ياكى ئاجىزلىقى بولۇپ، ھەرۋاقىت ئۆز ساھىبىنىڭ ئەبجەش تىل مۇھىتىغا مەيىن شامال كەبىي سىڭىشىپ، ئۇپرايدۇ ۋە ئاجىزلىشىدۇ. مۇڭغۇل مىللىتى تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا كۆپىنچە قەيسەر، قىزىققان، جۇشقۇن بىر سېما كېلىدۇ. ئەمما سىز ئۇلارغا ھەقىقىي يېقىنلىشىپ، ئۇلارنى چۈشەنگىنىڭىزدە، سىزنى ھەيرانلىققا ۋە ئۇنتۇلغۇسىز كەيپىياتقا باشلايدىغىنى دەل ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى ئاجىزلىق ۋە روھىي دۇنياسىنى ئىپادىلەيدىغان تىلىدىكى رايىشلىق بولۇپ، خۇددى ئۇلارنىڭ ئۈزۈلمەس خەلق ناخشىلىرىدىكى يايلاق، ئېقىن، ئايال، تۇلپار، ئاتا-ئانا ۋە بالىلارغا ئوخشاش ساددا، بىغۇبارلىق ۋە شەيدا-مەھلىيالىققا ئوخشايدۇ. ئەستايىدىل ئويلىنىپ باقسام، مۇڭغۇل تىلىنىڭ مۇقەددەس قەسىرىدە مۇڭغۇل تىلىنى ئۆز ئەقىدىسىدە مۇكەممەل ساقلاپ كېلىۋاتقانلار يەنىلا شىنجاڭدىكى ئويراتلار ئىكەن. چۈنكى، ئۇلار ئۆز دېئالىكتىكىسىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى ۋە مۇستەھكەم روھى بىلەن دۇنياۋى قەھرىمانلىق ئېپوسى «جاڭغىر»نى ساقلاپ قالدى. ئەلۋەتتە، بۇ تەڭرىنىڭ ئۇلارغا قىلغان ئىلتىپاتى ۋەياكى ئويرات دېئالىكتىكىسىنىڭ سېھرى كۈچىمۇ ئەمەس، بەلكى ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ مۇھەببىتى ۋە شەپقىتىدۇر!!!

4

مانا بۈگۈن ئويراتلارنىڭ ئەۋلادى بولمىش مەن شىنجاڭدا ياشىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى تەلەيلىك ھېسابلايمەن. چۈنكى بۇ كۆپ خىل تىل بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان مۇنبەت زېمىندا ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلى، مۇڭغۇل تىلى ۋە قىرغىز تىلى قاتارلىق ئالتاي تىل سېستىمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ تىلى ئۆزگىچە نىدا ۋە جۇلا، ئۆزگىچە پۇراق ۋە سىياق بىلەن ئۆز خاسلىقىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. سىز بۇ تىللارنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن ئاڭلاش سەزگۈڭىزدىن باشقا يەنە كۆرۈش، پۇراش، سېزىش، تېتىش سەزگۈلىرىڭىزنى ئىشقا سېلىشىڭىز كېرەك. شۇندىلا سىز بۇ تىللارنى ھەقىقىي چۈشىنىسىز ۋە سېھرىنى بايقايسىز، شۇ ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قەلب تەكتىدىكى پىنھان سىرلارنى چۈشىنىسىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بۇ رەڭدار تىللارنىڭ خاسلىقىدىن ئۆز تەسەۋۋۇرىڭىزغا قانات ياساپ، تېخىمۇ تېرەن مەنالار مەنزىلىگە نائىل بولىسىز. جۇڭگونىڭ غەربى رايونى كۆپ خىل تەركىبلەر بىر گەۋدىگە ئايلانغان رەڭدار ۋە جەلبكار دۇنيا. مىللىتى، تىلى ۋە ئېتىقادى ھەرخىل كىشىلەر ئىناق ۋە ئىتتىپاق ھالدا بىرگە ياشىغاندىلا دۇنيا ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى ۋە رەڭدارلىقىنى تولۇق نامايان قىلالايدۇ. ناۋادا پۈتۈن دۇنيا خەلقى بىر خىل تىلنى ئىشلىتىپ، بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلىپ، غايەت زور بىر يەرشارى كەنتى بەرپا قىلسا، بۇنىڭ بىر ياخشى ئىش بولۇشى ناتايىن. چۈنكى، ئىنسانىيەت بۇنىڭ ئۈچۈن تالايلىغان تەرەققىيات پۇرسەتلىرىدىن ۋە تەپەككۇر ئىمكانىيەتلىرىدىن مەھرۇم قېلىپ، تېخىمۇ تار ۋە چەكلىك، زۇلمەتلىك ۋە نەپسانىيەتچىلىك تولغان بىر دۇنياغا ساھىب بولۇشى مۇمكىن.

كىچىكىمدىن تارتىپ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ كۆپ خىل تىل بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان مۇھىتتا چوڭ بولغاچقا، ئاشۇ تىللاردا قانداقتۇر بىر ئۈزۈلمەس رېشتەم ۋە نېسىۋەم باردەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تىللىرىنى بىلىشتىن سىرت، شۇ تىللارنىڭ شاپائىتىدە قەلبلەر تەكتىگىمۇ بىمالال چۆكەلەيمەن. تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ تىللار ماڭا ئۆز ھىممەتلىرىنى ئاتا قىلىپلا قالماي، يەنە مېنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىمنى موللاشتۇرۇپ، ئانا تىلىمغا تېخىمۇ زور چېچەنلىك، چېۋەرلىك ۋە جۇشقۇنلۇق ئاتا قىلدى. مانا بۇ تىلدىن ماڭا كەلگەن ئامەت.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • ئالدى بىلەن «چۈشتاق تور پۈتۈكلىرى»تورى ئۇسلۇبىنىڭ يېڭىلانغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن!
      بۇ قىممىتى يۇقىرى ماقالە ئىكەن.چۈشتاق ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۇر!

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەر 00:47

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى