مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
ئوسمانجان ساۋۇت: ئانا تىلىم
تەۋە تۈر: تەرمە گۈل | يوللانغان ۋاقتى: 2011/02/20 | كۆرۈلۈشى: 1,131 قېتىم

 

ئانا تىلىم

ئاپتورى: ئوسمانجان ساۋۇت

 

 

سەندە بار تەڭداشسىز ئىلاھىي قۇدرەت،

يىللارنىڭ قوينىدا غالىپسەن ئەبەد.

سەن ئېسىل كۈيلەرنى قۇيدۇڭ قۇلاققا،

قولۇمغا تۇتقۇزدۇڭ بەئەينى جەننەت.

 

سەن ئىزھار قىلمىغان نازۇك ھېكمەت يوق،

ھەر مەنا سەندىكى چېچىلغان ئۇرۇق.

رەنا سەن ئالەمدە رەنالار ئارا،

يۈرىكىم پۈتۈندۇر، روھلىرىممۇ توق.

 

ھەر مۆچەڭ باغرىمدۇر سۆيگۈگە سوغراق،

مۆچەڭدىن كەچكىچە ئۆلگىنىم خوپراق.

ھەر مۆچەڭ يېنىدا بىردىن قۇياش بار،

ھەر مۆچەڭ بىر زېمىن، بىر سويام تۇپراق.

 

شولىدەك ۋالىلداپ چاقنايسەن ھامان،

چاڭ قونماس، پاكىزسەن، جاۋاھىر جانان.

پەرىزات جىلۋەڭدىن تاشمۇ پەرىزات

ۋە مېنىڭ ئۆمرۈممۇ، يولۇممۇ راۋان.

———————-

ئاپتورنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1997-يىلى نەشىر قىلغان «تەڭرىتاغ شاماللىرى» ناملىق توپلىمىدىن ئېلىندى.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ئانا تىل ھەققىدىكى شېئىرىنى ئوقۇپ يۈرىكىم لەرزىلەندى.باشقا تېمىلارمۇ بىر-بېرىدىن ئېسىل ئىكەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچ 14:37

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى