مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
ئىران بالىلار فىلىمى: كىچىك ئاياغ
تەۋە تۈر: تەۋسىيە | يوللانغان ۋاقتى: 2011/02/20 | كۆرۈلۈشى: 995 قېتىم

 

مەزكۇر فىلىمنى كۆرگىنىمگە ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، بۈگۈن توردىن ماتېرىيال ئاختۇرىۋېتىپ يەنە ئۇچرىتىپ قالغاچقا، كەڭ تورداشلارغا تەۋسىيە قىلىشنى لايىق تاپتىم. بۇ فىلىمنى بەلكىم كۆپ كىشىلەر كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. مەنمۇ دەسلەپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا كۆرگەن. كېيىن ئۈرۈمچىنىڭ قايناق كوچىلىرىدا 10سومغا 3دانە پلاستىنكا ساتىدىغان كىنو باققاللىرىنىڭ قولىدا «قازاقىستان ھېكايە فىلىمى: ئاكا-سىڭىل» نامىدا كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدىم. فىلىم گەرچە ئىراننىڭ فىلىمى بولسىمۇ، ئەمما بۇ نادىر فىلىمنىڭ قاراڭغۇ بازارچىلار تەرىپىدىن بولسىمۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىدىن مەمنۇن بولغان ئىدىم. فىلىمدە قانداقتۇر مۇرەككەپ ۋەقەلىك ھەم زىددىيەت يوق. بار دېيىلسىمۇ، ئۇ يەنىلا بالا قەھرىمان ئەلىنىڭ بىر جۈپ ئاياغ ئۈچۈن مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ئىنتىلىشى،مۇسابىقىدە 2-بولغانلارغىلا ئاياغ مۇكاپات بېرىلىدىغان بولغاچقا، 2-بولۇش ئۈچۈنلا، بىر جۈپ ئاياغقا ئىگە بولۇش ئۈچۈنلا تىركىشىشىدۇر. بۇ فىلىم خەلقئارادا خېلىلا زور تەسىر قوزغىغان بولۇپ، ئەڭ نادىر بالىلار فىلىمى دېگەن نامغا ھەم ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى كىنو بايرىمىدا 11تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

 

 

فىلىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • ياخشى كىنو بۇ، مەن تىلۋىزوردىن نەچچە قېتىم كۆرگەن… ساقلاپ قۇيۇشقا ئەرزىيدۇ…

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچ 16:29

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى