مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
ئەدەبىيات: ئەدەبىي ئىستىلنى تۈزەشكە قادىردۇر
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم، تەۋسىيە | يوللانغان ۋاقتى: 2011/11/15 | كۆرۈلۈشى: 955 قېتىم

ئاپتورى:چېن شىنگېڭ

تەرجىمان: چۈشتاق

 

ئەدەبىي ئىستىل كۆپىنچە ھاللاردا بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ، ھەم بىر دەۋرنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىنىمۇ بىزگە ئايان قىلالايدۇ.

جۇڭگودا، نۇرغۇن يازغۇچىلار ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ تولۇق توپلىمىنى نەشر قىلدۇرۇشتىن خىجىل بولىدۇ. نەشر قىلدۇرغان تەقدىردىمۇ ئىنچىكە تاللاپ، قەستەن «ئۇنتۇپ قېلىش» ئارقىلىق تولۇق بولمىغان «تولۇق ئەسەرلەر توپلىمى»نى نەشىر قىلدۇرىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ 30يىل بۇرۇنقى ئەسىرىڭىزنى قايتا بىر ئوقۇپ بېقىڭ، ئەينى چاغدىكى تىل ۋە ئۇسلۇبىڭىز قانداق ئىكەن؟ ساپلىق ئەدەبىياتنىڭ سۈپىتىمىكەن؟ ھازىرقى ئەدەبىيات قارىشىڭىزدا بىر ئوقۇشقا ئەرزىمدىكەن؟ بۇنداق ئەپسۇسلۇق مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن. تېخى يېقىندىلا كونا كىتابلىرىمنى رەتلەۋېتىپ، خېلى يىللار بۇرۇنقى «ئەدەبىياتقا ئاشىق» چېغىمدا ئېلان قىلدۇرغان ماقالىلىرىم قولۇمغا چىقىپ قالدى. ئەستايىدىل بىر ئوقۇپ چىقتىميۇ، خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم. بىرىنچىسى مەلۇم بىر ئۆلكە گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «سۇ بويىدا» توغرىسىدىكى فىليەتون بولۇپ، ئۇنىڭدىكى قاراشلار پۈتۈنلەي ئەينى چاغدىكى ئەڭ بازارلىق بىر سىياسىي ژۇرنالدىكى «ئۆگىنىش ۋە تەنقىد» ناملىق ماقالىدىن سىڭدۈرۈلگەن ئىدى. تېخى يەنە بىر ھېكايەمدە، بىر پېرسوناژنىڭ ئاغزىدىن: چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، لىن بياۋ، تۆت كىشىلىك گۇرۇھ زايا قىلغان ۋاقتىمىزنى قايتۇرىۋالايلى… دېگەن گەپلەر چىقىدۇ. تۇرمۇشتا نەدىمۇ مۇشۇنداق سۆزلەيدىغان ئادەم بولسۇن، زورلاپ تېڭىلغان جۈملىلەرغۇ بۇ. ئەمما، مۇشۇنداق يېزىلغان ئەسەرنىڭ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنىشى، ئېنىقى ئەينى دەۋردىكى مەتبۇئاتلارنىڭ ئەدەبىي ئىستىلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

ناچار ئەدەبىي ئىستىلنىڭ ئالامەتلىرىنى بايقىماق ئىنتايىن ئاسان، پەقەت شۇ «ھاۋاغا مۇشت ئاتىدۇ» خالاس. ئۇنداقتا، ياخشى ئەدەبىي ئىستىلنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بولىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، ئەينى يىللىرى لۈشۈن ئۆزىنىڭ «ماقالە يېزىش سىرلىرى» ناملىق يازمىسىدا ئېيتقاندەك «مۇددىئا بولۇش، پەردازلاش، تېرە تاراقشىتماسلىق» قاتارلىقلاردۇر.

ئەدەبىي ئىستىل مەسىلىسى يېڭى مەسىلىمۇ ئەمەس، تارىختىن بۇيان بۇ توغرىسىدا تالايلار توختىلىپ ئۆتكەن. خۇ شىنىڭ ئاشۇ «ئەدەبىياتنى يېڭىلاش ئويلىرى» ناملىق ماقالىسىنى قايتا ۋاراقلايدىغان بولساق، دەل بىر پارچە كونا ئەندىزىدىكى باگۇچە ئەدەبىي ئىستىلىنى سۆكىدىغان خىتابنامە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، 4-ماي ياشلار ھەرىكىتى ئەدەبىي ئىستىلنى ئۆزگەرتىشتىن باشلانغان. ماۋ زېدوڭنىڭ «پارتىيە باگۇسىغا قارشى تۇرايلى» ناملىق ماقالىسىدىمۇ ئەدەبىي ئىستىل توغرىسىدا ئەتراپلىق مۇلاھىزىلەر بايان قىلىنغان. ئۇنداقتا، بىزنىڭ بۈگۈن يەنە ئەدەبىي ئىستىل توغرىسىدا گەپ قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ ئەدەبىي ئىستىل توغرىسىدىكى قىلچە يېڭىلىق بولمىغان بىر پارچە ماقالە ئۆزىلا ناچار ئەدەبىي ئىستىلنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالماسمۇ؟ جاۋابىمىز شۇكى، ناچار ئەدەبىي ئىستىلنىڭ زىيىنىغا ئۇزاق ئۇچرىدۇق، ناچار ئەدەبىي ئىستىل ئۈنۈملۈك ھالدا تۈزىتىلمەكتە يوق، تېخىمۇ ئەدەپ بارماقتا.

ناچار ئەدەبىي ئىستىلنى ئۇر چاشقان قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى شۇكى، ناچار ئەدەبىي ئىستىل ۋىرۇسقا ئوخشاش ئىنتايىن كۈچلۈك ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۇ توختىماي ئۆزىنى پەردازلاپ، شەكىل ھەم ئىقتىدار جەھەتتىن ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، ئۆزىنىڭ تۈرلۈك كۈشەندىلىرىگە تاقابىل تۇرىدۇ. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا «كىچىك گېزىتلەر چوڭ گېزىتتىن كۆچۈرۈش، چوڭ گېزىتلەر ئىككى مەكتەپ تىن كۆچۈرۈش»تەك بارچە گېزىت بىر ئاڭاڭغا توۋلاش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. گەرچە كىشىلەر بۇ خىل قىلمىشتىن قاتتىق بىزار بولغان، ئۇنىڭ ئاسارىتىمۇ ئاللىبۇرۇن يوقالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ماھىيىتى يەنىلا مەۋھۇم شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. كۆپ قىسىم يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى مەدەنىيەت قۇرۇلىشىغا ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلىسىلا، بىر تالاي ئەمەلدارلار «مەدەنىيەت» ئاتالغۇسىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەنمىگەن ھالەتتىمۇ، ئاغزىدىن «مەدەنىيەت» سۆزىنى چۈشۈرمەيدۇ، بارچە دەسمىسىنى «مەدەنىيەت»تىن ئىبارەت بۇ تاغارغا قاپلايدۇ. مەيلى بىز نېمىلا ئىش قىلمايلى، ئۇ ئىش بەرىبىر ئۆز خاراكتېرى بىلەن خاسلىنىدۇ. قىلغان ھەربىر ئىشىمىزغا «مەدەنىيەت» قاشقىسى چىقىرىشنىڭ نە ھاجىتى؟ ھازىر ھەدەپ ئۆتكۈزىلىۋاتقان راك تائام بايرىمى، مىززىلىك تائاملار بايرىمى، قىسقۇچپاقا بايرىمى دېگەندەك بايراملارنى ئۆتكۈزگىڭىز كەلسە ئۆتكۈزۈڭ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئارقىسىغا ھەدېسىلا «مەدەنىيەت» سۆزىنى قىستۇرۇشىڭىزنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. «قىسقۇچپاقا»نى «مەدەنىيەت» دېسىڭىز، زادى قانداق مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي كىشىنىڭ بېشى قاتىدۇ. ئەجىبا ئۇنىڭ «زۇمىگەر»لىك ھەيۋىسىنى ئۈگىنەمدۇق؟ ياكى بولمىسا پىياز، ئاچچىقسۇلار ياردىمىدە ئۇنىڭدىكى ئاقسىلنى ھەزىم قىلامدۇق؟ بىزگە كېرىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭىچە تەدبىرى، ھەرگىزمۇ بىر خىل چۈشەنچىنى پەردازلاپ ھەممە يەرنى چىتلاش ئەمەس. ئەمما بەزى ئەمەلدارلار خۇددى «مەدەنىيەت» سۆزىنى تىلغا ئالمىسا رەھبەرلىكنىڭ تەلىپىنى بەجا كەلتۈرۈشكە تىرىشمىغاندەك ئويلاپ، ئۆزىنى قالاق، مەدەنىيەتسىز ھېس قىلىدۇ. بۇ خىل ئاپتاپپەرەسلەرچە خائىشنىڭ ئەينى يىللاردىكى «چوڭ كۆچۈرمىكەشلىك»تىن پەرقى نېمە؟

ناچار ئەدەبىي ئىستىل يەنە ۋىرۇسقا ئوخشاش كۈچلۈك كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئۇ دائىم يېزىققا تايىنىدىغان ساھەلەرگە سوقۇنۇپ كىرىۋالىدۇ. ئاخباراتلاردا ساختا خەۋەرلەر ئۈزۈلمەيدۇ. ساختىلىقتا چېكىدىن ئاشقىلى تۇردى. ئىشەنچىسىز خەۋەرلەرنىمۇ گېزىتلەر يۈرەكلىك بېسىۋىرىدىغان بولدى. «پەرىزىچە»، «ئېھتىمال»، «ئاڭلاشلارغا قارىغاندا»… دېگەندەك سۆزلەر ھازىرقى ئاخباراتلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن، بولمىغان ئىشلارنىمۇ كۆتىگە بىرنى ئۇرۇپلا توقۇيدۇ. ئاخباراتلاردا يەنە «ساختا» بولسىمۇ كىشىلەر ئاسانلىقچە بايقىيالمايدىغان بىر خىل كۆپتۈرۈش ئۇسۇلى بار. ئانچىكىم بىر ئىشلار مۇخبىرلارنىڭ قەلىمىدە ھەريانغا شاخلاپ، ئۆزگىچە بىر ئىدىيە يۈكسەكلىلى يارىتىلىدۇ. ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدىمۇ كۆچۈرۈش ھادىسىسى يامرىغىلى تۇردى. ھەرخىل قاراشلارنى كۆچۈرۈپلا قالماي، ئەسلى ماقالىنىڭ پىچىتىنى بۇزماي ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدىغان ئىشلارمۇ كۆپەيدى. كۆچۈرمىكەشلەرنىڭ يۈزىمۇ بارغانسېرى داپلىشىپ، كۆچۈرۈپ تۇرۇپ تەن ئالمايدىغان، كەچۈرۈم سورىمايدىغان، كۆچۈرمىكەشلىكنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدىغان بولدى.

ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىمۇ، شامالغا ئەگىشىش، نېمە بازارلىق بولسا، شۇنىڭغا تەقلىد قىلىش ئەۋج ئالدى. بىر پارچە ئەمەلدارلىق سورۇنى مەزمۇن قىلىنغان كىتابنىڭ بازىرى چىقسا، شۇ مەزمۇندىكى كىتابلار ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولدى؛ «مىڭ دەۋرىدىكى ئىشلار» دېگەن بىر كىتاب قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشسە، ئارقىدىنلار بىر قاتار «XX دەۋرىدىكى ئىشلار» دېگەن كىتابلار كىتابخانلارغا، كىتاب يايمىلىرىغا يامرايدىغان بولدى. ھەرخىل يېڭى كىتاب توغرىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا قېلىپلاشقان ماختاشلار، قارىسىغا جۆيلۈيدىغان يانتاياق پىكىرلەر يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئاغزىدىن ساختا مارجاندەك تۆكۈلىدىغان بولدى. ئىجادىيەتتە، ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە تەپەككۇر شەكلى ۋە تىل ئىشلىتىشتىكى خاسلىق. ئەمما، بىز ئوخشىمىغان يازغۇچىلارنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇغىنىمىزدا، گەرچە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسى ھەم كەچۈرمىشى ھەرخىل بولسىمۇ، يازغان ئەسەرلىرىنىڭ ئۇسلۇب جەھەتتە كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە بىرخىل ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. گۇاڭدۇڭلۇق ئايال يازغۇچى جاڭ مېيدىن ئاڭلىشىمچە، ئۇ بىر قېتىملىق جۇڭگو-ئەنگىلىيە يازغۇچىلىرىنىڭ بىرلەشمە ئىجادىيەت قىلىش سەپىرىگە قاتناشقان. ھەربىر دۆلەتتىن 4نەپەر يازغۇچى بىرلا ۋاقىتتا پويىز بىلەن چوڭچىڭغا بارغان. كېيىن ھەممەيلەن ئۆز تەسىراتى بويىچە ساياھەت خاتىرىسى يېزىپ، نەشرىياتقا تاپشۇرغان. كېيىن ئۇ 4نەپەر جۇڭگولۇق يازغۇچىنىڭ پىكىرى، بايان نۇقتىسى، ئۇسلۇبى قاتارلىق جەھەتتە بىر «قېلىپ»تىن چىققاندەكلا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بىر قېتىم بىر ئىشتىن سىرتقى ياشانغانلار ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى بىرى تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا «ئۇسسۇل ئارقىلىق ئاممىنى ئويغىتىش» كېرەك دېگەن ھەيۋەتلىك جۈملىسىنى ئاڭلىغىنىمدا، بىر خىل لاپقا كۆنۈككەن ئەدەبىي ئىستىلنىڭ ئاللىقاچان تالاي كىشىلەرنىڭ «كوللىكتىپ ئاڭسىزلىق»ىغا ئايلانغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم.

ئىتالىيە يازغۇچىسى ئىتالو كالۋىنو(Italo Calvino) ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا، ئۆتكۈرلۈك بىلەن: «بىر مەيدان ۋابا ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئالاھىدە بولغان تالانتىغا، يەنى يېزىق ئىشلىتىش تالانتىغا يامرىدى. بۇ بىر مەيدان تىلغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋابا ئۆز ھالىتىدە بىلىش ئىقتىدارىنى ۋە بىۋاستىلىكنى يوقىتىشتا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ مەلۇم خىل ئىختىيارىلىققا ئايلىنىپ، بارلىق ئىپادىلەشلەرنى ئاممىباپ، ئوخشاشلىق ھەم مەۋھۇملۇقنىڭ سەپسەتىسىگە بويسۇندۇرىدۇ. ئۇ مەزمۇننى يېيىلدۇرۇپ، ئىپادىلەش كۈچىنىڭ بىسىنى ياندۇرىدۇ. ئۇ يېزىق بىلەن يېڭى مۇھىتنىڭ ئۇچرىشىشىدىن ھاسىل بولغان ئۇچقۇننى يوق قىلىدۇ.» دېگەن. ئۇ يەنە: «كىشىلەر يېزىقنى ھەمىشە خالىغانچە، يەڭگىلتەك، بىپەرۋا ھالدا ئىشلىتىدۇ. ئەمما، مەن بۇنىڭدىن قاتتىق ئازابلىنىمەن.» دەپ قاخشىغان. ئۇ ئەدەبىي ئىستىلنى تۈزەش ئۈمىدىنى ئەدەبىياتقا باغلاپ: «ئەدەبىيات، پەقەت ئەدەبىياتلا بۇ خىل تىل ۋاباسىنى توسىيالايدىغان قالقاننى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ.» دېگەن.

نۆۋەتتىكى جۇڭگو ئەدەبىياتى ئەدەبىي ئىستىلنى تۈزەش بۇرچىنى ئۈستىگە ئالالامدۇ؟ ئەلۋەتتە، سۈپەتلىك ئەدەبىي ئىستىل بەرپا قىلىشتا ھەممە تەرەپتىن قول سېلىش كېرەك. كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، كېسەلنى يىلتىزىدىن ساقايتىدىغان ئېسىل رىتسىپ تېپىش كېرەك. شۈبھىسىزكى، ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئەدەبىي تەنقىد تىل سەنئىتى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئالاھىدە ئىقتىدارغا ۋە رولغا ئىگە. ئەدەبىيات ساھەسىنى ئېسىل ئەدەبىي ئىستىل بەرپا قىلىدىغان «مۇقەددەس زېمىن»غا ئايلاندۇرىشىمىز تولىمۇ زۆرۈردۇر. ناۋادا مۇشۇ «مۇقەددەس زېمىن»مۇ رەزىل، ئىپلاس ئەدەبىي ئىستىلنىڭ زەھىرىگە، بۇلغىشىغا تاقابىل تۇرالمىسا، ئۇنداقتا بىز «ساپ ھاۋالىق، زۇمرەت بۇلاقلىق» زېمىننى قەيەردىن تاپىمىز؟

لۈشۈن تەشەببۇس قىلغان «مۇددىئا بولۇش، پەردازلاش، تېرە تاراقشىتماسلىق»نى ئۇنچە ئاسان ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن. بولۇپمۇ «مۇددىئا بولۇش» تەشەببۇسىغا نۇرغۇن مەنىلەر يوشۇرۇنغان بولۇپ، مېنىڭچە بۇ راستچىل بولۇش، سەمىمىي بولۇش، مەۋقە بولۇش دېگەنلىكتۇر. ئەگەر يۇقارقىلار ئۆز جايىنى تاپسىلا، ماقالىگە جان كىرىدۇ-دە، كىشى قەلبىنى تىترەتكۈدەك تەسىرچانلىققا ھەم يېڭىچە تەپەككۇرنىڭ ئويغىنىشىغا تۈرتكە بولغىدەك ئۆتكۈرلۈككە ئىگە بولىدۇ.

ھېسسىيات بىلەن ئەسەرنىڭ مۇناسىۋىتىدە، ليۇ شيې ئەپەندى بۇرۇنلا ئۆز بايانلىرىدا: «ھېسسىيات ۋەجىدىن ئەسەر ئىجاد قىلىش» بولغاندىلا ئاندىن «كۈتكىنىدەك ئەسەر روياپقا چىقىش» ھالىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، «ھەشەم ئۈچۈن چەكتىن ئاشقان» يالتىراق گۈلگە ئايلىنىدۇ.-دەپ يازغان. گەرچە كىشىلەر ئارىسىدا «مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام» دەيدىغان گەپ بولسىمۇ، «ئەسەر» ۋە «ئەدىب» كۆپىنچە ھاللاردا بىر قېلىپقا چۈشمەيدۇ. ئەمما، ھەرقانداق نادىر ئەسەرنىڭ ئاپتورنىڭ پازىللىقى ھەم كامىللىقى بىلەن باغلىنىشى بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.خۇددى «دىلدا بارى تىلدا ئايان، تىلدا بارى قۇردا بايان، بۇ تەبىئەت ھۆكمى ھامان.» (-ليۇشيې)، «غالىپلارغا ھاجەت ئەمەس قۇرۇق شۆھرەت، غاپىللارغا ئېشىپ قالماس ھەم سەلتەنەت.» (-يې شيې) دېيىلگىنىدەك. ھەقىقەتنى سۆزلەش ئۈچۈن ھەقىقەت تۇيغۇسى ھەم مەردانىلىق كېرەك. چىن ھېسسىيات بولۇش ئۈچۈن يۈرەكتىن ئۇرغۇغان ھاياجان ھەم ھارارەت كېرەك. تېرەنلىك ھەم ھەققانىيەت ئۈچۈن نام-مەنپەئەتكە نەزەر سالمايدىغان، تەنتەك خىيالغا يەم بولمايدىغان، ئىجتىھات بىلەن قېتىرقىنىدىغان، ئىبرەت ئارقىلىق كامىللىققا ئىنتىلىدىغان ۋە شۇ ئارقىلىق پاراسەت ئىگەللەيدىغان بىر خىل خورىماس ھارارەت كېرەك. پاكىز روھ، بىپايان قەلب، ئۆتكۈر كۆز ئەلۋەتتە ھەر تەرەپتىن پەرۋىشلەپ، پەپىلەشتىن پەيدا بولىدۇ.

يېقىندا ئەنگىلىيە يازغۇچىسى گىئورگىي ئورۋېل (George Orwell) نىڭ كىتابىدىكى «لېر، تولىستوي ۋە ئەخمەق قىلىش» ناملىق ماقالىنى ئوقۇپ چىقتىم. ئوقۇغاندىن كېيىن كۆپ ئەپسۇسلاندىم. تولىستوي ماقالە يېزىپ، شىكىسپىرنى سۆكۈپ، «تالانتلىق ئۇلۇغ يازغۇچى ئاتىقى» بىھۇدە كەتتى. ئاشۇ ئاتاق ۋەجىدىن دەۋرىمىزدىكى يازغۇچىلار ئۇنى دوراشقا، ئوقۇرمەنلەر ھەم تاماشىبىنلار ئۇنىڭ ئەسىرىدە ئەسلا مەۋجۇت بولمىغان ئارتۇقچىلىقلارنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ گۈزەللىك ۋە ئەخلاق چۈشەنچىسى بۇرمىلىنىپ، بارلىق ھەقىقىي بولمىغان نەرسىلەرگە ئوخشاش بىر چوڭ بالا بولدى، دەپ تەنقىدلىگەن. ئەمما، ئورۋېل ئۆز ماقالىسىدە تولىستوينىڭ قارىشىنى تەنقىدلىگەن بولۇپ، شىكىسپىرنىڭ ئۇلۇغ يازغۇچىلىق ئاتىقىنى ئاددىيلا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ قويماستىن، تېخىمۇ چوڭقۇر تەپەككۇر ئارقىلىق پىسىخىكىلىق تەھلىل قىلىپ، تولىستوي ئوتتۇرىغا قويغان تۈرلۈك ئەيىبلەشلەرنى «باش-ئاخىرى زىت»، «پۈتۈنلەي تۇترۇقسىز پاراڭ» دەپ تەنقىد قىلغان. بىز ئۇلارنىڭ قارىشىنىڭ قايسىسىنىڭ توغرىلىقىنى تالاشمايمىز، ئەمما بىز بۇ خىل سەمىمىي ھەم دادىللىققا ئىگە ئەركىن پىكىرلىك روھنى تەشەببۇس قىلىمىز. شىكىسپىر، تولىستوي، ئورۋېللارنىڭ ھەممىسى دۇنيا ئەدەبىياتى ئاسمىنىدىكى چولپانلار، تەنقىد ۋە ئىدىيە توقۇنۇشى ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى ھەرگىزمۇ خىرەلەشتۈرۈپ قويمايدۇ. جۇڭگونىڭ ھازىرقى يازغۇچىللىرى ئەجىبا بۇ خىل پەزىلەتتىن ئۆرنەك ئالسا بولماسما؟

شۇڭا، ئەدەبىي ئىستىلدىكى جاھىل كېسەلنى داۋالاشنىڭ مۈشكۈللىكى پەقەت ئەدەبىي ئىستىلدىكى مەسىلىلا ئەمەس. يەنە ئارتۇقچە سۆزلەپ ئەزمىلىك قىلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟

«خەلق گېزىتى»نىڭ 2011-يىل 10-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • ئەدەبىي ئىستىل دىگەن زادى نىمە؟ بۇ ھەقتە پېقىر ئاز تولا ئىزدىنىپ كۆرگەن ئىدىم، قىزىقسىڭىز مەنزىل:http://www.nuh.me/?p=852

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچ 15:12
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم چاتاق ھەل قىلىندى .

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ 14:04
    • چۈشتاق ئەپەندىم ئۇسلۇپنىڭ ئىنكاس يېزىش رايۇنىدا كود خاتالىقى باركەن . مومكىن بولسا ئەسلى نورمال ئۇسلۇپنى تەمىنلەپ بەرگەن بولسىڭىز سىزدىن كۆپ مىننەددار بولغان بولاتتىم . ياردىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز .

      چىكىتىدىغان چېغىمدا ئىلانلىرىڭىزنى دەسسىۋېتىپ چىكىتىشنى ئۇنۇتمايمەن .

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ 12:20
    • چۈشتاق ئەپەندىم جاۋاپ قايتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ، مەن ھازىر سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە بەكلا موھتاج بولۇپ قالدىم .
      ماڭا سىز بۇرۇن نورمال تەڭشەپ ئىشلەتكەن چۈشتاق ئۇسلۇبىڭىزنى ئىۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز . ( مىنىڭ بىلوگىمدىكى ئۇسلۇپنىڭ تەڭشەلگەن نۇسقىسىنى )
      چۈشتاق ئەپەندىم ئۈمۈت سىزدە قالدى .

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەر 06:59
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم چۈشتاق ئەپەندىم ، مەن سىنا بىلوگىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋودپىرەس مەھەلىسىدىن كىلىشىم .
      يېڭى بىلوگ ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزنىڭ چۈشتاق ئۇسلۇبىنى بىلوگ ئىگىدارچىلىق ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرىتمىگەن ئاساستا ئىشلەتكەن ئىدىم ، چۈشتاق ئۇسلۇبى ھەققىدە ياردەم قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنۈپ كەلدىم .

      مەن يېقىندا بىلوگ بوستىكى بىلوگىمنى ۋورىتپىرەس بىلوگىغا يۆتكەپ كەلگەن ،ئۇسلۇپ تاللاش جەريانىدا چۈشتاق ئۇسلۇبىنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ئۇسلۇپنى ئۇچراتمىدىم ( ھەقسىز ئۇسلۇپلار ئارىسىدا )
      ناھايتى ئىسىل ياسالغان ئۇسلۇپكەن .

      لىكىن ئۇسلۇپ ئىشلىتىش جەريانىدا ئىككى قىيىنچىلىققا ئۇچرۇدۇم ، بىرسى بىلوگ بېشىدىكى تەگلىك رەسىمنى ئالماشتۇرالمىدىم ، ئىككىنجىسى ھەرقانداق قىلىپ تېمىغا ئىنكاس يوللىغىلى بولمىدى . تەڭشەكلىرى توغرا بولمىسا .
      چۈشتاق ئەپەندىم مۇشۇ باش ئاغرىقىمنى بىر ھەل قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز .

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچ 13:10
      • قولۇمدىن كەلسىلا ياردەم قىلىمەن، چ چ ئارقىلىق مېنى ئىزدەڭ. چ چ نومۇرۇم بلوگىمدا بار.

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ 16:57

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى