ئىنكاس: 7 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,766 قېتىم
نېمىشقىدۇر پازىل نۇربىيە بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ئۇزۇن يىل پۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىسىنى تېپىۋالغاندەك، ئەمدى ئۇنى قايتا يۈتتۈرۈپ قويسا بولمايدىغاندەك بىر خىل روھىي ئىسكەنجىدە قىينالدى. نۇربىيەنى ئوچۇق ـ يورۇقلىقى، مۇلايىملىقى، يېنىغا كەلسە گۈپپىدە دىماققا ئۇرۇلىدىغان يېزا قىزلىرىغا خاس ھىدى، بولۇپمۇ، نۇربىيەنىڭ سول مەڭزىدىكى نۇقۇتچىلىك خال پازىلنى ساراسىمىگە سېلىپ قويدى. نۇربىيەنىڭ سىماسى گويا پازىلنىڭ ۋۇجۇدىدا بىللە ياشاپ، خىلۋەتتە مۇڭدىشىدىغان، چۈشىدە بولسا پازىلغا «سىز كەتمەڭ، مەن قورقىۋاتىمەن» دەپ تەلمۈرىدىغان، يورۇق دۇنيا بىلەن ئاللىبۇرۇن خوشلاشقان ئامىنەنى ئەسلىتىپ قوياتتى. ئەمما، ئىلاجى قانچە؟ چىغىر يوللار ئۇنى بالدۇرلا ئېلىپ كەتتى. پازىل ئامىنەنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئاشۇ سۆز ئامىنەنى ئېلىپ كەتتى. نېمە دېگەن ئازابلىق، ھە؟ ئۆز سۆيگۈنىنىڭ ئەجەل بىلەن تىركىشىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى قۇتقۇزالمىسا، قاراپ تۇرۇپ ئۆز بەختىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كۈتۈپ تۇرسا، بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئازاب بولماس! پازىل ھەممىنى ئۆزى بىلدى، خۇشاللىق ئۇنىڭغا خوش دېدى. دەرت ـ ئەلەم، تېگى يوق خىياللار ئۇنى خۇمارى كۈچلۈك، ئىشقىۋاز مەخلۇقتەك ئورىۋالدى.
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 665 قېتىم
بىكارچىلىقتىن نېمىلەر كېلىپ چىقمايدۇ دەيسىز، گەرچە ئاغزىمىزدا ئومۇملاشقان، قائىدىلىك، ئەدەبلىك سۆزلەرنى قىلساقمۇ، ئەمما كۈنسېرى «زامانىۋىلىشىش»نىڭ ئەبجەش نەغمىسىگە بەل تولغاپ زامانىۋى تۈس ئېلىۋاتقان مەنىۋىيىتىمىز كۆڭۈل تەختىدە غالىبلارچە كېرىلىپ، كۈنسېرى ئۆز ئىتىدارىدىن قېلىپ، ئەلەسلىككە قاراپ جىلمىيىۋاتقان ئېتىقادسىز نېرۋىلاردا ماگمىدەك ئوتلۇق نەپەستە، نادانلارچە تەپەككۇردا بوينىمىزغا مىنىدۇ. ھەر دائىم ئۆزىمىزدىكى بەندىگە تىنغىلى بولمايدىغان، لېكىن ئۆز ھەرىكىتىمىزدە ئىشقا ئاشۇرمىساق تۇرالمايدىغان جەلپكار خىياللار بەدىنىمىزنى ئورىغاندا، شەيتان تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ، بىزنى ھالاكەت پاتقىقىغا سۆرەيدۇ. لېكىن، تولا ھاللاردا ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇۋالغاچ ئەتراپىمىزدىكى ئەۋزەل شارائىتلاردىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، يوشۇرۇن ئېڭىمىزدا گەندىگە چۈشكەن قۇرۇتتەك، ماغدۇرىمىزنى چەيلەۋاتقان ئەسەبىي ھېسسىياتنى ھۇزۇر – ھالاۋەت مەۋقەسىدە رېتىمسىز ئايلاندۇرماقچى بولىمىز، ئاقىۋەتتە يوشۇرۇپ يېگەن ئالما تاتلىق بولغاندەك، تەپەككۇر گەۋدسىنى قىسقا مۇددەتلىك قىمىرلاشنىڭ لەززىتى شېرىن دېگەن ئاسايىش ئېتىغا مىندۈرىمىز. جاھاندا كىشىلەر ئويلاشقا تېگىشلىك ئىشلار كۆپ بولغىنىدەك زېھنىي قۇۋۋەتنى سەرپ قىلىش بىھۇدە بولغان ئىشلارمۇ بىزگە ھەر ۋاقىت قاش ئاتىدۇ.
ئىنكاس: 1 پارچە | كۆرۈلۈشى: 738 قېتىم
كىچىك چاغلىرىمىزدا، مومام بىزگە چۆچەك ئېيتىپ بېرەتتى، يىرىك ئەمما، ئىللىق قوللىرى بىلەن بېشىمىزنى سىلايتتى، بىز كۈلەتتۇق، شادلىناتتۇق، تەئەججۈپلۈك ئويلارغا چۈمەتتۇق، بەزەن- بەزەن مومامغا سوئال مەنىسىدە قاراپ قوياتتۇق، موما- سېنىڭ چېچىڭ نېمىشقا ئاق؟ نېمىشقا بىزلەرنىڭ قارا؟- دەپ سوئال قوياتتۇق. مومام ئۇنداق چاغلاردا كۈلۈپ قوياتتى، بەلكىم بىزنىڭ سەبىيلەرچە سوئالىمىزدىن شادلانسا كېرەك.
ئىنكاس: 1 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,139 قېتىم
مەن ياشىغان تار ماكاننىڭ بەندىللىرى بىلەن كۆڭلىمىز ئۇنچە يېقىن بولۇپ كەتمىسىمۇ، ئەمما خېلى سورۇنداشلاردىن ئىدۇق. شەنبە يەكشەنبىنىڭ بىكارچىلىقىدا ئانچە-مۇنچە كۆڭۈل ئاۋۇندۇرۇپمۇ قالاتتۇق، لېكىن ئۆزۈمنىڭ جىمغورلۇقۇم، ئادەم خالىماس خۇلقۇم تۈپەيلى تولا ھاللاردا، تاپسام بىرەر قاۋاققا ياكى بولمىسا بىرەر بۇلۇڭ – پۇشقاققا بېرىپ جانسىز ھەمراھلار بىلەن سىردىشىش مىنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ كەيىپچان رىتىمى ئىدى . مىجەزى كېلىشمىگەن، گەپ- سۆزى بىر يەردىن چىقمىغان بەندىلەر بىلەن زورلاپ يۈرۈپ ئولتۇرۇپ نېمە كەپتۇ دەيسىز؟ كەيىپ دېگەننى تەنھا ئولتۇرۇپ، سايىسى بىلەن بىللە سۈرسە پەيزى قىلىپ سۈرگىلى بولىدۇ .
ئىنكاس: 1 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,155 قېتىم
پازىل تۇرۇپلا ئۆزىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىدىن بىزار بولاتتى. باشقىچىرەك بىر ئۇسۇلدا ياشاپ باقايچۇ، دېگەن ئويغىمۇ كېلەتتى. لېكىن «بىزار بولغاننىڭ نېمىگە پايدىسى بار. ئايالىم يەنە شۇ ئايال، پاراللىل سىزىقنىڭ بىر تېلىدەك يا مەندىن نېرى كەتمەيدۇ، يا يېقىن كەلمەيدۇ. ئاجرىشىپ كېتىپ، باشقا بىرى بىلەن توي قىلاي دېسەم ئىككىنچىسىنىڭمۇ تۇنجىسىدىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل» دەپ، بولدى قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر پازىلنىڭ نەزىرىدە ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئىدى. پەقەت ئىسمىلا، تەققى-تۇرقىلا ئوخشىمايتتى. «پالانى قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم»، «پوكۇنى قىزنىڭ ئوتىدا ساراڭ بولاي دېدىم» دېگەندەك گەپلەر پازىلغا ھازىر تېتىقسىز، ساختا، ئۆزىنى ئالداش بولۇپ تۇيىلاتتى. تۇرمۇشىنىڭ مۇشۇنداق ئۆتۈشىنى ھازىرچە ئۆزگەرمەس بىر قانۇنىيەت دەپ بىلەتتى.
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,073 قېتىم
ئانىدىن تۇغما ھالەتتە سىرتتىن نەچچە ھەسسە ئىسسىق ھورداقخانىدا دۈملىنىپ ئولتۇرىمەن. پۈتكۈل بەدىنىمدىن توختىماي تەر قۇيۇلاتتى، چوغداندىكى چوغنىڭ بىردە ئاجىز، بىردە كۈچلۈك يالىلدىشى مېنىڭ ھازىرقى بۇرۇختۇم، يالغۇز ھالىتىم ئۈچۈن بىر خىل ئەمەك بولاتتى. پات- پات چوغقا سۇ قۇيۇپ قوياتتىم-دە قىزىق ھورىدىن قېچىپ بېشىمغا لۆڭگىنى ئورىۋالاتتىم. ئالدىمدىكى چوغداندىن پاژ- پۇژ ئاۋاز بىلەن تەڭ قويۇق ھور كۆتۈرۈلۈپ، ھورنىڭ دەستىدىن ھەممە يەر تۇتۇق، غۇۋا كۆرۈنەتتى….
ئىنكاس: 1 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,358 قېتىم
ئېگىز، تولىمۇ ئېگىزدىن: چوڭقۇر، تولىمۇ چوڭقۇردىن ھەر ۋاقىت ،ھەر سائەت سادا ياڭرايدۇ، سادا — گۈمبەز يىغىسىنىڭ ساداسى بەلكىم: سادا — تەكتى ھارارەتلىك ۋولقان ساداسى بەلكىم. كۆز — كۆرمەك ئۈچۈن لىكىلدىماقتا، ئەسەبلەر توپى كۆرىلىشتىن كەلگۈسى سەزگۈ ئۇچۇرىغا خۇشتار. كۆزنىڭ كۆز بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشى تاتلىق پەيىت ، ۋە ھەم ئاچچىق پەيىت . ئۇچراشتى — تەنلەرنى سىلكىتىپ يۈرەككە سىڭمەكچى: ئۇچراشتى — تەنلەرنى تىترىتىپ يۈرەكنى سىقماقچى.
ئىنكاس: 1 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,326 قېتىم
- خۇشخۇي: بۇ بۆلەكتىن بىلىشىمچە ياخشى چىققان رومانكەن. ھەزرەتئىلىنىڭ ت
- غازى: ئۆزلۈك پايانىغا سەپەر قىلدىم
- Adeline K. Sampson: رەھمەت ئاكا، «يىگىرمە پارچە مۇھەببەت لېرىكىسى ۋە بىر ئۈمىدسى
- خۇشخۇي: ئالدى بىلەن «چۈشتاق تور پۈتۈكلىرى»تورى ئۇسلۇبىنىڭ يېڭىلانغان
- تۈركزات: شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ئانا تىل ھەققىدىكى شېئىرىنى ئوقۇپ ي
- ئاتىلار، خەنجەر ئوسمانجان ساۋۇت، ئانا تىل ئىجادىيەت، خاسلىق ئىجادىيەت، يازغۇچى ئىجادىيەت، يازغۇچى، قەلەم ئىمىن تۇرسۇن، شېئىر ئۆز، رومكا، شامال ئۆزلۈك ئۈندىدار ئەدەبىيات، ئىستىل ئەدەبىيات، بىمەنە ئەدەبىيات، نادىر، ئالىيجاناب باغنا، يايلاق باھار، شېئىر بۇلاق، سۆيگۈ بېي داۋ، تۇيغۇ بەخت، فىلىم تار كوچا، پوۋېست تارىم تارىم، ئەدەبىيات تۇلپار، ئەسەر، پوۋېست تېڭىرقاش، ياشاش، ھېكمەت تەرجىمە، شېئىر تەنقىد، بايقاش تەنھالىق، ئالۋۇۇن جىبران، شەپە جەننەت، ئەما خازان، كىتاب دادام رومان، ۋاڭ ئەنيى رىيۇ ئەنكىم زاھىر ئابدۇراخمان سايە، تەنھالىق، يېتىم سوسۇر، ئانا تىل سوسۇر، ئەدەبىيات شائىر، ئاۋام، قەلب شۈ جىمو، شېئىر، تەبىئەت شېئىر، ئانا، ۋاقىت شېئىر، تەرجىمە شېئىر، شامال، ئۆلۈم شېئىر، ماكان شەھەر، غېرىبلىق غوجىمۇھەممەد غېرىپ، ساراڭ قار، يار قىسمەت، مۇھەببەت كاتلىن راينى، شېئىر كۆز، دادام كۆز، گۈل كۆكلەم، چىمەن مويەن، نوبېل مۇھەممەد خېۋىر مېھىر، ئىران نەسىر، تەرجىمە نەسىر، تەرجىمە، سىرلىق يالعۇز يايلاق، خاتىرە يۇرتۇم، بەشكېرەم پابلو نېرۇدا، شېئىر پەرھات تۇرسۇن چۈشتاق گوركى، ۋاقىت ۋىسال، ھىجران، پەسىل، ئەركەم