مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
تار كوچا (پوۋېست) (B)
تەۋە تۈر: نەسىرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2012/01/12 | كۆرۈلۈشى: 580 قېتىم

 

ئاپتورى: چۈشتاق

 

(پوۋېست)

 

7

ــ مەيەرگە كەلگىنە قىزىم، ــ سارىخان ئالدىدىكى كىچىك بولاقنى قارا سۇلياۋ خالتىغا ئوراپ تۇراتتى.

ــ نېمە ئىش ھەدە! ــ نۇربىيە تېزلىك بىلەن ئالدىدا پەيدا بولدى.

ــ ھە، ئازراق ئىش چىقىپ قالدى، بىللە بېرىپ كېلىلى، بولا تېز، كىيىمىڭنى ئالماشتۇر! ــ سارىخان نۇربىيەنى ئىشقا بۇيرۇۋېتىپ قول تېلېفوندا بىرەيلەن بىلەن سۆزلەشتى.

نۇربىيە خۇددى بىر يەرگە سەيلىگە بارىدىغاندەك يارىشىملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، سارىخاننىڭ ھەقىقىي ھەمراھىغا ئوخشىدى. سارىخان يولنىڭ چېتىدە تۇرۇپ ئەتراپنى تولۇق كۆزەتكەندىن كېيىن، خۇرۇم چاپان كىيگەن گازىر كۆز بىرىنى كۆرۈپ چىرايىغا كۈكلەك يۈگرۈتتى:

ــ قىزىم، ماۋۇ سومكىنى ئاۋۇ خۇرۇم چاپانلىق كىشىگە بېرىپ كەلگىن!

سىرلىق قارا بولاق بىر نەچچە قېتىم نۇربىيەگە يېڭى ـ يېڭى تەشۋىشلەرنى ئاتا قىلدى. بىراق، بۇ خىل ۋەھىمىلىك تەشۋىشلەرمۇ سارىخاننىڭ ئىللىق مۇئامىلىسى تەرىپىدىن خاتىرجەملىككە ئايلانغانىدى.

يېقىندىن بېرى سارىخاننىڭ ھە دېسە «يۇرتنى سېغىنلىما خان قىزىم؟» «ئاللا خالىسا يەنە ئازغىنە كۈنلەردىن كېيىن يۇرتقا بېرىپ كېلىمىز» دېگەندەك ياسالمىلىرى ۋە ھەپتىدە بىر قېتىم يېڭى كىيىملەرنى ئېلىپ كىيگۈزۈپ قويۇشى قىزنى گۇماندىن يىراققا، مەستخۇشلۇق چۆلىگە تاشلىغان ئىدى. بىر كۈنى كەچ سائەت 9 لار ئەتراپىدا پازىل كەچلىك مۇزاكىرىدىن قايتىپ، تورغا كىرىش ئۈچۈن ۋېيگۇڭسۇنگە چىققان ئىدى، يېرىم يولدىلا ئالدىدىن تونۇش بىرىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ توختىدى.

ــ نۇربىيە!، ــ پازىل ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ قالدى.

نۇربىيە ئەتراپقا جىددىيلىك بىلەن قاراپ ئۆزىدىن ئىككى مېتىر نېرىدا تۇرغان پازىلنى كۆردى ـ دە، يېنىغا بېرىپ بىر خىل خىجىللىق ئىچىدە قاراپ تۇردى.

ــ كەچتە بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسىز؟ خوجايىن قوغلىۋەتتىمۇ يا؟ ــ سورىدى پازىل جىددىيلىك ئىچىدە.

ــ مەن… … خوجايىن… … لېكىن… … نۇربىيە نېمە دېيىشىنى بىلمەي دۇدۇقلاپ قالدى.

ــ بىرەر ئىش بىلەن كەلگەنما؟ ــ پازىل بىر نېمىنى سەزگەندەك بولۇپ سورىدى.

ــ ھىم بىر بولاق. نېمىلىكىنى مەنمۇ بىلمەيمەن.

ــ بىلمىگەن نەرسىنى نېمىشقا ئەكىلىسىز بۇ يەرگە؟

پازىل تېخىمۇ ئەندىشىگە چۈشتى.

ــ مەن… … خوجايىن زورلىسا ماڭا نېمە ئامال؟ يا بۇ يەردە مېنىڭ بىرەر تونۇشۇم بولمىسا؟

ــ مەن مانا يۇرتلىقىڭىزغۇ، ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلىسىز، يەنە نېمىدىن قورقىسىز؟

ــ لېكىن… …

ــ بولدى، كەچ كىرىپ كەتتى. بالدۇرراق قايتىڭ، بىرەر ئىش بولسا مېنى ئىزدەڭ، مەكتەپ مانا مۇشۇ… …

ھايات قىزىق، ھايات ئىنساننىڭ تەسىرچان تۇيغۇسىنى غىدىقلاپ، ئىنساننى ئۆز سەھنىسىدە ھەر خىل پەدىلەرگە ئۇسسۇلغا سالىدۇ. لېكىن، بەزىدە كىشىگە ھەممىدىن بەك ئەلەم قىلىدىغىنى، ئۆز تۇيغۇسىغا ئۆزى ھالاكەت قىلىچى ئۇرۇشتۇر، ئەلۋەتتە بىز بۇنى ئازغۇنلۇق دەپ تەرىپلەپ، ئازغۇن دەپ نام قويدۇق.

 

8

كۆپ كىشىلەر تۇيغۇ ھەققىدە تالاي قائىدىلەرنى سۆزلەيدۇ، تېخى ئۆزىنى تۇيغۇغا باي ئىنسان چاغلايدۇ، ئەپسۇس، ئۇلار پۈتۈن ئۆمرىدە دىلىنى ئەزگۈدەك روھنى مەست قىلغۇدەك بىرەر ھاياجانلىق تۇيغۇنى ئۆز ئەسەبلىرىدە سەزمەستىن چىغىر يول بويلاپ كېتىپ قالىدۇ.

نېمىشقىدۇر پازىل نۇربىيە بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ئۇزۇن يىل پۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىسىنى تېپىۋالغاندەك، ئەمدى ئۇنى قايتا يۈتتۈرۈپ قويسا بولمايدىغاندەك بىر خىل روھىي ئىسكەنجىدە قىينالدى. نۇربىيەنى ئوچۇق ـ يورۇقلىقى، مۇلايىملىقى، يېنىغا كەلسە گۈپپىدە دىماققا ئۇرۇلىدىغان يېزا قىزلىرىغا خاس ھىدى، بولۇپمۇ، نۇربىيەنىڭ سول مەڭزىدىكى نۇقۇتچىلىك خال پازىلنى ساراسىمىگە سېلىپ قويدى. نۇربىيەنىڭ سىماسى گويا پازىلنىڭ ۋۇجۇدىدا بىللە ياشاپ، خىلۋەتتە مۇڭدىشىدىغان، چۈشىدە بولسا پازىلغا «سىز كەتمەڭ، مەن قورقىۋاتىمەن» دەپ تەلمۈرىدىغان، يورۇق دۇنيا بىلەن ئاللىبۇرۇن خوشلاشقان ئامىنەنى ئەسلىتىپ قوياتتى. ئەمما، ئىلاجى قانچە؟ چىغىر يوللار ئۇنى بالدۇرلا ئېلىپ كەتتى. پازىل ئامىنەنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئاشۇ سۆز ئامىنەنى ئېلىپ كەتتى. نېمە دېگەن ئازابلىق، ھە؟ ئۆز سۆيگۈنىنىڭ ئەجەل بىلەن تىركىشىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى قۇتقۇزالمىسا، قاراپ تۇرۇپ ئۆز بەختىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كۈتۈپ تۇرسا، بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئازاب بولماس! پازىل ھەممىنى ئۆزى بىلدى، خۇشاللىق ئۇنىڭغا خوش دېدى. دەرت ـ ئەلەم، تېگى يوق خىياللار ئۇنى خۇمارى كۈچلۈك، ئىشقىۋاز مەخلۇقتەك ئورىۋالدى. دەھشەت! تولىمۇ دەھشەت! «راك»! ئامىنە ئۆزىنى پازىلنىڭ باغرىغا تاشلاپ ھۆركىرەپ يىغلىدى، پازىل ئامىنەنىڭ چاچلىرىنى سىيلاپ ئۈنسىز تەسەللى بەردى. ئۇ خېلى كۈنلەرگىچە بۇنىڭغا ئىشەنمەي بەردى. ئۇ خېلى كۈنلەرگىچە بۇنىڭغا ئىشەنمەي يۈردى. ئەمما، رېئاللىق بىزگە باقمايدۇ، ئامىنە ئەجەل تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلدى. يەر ـ جاھان يېشىللىققا، يېزا باغلىرى نېمەتكە تولغان كۈنلەردە غېرىبانە بىر كەپە يىغا ـ زارىغا تولدى، «ئۈلۈم ئۆلگۈچىگە، ئويۇن كۆرگۈچىگە» دېگەندەك كۈنلەر يەنە ئۆتىۋەردى.

نە چارە؟ ئامىنەنىڭ قىرقى توشمايلا، پازىل ئاشۇ يىراق سەھرادىن ــ ئامىنە ماڭغان يوللار، ھىدى قالغان باغلار، خىلۋەت ئېرىق بويلىرى، كۆك تەرگەن ئېتىزلار،… ئىشقىلىپ ھەممە نېمە قالغان يىراق سەھرادىن مانا بۇ ئىنسانىي مېھرى ـ مۇھەببەت سۇسلىشىۋاتقان شەھەرگە كەلدى. مۇھىتنىڭ يېڭىچە شارائىتى، ساختا ئادەملەرنىڭ ساختا چىرايى، پازىل ئۈچۈن تولىمۇ ئەجەبلىنەرلىك تۇيىلاتتى. مانا ئاشۇنداق كۈنلەرگە چىداپمۇ خېلى كۈنلەر ئۆتتى. ئەشۇ خىل مۇھىتقا پازىل كۈنۈپمۇ قالغان ئىدى.

مانا ئەمدى نۇربىيە پازىلنىڭ ئاشۇ خىل روھىيىتىگە يېڭىچە ئامىنە سۈپىتىدە سوقۇلدى، سوقۇلغاندىمۇ بارچە ھەيۋىسى ۋە قۇدرىتى بىلەن سوقۇلدى. پازىلنىڭ روھىي ئالىمى تىتما ـ تالاڭ بولدى، قاتتىق سىلكىندى، يېڭى ـ يېڭى ئەسەبلىرى قىزىپ كەتتى. لېكىن… …

 

9

ھاياتنىڭ تۈرلۈك قىسمەتلىرى ئادەملەرنىڭ قىسمەت قاينىمىدا ئوينىتىدۇ. ئۆز قولىنىڭ پەقەت ئۆز قولىغا ئۇرۇلغاندىلا ئاندىن چاۋاك چىقىدىغانلىقىنى، ئۇنتۇپ قالمىغانلار ئەلۋەتتە خۇشاللىقنىڭ مەستخۇش پەيتلىرىدە ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ. سارىخاننىڭ ئىشلىرى ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ ياخشى يۈرۈشىۋاتاتتى. نۇربىيە ئۆزىنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، ئاز ـ تولا بىلسىمۇ، بىراق، مۇھىت تۈپەيلى سارىخان ئۈچۈن ئۈنسىز ئىشلەۋەردى. بىر كۈنى سارىخان قادىر پاقىغا مالنىڭ پۇلىنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە نۇربىيەنى بۇيرۇدى. بۇ ئەلۋەتتە قادىر پاقىنىڭ پىلانلىرى ئىدى، نۇربىيە سارىخاننىڭ گېپى بويىچە بېيجىڭدىكى مەلۇم ئىش بېجىرىش ئورنىغا كېلىپ بەلگىلەنگەن ياتاقنىڭ ئىشىكىنىنىڭ قوڭغۇرىقىنى باستى… …

ــ كىم؟ ــ بۇ قادىر پاقىنىڭ ئاۋازى ئىدى.

ــ «پوچتالىيون!»ــ نۇربىيە سارىخان دېگەن بويىچە جاۋاب قايتۇردى.

بىر ئازدىن كېيىن ئىشىك ئېچىلىپ قادىر پاقىنىڭ چىرايى كۆرۈندى:

ــ ھە، كىرىڭ، كىرىڭ! ــ قادىر پاقا ئىچىدە سارىخانغا مىڭ رەھمەت ئېيتقاندەك ئىشىكنى تۇيدۇرماي ئېتىۋەتتى. نۇربىيە ھۇدۇقۇش ئىچىدە ئەتراپقا قاراپ لەپتىكى كرېسلودا ئولتۇردى.

ــ پۇلنى ئەكەلگەن ئىدىم ــ نۇربىيە سومكىدىن قارا بولاق چىقاردى ۋە قادىرغا سۇندى.

قادىر ئەتەي ۋاقىتنى سوزۇش ئۈچۈن نۇربىيەگە چاي قۇيدى.

ــ تالا سوغۇق، قىزىقراق چاي ئىچىۋېلىڭ…

ــ ئەمىسە مەن ماڭاي، مالنى بەرسىڭىز؟ ــ نۇربىيە ئالدىراپ قالغان ئىدى.

ھە، مانا! قادىر پاقا شۇنداق دېگىنىچە نۇربىيەگە ئۆزىنى ئېتىپ، قىزنى كۆتۈرۈپ كارىۋاتقان باستى.

نۇربىيە بۇ تاسادىپىيلىقتىن نېمە قىلارىنى بىلمەيلا قالدى، قادىر پاقا ئەسلىدە چايغا مەست قىلغۇچ دورا سالغان بولسىمۇ، لېكىن، قىز تېخى چاينى ئىچىپ ئۈلگۈرمىگەن ئىدى. قادىر پاقا ھەدەپ دورداي كەلپۇكىنى نۇربىيەنىڭ بويۇن، يۈزلىرىگە سۈركەپ كىيمىنى سالدۇرۇشقا ئۇرۇناتتى. نۇربىيە بولسا ھەدەپ يالۋۇراتتى ۋە بۇ ھايۋاندىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يۇلقىناتتى. شۇ چاغ قادىر پاقا كارىۋاتنىڭ لېۋىگە يېقىنلاپ ئۆزىنى باشقۇرالماي پەسكە دۇمىلاپ چۈشتى. نۇربىيە ئاللاغا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى ئېيتىپ سومكىسىنىمۇ ئالماي ئوقتەك ئىشىك تەرەپكە ئۆزىنى ئاتتى. ئىشىكنى بايا قادىر پاقا تاقىۋەتكەن بولغاچقا، نۇربىيە جىددىيلىشىپ ئاچالمىدى، دەل شۇ پەيتتە قادىر پاقا نۇربىيەنى كەينىدىن قۇچاقلاپ دەس كۆتۈرۈپ كارىۋاتقا يەنە تاشلىدى. نۇربىيە ئاخىرى تومپۇچكا ئۈستىدە تۇرغان كۈلدان بىلەن قادىر پاقىنىڭ بېشىغا كۈچەپ بىرنى ئۇردى. قادىر پاقا خۇددى چۈش كۆرۈپ ئەمدىلا ئويغانغان ئادەمدەك دەلدۈگۈنۈپ، يانغا سىيرىلدى. ئۇنىڭ پېشانىسىدىن ھەدەپ قان ئېقىۋاتقان ئىدى. ياتاق بىر پەس بولسىمۇ جىمجىتلىققا چۆككەن ئىدى.

 

10

ھەيرانلىق ــ بىلىشنىڭ تۇنجى باسقۇچى، جاھاندا ھەيران قالغۇدەك ئىشلار كۆپ بولمىغاندا، كىشىلەر بۈگۈنكىدەك بىلەرمەن بولۇپ كەتمەيتتى.

پازىل ھەر ئايدا ئۆيىدىن كېلىدىغان تۇرمۇش پۇلىنى، مەيلى قانچىلىك كەلمىسۇن ھامان يەتكۈزەلمەي ئاي ئاخىرىدا باشقىلاردىن قەرز ئالاتتى. مانا تەتىل (قىشلىق تەتىل) باشلىنىپ تېخى ئون كۈن بولا ـ بولماي يەنە يانچۇق ئۆرۈلدى. ئۆيدىن پۇل كېلىشكە يەنە بىر ھەپتە بار ئىدى. پازىل يەنىلا گەنجياكوغا بېرىپ يۇرتدىشىدىن پۇل ئېلىشنى لايىق تاپتى. يۇرتدىشى ئاشخانىسىدا تاماك شوراپ ئولتۇراتتى…

ــ ھە، كەل، كېلە! يوقاپ كەتتىڭغۇ؟

ــ دەرسلەر ئالدىراش شۇڭا…

ــ ھە، يۇرت بىلەن كۆرۈۈشىۋاتقانسەن؟

ــ ھە، كۆرۈشىۋاتىمەن.

ــ بىرەر ئىش بىلەن كەلدىڭغۇ دەيمەن؟ ــ يۇرتدىشى بىر خىل بىزارلىق قىياپەتتە ئۇدۇللا شۇنداق دېدى.

ــ ئەمدى، ئازراق پۇل لازىم بولۇپ كەلدىم. ئۆيدىن پۇل كەلسىلا قايتۇرىۋېتىمەن، ــ پازىل تولىمۇ تەستە ئېغىز ئاچتى.

ــ ھە، مانا ماۋۇ 30 يۈەننى ئىشلىتىپ تۇر. ــ يۇرتدىشى جىق سوراپ قالمىسۇن دەپ دەرھال پۇل چىقاردى. پازىل يۇرتدىشىنىڭ قولىدىن 30 يۈەننى ئېلىپ، يۇرتدىشىنىڭ «تاماق يەپ ماڭ» دېيىشىگىمۇ قارىماي قايتىپ چىقتى. بىراق، ئۇ قانداقتۇر بىر شېرىن خىيالنىڭ تۈرتكىسىدە سارىخاننىڭ ئاشخانىسىغا قاراپ ماڭدى، چۈنكى بايامقى پۇلنىڭ 10 سومىنى مۇشۇ ئاشخانىدا تاماققا خەجلەپ، نۇربىيەنى بىر كۆرۈپ كەتكۈسى كەلدى.

ئاشخانىدا ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەس، ئاشخانىدا نۇربىيە شىرە سۈرىتىۋاتاتتى. پازىل نۇربىيەنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىدىن ئامىنەنى ئىزدەيتتى، ھىدلايتتى… …

نۇربىيە شىرەنى سۈرتۈپ بولۇپ ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ پازىلنى كۆرۈپ ھەيران قالدى ۋە پازىلغا يۈز كېلەلمەيدىغان بىرەر ئىش قىلغاندەك يەرگە قارىغىنىچە ئىچكىرىگە ماڭدى، لېكىن، ئۆزىنىڭ بىر كۈتكۈچى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، يەنىلا پازىلغا چاي ئەكەلدى:

ــ نېمە يەيسىز؟ ــ نۇربىيە بۇ گەپنى تولىمۇ بوش دېدى. پازىل نۇربىيەنىڭ بۈگۈن باشقىچە كەيپىياتتا ئىكەنلىكىنى سېزىپ بىر نېمە دېمەكچى بولدىيۇ، لېكىن، يەنىلا نۇربىيەنىڭ تىلغا قېلىشىدىغان قورقۇپ باشقىچە گەپ قىلماي پەقەت:

ــ يېرىم لەغمەن، ــ دېدى نۇربىيە ئىچكىرىگە كىرىپ كەتتى. شۇ ئارىدا ئاشخانىغا بېشىنى تېڭىۋالغان قارامتۇل بىرسى كىرىپ كەلدى ۋە بۇلۇڭغا جايلىشىپ:

ــ ھوي قايسىڭ بار؟ چاي كەلتۈر! ــ دەپ ۋارقىرىدى. نۇربىيە ئىچكىرىدىن تېزلىك بىلەن ئۇنىڭغا چاي كەلتۈردى، نېمىشقىدۇر نۇربىيەنىڭ قولى تىترەپ كېتىۋاتاتتى.

ــ سارىخان ھەدەڭ بارمۇ؟ ــ قارامتۇل ئادەم نۇربىيەدىن سورىدى.

ــ بار، مەن چاقىراي…

ــ ۋاي قادىرجانغۇ بۇ، ئەجەپ قەدەملىرى يېتىپ قاپتىغۇ؟ قوپسىلا ئىچكىرىگە كىرىپ كېتەيلى ــ سارىخان ئويناقشىپ تۇرۇپ قادىر پاقىغا جىلمايدى.

ــ قىزىم نۇربىيە مېنى بىرەرسى ئىزدىسە يوق دەپ قويۇڭ.

پازىل بىر ياندا تاماقنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تاماكا شوراپ ئولتۇراتتى. بىر ئازدىن كېيىن نۇربىيە تاماقنى ئېلىپ كېلىپ پازىلغا:

ــ بۇ يەرگە كەلمەڭ، ئىش بولسا ئۆزۈم تېلېفون قىلىمەن، ــ دېدى بوش ئاۋازدا.

پازىل تاماقنى تولىمۇ ئىشتىھاسىز يېدى. گەپنىڭ سەۋەبىنى سوراشقا قۇلايسىزلىق ھېس قىلدى ـ دە، پۇلنى قاچىنىڭ ئاستىغا باسۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.

غەشلىك، غەمكىنلىك ــ ئىنساننى تۈگەشتۈرىدىغان ئىكەك. كۆڭۈلنىڭ كۆڭۈل بولمىقى تەس بولىۋاتقاندا بۇ كۈنلەردە، كۆڭۈلنىڭ كۆڭۈلدىن سۇ ئىچمىكى ناتايىن ئەلۋەتتە.

 

11

بىزنىڭ ئالدىرايدىغىنىمىزمۇ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى، تەشۋىشلىنىدىغىنىمىزمۇ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى. كۈنلەر بىزنى ھەر ۋاقىت ساراسىمىگە سالىدۇ. سارىخاننىڭ ئىشلىرى نۇربىيەنىڭ رايىشلىقى بىلەن «خوپ» دېيىشى ئاستىدا راۋان يۈرۈشىۋاتاتتى، گەرچە نۇربىيە ئۆزىنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئاللىبۇرۇن بىلىپ بولغان بولسىمۇ، يەنىلا پۇرسەت كۈتىۋاتاتتى. بىر كۈنى سارىخان نۇربىيەنى يەنە مال توشۇشقا بۇيرۇدى. نۇربىيە پۇرسەتنى غەنىيمەن بىلىپ مال با سومكىنى ئېلىپ ۋېيگۇڭسۇن كوچىسىغا قاراپ ماڭدى، سىرت بۆلەكچە سوغۇق بولۇپ، يېنىك چىقىۋاتقان كەچكى شامال كىشىنى بىر ئاز شۈركۈندۈرەتتى.

نۇربىيە كىرا ماشىنسىىغا ئولتۇرۇش ئۈچۈن سارىخان بەرگەن پۇلنى ئاياپ، ئادەتتىكى كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇردى ۋە سارىخان دېگەن ئادرېس بويىچە مىللەتلەر ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆىكىنىڭ قورۇسىغا كىرىپ مالنى تاپشۇرۇۋېتىپ پازىلغان تېلېفون ئۇردى. نۇربىيەنىڭ بەختىگە يارىشا پازىل بار ئىدى.

پازىل نۇربىيەگە ساقلاپ تۇرۇشنى ئېيتىپ، تېزلىك بىلەن تەييارلاندى. نۇربىيە پازىلنى چىراغ يورۇقىدا كۆرۈپلا يېنىغا باردى.

ــ كەچتە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم…

ــ ھىچقىسى يوق، مەنمۇ بىكار ئولتۇرغان، تەتىل ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى پازىل نۇربىيەنى ئوڭايسىز ھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن.

ــ ئازراق ئىش بار ئىدى، ياردەم قىلارمىكىن دەپ…

ــ بولىدۇ، قولۇمدىن كېلىشىچە ــ دېدى پازىل ــ يۈرۈڭ مەكتەپكە كىرىپ كېتەيلى، بىرەر يەردە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلى.

ــ ھوي پازىل، يېڭى دوست تېپىۋاپسىز، ئەمدى بىزلەرگە قارىمايسىزكەندە؟ ــ مەكتەپنىڭ يېنىدىكى دېسكوخانىدىن چىققان پازىلنىڭ ساۋاقدىشى زاھىرە پازىلنىڭ يېنىغا كېلىپ شۇنداق دېدى.

ــ ياقەي بىردەم تۇرغان… …

ــ ھوي مۇنداق دەڭ، بولدى سىزنى ئاۋارە قىلماي خوش ئەمىسە! ــ زاھىرە تېزدىن كېتىپ قالدى.

ــ مېنىڭ ساۋاقدىشىم، زاھىرە بولىدۇ، ــ دېدى پازىل نۇربىيەگە، ئەمما ئىچىدە بولسا زاھىرەنى مىڭنى تىللىدى. «ئەمدى ئەتە زاھىرە قىزلار ئارىسىغا پازىل ۋېيگۇڭسۇندىكى بىر قىز بىلەن ئاشىق ـ مەشۇقلاردىن بولۇپ قاپتۇ دەپ قالايمىقان گەپ تارقاتمىسىلا مەيلىدى»

ــ يۈرۈڭ! ــ پازىل نۇربىيەنىڭ ئالدىدا ماڭدى. دەرۋازىدا تۇرغان قاراۋۇل ئەسلى قائىدە بويىچە كەچتە مەكتەپكە كىرگەنلەرنىڭ كىنىشكىسىنى تەكشۈرەتتى، لېكىن، نېمىشقىدۇر بۈگۈن تەكشۈرمىدى. تەتىل بولغاچقا مەكتەپ ئىچى خېلىلا جىمجىت ئىدى، پازىل نۇربىيەنى مەكتەپ ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئاشخانىغا باشلىدى.

ــ قانداق، سارىخان يەنە بۇرۇنقىدەكمۇ؟ قانداق قىلماقچى بولۇۋاتىسىز؟ ــ پازىل نۇربىيەگە چاي قۇيغاچ سورىدى.

ــ ھەر ھالدا ياخشى، سىزنى ئىزدىشىممۇ مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئىدى، سارىخاندىن مەخپىي يۇرتقا قايتاي دەپ نىيەت قىلغان ئىدىم، كىراغا لايىق پۇلمۇ تەييارلىغان، لېكىن، قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي سىزدىن ئىزدىشىم.

ــ قاچانلاردىن مېڭىشنى ئويلاۋاتىسىز؟ ئۈرۈمچىدە ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىڭىز بارمۇ؟

ــ قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى. لېكىن، ئۈرۈمچىدە تۇغقانلىرىم يوق. ئامال قىلىپ كېتەلەيمەن.

ــ ھازىر بېلەتمۇ جىددىي ئەمەس، مەن ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكەمگە ئاساسەن يېرىم باھادا بېلەت ئېلىپ بېرەي، بۈگۈن چارشەنبە، ئۇنداقتا جۈمە كۈنى يولغا چىقسىڭىز بولامدۇ؟

ــ مەيلى، دېگىنىڭىزچە بولسۇن،

ــ يۈك تاقىنى ئېغىر قىلماڭ، سېزىپ قالمىسۇن. نۇربىيە پازىل بىلەن ئىشلارنى پۈتۈشىپ، مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ قولىغا 400 يۈەن تاپشۇردى…

ــ ئەمىسە ئىش شۇنداق بولسۇن، مەن قايتاي، بولمىسا يەنە تىل ئاڭلايمەن ــ نۇربىيە قايتىشقا تەمشەلدى.

ــ ھە بولىدۇ، جۈمە كۈنى سىزنى دېگەن يەردە كۈتىمەن، ئېھتىيات قىلىڭ!

نۇربىيە ئاشخانىدىن چىقىپ، قايتىپ كەتتى، لېكىن، پازىل نېمىشقىدۇر ئەلەملىك ئۇھ تارتاتتى. ئۇ خىيالىدا بىردە نۇربىيەنى، بىردە ئامىنەنى ئويلاپ، نۇربىيەنىڭ چاچلىرىنى سىلىغۇسى، باغاشلىغۇسى كېلەتتى، لېكىن، دەرھال ئامىنە پازىلغا شۇنداق بىچارىلەرچە تىكىلگەندەك تۇيۇلاتتى. كۆزنىڭ كۆزگە تىكىلگەن چاغدىكى سېھرىي كۈچنى پەقەت كۆزگە تىكلىگۈچى بىلەن تىكىلگەن كۆزلەرلا سېزەلەيتتى. كۆزنىڭ مۇھەببەت تەسىرىدە مۇڭ ۋە ئەلەم ياغدۇرۇشى، ئۇنى چەكسىز سېھىرلىككە ئىگە قىلسا، بەخت تەسىرىدە ئەلەسلەشكەن ئەبجەش تۇيغۇ كۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى يەر بىلەن يەكسان قىلاتتى.

كۆز بىزنىڭ بولغىنى بىلەن سېھرىي كۈچىنى سېزىش باشقىلارنىڭ ئىشى.

 

12

كۆڭۈللەر بەخت كۆلەڭگىسىگە ئورۇنۇپ، تەسەۋۋۇر يايلىقىدا شوخلۇق بىلەن سەكرەپ يۈرگەندە، ئاشۇ بەخت كۆلەڭگىسىنىڭ گەۋدىسىنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرەلمەي كۆلەڭگە باغرىدىن بىلىپ ـ بىلمەي مەھرۇم قالىدۇ، ئەلۋەتتە، مەھرۇم بولۇش بىزنى روھىي ئازادلىقىغا ئېرىشتۈرىدۇ. نۇربىيە يۇرتىغا قايتىش ئىشىنى پازىل بىلەن مەسلىھەتلىشىپ يولغا چىقىدىغان كۈنىنى بېكىتكىلى مانا بىر كۈن بولدى. خۇدا خالىسا ئەتە كەچقۇرۇن يۇرتىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.نۇربيە قايتىدىغانلىقىنى ئويلىسا، ئانىسى ۋە رەھمەتلىك دادىسى كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ، ئۇنى تېخىمۇ يىغا تۇتتى.

ئۇ بىر كۈن چىسام ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ دەپ ئىشىنەتتى. چۈنكى پازىلنىڭ قەتئىيلىكى نۇربىيەنى خاتىرجەم قىلدى. پازىلنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسى نۇربىيەنى بىردە خۇشال قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىجىل قىلاتتى؛ چۈنكى پازىلنىڭ ئۆزىنى نىسبەتەن قانداقتۇر بىر گېپى باردەك سېزەتتى. لېكىن، يەنىلا نېرىسىنى ئويلىغىسى يوق ئىدى. سارىخان نۇربىيەنىڭ ئىشلىرىنى سەزمىگەچ ئۆز ئىشى بىلەن ھەلەك ئىدى…

كەچكە يېقىن سارىخان كۈنلۈك ئادىتى بويىچە نۇربىيەنى يەنە ئىشقا بۇيرىدى.

ــ سىرت بەك سوغۇق قىزىم، ماۋۇ بىر پىيالە چاينى ئىچىۋېلىپ مېڭىڭ، ــ سارىخان قېنىق دەملەنگەن چايغا بىھۇشپەر سېلىپ نۇربىيەگە سۇندى ـ مانا ھازىر.

ــ نۇربىيە چاپىنىنى كىيىپ بولۇپ سارىخان سۇنغان چاينى قولىغا ئالدى ۋە خۇددى ۋۇجۇدىنى كۈچكە تولدۇرغۇچ شەربەت ئىچكەندەك پىيالىنى قۇرۇقداپ «ئىشقا» ماڭدى… نۇربىيە ئىش باشقارمىسىنىڭ ياتاق بىناسىغا كىرىپ تونۇش ياتاقنى چەكتى، بۇ قېتىم قادىر پاقا تولىمۇ قىزغىن قارشى ئالدى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۈرەكلىرك قېپىدىن چىقىپ كېتەي دەپ قالغان ئىدى.

ــ پۇلنى ئەكەلگەن ئىدىم، ــ نۇربىيە سومكىسىنى قادىر پاقىغا تاشلاپ بەردى ۋە ــ تەييارلىغان مالنى؟ ــ دەپ ئالدىراتتى.

ــ ھازىر… ھازىرلا ــ قادىر پاقا نۇربىيەنىڭ تېخىغىچە سەگەك تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئەتەي ۋاقىتنى ئارقىغا سۈرۈش ئۈچۈن ئايرىم خانىدىن خېلى ئۇزاقتا چىقتى ۋە:

ــ مانا ماۋۇ مال، ــ قادىر پاقا مالنى سۇنغاچ نۇربىيەنىڭ كۆزىگە قارىدى، قارىدىيۇ يۈرەكلىرى يايراپ كەتتى…

ــ نۇربىيە ئۆزىنىڭ ماغدۇرسىزلىنىپ كېتىپ بارغانلىقىنى سېزىپ، بالدۇرراق كەتمەكچى بولۇپ ئورنىدىن تۇردى، لېكىن، قانداقتۇر بېشى قايغاندەك بولۇپ يېقىلدى. قادىر پاقا ئۆزىگە سۆزلىگەچ نۇربىيەنى كۆتۈرۈپ ئايرىم خانىدىكى كارىۋاتقا تاشلىدى ۋە ئاياغلىرىنى سېلىۋېتىپ، قوللىرىنى ئۇۋۇلىغىنىچە نۇربىيەنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇشقا باشلىدى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆزلىرى ئالا ـ چەكمەن بولۇپ كەتكەن ئىدى. كۆز ئالدىدا ئانىدىن تۇغما ھالدىكى قارامتۇل ئەتلىك «پەرى» ھوشسىز ياتاتتى، ئۇ، پۈتكۈل سەزگۈدىن مەھرۇم بولغان ھالدا شېرىن بەرباتلىقنى كۈتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. قادىر پاقىنىڭ ۋۇجۇدى تىترەپ، كۆزلىرى دىغسىراپ كەتكەن بۇقىنىڭ كۆزىدەك ئالىيىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ لەززەتكە خوردا بولغان سەزگۈسى قالايمىقان تىترەيتتى.

قادىر پاقا خۇددى ئۆمۈر بويى پاتقاق، گەندە كېچىپ يۈرۈپ تاسادىپىي ھالدا ياپيېشىل چىمەن بويىچە كېلىپ قېلىپ، پۇتلىرىنى يۇيۇۋېتىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي، چىمەنلىككە ئاياغ باسماقچى بولغان ساياقتەك قىزغا چۇپۇرلۇق گەۋدىسىنى تاشلىدى، مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا تەننىڭ تەنگە تېگىشى تەننى مەست قىلىپ ئەقىلنى چەيلىگۈچى ئازابلىق ۋە لەززەتلىك جەريان بولسا كېرەك…

 

13

جۈمە كۈنى ئىدى. پازىل سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ بازاردىن نۇربىيەگە يوللۇق سوۋغات سېتىۋالدى، ئاندىن مۇنچىغا كىرىپ يۇيۇنۇپ، چېچىنى ياسىتىپ كەچلىك تاماقنى بالدۇرلا يەپ، نۇربىيە بىلەن كېلىشكىنى بويىچە بېيجىڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ يېنىدىكى «بامبۇكزار» نىڭ ئالدىغا بېرىپ نۇربىيەنى ساقلاپ تۇردى، سائەت تېخى بالدۇر ئىدى. شىنجاڭغا قايتىدىغان پويىز كەچ سائەت توققۇزغا يېقىن ماڭاتتى. ئەمدى تېخى ئالتە بولدى، سەۋرۋانلىق بىلەن كۈتۈشكە توغرا كېلەتتى.

ھاۋا سوغۇق بولغاننىڭ ئۈستىگە يەنە تېخى قار يېغىۋاتاتتى. كوچىدىكى ھەممە كىشى ئۆز ئىشى بىلەن ھەلەك ئىدى.

پازىل نۇربىيەنىڭ دېگەن ۋاقتىدا كېلەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى، ئەلۋەتتە… …

نۇربىيە كۈچلۈك چىراغ نۇرىدىن كۆزلىرىنىڭ ئۇۋۇلاپ تەستە ئاچتى، ئەتراپقا قاراپ نېرىقى كرېسلودا تاماكا چېكىپ ئولتۇرغان قادىر پاقىنى كۆرۈپ، بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلدى… خورلۇقتىن ئۆرتەندى، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش چىقىپ كەتتى، كاللىسىدا پەقەت بىرلا ئۇقۇم بار ئىدى: «تۈگەشتىم»…

ــ قانداقراق؟ ئوبدان ئۇخلاپلىمۇ خانقىز؟ ــ قادىر پاقا نۇربىيەگە قاراپ مۇغەمبەرلەرچە كۈلدى.

ــ ئىپلاس، ھايۋان!… ــ نۇربىيە شۇنداق دېگىنىچە كىيىملىرىنى كىيىپ سىرتقا ماڭدى. نۇربىيە بىنادىن قانداق چىقتى؟ نەگە بارىدۇ؟ نېمىش قىلىدۇ؟ ھەممىسى غۇۋا ئىدى. پەقەت بىرلا ئۇقۇم: «تۈگەشتىم»، ئۇنى قىينايتتى. نۇربىيە دەرۋازىدىن چىققىچە قاراۋۇل دېگەن سويمەك، نۇربىيەدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ كەتتى، دېمىسىمۇ نۇربىيەنىڭ تۇرقى شۇ قەدەر گۈزەل ئىدى. سوغۇق بولۇشىغا، قار يېغىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي نېپىزلا كۆينىكىنى كىيىپ سىرتقا ماڭغان ئىدى.

دەرۋازىنىڭ ئالدى چوڭ يول، ماشىنىلار توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. لېكىن، نۇربىيە ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىدىكى، ھازىر دۇنيادا باشقىلار بار دېيىلسە نۇربىيە مەۋجۇت ئەمەس، ئەگەر باشقىلار يوق دېيىلسە نۇربىيەمۇ مەۋجۇت ئىدى. قار يەنىلا يېغىۋاتاتتى، زېمىندىكى تۈگىمەس ئىپلاسلىق، پاسكىنىلىقنى يېپىش ئۈچۈن يېغىۋاتاتتى، قار يېغىۋېرەتتى…

ــ غىـ… ىچ.. ــ كۈچلۈك تورمۇز ئاۋازى ئەتراپنى بىر ئالدى، بىر قاراپ پىكاپ سىلكىنىپ توختىدى، بىر گەۋدە، ئەركىنلىككە ھېرىس گەۋدە تېخىمۇ زور ئەركىنلىك ئىمتىيازىغا ئېرىشكەندەك قاڭقىپ بېرىپ يولنىڭ چېتىدىكى قار ئۈستىگە چۈشتى، قاردىن ئىسسىق ھور كۆتىرىلىشكە باشلىدى، ھور… تەنلەر ئازاد، لېكىن، بۇ ھەقىقىي ئەركىنلىك ئەمەس، ۋۇجۇدلار سىلكىنەتتى، سىلكىنگەندىمۇ يەر تەۋرىگەندەك، گۈلدۈرماما، چاقماق چاققاندەك، بۆرە ھۇۋلىغاندەك…

 

خاتىمە

تەنلەر تەن ئىدى، كۆڭۈللەر كۆڭۈل. تەن ۋە كۆڭۈللەرنىڭ بىرلەشمىسى ھاياتىنى سۆيۈش ئۈچۈن تىرمىشاتتى، لېكىن، رېئاللىق بەزى ھاللاردا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشكە ئىمكان بەرمىدى.

ئەپسۇس،!! سۆيۈلمەسلىك، سۆيۈلەلمەسلىك، سۆيمەسلىك… ۋۇجۇدىنىڭ شېرىن تەشۋىشى تەنلەرنى تىترىتىدۇ، تەنلەرنىڭ نورمالسىزلىقى ۋۇجۇدىنى مالىمان قىلىدۇ… مالىمان…

(تۈگىدى)

«قەشقەر» ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى