مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
دىمىق
تەۋە تۈر: نەسىرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/02/01 | كۆرۈلۈشى: 1,275 قېتىم

دىمىق

(ھېكايە)

ئانىدىن تۇغما ھالەتتە سىرتتىن نەچچە ھەسسە ئىسسىق ھورداقخانىدا دۈملىنىپ ئولتۇرىمەن. پۈتكۈل بەدىنىمدىن توختىماي تەر قۇيۇلاتتى، چوغداندىكى چوغنىڭ بىردە ئاجىز، بىردە كۈچلۈك يالىلدىشى مېنىڭ ھازىرقى بۇرۇختۇم، يالغۇز ھالىتىم ئۈچۈن بىر خىل ئەمەك بولاتتى. پات- پات چوغقا سۇ قۇيۇپ قوياتتىم-دە قىزىق ھورىدىن قېچىپ بېشىمغا لۆڭگىنى ئورىۋالاتتىم. ئالدىمدىكى چوغداندىن پاژ- پۇژ ئاۋاز بىلەن تەڭ قويۇق ھور كۆتۈرۈلۈپ، ھورنىڭ دەستىدىن ھەممە يەر تۇتۇق، غۇۋا كۆرۈنەتتى….

كۈنلىرىم بىر خىل رېتىمدا،   كۈنلىرىم سەھەر تۇرۇپ ئىشقا بېرىش، كومپيۇتېر ئالدىدا سائەتلەپ ئولتۇرۇش، ئىشتىن چۈشۈپ، قىستاڭ ئابتوبۇستا قاراڭغۇ چۈشۈشكە يېقىن ياتاققا كېلىش، ياتاقتا تىكەندەك يالغۇز ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرۈش ياكى بولمىسا ئالدىمغا پىۋا تىكلىۋېلىپ يۈرەكنى ئېزىدىغان مۇزىكىلارنى ئاڭلىغاچ ئاتالمىش ئارام ئېلىش، ئەتىسى ئۇيقۇمغا قانمىغان ھالدا ئورنۇمدىن تۇرۇپ يەنە ئىشقا بېرىش بىلەن ئۆتۈۋاتاتتى.

بۈگۈن ئاران كەلگەن ئارام ئېلىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ، راسا بىر يۇيۇنۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەتىگەندىلا ھورداقخانىغا كىردىم. ھورداقخانىدا تېگى يوق خىياللارنى سۈرۈپ قانچىلىك ئولتۇردۇم بىلمەيمەن، راسا دۈملۈنۈپ ئولتۇرسام، بىر چاغدا يېگۈلۈكنى بولۇشىغا يەپ، چوشقىدەك سەمرىگەن، بىر بىغەم قورساقلىرىنى ساڭگىلىتىپ كىرىپ كەلدى. كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ، قەدەملىرىمنى تەستە يۆتكەپ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىردىم. كىيىملىرىمنى يەڭگۈشلەپ، پۇل تۆلەش ئورنىغا كەلسەم، ئىسكەتسىز تەلەتىگە گىرىمنى بولۇشىغا قىلغان، قاشلىرى شالاڭ، پاناق بۇرۇن بىرسى قىپقىزىل بويۇۋالغان لەۋلىرىنى تىترىتىپ، خۇددى بىز كونا تونۇشلاردەك بىر ھالەتتە قولۇمدىن پۇلنى ئالدى ۋە «يەنە كېلىپ تۇرارسىز» دېگىنىچە بېشىنى يانتۇ قىلىپ كۈلۈمسىرەپ قالدى. تېخى بايىلا يۇيۇنۇپ ئېچىلغان كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالدى. خۇددى بۇ يەردىن تېزرەك چىقىۋالمىسام، ئۇ كەينىمدىن قوغلاپ كېلىپ ئاشۇ لەۋلىرىنى يۈزۈمگە سۈركۈۋالىدىغاندەك سەسكىنىپ، تېزراق سىرتقا چىقىۋېلىش ئۈچۈن بارغانسېرى ئېغىرلاپ كېتىۋاتقان قەدەملىرىمنى تېزلەتتىم.

ھاۋا يەنىلا دىمىق ۋە ئىسسىق ئىدى.

سىرتقا چىقىپ، بارغانسېرى ئازلاپ كېتىۋاتقان ئاشخانىلارنىڭ تونۇش بىرىگە كىردىم. ئىچىدە ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. بۇلۇڭدىكى ئورۇندا چىرايى سۆرۈن بىر قانچىسى تېتىقسىز پاراڭلار بىلەن كۆڭلىنى خۇش قىلىپ، تامىقىنى چاكىلدىتىپ ئولتۇراتتى. ئىشىك تۈۋىدىكى ئورۇندا بولسا 12- 13 ياشلاردىكى بىر نەچچە بالا ئۆزلىرىنىڭ سەھەردىلا ئولجا ئالغان «ناشتىلىق» تاپاۋەتلىرىنى ھېسابلاۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ يېنىدىكى ئورۇنغىلا ئولتۇرۇپ، كۈتكۈچىگە تاماق بۇيرۇۋېتىپ، دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇردۇم. تۇيۇقسىز بىرى نۇقىغاندەك قىلدى، قارىسام بايىقى بالىلارنىڭ بىرى:

— ھوي داشۆسېڭ، ما شوۋجىنى ئېپ قويە، چىستەي جۇما، تېخى بايىلا سوققان، ئەزانلا بېرىۋېتىمەن، كۆرۈپ باقە،— دېگىنىچە قولىدىكى يانفۇننى قولۇمغا تۇتقۇزدى. ئالغۇم يوق بولسىمۇ ئۇيەر بۇيېرىنى كۆرۈپ تۇرسام يەنە بىرى:

— ما ئالامەت ئېسىل نەسە بالاڭزا، جاڭشاڭ دىيەنناۋ…

— ئاممايمەن، باشقىلارغا سېتىڭلار، — ئۇلارنىڭ گېپىنى ئۈزۈپلا سىرتقا قارىۋالدىم. ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ پارىڭىغا چۈشۈشكە باشلىدى. بىر چاغدا كۈتكۈچى تاماقنى ئېلىپ كېلىپ، دىۋانىغا سەدىقە بەرگەندەك ئالدىمغا توككىدە قويۇپ قويدى. قورسىقىم ئاچ بولسىمۇ ئىشتىھاسىز ھالدا تاماقنىڭ يېرىمىنى تەستە يەپ، پۇلىنى ئۈستەلگە قويۇپلا چىقىپ كەتتىم.

ھاۋا بىردەمدىلا قويۇق تۇمان بىلەن قاپلانغان ئىدى. يول ياقىسىدا ئالدىغا قاسماق قاچىلارنى قويۇۋالغان تىلەمچىلەر ئىت يالىسا تويغۇدەك دەرىجىدە مەينەت باسقان قوللىرىنى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا سوزۇپ، ئېھسان تىلەيتتى. بەزىلىرىنىڭ يېنىدا كىچىك بالىلىرى بولۇپ، قىرقىراپ يىغلايتتى. يېنىمدىنلا بىر كۈچۈكنى كۆتۈرۈۋالغان ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال ئۆتۈپ كەتتى، قىزىقسىنىپ قارىدىميۇ- لېكىن كۆزۈم يول بويىدىكى يىغلاۋېرىپ ئۈنى پۈتۈپ كەتكەن تىلەمچىنىڭ بالىسىغا چۈشتى، بايىقى ئايالغا قارىسام خېلىلا ئۇزاپ كېتىپتۇ، كۈچۈكىنى بىرەر يەرگە «سەيلە» قىلدۇرغىلى ماڭغان ئوخشايدۇ- دېدىم ئىچىمدە. كېتىۋاتقانلار بولسا يولدا خۇددى ئۆزىدىن باشقا ئادەم يوقتەك قەدەملىرىنى تېز- تېز ئېلىپ ئۆز ئىشلىرىغا ئالدىرايتتى. يولدىكى ئادەملەر ئارىسىدا ئوماق بىر ئوغۇل بالىنى يېتىلىۋالغان بىر جۈپ ئەر- خوتۇن بىر نېمىلەرنى دېيىشكىنىچە كۈلۈمسىرەپ كېلىۋاتاتتى. ئوغلى بىردەم دادا دەپ توۋلىسا، بىردەم ئاپا دەپ توۋلايتتى، دادىسى بالىسىنىڭ توۋلاشلىرىغا پەرۋاسىز روھى چۈشكۈن بىر ھالدا كېتىپ باراتتى. تۇرۇپلا ئۇلارغا ھەۋىسىم كەلدى. ئۇلارنى ئەڭ بەختلىك كىشىلەر دەپ ئويلىدىم. دادىسىغا قارىغاندا ئانىسىغا بەكرەك ئوخشايدىغان ئۇ بالىغا ئامراقلىقىم كەلدى. ھەجەپ دادىسىغا ئوخشىمايدىكىنا، دېگىنىمچە يولۇمنى داۋام ئەتتىم. يولدا كېتىپ بارىمەن، ھاۋا يەنىلا تۇتۇق ۋە دىمىق ئىدى. ئۆزۈم يولدا كېتىۋاتقان بولساممۇ، خىيالىم نەلەردىدۇر كېزىپ يۈرەتتى. بىر چاغدا قارىسام مەكتەپ ئىچىگىمۇ كىرىپ قاپتىمەن. مەكتەپ ئىچى باشقىچە جىمجىت ئىدى. مەكتەپ ئىچى تەتىل بولغاچ بۆلەكچىلا چۆلدەرەپ قالغان بولۇپ، تۈزۈكرەك ئادەممۇ كۆرۈنمەيتتى. پەقەت مەكتەپ ئىچىدىكى قۇرۇلۇشچىلارنىڭ توۋلاشقان ئاۋازى، ئىش ئورنىدىكى تاراڭ- تۇرۇڭ ئاۋازلارلا جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تۇراتتى.

ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلدىم، ياتاققا چىقىشنى ئويلاپلا كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالدى. ئىشىك باقار قېرى ئايال قىسماق كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككىنىچە قولتۇقىنى يەلپۈپ ئولتۇراتتى. بەشىنچى قەۋەتكە ساناپ دەسسەپ دېگۈدەك چىقىپ، ياتاقنىڭ ئىچىدە خۇددى بىر نەرسە مېنىڭ كېلىشىمنى ساقلاپ تۇرغاندەك ئىشىكنى ئالدىراش ئاچتىم. ئاچتىميۇ قىزغىن كەيپىياتىم بەدىنىمنىڭ بىر يېرىدىن سۇ بولۇپ ئېقىپ كەتكەندەك لەسسىدە بولۇپ بوشىشىپ كەتتىم. «ئۆلگۈر تەتىل» دېدىم ئىچىمدە، ياتاقنىڭ قالايمىقان ھالىتىگە، ئاخشام ئىچكەن پىۋىنىڭ قۇرۇق بوتۇلكىسىغا قاراپ. ئىچ- ئىچىمدىن بىر خىل يىغا ئۆرلەيتتى، ئۆز- ئۆزۈمگە ئۆچ بولاتتىم، دەردىمنى بوتۇلكىدىن ئالماقچى بولغاندەك ئۈستەلدىكى بوتۇلكىنى قولۇمغا ئېلىپ، دېرىزىدىن زەردەم بىلەن ئاتتىم، بوتۇلكىنىڭ يەرگە چۈشۈپ چېقىلغان ئاۋازى بىلەن تەڭ يەڭگىللەپ قالغاندەك بولۇپ، كارۋىتىمغا يانپاشلىدىم. تېلىۋىزورنى ئاچسام ئادوۋكاتلار بىلەن ساقچىلار قىلغىلى ئىش يوقتەك نەدىكى بىر تېتىقسىز خەۋەر ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىۋېتىپتۇ. ئىككى ئەر بىر- بىرىنىڭ خوتۇنلىرىنى بىلىشمەي ئاشنا تۇتۇپ يۈرۈپتۇمىش، ئاقىۋەت پاش بولۇپ قېلىپ، جەمئىيەتكە ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، گېزىت- ژۇرناللار ئۇلارنى سازايى قىلغاندەك بەس- بەستە بۇ توغرۇلۇق مۇلاھىزە ماقالىلىرى ئېلان قىپتۇمىش. ئادوۋكاتلار بىلەن ساقچىلار بۇ توغرىلىق مۇلاھىزە قىلىپ، ئاممىغا ئىبرەت بەرگۈدەكمىش. تېلىۋىزورنى ئاچقىنىمغا پۇشمان قىلىپ، قانداق تېز ئاچقان بولسام ئۇنىڭدىنمۇ تېز سۈرئەتتە ئۆچۈردۈم. ئاشنىنى ئۇلار ئوينىسا بۇ ساختا ئالىيجانابلارنىڭ قايناپ، قىزىپ كەتكىنى قىزىق ئىش. ئۆتكەندە بۇنىڭدىنمۇ تېتىقسىز بىر خەۋەرنى ياتاقنىڭ بىر يېرىدە تاشلىنىپ تۇرغان بىر  گېزىتتىن كۆرگەنىدىم. گېزىتتە يېزىلىشىچە مەلۇم يېزىدىكى بەش ۋاق نامازنى قازا قىلمايدىغان، تەقۋادار ئاتالمىش بىر كىشى ئۆز مەھەلىسىدىكى يولدىشى تۈگەپ كەتكىنىگە ئۇزاق بولغان بىر تۇل ئايالغا چېقىلىپ قويغانمىش، مەھەللىدىكى جامائەت بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ئۇ كىشىنى ئەيىبلىگەندە، ئۇ تېخى ھېچ ئىش بولمىغان قىياپەتتە «تۇل مەزلۇمەلەرنىڭ تۈرلىي ھاجىتىنى راۋا قىلىش ساۋابنىڭ جۈملىسىدىندۇر» دەپ ئۆز قىلمىشىنى ساۋابقا چىقارغانمىش. ئۇ چاغدا «ساۋابنىڭ مۇنداق يوللىرىمۇ باركەندە!»- دەپ كۈلۈپ كەتكەنىدىم. ھەي ئادەم دېگەن قالتىس مەخلۇق، ياخشى ئىشلىرىمىزنى داۋراڭ قىلىپ ھەممە ئادەمگە بىلدۈرۈپ، ئۆزىمىزنى ئالىيجاناپ كۆرسىتىشكە تىرىشىمىز، ناچار قىلىقلىرىمىزنى بولسا بىر يەرگە تىقىۋىتىپ، كۆزىمىزنى پارقىرىتىپ، ساختا كۈلۈپ يۈرۈۋىرىمىز، خۇددى بۇ ئىشلارنىڭ سورىقى يوقتەك.

سائىتىمگە قارىسام كەچلىك تاماق ۋاختىغا خېلى بار ئىكەن. ئاڭغىچە نېمىش قىلىشىمنى بىلەلمەي، مەقسەتسىزلا كىتاب ئىشكابنى ئاچتىم. ئۇيەر بۇ يېرىنى مالتىلاپ يۈرۈپ بىر چاغلاردا ئېلىپ، تېخى كۆرۈشكە ئۈلگۈرمىگەن كىنو پىلاستىنكىسى قولۇمغا چىقىپ قالدى. تاماق ۋاختىغىچە پلاستىنكا كۆرەيچۇ… پىلاستىنكىنى قويدۇم. ئۆزۈم كىنو بىلەن تەڭ رول ئېلىۋاتىمەن، كىنودىكى بىر يىگانە ئارالدا تەنھا ياشاۋاتقان باش پىرسوناژنىڭ ئارالدىن قۇتۇلۇپ، ئادەملەر بار جايغا بېرىش ئىستىكىگە قوشۇلۇپ ئۆزۈمنىمۇ يىگانە- تەنھا ھېس قىلىشقا باشلىدىم، تۇرۇپلا مېنىڭمۇ ئاشۇنىڭدەك يىگانە ئارالغا كەتكۈم كەلدى… كىنونى تولىمۇ تەستە تۈگەتتىم، بىر قاپ تاماكىمۇ تۈگىدى. ئىچىم بايامقىدىنمۇ بەكرەك سىقىلغاندەك بولدى. خۇددى بىر نەرسەم كەملەپ قالغاندەك بىر خىل بۇرۇختۇم ھالەتتە كارۋاتتا ئۇزاق ئولتۇردۇم. نېمىشقىدۇر ئاللا كىملەرنى كۆرگۈم كېلەتتى. كەچلىك تاماقنى ئاللا بىراۋلار بىلەن بىرگە يىگۈم كېلەتتى. «ئۆلگۈر تەتىل» دېدىم يەنە بوشقىنا ھالدا خۇددى ئىڭرىغاندەك…

ياتاقنىڭ ئىشىكىنى بار كۈچۈم بىلەن كۈچەپ ياپتىم، پۇتلىرىمدا كىشەن باردەك قەدەملىرىم تولىمۇ ئېغىر ئىدى. كارىدوردا كېتىۋاتىمەن، ئەنە ئالدىمدا ماڭا ئوخشاش ئاچ قالغان بىرى ياتاققا كىرىشكە ئۈلگۈرمەي، كارىدوردا ماڭغاچ قولىدىكى تاماق قاچىسىدىن گۈرۈچنى چوكا بىلەن تۈرتۈپ دېگۈدەك گېلىغا تىقىۋاتىدۇ. ئۇدۇلۇمغا كېلىشىگە قاچىنىڭ تېگىگە مۇشتۇم بىلەن بىر قويۇۋىدىم، قاچا قولىدىن قاڭقىپ چىكەتتى، گۈرۈچلەر يەردە چېچىلىپ ياتىدۇ. بىر يەرگە، بىر ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ، يولۇمنى داۋام ئەتتىم. كەينىمدىن «ساراڭ» دېگىنىچە بىر نېمىلەرنى دەپ چالۋاقاپ قالدى. مەن بولسام مۇشۇ بىنادىن تېزرەك چىقىۋېلىشنى ئويلاپ ئۇنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن كارىم بولمىدى، راستىنى ئېيتقاندا، ئۇنىڭ مېنى «ساراڭ» دېگىنىگە ئىچىمدە خۇشال بولدۇم. ئەنە سىرتمۇ كۆرۈندى، بىنانىڭ تۈرمىنىڭكىگە ئوخشايدىغان قوش قاناتلىق تۆمۈر ئىشىكى «تېزرەك چىقىۋال، بولمىسا يېپىلىۋالىمەن» دېگەندەك قانىتىنى كېرىپ تۇراتتى. ئىشىك باقار قېرى ئايال يەنە بايامقى ئورنىدا ئالدىغا بىر قاچا قورۇما قويۇۋېلىپ، بىر قولىدا بۇرنىنى كولىغاچ ھورنان يەپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭغا مەنىسىزلىك بىلەن بىر قارىۋەتتىم – دە، ئاغزىمغا يىغىلغان تۈكۈرۈكنى  تۈكۈرۈپ چىقىپ كەتتىم.

تەتىل بولغاچ مەكتەپنىڭ تاماقلىرى ناچار، يەنىلا سىرتقا چىقماقتىن باشقا ئامال يوق ئىدى. قەدەملىرىم يەنىلا شۇنداق ئېغىر، ھاۋا چۈشتىن بۇرۇنقىدىنمۇ تۇتۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە خېلىلا ئىسسىپ كەتكەن ئىدى. مۇنچىدىن يانغان بىرنەچچە قىز ۋە ئۇلارنىڭ مۇنچىدىن كېيىنكى تازا ھالىتىنى، ئىسسىق دەپ مۇنداقلا ئارتىۋالغان كىيىملىرىنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرىدىن كۆرۈنۈپ قالغان ئاق مومىدەك بەدىنىنى ھوزۇرلىنىپ تاماشا قىلغاچ، يول بويىدىكى چىملىقنىڭ ئۈستىدە ئارام ئېلىپ ئولتۇرغان ئۈچ- تۆت ئىشچىدىن باشقا ئادەم كۆرۈنمەيتتى. قىزلارغا قارىسام ئۇلار خۇددى «كۆزۈڭلارنىڭ ئېقىپ كېتىشىدىن قورقمىساڭلار قانغىچە قارىۋېلىڭلار ئاچپاقىلار» دېگەندەك بەللىرىنى تولغاپ كېتىپ باراتتى. تۇيۇقسىز بىر ئاچ كېكىرىك چىقىپ كەتتى، قورسىقىمنىڭ ئاچلىقى تېخىدىنمۇ ئەۋزەيلىگىلى تۇردى. قەدەملىرىمنى ئىتتىك ئالاي دېسەممۇ، پۇتۇمغا خۇددى بايىقى قىزلارنىڭ گېپى ئېسىلىۋالغاندەك قەدەملىرىم شۇنچە ئېغىر ئىدى. مىڭ تەستە ئاشخانىغىمۇ كىرىپ بولدۇم. ئوتتۇرىدىكى بىر ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇردۇم. كۈتكۈچى قىز قولىدا يوغان بىر دەپتەرنى كۆتۈرۈپ قېشىمغا كەلدى. تاماقنى بۇيرۇتۇپ بولۇپ، ئاشخانىغا زەڭ سېلىشقا باشلىدىم. داۋاملىق كىرىدىغان ئاشخانا بولسىمۇ، بۈگۈن بىر قاراپ چىققۇم كەلدى. «خېلى ئوبدان بېزەپتىكەن بۇيەنى» دەپ ئويلاپ، پوكەيگە كۆز تاشلىدىم. كۆزۈم دەھشەت بىر كۆز بىلەن ئۇچرىشىپ تېنىم ئەندىكىپ كەتتى، «نىم پوق يەپ قاراپ سالار بولغىيدىم، كۆزلىرىنىچۇ تېخى، خۇددى خۇيى ئەسكى ئىنەكنىڭ كۆزىدەك ئادەمنى ھۈركۈتۈپ، يائاللا» دېدىم ئىچىمدە پوكەيدىكى رەگگى قارامتۇل، ئۇسقىنى كېلەڭسىز، ئاشخانىنىڭ ھەممە يېرىگە خۇددى راداردەك توختىماي زەڭ سېلىپ چىقىۋاتقان،  يۈز- كۆزىگە گىرىمنى بولۇشىغا قىلىپ غەلىتە تۈسكە كىرىپ قالغان ئايال خوجايىنغا قاراپ. ئاشخانىنىڭ بېزىلىشىگە قاراپ ئېچىلغاندەك بولغان كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالدى. تاماقنى بۇيرۇتۇپ بولمىغان بولسام چىقىپلا كېتەتتىم…، شۇلارنى ئويلاپ تۇرسام، كۈتكۈچى تاماقنى ئېلىپ كەلدى. تېزلا تۇتۇش قىلدىم. تاماقنى يەپ بولۇپ پوكەيگە بارغۇم كەلمەي، تاماق پۇلىنى شىرەگە قويۇپلا قوپتۇم. ئاشقان پۇلنىمۇ ئالماي بولدى، ئاشۇ كۆزدىن تېزرەك قۇتۇلغىلى بولسا، ئەجەب بۇرۇن سەزمەپتىكەنمەن دېگىنىمچە چىقىپ كەتتىم.

يەنە شۇ كوچا، ھاۋا ئوچۇق بولسىكەن كاشكى.

گېزىت بوتكىسىدىن بىرسان گېزىت ئالدىم- دە ، يول بويىدىلا ئوقۇشقا باشلىدىم، ياتاققا كىرگۈم يوق ئىدى. گېزىتنىڭ باش بېتىگە بېسىلغان بىر خەۋەرنى ئوقۇپ، غەلىتىلا بولۇپ قالدىم. مۇخبىرنىڭ بۇ خەۋەردە دېيىشىچە، ئىلگىرىكى يىللاردا مەزكۇر شەھەر كوچىلىرىدا چەتئەللىك يىگىتلەر بىلەن يەرلىك قىزلارنىڭ قولتۇقلىشىپ مېڭىشى دائىملىق ئىش ئىمىش، ھازىر بولسا يەرلىك يىگىتلەرنىڭمۇ چەتئەللىك قىزلارنى قولتۇقلاپ ماڭغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىغان خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەنمىش. مۇخبىر خەۋەرنى ئىپتىخار ئىلكىدە يازغان بولۇپ، تېخى خەۋەرگە ماس ھالدا بىر پارچە سۈرەتمۇ بېسىلغان ئىدى. توۋا دېدىم ئىچىمدە، كۆڭلىنى خۇش قىلغۇدەك باشقا ئىش تاپالماي، مۇشۇنىڭ بىلەن كۆڭلىنى خۇش قىلغىنىنى كۆرمەمدىغان ما بىرنېمىنىڭ. گېزىتنىڭ باشقا يەرلىرىگە قاراشقا رايىم بارماي گېزىتنى يولنىڭ ياقىسىغىلا تاشلاپ قويۇپ، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا سەپ سېلىشقا باشلىدىم. ھەممە ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش، ھەممە كىشىنىڭ چىرايىدىن بىر خىل غەشلىك، يەلكىسىنى بىر نەرسە بېسىپ، ھازىرلا دۈم چۈشۈپ، ئۆلۈپ قالىدىغاندەك ئېزىلەڭگۈلۈك چىقىپ تۇراتتى. «شەپىسىز ئۆلۈپلا قالساقمۇ ھە» دېدىم ئىچىمدە ئۇلارغا ئىچىم ئاغرىپ. توغرىسىنى ئېيتقاندا ئۆزۈمگە ئىچىم ئاغرىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ئالدىمدا كىچىك بىر قىزچاق پەيدا بولدى – دە، قولتۇقلىۋالغان بىردەستە گۈلدىن بىر تال سۇغۇرۇپ «گۈل ئېلىڭ ئاكا» دەپ كۆزلىرىمگە تىكىلدى. قىزچاقنىڭ ئوماق تۇرقىغا مەسلىكىم كېلىپ، بوپتۇ بىر تال ئالاي دەپ ئويلىدىميۇ، لېكىن دەرھال بۇ نىيىتىمدىن ياندىم ۋە قىزچاققا «گۈل تۇتقىدەك گۈلۈم يوق» دەپ پەرۋاسىزلارچە تۇردۇم. قىزچاق گېپىمنى چۈشەنمىدى بولغاي، بىردەم ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، مەيۈس ھالدا ئالدىمدىن كېتىپ قالدى. يەنە يولغا سەپ سېلىشقا باشلىدىم. ئەتراپتىكىلەر بولسا خۇددى ئۆزىدىن باشقا نەرسە مەۋجۇت ئەمەستەك يەنىلا ئالدىراش كېتىپ باراتتى. قەدەملىرىنىڭ ئاستىدا بىر- بىرىنى دەسسەپ، چەيلەپ دېگۈدەك كېتىپ باراتتى. ھەر بىر قەدىمى خۇددى «ئۆلۈۋال! ئۆلۈۋال!» دەپ ئاۋاز چىقارغاندەك بولاتتى. ۋۇجۇدۇمنى تىترەك باستى، تاماكامدىن بىر تال ئېلىپ، كۈچەپ شورۇدۇم. بايامقى تىترەشلىرىم خېلى بېسىققاندەك بولدى. تىلىم قۇرۇپ ئۇسسىغاندەك قىلدىم، يول بويىدىكى بوتكىدىن بىر بوتۇلكا مۇزدەك مېنىرال سۇ ئېلىپ، غورتۇلدىتىپ ئىچىشكە باشلىدىم. سەل ئارام تېپىپ قالغاندەك بولساممۇ بەدىنىمدە ھېچ ماغدۇر يوق ئىدى. يېنىمدىكى بوتكىنىڭ تېمىغا يۆلۈنۈپ يەنە يولغا سەپ سېلىشقا باشلىدىم. تۇيۇقسىز بىر قىزىل پىكاپ يېنىمدىلا توختىدى. چاچلىرىنى بوستاندەك قويۇۋەتكەن، خېلى كېلىشكەن، ياشقىنا بىر ئايال ماشىنائەينىكىدىن بېشىنى چىقىرىپ : «ئاق بارمۇ؟ ئاق» دەپ ماڭا قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا گەپ قىلىشقا رەغىم بارماي، كونا ئادىتىم بويىچە يانچۇقۇمدىن ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكامنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا تەڭلىدىم. ئايالنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ، ئاغزىدا بىر نېمىلەرنى دېگىنىچە يۈرۈپ كەتتى. بوتكىغا يۆلۈنۈپ خېلى ئۇزاق تۇردۇم. يولدا يەنە ئادەملەر ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن كېتىپ باراتتى. يەنە تۇرۇۋېرىشكە چىدىماي ياتاققا قاراپ ماڭدىم. بولمىسا مۇشۇ كوچىدىلا جېنىم چىقىپ يىقىلىپ قالسام، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغۇ يەنە ئۆز ئىشىنى قىلىۋېرىدۇ، لېكىن يول سۈپۈرگۈچى چوقۇم ئۆلۈكۈمنى يول ياقىسىدىكى ئەخلەتخانىغا تاشلاپ قويۇپ، كىيىملىرىمنى سېتىۋېتىشتىن يانمايدۇ. چوقۇم شۇنداق بولىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدىن شۇنداقلا غايىپ بولىمەن. ھېچكىم مېنىڭ يوقلۇقۇمغا پەرۋا قىلمايدۇ، توۋا دېدىم ئۆز خىيالىمدىن  ئۆزۈم ئەندىكىپ ياقامنى چىشلىگەچ. قەدەملىرىم يەنىلا شۇنچە ئېغىر بولسىمۇ، كوچىدىلا يىقىلىپ قالماي دەپ قەدىمىمنى تېزلەتتىم. ھەر ئىش بولسا ياتاققا كىرگەندىن كېيىن بولسۇن، بۇلار ھېچنېمىنى بىلمەي قالسۇن. مەكتەپ ئىچى يەنىلا بايامقىدەك جىمجىت، بايامقى ئىشچىلار چىملىقنىڭ ئۈستىدىلا ئۇيقۇغا كەتكەن بولۇپ، بەدەنلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى ئوچۇق ئىدى. قوللىرىدا بىردىن خالتا كۆتۈرۈپ، يۇيۇنۇشقا ماڭغان بىر نەچچە قىز ئىشچىلارغا قاراپ بىر نېمىلەرنى دەپ كۈلۈشۈپ كېتىپ باراتتى. مېنىڭ كېلىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ، كۈلكىسى تېخىمۇ كۈچەيدى. تېخى ماڭا قاراپ «ئاشۇنداق كۈلىمىزغۇ تازا، ھە، سىزمۇ ئاۋۇلاردەك بىزنى ئۆزىڭىزگە قارىتالامسىز؟» دېگەندەك چاچلىرىنى سىلكىگىنىچە ئۆتۈپ كەتتى. بايام يىگەن تاماق سىڭىۋاتامدۇ قانداق ئىچىمدىن بىر توق كېكىرىك چىقىپ كەتتى. بارغانسېرى ياتاق بىناسىغا يېقىنلاپ كېلىۋاتىمەن، يەنە شۇ ئۆلگۈر ياتاق، ھېلىقى ئىشىك باقار قېرى ئايالچۇ تېخى.

ياتاق بىناسىنىڭ ئىشىكىگە ئازراق قالغاندا، نېمىگىدۇر تېيىلىپ، ئوڭدىسىغىلا چۈشتۈم. خېلىلا قاتتىق چۈشكەن ئىدىم. پەللىكىم چىدىغۇسىز ئاغرىۋاتاتتى. نېمىگە تېيىلغان بولغىيدىم دەپ ئاستىمغا قارىسام بىرلا چىشلەپ تاشلىۋېتىلگەن كۆكتات مانتىسى ئىكەن. نېمىشقىدۇر ئورنۇمدىن تۇرغۇم كەلمىدى. ئەگەر تۇرسام ئىككى ماڭدام مېڭىپلا يەنە بىر نېمىگە پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك قىلاتتىم. خاتىرجەم ھالدا ئولتۇرۇپ، سول تەرىپىمگە قارىدىم. ياتاق بىناسىنىڭ  چاسا دېرىزىلىرى بىزنىڭ يۇرتتا ئىت كاتىكىنى توسىدىغان توم سىم تور بىلەن توسالغان ئىدى. ئوڭ تەرىپىمگە قارىدىم. قولۇمنى سوزساملا يېتىدىغان يەردە كەڭ كەلگەن ئېلان تاختىسى تۇراتتى. كىنو، ھەرخىل مۇسابىقە، تانسا كېچىلىكى ، ھەرخىل دورا دېگەندەك ئېلانلار بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى. ئەڭ ئاستىدا، ماڭا ئېنىق كۆرۈنىدىغان جايدا، «قىزلاش تېخنىكىسى سىزگە پاكلىق ئاتا قىلغۇسى» ، «ئەرلىك جاسارىتىڭىزنىڭ يېڭى پەللىسى» … دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇندىكى  خەتلەر تۇراتتى. بىر يەرلىرىم قىچىشقاندەك بولدى، لېكىن نەرىم ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە كەينىمدىن «يول بوشات» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. قارىسام مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ ئېشىندى- تېرىندى تاماقلىرىدا چوشقا باقىدىغان، چىغ قالپاق كىيىۋالغان بىرى مەينەت تۇڭلار بېسىلغان بىر ۋېلسېپىتنى ئاران تېپىپ دېگەندەك كېلىۋاتاتتى. ئىلاجسىز ئورنۇمدىن تۇردۇم، ئەگەر تۇرمىسام مېنى باسۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى. تېخىچە يەڭگىللىك تاپمىغان پۇتلۇرۇمنى سۆرەپ دېگۈدەك، كۆزۈمنى يۇمغان ھالدا ياتاق بىناسىغا شۇڭغۇدۇم…

ياتاققىمۇ چىقىپ بولدۇم. ياتاق يەنە شۇ پېتى. سىرتتىنمۇ ئىسسىق ئىدى. كالتە ئىشتىنىمدىن باشقا كىيىملىرىمنى سېلىۋەتتىم. بىرئاز سەگىدەپ قالغاندەك بولدۇم. تېلىۋىزورنى ئاچاي دېدىميۇ لېكىن ئاچقۇم كەلمىدى. كىتاب كۆرگۈم كېلىپ، كارۋىتىمدىكى رەتسىز تىزىقلىق تۇرغان كىتابلارغا بىر- بىرلەپ قاراپ چىقتىم. ئاخىرىدا كىتاب كۆرۈشتىنمۇ يالتايدىم. كارۋىتىمدا لايدەك سوزۇلۇپ يېتىپ، مەقسەتسىزلا ياتاقنىڭ ھەممە يېرىگە بىر باشتىن سەپ سېلىشقا باشلىدىم. تورۇستىكى نوغۇچتەك چىراغ نۇر ئەمەس، مۇڭ چېچىۋاتقاندەك قىلاتتى. تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ، كۈچەپ بىرنى شورۇدۇم- دە، ئىسىنى تورۇسقا بوشقىنا پۈۋلىدىم. تۇرۇپلا ياتاقنىڭ تۆت تېمى مەن تەرەپكە سۈرۈلگەندەك، تورۇسمۇ بارا – بارا تۆۋەنلەۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ، ۋۇجۇدۇمنى تىترەك باسقىلى تۇردى. ئەگەر يەنە يېتىۋەرسەم تاملار مېنى سىقىپ ئۆلتۈرۈپ قويىدىغاندەك قىلاتتى. بەدىنىمدىن سوغۇق تەر چىقىشقا ئەگىشىپ يۈرىكىمنىڭ سوقۇشى ھەدەپ تېزلىشىۋاتاتتى. ماغدۇرسىز ھالدا ئورنۇمدىن مىڭ تەستە تۇردۇم. سۇخانىغا چىقىپ مۇزدەك سۇدا بىر يۇيۇنۇپ كىرمەكچى بولدۇم-دە،  داسنى قولۇمغا ئېلىپ، ماڭاي دەپ تۇرسام تېلېفۇن جىرىڭلاپ قالدى. ئوقۇتقۇچۇم ئىكەن. قىلىدىغان ئىش يوق زىرىكىپ كېتىپتۇ. ئازراق كەيپ قىلغۇسى كېلىپ، مېنى ئولتۇرۇشۇپ بېرەمدىكىن دەپ چاقىرغان ئىكەن. ئىچىملىكنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئوقتەك چىققۇم كەلدى. لېكىن تۇرۇپلا بۇ نېيىتىمدىن ياندىم. ئىشىم بار دەپ ئۆزرە قويۇپ قۇتۇلدۇم. ئايالى، ئوماق بالىسى، بىر ئوبدان ئائىلىسى بار تۇرۇپ بۇنچە كەچتە سىرتتا چىققۇسى كېلىپ قالغىنى قىزىق. شۇلارغا ھەمراھ بولۇپ كۈلكە- چاخچاق بىلەن ئولتۇرۇپ، بالىسىنىڭ خوشلۇقىغا جور بولسا بولمامدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. بەلكىم ئايالىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەيدىغاندۇ، شۇڭا دەردىنى ھاراقتىن ئالىدۇ- دە. تۇرۇپلا ئوقۇتقۇچۇمغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. بىر ئوبدان ئۆيى تۇرۇپ، ئۆيگە كىرگۈسى كەلمىسە، ھال- مۇڭ ئولتۇرۇپ مۇڭداشمىسا، ئۆز- ئارا دەردىگە داۋا، رەنجىگە شىپا بولۇپ ئۆي خۇشلۇقىدىن بەھىر ئالالمىسا قانداق ئۆيدۇ بۇ؟  ئېرىنى ئۆيىدە تۇرغۇزالمىغانغا قارىغاندا ئايالىمۇ تايىنلىق ئايال ئوخشايدۇ، كۆيەپ- پىشىپ ئېلىشقان بولغىيدى. ئامالنىڭ يوقىدىن «ئېپ باقاي- تېگىپ باقاي»، «كېلە، ئۆيگە چىرە»دېگەندەك تۇتقان ئۆيمۇ يا؟ دېدىم ئىچىمدە. نېمە كۈن بۇ چوپ- چوڭلا بىر ئادەمگە؟ ئوقۇتقۇچۇمغا راستىنلا ئىچىم ئاغرىۋاتاتتى. ھەي بىچارە نېمە تارتقۇلۇق ساڭا، قانداقمۇ چىداپ ئۆتۈۋاتقانسەن. تۇرۇپلا ئۆزۈمگە ئىچىم ئاغرىپ قالدى. مانا ئوقۇشنىڭمۇ تەڭدىن تولىسى تۈگىدى، ئەتە- ئۆگۈن مەنمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقىمەن. تىنىم تاپماي 3-4 يىل ئىشلەيمەن،تېجەپ خەجلەپ پۇل يىغىمەن، ئۆي ئالىمەن، تويمۇ قىلىمەن. تەلىيىم بولسىغۇ ئوبدان بىر ھايالىق قىز بىلەن تۇرمۇش قۇرارمەن. ناۋادا ئۇنداق بولمىسىچۇ؟ قىلغۇلۇقنى تازا قىلىپ، ئوينايدىغان ئويۇننىڭ بارىنى ئويناپ، خۇمارى بېسىققاندا قارا ياغلىقنى ئېڭىكىدىن چىگىپ بۈۋۈم بولۇۋالغان بىرسىگە… … نېرىسىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىم، ئۇنداق كۈنلەر ھارام بولغاي. بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ، تىترەپ كېتىۋاتاتتىم. بەدىنىمدىن يەنە تەر چىقىشقا باشلىدى، ئىسسىق تېخىمۇ كۈچۈيىۋاتاتتى. داسنى يەردىن يۇلۇپ ئالغاندەك  ئېلىپ سۇخانىغا ماڭدىم.

بالىلارنىڭ تەڭدىن تولىسى تەتىل قىلىپ كەتكەچكە، كارىدور گۆرىستاندەك تىمتاس ئىدى. كەتمىگەن بالىلار ئىسسىقنىڭ دەستىدىن ياتاق ئىشىكلىرىنى داغدام ئوچۇق قويغان ئىدى. بەزىلىرى ئۆلۈكتەك يېتىپ كىتاب كۆرۈۋاتاتتى، يەنە بەزىلىرى بولسا ئىشىك باقار قېرى ئايالنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىپ باشلاپ كىرگەن قىز دوستلىرى بىلەن كۆڭۈل ئېچىۋاتاتتى…

سۇخانىغا كىرىپ، داسقا سۇنى لىق تولدۇرۇپ بېشىمدىن قۇيدۇم. مۇزدەك سوغۇق سۇ شۇنچىلىك راھەت بىلىندىكى خۇددى بەدىنىمدىن ئېغىر بىر يۈكنى ئېلىۋەتكەندەك يەڭگىللەپ قالدىم. تېنىمنى پەيدەك يېنىڭ ھېس قىلىشقا ئەگىشىپ مۇشۇ تۇرقۇم بىلەنلا، يالىڭاچ پېتى قۇشلاردەك ئۇچۇشنى ئويلاپ قالدىم. لېكىن بۇ شېرىن خام خىيال خالاس.

ياتاققا قايتىپ كىردىم. دىمىقلىق خۇددى مەن بىلەن كىرگەندەك ياتاقنىڭ ئىچى كۆزۈمگە يەنە باشقىچە كۆرۈنۈۋاتاتتى. نېمە ئىش قىلىشىمنى بىلەلمەي بىرھازا ئولتۇرۇپ كەتتىم. قاراڭغۇ چۈشكىلى خېلى بولدى. لېكىن ھېچ ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئانىدىن تۇغما ھالدا دېرىزە تۈۋىگە بېرىپ ئۇدۇلدىكى قىزلار بىناسىغا سەپ سالدىم. بىرنەچچە ياتاقنىڭ چىرىقى تېخى يېنىق بولۇپ،  مېنىڭ ئۇدۇلۇمدىكى ياتاقتىكى بىر قىز دېرىزىگە يۆلىنىپ سىرتقا قاراپ تۇراتتى. ئۇ بىچارىنىڭمۇ ئۇيقۇسى كەلمىگەندەك، ئىسسىققا چىدىمىغاندەك قىلاتتى. بىر چاغدا مەن تەرەپكە قاراپ  قولىنى پۇلاڭلاتقىلى تۇردى. لېكىن ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى كۆرمەسكە سېلىپ پەرۋاسىز تۇرۇۋەردىم. بىر چاغدا بىرنېمىلەرنى دەپ ۋارقىرىدى، لېكىن نېمە دەپ ۋارقىرىغانلىقىنى بىلەلمىدىم. بەلكىم ئۇ  ۋاي بىچارە سېنىڭمۇ ئۇيقۇڭ كەلمەيۋاتامدۇ، ئىسسىققا سەنمۇ چىدىمايدىكەنسەندە، دەپ ۋارقىرىغان بولسا كېرەك.

دېرىزە تۈۋىدە يەنە تۇرۇۋېرىشكە تاقىتىم قالماي كارىۋىتىمغا قايتىپ كەلدىم. ئەگەر يەنە تۇرۇۋەرسەم دېرىزىدىن پەسكە چۈشۈپ كېتىشىم، ياق ئۆزۈمنى تاشلىۋېلىشىم مۇمكىن ئىدى. ئانىدىن تۇغما ھالەتتە كارۋىتىمغا يانپاشلاپ تورۇسقا قارىدىم، ھاۋا خۇددى مەن بىلەن قېرىشقاندەك تېخىدىنمۇ ئىسسىشقا باشلىدى. خېلى بىر ھازا ياتقان بولساممۇ ھېچ ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك قىلمايتتى. ئەتە ئىشقا بارىمەن، بالدۇر ئۇخلىمىسام ئەتە سەھەر تۇرۇشۇم مۇمكىن ئەمەس ئىدى. لېكىن ئىسسىق دەستىدىن پۈتكۈل ئەزايىمدىن تەر قۇيۇلاتتى، ياتاقتا يېتىۋەرسەم ئۇخلىيالىشىم ھېچ مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى. سىرتقا چىقىپ ھاۋالىنىپ كىرمەكچى بولدۇم. كارۋىتىمدا تاشلىنىپ تۇرغان ئاسما مايكام بىلەن تىزىمغىچە كېلىدىغان كالتە ئىشتىنىمنى خۇشياقمىغان بىر ھالەتتە كىيىپ، ياتاقتىن چىقتىم. ئىشىكنىمۇ ياپماستىن قەدەملىرىمنى بىر خىل ئېلىپ سىرتقا ماڭدىم. باشقا ياتاقلارنىڭمۇ ئىشىكى ئوچۇق بولۇپ، ئىچىدە ئادەم كۆرۈنمەيتتى.  قىزىق نەگە كەتكەندۇ بۇلار، ئىسسىق بۇلارغىمۇ تەسىر قىلغانمۇ نېمە؟ تەسىر قىلىدۇ، ئۇلارمۇ ئادەم تۇرسا، ئۇلارنىڭمۇ سەزگۈسى تۇرسا تەسىر قىلماي قالاتتىمۇ. ياتاق بىناسىدىنمۇ چىقايلا دەپ قالدىم، ئەنە ئىشىك باقار قېرى ئايال دېرىزىسى كارىدورغا قارايدىغان ياتاقتىكى كارۋىتىدا يەمنى كۆپ يەپ سىڭدۇرالمايۋاتقان كالىدەك بىر خىل رىتىمدا خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتىدۇ. قانداق بەندىدۇ ئۇ ھە، مۇشۇنداق ئىسسىقتىمۇ بەخىرامان ئۇخلىيالايدىغان، يا ئىسسىققا كۆنۈپ كەتكەنمىدۇ؟ مەنمۇ ئاشۇنىڭدەك ئۇخلىيالىغان بولسام نەقەدەر ياخشى بولاتتى. خاتىرجەم ئۇخلاش نېمىدىگەن راھەت ھە، بۇ ئىسسىققا قاچانمۇ كۆنۈپ بولارمەن، يا كۆنەلمەي ھەمىشە مۇشۇنداق قىينىلىپ ئۆتەرمەنمۇ؟ تېگى يوق خىياللارنى سۈرگىنىمچە مەكتەپنىڭ چوڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ قاپتىمەن. يەنە ئازراقلا ماڭسام مەكتەپنىڭ سىرتىغا —  ئادەملەر شالاڭ بولغان ھاۋالىق چوڭ يولغا چىقىپ كېتىمەن، كېچىنىڭ ھاۋاسىدىن ھۇزۇرلىنىپ سەيلە قىلىمەن. لېكىن مەكتەپ دەرۋازىسىغا يېقىنلاشقانسېرى ھەيران قېلىۋاتاتتىم، سىرتقا قاراپ ماڭغانلار مەنلا ئەمەس ئىدىم، مەكتەپتىكى قايتمىغان بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سىرتقا قاراپ ماڭغاندەك تۇراتتى. ئۇلار بۇنچە كەچتە نەگە بارىدىغاندۇ؟ مەنغۇ ئىسسىقتىن قېچىپ سىرتتا ھاۋالىنىپ كىرەي، كېچىنىڭ سالقىن ھاۋاسىدىن، شاۋقۇنسىز – تېنچ ئازادىلىكىدىن ھۇزۇرلىناي دەپ ماڭدىم. ئۇلارچۇ؟ ئۇلار نەگە بارىدىغاندۇ؟ يا سىرتتا قىلىدىغان جىددىي ئىشى چىقىپ قالغانمىدۇ؟ ئىشى چىقىپ قالسىمۇ ھەممىسىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا— كەچ بولغاندا ئىشى چىقماس، چوقۇم بىر گەپ بار. ھەراست ئۇلارمۇ بەلكىم ئىسسىققا چىدىمىغاندۇ، ئۇلارمۇ ئىسسىقتا دىمى سىقىلىپ ئىچى پۇشقاندۇ، شۇڭا سىرتقا چىقىپ ھاۋالىنىپ كىرمەكچىدۇ. كەچنىڭ ھاۋاسىدىن كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ئېرىشمەكچىدۇ، بوپتىلا ئۇلارمۇ چىقسۇن، بۇ ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى، ھېچكىم ئۇلارنى سىرتقا چىقماڭلار دېيەلمەيدۇ، ئىسسىققا، نەپەس ئالالمىغۇدەك دىمىققا كىم چىدايدۇ؟ سىرتقا ئۇلارمۇ چىقىدۇ، مەنمۇ چىقىمەن. ئىسسققا چىدىمىغان يالغۇز مەن بىلەن ئۇلارلا ئەمەس، باشقىلارمۇ بار. مەن چىقسام ئۇلارمۇ ، باشقىلارمۇ ئىسسىقتىن قېچىپ سىرتقا چىقسا كوچا يەنە ئادەملەرگە لىق تولىدۇ، ئادەم لىق تولدى دېمەك كوچىلار كۈندۈزدىكىگە ئوخشاشلا ئاۋاتلىشىپ، ئادەملەر مىغىلدايدۇ. بۇنداق ئىسسىق يەنە قانچىلىك داۋام قىلار؟ سىرتقا تېزراق چىقىۋېلىش ئۈچۈن قەدىمىمنى تېزلەتتىم، بولمىسا دەرۋازىۋەن كەچ بولۇپ كەتتى دەپ ئىشىكنى تاقىۋېلىشى مۇمكىن ئىدى. تېزراق چىقىۋالاي، تېزراق ھاۋالىق كوچىغا چىقىۋالاي دېگىنىمچە يۈگۈرۈپ دېگۈدەك ماڭدىم… ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقىدىن تامىقىم قۇرۇپ ئۇسساپ كېتىۋاتاتتىم. ئۇسسىزلىقتىن پۈتۈن بەدىنىم ھالسىزلىنىپ، كۆزلىرىم تورلىشىپ كېتىۋاتاتتى. ھاۋا يەنىلا ئىسسىق ۋە دىمىق ئىدى..

2004- يىل ئاپرېل.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • بۇ ھېكايىنى كروران ژورنىلىدا ئوقۇپ ،ئۇسلۇپتىكى يېڭىلىققا ھەيران قالغان ئىدىم.يەنە بولسا كۆرۈپ تۇرايلى ھەزرىتىم…

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەر 10:23

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى