مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
گو گوچاڭ: شېئىرنىڭ قىممىتى
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/02/01 | كۆرۈلۈشى: 965 قېتىم

شېئىرنىڭ قىممىتى

ئاپتورى: گو گوچاڭ
تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرەتئەلى ئەخەت

5-نۆۋەتلىك «لۈشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى»[①]نىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشى بىلەن، شېئىر يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ قىزغىن مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى. كىشىلەر دائىم: «مىڭ كاللىدا مىڭ خىيال»، دېيىشىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، مەلۇم ئەسەرنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ياكى ئىنكار قىلىدىغان باھالارنىڭ ھەممىسى ئەدەبىي زوقلىنىش ۋە ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئىچكى قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇندۇر. ئەمما، نۆۋەتتىكى بىر قىسىم شېئىرلارغا بولغان بەس-مۇنازىرە قانداقتۇر نوقۇل ھالدىكى بىرەر ئەدەبىي ئەسەرنى باھالاش مەسىلىسى بولماستىن، جۇڭگو شېئىرىيىتىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە چېتىشلىق نازۇك مەسىلىدۇر.

يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو شېئىرىيىتى ئىجادىي قىزغىنلىق كەمچىل بولغان گادايلىققا يۈزلىنىپ، ئاددىيلىقنىڭ قوينىدىن ئۆزىنى تارتالمىدى. بىر چاغلاردا ئۆزىدىكى مىللىي خاسلىقنى ئىزدەش ۋە ئىنسانىيەتكە ئورتاق ھېس-تۇيغۇلارنى ئىپادىلەش روھى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چەككەن خاسلىققا ئىگە نادىر ئەسەرلەر كىشىلەردىن كۈنسېرى ياتلاشقاندەك، جۇڭگو شېئىرىيىتى بىچارە ھالدا نادىر بەدىئىي ئەسەرلەرگە زارىققان مۈشكۈل قىسمەتكە قالدى. جۇڭگو شېئىرىيىتىنىڭ كىشىگە تېتىماس بولۇپ قېلىشىدا بىر تالاي سەۋەبلەر بار، ئەمما ئەڭ ئاچقۇچلۇق سەۋەب يەنىلا يەر شارىلىشىش ۋە بازارغا يۈزلىنىش دولقۇنىنىڭ تۈرتكىسىدە، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەدەبىي ئىستېتىك ئېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئاجىزلىشىشى پەيدا قىلغان شېئىرىيەت تەنقىد ئۆلچىمىنىڭ يوقلىقىدۇر. شۇڭا، جۇڭگو شېئىرىيىتىنى مۈشكۈل قىسمەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، جۇڭگو شېئىرىيىتىنىڭ روھىي ئۇيۇشقاقلىقىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش تەدبىرىنىڭ بىرى شۇكى — جۇڭگو شېئىرىيىتىنىڭ تەنقىد ئۆلچىمىنى قايتىدىن تونۇشتۇر.

شېئىرىيەت كوچىسىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىۋاتقان شائىرلار ياكى شېئىرنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات نىشانى قىلغان تەنقىدچىلەر ۋەياكى شېئىرغا ئوتتەك كۆڭۈل بەرگەن ئوقۇرمەنلەر بولسۇن نۆۋەتتىكى شېئىرىي ئىجادىيەت مۇھىتىدىن رازى بولىدىغان بىرمۇ كىشى بولماسلىقى مۇمكىن. سىز ھازىرقى بىر تالاي شېئىرلارنى ئوقۇغان تەقدىردىمۇ قەلب تارىڭىزنى چېكىدىغان، سىزنى مەست قىلىدىغان شېئىرلار تولىمۇ ئاز. ئۇنداقتا، قانداق شېئىرلار نادىر شېئىر ھېسابلىنىدۇ؟

نادىر شېئىر شۇنداق شېئىركى — ئۇ بىر دەۋر رېئاللىقىنى ماھىيىتىدىن ئۆزىگە جەملىگەندۇر ھەم بىر مىللەتنىڭ ئىچكى قاتلىمىدىكى روھىي تەلپۈنۈشلىرىنى ئېستېتىك ئۆتكۈرلۈكتە دەللىگەندۇر ۋەھەم شائىر يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن ئېتىلىپ چىققان ھەقىقىي مۇھەببەتتۇر. شائىر رېئاللىقتا ياشايدۇ، شۇ سەۋەب، شېئىرمۇ مۇقەررەر ھالدا رېئال تۇرمۇشنى ئىپادىلەش ئوبيېكتى قىلىدۇ. ئەمما، شائىرنىڭ رېئال تۇرمۇشنى تۇتقا قىلىشى قانداقتۇر رېئال تۇرمۇشنىڭ يالتىراق كۆرۈنۈشلىرىگە بولغان ساددا ئىشتىياق ياكى رېئال تۇرمۇشنىڭ ئۆتكۈنچى سادالىرىنى دوراپ ئوينىماق ئەمەس، بەلكى، ئاۋامنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كۈندىلىك تۇرمۇش قىياپەتلىرىگە يوشۇرۇنۇپ تۇرغان روھىي سادالىرىنى رايىشلىق بىلەن تىڭشىماقتۇر. رېئال تۇرمۇش ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ مەنبەسى، شائىر ھەرگىزمۇ ئىجادىيەت ئۈچۈنلا ئاۋام تۇرمۇشىغا چۆكمەيدۇ، بەلكى، ئاۋام تۇرمۇشىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئاۋام تۇرمۇشىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا چۆكىدۇ. پېرولۇق يازغۇچى مارىئو ۋارگاس لوسانىڭ ئېيتقىنىدەك، يازغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى «تەسەۋۋۇر ئارقىلىق تۇرمۇشتىن ھالقىش»، ئۆزىنىڭ بەدىئىي دىتى ئارقىلىق «قورۇلما تۇرمۇش رېئاللىقى»نى يارىتىشتۇر. بىر دەۋرنىڭ رېئال تۇرمۇش قىياپىتى مۇرەككەپ، خىلمۇ-خىل ھەم پەرقلىق بولىدۇ. شائىرنىڭ رېئال تۇرمۇشنىڭ رەڭدار قىياپەتلىرىنى تۇتقا قىلىشى ھەرگىزمۇ تۇرمۇشتىكى ئەرزىمەس تەپسىلاتلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى، شىددەتلىك تۇرمۇش ئېقىنلىرىدىن بىر مىللەتنىڭ روھىي تەلپۈنۈشلىرىنى ئىزدەش، ئاۋامنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا زاھىر بولغان ھېس-تۇيغۇلىرىنى قېزىشتۇر. شۇڭا بىز دائىم شائىر جېڭ مىن[②]نىڭ «ئالتۇن شاللار» ناملىق:

 

تىك تۇرار ئالتۇن شاللار باغلام-باغلام،

پەسلى كۈز— ئورما ۋاقتى ئېتىزلاردا.

گۇگۇمدا كۆردۈم قورۇق تارام-تارام،

ئەس-يادىم چارچىغان شۇ ئانىلاردا.

 

بەھەيۋەت دەرەخ شېخى قىلسا ئايان،

ھوسۇللۇق كۈنلەردىكى تولۇن ئاينى.

گۇگۇمدا قەلبىمىزگە تاغلار قالغان،

بىلمىدىم بۇ سۈكۈتكە تەڭداش جاينى.

 

… …. …

يۇقىرىقى شېئىرىنى ئوقۇغاندا، بۇنى بىر پارچە نادىر شېئىر دېمەي تۇرالمايمىز. چۈنكى شائىر بىر مىللەتنىڭ ئۇرۇش يىللىرىدا نامايان قىلغان «ئىگىلمەس» ۋە «سۈكۈت»لۈك روھىنىڭ ماھىيىتىنى بايقىغان.

نادىر شېئىر شۇنداق شېئىركى — دۆلەت ھالقىغان ئىنسانىيەت روھى ئۈچۈن مەردانە جار سالغان ھەم زاماندىن ھالقىغان ئىنسانىيەتنىڭ ئەبەدىيلىك قەدىر-قىممىتى ئۈچۈن شېئىرىي تۈستە ئىز باسقان ۋەھەم شائىرنىڭ روھىي ئالىمىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئىنسانىي ئىزتىراپلىرى پارلىغان شېئىردۇر. ئەدەبىيات بىر مىللەتنىڭ مۇئەييەن دەۋردىكى مەنىۋى مەھسۇلاتىدۇر، شۇڭا ئۇنىڭ روشەن دەۋرىيلىككە ۋە ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولۇشى مۇقەررەردۇر، شۇ سەۋەب ئۇنىڭغا مەلۇم بىر مىللەتنىڭ خاس تامغىسى بېسىلغان. ئەمما، ماكان ۋە زاماندىن ھالقىغان بارلىق نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ سېھرىي كۈچى دەل ئۇنىڭدا ئىنسانىيەت ئورتاق ئىنتىلگەن روھىيەت مەنزىلىنىڭ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىدۇر. شۇ سەۋەب، نادىر شېئىر ئۆز تەلپۈنۈشىنى ھەرگىزمۇ بىر مىللەتنىڭ بىر دەۋردىكى رېئال تۇرمۇشىغا قاراتماستىن، بەلكى شۇنى ئاسان قىلغان ھالدا، ئۆز مىللىتىنىڭ روھى قاتلىمىدىكى ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىش، مېھىر-مۇھەببەتنى ئۇلۇغلاش، گۈزەللىككە تەلپۈنۈش، غايىگە ئىنتىلىش، ئۆزىدىن ھالقىش، كىشىلىك ئەركىنلىكنى ئېتىراپ قىلىش، ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنى ھۆرمەتلەش قاتارلىق ئورتاق قەدىر ھەم قىممەتلەرنى بايقاشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. ئەمما، نادىر شېئىر ھەرگىزمۇ بىر مىللەتنىڭ رېئال تۇرمۇش ھالەتلىرىدىن ئايرىلىپ، نۇقۇل ھالدا ئىنسانىيەتكە ئورتاق قەدىر ھەم قىممەتلەرنى مەۋھۇم تۈستە يىغىنچاقلاش ئەمەس. ئەكسىچە، بارلىق ھالقىش خاراكتىرلىك ئىنسانىي قىممەتلەر دائىم ھەرقايسى مىللەتنىڭ رېئال تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، خەلقنىڭ رېئال تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن، بىر مىللەتنىڭ تارىخىي ئەستىلىكلىرى جۇغلانغان كۈندىلىك تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئاداققىي قىممىتىنى ئىزدەش دەل شائىرنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. شۇڭا بىز دائىم شائىر چېن زىئاڭ[③]نىڭ «ئاقىللار راۋىقى نەزمىسى» ناملىق:

 

بولمىغان ئۆتمۈشتىمۇ دانا، زىرەك،

بولمىغاي كەلگۈسىمۇ ئاقىل، پىرىم.

بىپايان ئالەم ئەزەل، يوق قىلچە شەك،

ھەسرىتىم يوق، شۇندىمۇ ئاققاي يېشىم.

 

يۇقىرىقى شېئىرىنى ئوقۇغىنىمىزدا شائىرنىڭ ئالەمنىڭ چەكسىزلىكى ۋە كىشىلىك ھاياتنىڭ چەكلىكلىگى ئوتتۇرىسىدىكى ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ئازاب تۇيغۇسىنى ھېس قىلالايمىز.

بۇ شېئىرلار دەل ھەر قايسى دەرۋدىكى مىللەتنىڭ تۇرمۇشىدىن ئىنسانىيەت تىنماي بىلىشكە ئۇرىنىۋاتقان قىممەتنى دېرەكلىگەنلىكى سەۋەبلىك ماكان ۋە زاماندىن ھالقىغان مەڭگۈلۈك مەناغا تويۇنغان.

نادىر شېئىر شۇنداق شېئىركى—كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئاددىي تىلدىن ئېستېتىك يۈزلىنىش ھەم ئەسلىدىكى شېئىرىي سەنئەتلىك شەكىلدىن يۈكسىلىش ۋەھەم خاس ھەم يىگانە بەدىئىي شەكىل ئارقىلىق ئىجاد قىلىنغان يۈكسەك ئىنتىلىشتۇر. قەدىمكىلەر: «دىلىڭدا بىر نىيەت بولسا، بۇ تىلىڭدا سۆزگە ئايلىنىدۇ، سۆزنىڭ شېرىنى پۈتۈكتۇر، پۈتۈكنىڭ شېرىنى شېئىردۇر.» دېگەن. دېمەكچى شېئىر ئىجادىيىتىدە تىلنىڭ رولىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن. 4-ماي ھەرىكىتىدىن كېيىن، يېڭى ئەدەبىي تىل ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ مۇھىم قورالى بولدى. شېئىرنى جانلىق تىلغا يېقىنلاشتۇرۇش مۇھىم بىر يۈزلىنىش بولدى. ئەمما، شېئىرىي ئىجادىيەتنىڭ جانلىق تىلغا يېقىنلىشىشى ھەرگىزمۇ ئاددىيلاشتۇرۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. جانلىق تىل شېئىرىي ئىجادىيەتنىڭ قورالى بولسا بولىدۇ، ئەمما ئۇ شائىرنىڭ ئېستېتىك پىششىقلىشىدىن ئۆتۈشى كېرەك. شۇڭا بىز شائىر بيەن جىلىن[④]نىڭ:

 

سەن تۇرۇپ كۆۋرۈكتە كۆرسەڭ مەنزىرە،

ئۇ راۋاقتىن سېنى كۆرمەكتە ئەنە.

 

…  …

 

دېرىزەڭگە زەپ ياراشتى كۆكتىكى ئاي،

ياراشتىڭ ھەم سەنمۇ خەقنىڭ چۈشىگە ۋاي.

 

دىگەن مىسرالىرىنى ئوقۇغىنىمىزدا، شائىرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئاددىي تىل ۋە ئىماگلارنى بىرلەشتۈرۈپ، كىشىلەر كۆرۈپ ئادەتلىنىپ كەتكەن ئەمما ئېيتىپ باقمىغان كىشىلىك قىسمەتنى ھەم كەيپىياتنى ئىپادىلىگەن. نادىر شېئىرلار كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئاددىي تىلنىڭ گۈزەللىكىنى ئىزدەش ئاساسىدا، ئۆزىگە خاس بەدىئىي شەكىل ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ، بۇمۇ دەل شېئىرنىڭ ئىنساننىڭ مەنىۋىي ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ مەھسۇلى بولغانلىقىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى.

قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان خىلمۇ خىل ئەدەبىي ژانىرلاردىن شۇنى بىلىمىزكى، ئوخشىمىغان دەۋردىدىكى ئەدىبلەر ئەدەبىي ژانىر جەھەتتە ئۆزلۈكسىز يېڭىلاش ۋە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان. جۇڭگو ئەدەبىياتىنى زامانىۋىلىققا يۈزلەندۈرۈشنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى بولغان ئەركىن شېئىرلارنىڭ پەيدا بولۇشى شائىرلارنىڭ شەكىل جەھەتتىن يېڭىلىق يارىتىشىغا چەكسىز ئىمكان ئاتا قىلدى، شۇنداقلا يېڭىدىن يېڭى قىيىنچىلىقلارغىمۇ دۇچار قىلدى. شائىر پەقەت شەكىل جەھەتتىن باشقىلارنى دورىمىغاندىلا بەدىئىي جەھەتتىكى ئىجادىيلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، ھەم مۇشۇنداق شېئىرلار ھەقىقىي نادىر شېئىر بولالايدۇ.

 

«خەلق گېزىتى»دىن تەرجىمە قىلىندى.

 


[①] تەرجىماندىن: 5-نۆۋەتلىك «لۈشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئەسەر تاللاش خىزمىتى 2010-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى باشلىنىپ،4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاياغلاشقان. باھالاش نەتىجىسى 2010-يىل 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ. بۇ قېتىمقى باھالاشتا «پۇچۇلاش»، «مۇھەببەتكە ئىنتىلىش»، «لى چى شېئىرلىرىدىن تاللانما»، «لىمون ياپرىقى»، «يۈننەن خاتىرىسى» قاتارلىق 5 پارچە شېئىر توپلىمى شېئىرىيەت تۈرى بويىچە مۇكاپاتلانغان.

[②] تەرجىماندىن: جېڭ مىن، ئايال، 1920-يىلى تۇغۇلغان. 1942-يىلدىن باشلاپ شېئىر ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن.

[③] تەرجىماندىن: چېن زىئاڭ، تاڭ دەۋرىدىكى ۋەكىللىك شائىر. بۇ شېئىرنىڭ ماۋزۇسىدىكى 幽州台ئەينى چاغدىكى خانلىقنىڭ ئاقىللارنى تاللاش ئورنى بولۇپ، يەنە 黄金台دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شۇڭا شېئىر ماۋزۇسى ئاقىللار راۋىقى نەزمىسى دەپ ئېلىندى.

[④] تەرجىماندىن: بيەن جىلىن(1910-2000)، شائىر، ئەدەبىي تەنقىدچى، تەرجىمان.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • بۇ كىشىنىڭ مۇشۇ خىل شېئىرىيەتكە ئائىت ماقاللىرىنى كۆپرەك ئانا تىلىمىزغا ئاغدۇرۇپ شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ تۇرسىڭىز! كۆپ مەنپەئەت ئالغان بولاتتۇق!
      سالامەت بولۇڭ!

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەر 09:59
    • ئالدىرىماي ئوقۇي…..رەھمەتجۇمۇسىزگە….

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ 14:59

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى