مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
پابلو نېرۇدا شېئىرلىرىدىن
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2013/05/24 | كۆرۈلۈشى: 158 قېتىم

ھەزرەتئەلى ئەخەت تەرجىمىسى

نەم شامال

 

ئۆتەڭدىكى يېشىل شامال

يوقلۇق ۋە سۇنى يۈكلەپ،

ئاپەتلەرگە يۈزلىنىدۇ.

قۇتقۇزۇش پۇلىدەك نېپىز

خۇرۇم ئەلەملىرىنى لەپىلدىتىدۇ.

بۇ يەردە ئىزى بار كۆمۈشرەڭ، سوغۇق،

پەھلىۋان قولىدىكى شۇ ئەينەك خەنجەر؛

بۇ يەردە ئۇنىڭ تەشۋىشلىك تىنىقلىرىنى

پەپىلىگەن تالايلىغان مېھرىبان كۈچلەر ،

ھۇۋلىغان زەربىلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدە

ئۇ تۆككەن ياش، ئۇ كەچكەن قۇملار،

قۇرۇق قول جەڭگە چىققان ئادەمدەك

ھالسىز تەنلەر ، گۇماندا ئويلار،

ئىشغال قىلىنغان بىر چىمدىم تۇزدەك.

بۇ قەدەر خىرە نۇر ھەم ئاجىز ئۇچقۇن

بىچارە ئۈمىدكە بەرگەيمۇ دېرەك؟

ئاچلىققا جەڭ ئاچسا بولغايمۇ دەستەك؟

مەئىشەت بىھاجەت، نۇر-جۇلا چۈشتەك؟

يىراققا سوزۇلغان، تىترىگەن نۇرلار

شۇقەدەر خارامۇش، ئەپتى قىڭغىردۇر،

ھەسرەتلىك، شۇقەدەر ھالسىز كېلىنچەك

كىيگەن شۇ ئۇزۇن بىر كۆينەك ئەسلىدۇر.

زۇلمەت ھەم ئەنسىزلىك يولۇققان يەرلەر

ھاڭلارغا يول ئالار ، يوقتۇر تېنچلىق،

شۇ ھاڭلار قوينىدا بارچە ھەم لەيلەر،

ئۆلۈمگە ئەل بولار، شۇقەدەر سىرلىق.

ھەي! كۈتكەن كۈنلەرنىڭ قارارى بەلكىم-

يۈزلىنىش مەخپىي خەت، كېمە، سودىلار؛

ئۆلۈم ھەم ئاسايىش. يوق خاس كۈنلىرىم-

شۇ تونۇش چىدىرلار، باراخسان شاخلار،

نەدىكىن شەپەق ھەم ئەركىن تىنىقىم؟

ھەممە ياق بىزۇۋان، سۈكۈتلەر ئاشار؛

ئۆلۈمگە يۈز تۇتقان ئاشۇ كۈنلىرىم

يامغۇردىكى ھالاكىتىگە شاھىد بولىدۇ،

نەم شامالنىڭ قەستىگە شاھىد بولىدۇ.

قىشتىكى چوپان ناخشىسى

دېڭىزنىڭ شۇقەدەر چوڭقۇر ئاستىدا،

كېچىنىڭ شۇ قەدەر ئۇزۇن قوينىدا،

سېنىڭ شۇقەدەر جىمجىت ئىسمىڭ

ئاتتەك چېپىپ ئۆتتى تۇيغۇمدا.

مەن مىندىم ئۈستۈڭگە، پاناھىمسەن،

سىنچىلاپ قارىسام، زەپ ئايانىمسەن،

تۇيۇقسىز دۈمبەڭدە ئۆسۈپ چىققان

كېچىنىڭ شۇ قەدەر تەنھا ياپراقىمەن.

تىللىرى شېرىن-شېكەر نۇر جۇلالار

سېنىڭ لىۋىڭ بىلەن مېنى چىللار،

يۇمران، لەزىز يەكتا شۇ لەۋلەر

ھىجران تۈپەيلى ھايادىن تاشار.

ھالا بۈگۈن، مەن شۇقەدەر يىراقتا،

ئۇنتۇش ئۈچۈن جان شۇقەدەر پىراقتا،

يامغۇرنىڭ ھەم شۇ قەدەر چىللاشلىرى

كېچىگە كۆرۈنەر تېپىلغۇسىز بىر سىياقتا.

بولسا ئىمكان كەچلىرى مەن نۇر بولاي،

گۇگۇم پەيتى بىر چىرايلىق يېنىپ تۇراي.

شۇ چاغدا ئاسماندىكى بىر تال يۇلتۇز

مەيىن ھاياجاندا شوخ ياندى بولغاي.

كۆز يىراقى-پىراقىڭدا ماڭا يەتگىن،

يۈزۈمنى ھەم قىلىقىڭدا سىيپاپ كەتكىن،

ئۆز مەۋجۇدلۇقۇڭدا ۋۇجۇدۇمغا سىڭىپ،

پارا-پارە يۈرىكىمنى خىيال ئەتكىن.

يامغۇردىكى چەۋەنداز

 

سۇنىڭ يىلتىزى، سۇنىڭ تاملىرى، تىركىشىۋاتقان

بېدە ۋە بۇغدايدا،

ئىنچىكە ئارقاندا ئاز-ئازدىن توقۇلغان ياۋايىلىقنىڭ

نەمخۇش كېچە قوينىدا،

قايغۇرغان سۇ تامچىلىرىنىڭ ئەلەم ناخشىسى ئۈزۈلمەس،

غەزەب-نەپرىتى بوشلۇقلاردىن ھېيىقماس.

ئات خۇشھىد تارىتىپ چېپىپ يۈرىدۇ،

سۇنىڭ زەربىلىرىدە چىلان رەڭ تېنى

قىيا تاش ۋە سۇلارنى يېرىپ ئۆتىدۇ:

تېنىدىن ئۆرلىگەن ھورلار قۇترىغان سۈتتۇر،

كۈچلۈك سۇ ۋە پەرۋازدىكى كەپتەر.

ھەربىر كۈن بوران-چاپقۇنلۇق

ۋە ئەنسىز يېشىل سۇ كۆلچىكى،

لېكىن، ئات تۇياقلىرى تەخىرسىز ماكان ۋە ۋاقىتنى

ئاتنىڭ خۇش ھىدىغا ۋە يامغۇرغا سىڭدۈرىدۇ؛

ئانار كۆچىتىنىڭ سايىسىدا

ئاتنىڭ تۈرلۈك جابدۇقلىرى

گۈڭگۈرتتەك كۆيىۋاتقان ئاتنىڭ ئۈستىگە سىغدىلىپ

چوڭقۇر خىياللار ئورمىنىغا چاپىدۇ.

يىراقتۇر، كۆپ يىراق، تېخى كۆپ يىراق،

يىراقتۇر، يىراقتۇر، پايان كۆپ يىراق؛

چەۋەنداز يامغۇر تاملارنى ئۆرىدى،

ياۋا ياڭاقلىقنى كېسىپ ئۆتتى، يامغۇر

تىترىگەن نۇر قوينىدا ئەبەدلىك بۇغدايلارنى تەۋرەتتى.

سۇنىڭ شولىسى، چىراق نۇرلىرى

ياپراقلاردا يورۇپ ئۆتتى، ئەنسىز تۇياق ئاۋازىدا

سۇ تەمكىن ئېقىپ، لاتقىلاردا يارىلاندى.

نەم چۇلۋۇر، شاختا توقۇلغان ئەگمە ئىشىك،

تۇياق ئاۋازىدىكى تۇياق ئاۋازى، ئۆسۈملۈك كېچىسىدىكى

يۇلتۇزلار مۇزغا، ئايغا ئوخشايدۇ، ئاتنىڭ چېپىشىدا

ئوقيا جاراھىتى بار، مۇزدەك رۇھقا ئوخشايدۇ،

غەزەب ئىلكىدە كۆكلىگەن قول

قورقۇش ئىسكەنجىسىدىكى ئالما ۋە ئۇ كۆتۈرىۋالغان

قورقۇنۇچلۇق بايراقنىڭ ئىمپىرىيەسىگە ھۇجۇم قىلىدۇ.

تېنچلىنايلى

 

بىردىن ئون ئىككىگىچە سانايلى،

ئاندىن ھەممىمىز تېنچلىنايلى.

بىز بىرلىكتە سىناپ باقايلى،

ھەرقانداق تىلدا سۆزلىمەسلىكنى،

بىر سېكونت تېنچلىنايلى،

جىم تۇتايلى قوللىرىمىزنى.

ئېھتىمال بۇ بەلكىم سىرلىق دەقىقە،

ئالدىراش يوق، ئېسەنكىرەش ھەم،

بىردەملىك شۇ ئەنسىزلىك ئىچرە،

يېقىن تۇرساق شۇ كۇپايە ھەم.

مۇزدەك چەكسىز دېڭىز ئۈستىدە،

بېلىقچىلار كىت ئۆلتۈرمىسۇن.

تۇز يىغقۇچى ئاشۇ ئادەملەر

يېرىلغان قولىغا بىر قارىسۇن.

يېشىل جەڭگاھ ياسايدىغانلار،

گاز بومبىسى ياسايدىغانلار،

جانغا تويماس قانخور غالىبلار،

پاكىز كىيىملەرگە ئورالسۇن؛

ھېچ ئىش قىلماي، بىزگە ئەگىشىپ،

خىيابان يوللاردا سەيلە قىلسۇن.

گۇمان قىلما، مەن ئەمەس ئەسلا

ئىستەپ يۈرگەن ئورۇنسىز ئىشنى:

ماڭا كېرەك تۇرمۇش پەقەتلا،

خالىمايمەن ئۆلۈم چۈشىنى.

قوشۇلۇشقا يوق بەلكىم ئىمكان،

ئۆزگەرتىشكە تۇرمۇشىمىزنى،

بەلكىم مۇشۇ سۈكۈتلۈك دەملەر

خالاس قىلار ھەسرەتتىن بىزنى.

بۇ ۋاقىتسىز توسۇق-پەردىلەر

ھەم جان ئالار تونۇش ۋەھىمە،

بەلكىم زېمىن بىزگە بىلدۈرەر

ھەممە تامام كەتكەندەك ئۆلۈپ،

ياشاپ يۈرەر ھەممىگە كۆنۈپ.

ھازىر بىردىن ئون ئىككىگىچە ساناي،

سىلەر تېنچلانغاندا، مەن يولۇمغا ماڭاي.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • رەھمەت ئاكا، «يىگىرمە پارچە مۇھەببەت لېرىكىسى ۋە بىر ئۈمىدسىز ناخشا»، «مۇھەببەت سونىتلىرىدىن يۈز پارچە» قاتارلىق ئەسەرلىرى تولۇق ئىشلىنىپ بولدى. نېرۇدانىڭ ئىجادىيەت ھاياتى تولىمۇ مۇرەككەپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ يۇقىرىدىكى ئىككى توپلامدىن باشقا موھىم ئەسەرلىرى پەقەت «ئىسپانىيە قەلبىمدە» ۋە «چېلىنىڭ تاشلىرى» «تولۇق ناخشىلار »توپلىمىدا لېرىك شېئىردىن سىياسى لېرىكىلىرى كۆپرەك. سىتالىننى ماختاپ يازغان، ئامېرىكا نېفىت شىركىتىنى تىللاپ يازغان شېئىرلىرىمۇ كۆپ سالماقنى ئېگەللەيدۇ. لېكىن شائىرنىڭ ھەر بىر شېئىرىدا بىر يېڭى سۆز بار. نېرۇدا شېئىرلىرى ئوتتەك ئېلھام بىلەن يېزىلغان بولغاچقا تەرجىمىدە ناھايتى كۆپ كۈچەشكە توغرا كەلدى. ئاللاھ خالىسا يىل ئاخىرىدا 500 بەتلىك نېرۇدا ئەسەرلىرىنى نەشىرياتقا تاپشۇرىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەر 08:26

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى