مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
ھەسرەتكە ھەركىم ئەمەستۇر خۇشتار
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2012/06/05 | كۆرۈلۈشى: 643 قېتىم

ئاپتورى: جاڭ ۋېيفېڭ

چۈشتاق تەرجىمىسى

باھار كۈتۈش

ھاڭغىرقاي ئىشىكنى ياپتىم، كۆزنەكنىمۇ،

تاغدا ياپراق سۆزى يەنە قۇلاقتا.

دولقۇننىڭ ھەيۋەت، ياڭراق ساداسىمۇ

تەندىن جۇدا قولغا ئوخشار سىياقتا.

مۇڭ نىدالار كەلگىنىچە توساتتىن،

يەرگە چۈشتى، توختىدى-ھە، چىرىدى.

ئويغىنىپ كۆردۈم يېڭى ھال ئەتراپتىن

بۇ ئېنىقكى ناتونۇش قىسمەت ئىدى.

ئۆيگە تولغان قىشقا خاس ئىللىق-لاۋا،

كۆر پاخالنىڭ ئەپتىگە نە ھالكى جەم.

دەل-دەرەخلەر كىيىمدىن بولۇپ ئادا،

باشلىدى شۇ تۇرقىدا يۈگرەشنى ھەم.

مەندە يوق ئەسقانقىنى جاندىن بۆلەك،

قىش كېلەر يىلان كەبىي قاپساپ مېنى.

مەن بىچارە تۇرىمەن نەدۇر يۆلەك،

تىللىغانچە كېچە-كۈندۈز پەرقىنى.

كېمىنى يولغا سېلىپ شۇ كۆل سۈيى،

ئاقىۋەت قارشى ئالار جىمجىتقىنە.

كۈتكىنىم بىر كۈن كېلەر كۆزلەپ مېنى،

مەن خۇشال، قەلبىممۇ لال ئىللىققىنە.

يورۇقلۇق

كۆككە باقتىم، باشىم سالدىم، كەتتىم يۈرۈپ،

شۇ چاغ تۇرمۇش بۆسۈپ كىردى،

گاھى ئوقتەك، گاھى يوقتەك سۈرۈلۈپ؛

كۈنلەر ئېقىن سۇدۇر ئۆزى،

ئىنتىلىدۇ يىراققا كۆزى.

مەن چۈشەندىم،

ئازادىلىككە ئېرىشىش شۇ قەدەر غەنىمەت،

ھاياتتا بۇنچە كۆپ زىغىرلاش نە ھاجەت؛

بىر نەچچە ئەگرى يولنى بېسىپ ئۆتىمىز،

تېخىمۇ يىراقتا كۆرۈنەر بىزگە پايانىمىز.

يۈننەن لىنساڭدا،

ياكى يوڭدې ناھىيەسىنىڭ مېڭجى كەنتىدە،

بۇ ئالىقانچىلىك يەردە،

كەينىمگە ئۆرۈلسەملا كەچمىشلەر چاقنار،

تالاي ئىشلار كۆزۈمگە باقار

ھەسرەتكە ھەركىم ئەمەستۇر خۇشتار.

كۆپلەرگە ناتونۇش ئاشۇ مېڭجى كەنتىدە،

مەن مېڭىۋاتىمەن، ئېقىۋاتىمەن…

قۇياش بارچىغا نۇر بەرگەننى كۆرىۋاتىمەن،

بۇ ھاياتنىڭ قېچىپ بولماس يولىنى

سېزىۋاتىمەن…

جىمجىت ھالدا سۇ توشۇپ،

ئوتۇن يېرىپ، يەر سۈپۈرۈپ،

ھاياتنىڭ كەچمىشلىرىنى قاتلاۋاتىمەن.

مېڭجى كەنتىدىكى 121-گۇگۇم

ئۇپۇقنىڭ قوينىغا سىڭدى قۇياشنىڭ نۇرلىرى بۇدەم،

لاۋادەك مېڭجى يول ئالدى يەنە ئەسلىگە ئاشۇ دەم،

كوچا-كويدا قالار ئۇچراپ ناگاندا ئىككى-ئۈچ ئادەم.

سەبىيلەر توپلىشىپ ئوينار، قىلار شوخلۇق، ئېزىقمايدۇ،

كېلەر ئالدىمدا ئويناقشىپ، مېنى كۆرسە ھېيىقمايدۇ،

ئۇلار كۈلگەي بىغەم ھالدا، گويا بولغان كەبىي ئايەم.

مېڭىپ ئاستا، يېرىپ توپنى ئاراسىدىن كۈلۈپ ئۆتتۈم،

قولۇمدا بىر سەبىينىڭ ھەم بېشىن سىلاپ سۆيۈپ ئۆتتۈم،

ھەۋەس ئىلكىدە كۆز تىكتى ماڭا، تار كەلدى بۇ ئالەم.

ئۇزاپ كەتتى يېنىمدىن، بولدى بىرئازدا يەنە غايىب،

ھايات بەرگەن بۇ پۇرسەتتە، ئەقىل ئىلكىگە مەن ساھىب،

ئۇلارچۈن بەلكى ئالۋۇنمەن، تۇتۇق بەرمەيدۇ ھەم سايەم.

ئانام

شامالدا قېرىدى كۆپلەر، ئۆمۈر ياشتىن تانالمايدۇ،

بېلى مۈكچەيدى يامغۇردا، كېرىپ قەددىن ماڭالمايدۇ،

ئاشۇ كۆپلەر ئاراسىدا ئانام ھەم بار، قاچالمايدۇ.

ئانام كەمسۆز، ياشار تەمكىن، ئېغىر كۈنلەرگە ئەگمەي باش،

ئانام ئاجىز، ئورۇق، ئاۋاق، لېكىن غەمدە تۆكۈلمەس ياش،

ئۆمۈر ئۆتتى ئېتىز-قىردا، تۆكۈپ قان-تەر، جاپا يولداش.

يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچتىم، كۈلۈپ بەختىم، توشۇپ سائەت،

كۆزى ئۆپكەچ ئەقىل تاپتىم، ئانام كۆرسەتتى كۆپ ئامەت،

ئانام تۇپراق سىياقىغا بارار ئوخشاپ، پۈكۈپ قامەت.

بىلەتتىم مەن بۇ ھېكمەتنى، ئېقىن پەسكە ئاقار ھەردەم،

يېزام خەلقى قاراچۈشتەك قاچار يۇرتتىن، نىشان بەردەم،

ئانام مەنچۈن جاپا چەكتى، ئەجەب قاينايدۇ بۇ زەردەم.

ئانام كەچتە بېقىپ كۆككە، چېكىپ ھەسرەت تۇرار نىمجان،

چۈشىدىن ئويغىنار چۆچۈپ، ئارامغا بولمىغاي ئىمكان،

ئانام قەددىدە تاغلارمۇ كۆرۈنمەس، ئۇ بۈيۈك بىر جان.

پايانسىز تاغقا كۆز تىكتىم، خىيالىم ئۇچتى تاغلارغا:

ئۇلارنىڭ مەنزىلى باردۇر، چىگىلگەن رىشتى باغلارغا،

ئۆزىمۇ يوق، سۆزىمۇ يوق، يانالماس ئەسكى چاغلارغا.

————————–

«مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 2-سانىدىن.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • ئاپتورىغا قارىماي ئوقۇۋىتىپتىمەن-دە،ئىنكاس يېزىپتىمەن.مېنىڭ نادانلىقىمنى كۆرمەمدىغان(يىغلىغان ئىپادە).

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر 05:15
    • بۇ شېئىرلارنى قايتا ئوقۇش نىسىپ بولغىنىدىن سۆيۈندۈم.مۇشۇنداق ئېسىل شېئىرلار ئۈزۈلمىگەي ئىلھاملىرىدىن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچ 15:38
    • تولىمۇ ياخشى چىقىپتۇ بۇ شئىر! قەلەم تۇلپارىڭىز مەڭگۈ ھارمىغاي!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچ 12:52
    • تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر ،

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچ 12:42

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى