مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
تەنھالىق چېكى
تەۋە تۈر: شېئىرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2012/06/17 | كۆرۈلۈشى: 1,395 قېتىم

 

 

تەنھالىق چېكى

 

دېرىزەم سىرتىدا ھايات بىپەرۋا،

تېنىمدىن چىپىلداپ سوغۇق تەر ئاقتى.

تامدىكى كالىندار بۈگۈنمۇ مانا

مەسخىرە ئىلكىدە كۆزۈمگە باقتى.

 

ياشىدىم بەك ئۇزاق ئۆزۈمنى چاناپ،

يېشىمنى كۆكلەتتى يىللارنىڭ يېشى.

كۈلمىدى قىزىل گۈل قېتىدىن قاناپ،

مۇھەببەت ئىستەيدۇ سالغامنىڭ تېشى.

 

قاقاھلاپ كۈلمىدىم تېخى بىر قېتىم،

قەدەھتە چايقىلار ئاينىڭ شولىسى.

چاپىدۇ نىشانسىز چۆللەردە ئېتىم،

بىلمىدىم قايدىكىن كۆڭلۈم ئوغرىسى.

 

بارمىقىم قانىدى تەمبۇرنى چالسام،

دەردىمگە چىدىماي ئۈزۈلدى تارى.

تەسەللىي بەرمەڭلار يىگانە قالسام،

مەن ئۈچۈن پۇراقسىز گۈللەرنىڭ بارى.

 

كېچىدە ئويغانسام قوينۇمدا سايەم،

تەنھالىق ئاشۇ چاغ چېكىگە يەتتى.

چېچىلسا تاملارغا ئوت بولۇپ نالەم،

پەش قېقىپ چۈشلىرىم يىراققا كەتتى.

 

تاماكام چوغىدا كۆيمەكتە بۇ جان،

چىدايمەن ھەممىگە سايدىكى تاشتەك.

سەبرىمنى سىنايدۇ مەندىكى ئىمكان،

ئالۋۇنلار جىلمىيار نېرىقى قاشتەك.

———————- 

 

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى