مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
كۆكۈچ تۇيغۇلار
تەۋە تۈر: شېئىرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2012/03/20 | كۆرۈلۈشى: 1,225 قېتىم

 

 

 

لەۋلىرىمگە چاپلىۋېلىپ چوغ،

ئاچچىق يۈتۈپ ئەلەم پۈۋلەيمەن.

مۇزلاتقاچقا نەشتەر كەبى سوغ،

خىلۋەتلەردە راسا ھۇۋلايمەن

 

دۇنيا نېمە؟… ئويلىغۇممۇ يوق،

مۈكىۋالدىم كۈكۈچ پەردىگە.

ئۇ قاغايدۇ مېنى، مەن ئۇنى

كىم بوغۇلدى سۆيگۈ قەرزىگە.

 

ئەتراپىمدا مەۋجۇت بىر دۇنيا،

كۆكۈچلۈكتىن تاپىدۇ ئارام.

سابا كېلىپ مەڭزىنى ياقسا،

ساقىيامدۇ مېنىڭ دىل يارام.

 

تۈگەپ قالدى موخۇركام ئاباي،

سېتىقچى قىز بەرگىن بىر ئورام.

يەنە بىر پەس تۇراي قوينىدا،

كۈلەلەمتىم سۇنسا دىل كوزام.

 

كۆكلۈك ئىچرە ئۆتىدۇ شۇنداق،

ۋىجىك تېنىم ئەلەمگە پايخان.

قۇربىم يەتسە مۇمكىنلىك ئىچرە،

ياراتقۇم بار ۋىساللىق ئىمكان.

 

قاقاھلايسەن كۆزۈڭنى قىسىپ،

ئېسەدەيمەن غۇۋالىق ئارا.

مۇھەببەتنى يۈرسەممەن يۈدۈپ،

چىمەنلىكتە قىلدىممۇ قازا.

 

تېگىپ ئۆتسە ۋىسال نەشتىرى،

چىقىرامسەن مۇڭلۇق مۇزىكا.

بەھىرلىرى ماڭا ئوخشامدۇ،

توققۇز ئايدا پۈتكەن لىرىكا.

 

كۆك شەھەرگە تەنھا پۇقرامەن،

كۆپ بۇ يەردە ئاسار- ئەتىقە.

مەن ئىزلىگەن ۋاپاغا تولغان

ساختا كومزەك زادى قەيەردە؟.

 

يوق بۇ يەردە پەسىل قۇشلىرى،

يوقلىمايدۇ باھار شامىلى.

كۆك شايىنى سايىۋەن قىلسام،

كېلەرمىكىن ئەركەم سالىمى.

 

چۈش كۆرمەستىن كۆرىمەن غۇنچە،

ئەتە چوقۇم پۇراق چاچىدۇ.

چوڭقۇر تىنىپ غۇلاچنى كەرسەم،

ئالۋۇن كەبى مەندىن قاچىدۇ.

 

ئۆچمەي تۇرغىن ئاچچىق موخۇركام،

يەنە بىردەم بەرگىن تەسەللىي.

سەنمۇ مەندىن زىرىكسەڭ ئەگەر،

ئۆلۈپ قالماي ئەشۇ تۈپەيلى.

 

بۇلاقلاردا ئاينىڭ شولىسى،

كۆرۈنمەيدۇ خېلىدىن بېرى.

بۇلدۇقلايدۇ ئۆزىن تۇتالماي،

نەدە بۇنىڭ تەبىرى- سىرى.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • لەۋلىرىمگە چاپلىۋېلىپ چوغ،
      ئاچچىق يۈتۈپ ئەلەم پۈۋلەيمەن.
      مۇزلاتقاچقا نەشتەر كەبى سوغ،
      خىلۋەتلەردە راسا ھۇۋلايمەن.
      _____________________________
      مۇشۇنداق لىرىك مىسرالارنى ئوقۇسام خىيال قۇشلىرىم يىراق-يىراقلارغا پەرۋاز قىلىدۇ-دە! قەلبىمگە يېڭىدىن-يېڭى تۇيغۇلارنى باشلاپ كېلىدۇ.ئىختىيارسىز قولۇمغا قەلەم ئالىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەر 08:21
    • ياخشى چىققان لىرىكا ئىكەن…

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر 03:43

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى