مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
خازان-ھاۋادا ئۇچقان قۇشتۇر ئۇ سەرسان
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2012/03/06 | كۆرۈلۈشى: 565 قېتىم

ئاپتورى:فۇ تيەنلىن

 چۈشتاق تەرجىمىسى 

 

سەرسان خازان

 

لەيلەپ يۈرگەن سەرسان بىر خازان،

ھاۋادا ئۇچقان قۇشتۇر ئۇ سەرسان.

ئاشۇ بىر تامچە يوقلۇقتىن كەلگەن،

سوغۇقتۇر ئانا يەر قەلبىگە تامغان.

 

جىلمىيىپ تۇرغان شۇ غۇنچە لىۋى

سۆيگەن ئىدى كۈزنىڭ مەڭزىگە.

ۋاقىت تۇيدۇرماي ھە ئۆتۈپ كەتتى،

بىخ يېرىپ، شاخلاردىن ئايرىلغىچە.

 

پەرۋاز، ئەجەب يارقىن بۇ پەرۋاز

خىيال ئىمكان بېرىدۇ پەپىلەشكە.

ئاپپاراتتا سىزغىن قىلماستىن پەرداز

ئەرزىيدۇ شۇ گۈزەللىك تەرىپلەشكە.

 

بۇ سەپەرنى شۇنچە رەڭدار تۈگەتتى ئۇ،

سۈكۈت ئىچرە مەنزىلىگە كېپ قالدى ئۇ.

 

كىتاب ئەۋەتىش

 

بۈگۈن ساڭا كىتاب ئەۋەتتىم،

بالىلىق ھەم ياشلىقىم جەمدۇر.

بۈگۈن ساڭا بىر باغ ئەۋەتتىم

نەسىرلىرىم ھەم خازان رەڭدۇر.

ئۇ بارىدۇ سېنىڭ قېشىڭغا

پويىز بىلەن، پاراخوت بىلەن،

سېغىنغان شۇ كىشى قېشىغا

بېسىلغۇسىز ھاياجان بىلەن،

 

ئەۋەتكىنىم كونا يازمىلار

يەنە شۇنداق قوپال سۆزلىرىم،

ئۆز تۇرقىدا پۈتكەن بەتلىرىم.

يوق ئۇلاردا باشقا مەنالار

ھېس قىلغىنىڭ كۆرگىنىڭ بەلكىم،

كەچۇر شۇنداق سەتتۇر خەتلىرىم.

 

چۈش نىپىزدۇر، چۈشنى يازغۇچى

كېچىنى دۇردۇن قىلىشقا ئۇرۇنار،

ئالمىنى ھەم قۇياش دەپ تولغۇنار.

ئالما سىرتىدىكى شۇ نۇر تالاسى

شامال ھەم تاشنى قولتۇقلاپ كەلگۈسى.

 

كەچمىش ئازاب، راھەت ھەم ئەخمەقلىقتۇر

كىتابلىقىنى ئۇنتۇپ، ئەركىن ۋاراقلاپ تۇر.

 

بىر تامچە سۇ

 

قىيا تاشلاردىن جىرغىيدۇ،

ياۋا گۈللەردىن سىرغىيدۇ،

بىر تامچە، ئاشۇ بىر تامچە

بىر چىنە سۇ بولىدۇ،

باغلاردا ھەم كۆللەر تولىدۇ.

 

تامچىغان شۇ سۈزۈك ھالىتى

تاغدىكى تۇماننى كۆرەلمەيدۇ

قەدىم دەرەخنىڭ سىزىقلىرىنى كۆرەلمەيدۇ.

 

تامچىغان شۇ ئاددىي ھالىتى

ئوخشايدۇ بىر تامچە سۇغا

نېرىدىكى بىر تامچە سۇغا

 

بىر تامچە سۇ ئاۋۇسا، ئۇلىشار

ئارتۇق بولسا پەقەت بىر تامچە

ئىپتىخارىم تېنىمدىن تاشار

 

مەڭگۈلۈك بىر تامچە

تارلاردا تىترىگەن بىر تامچە

يىلتىزدا ساقلانغان بىر تامچە

 

خەنزۇچە «شېئىرىيەت» ژۇرنىلىدىن

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى