WWW.QUXTAK.COM

دادامنىڭ كۆزى

d

دادامنىڭ كۆزى؛ ئاپتورى: چۈشتاق؛سىياھقا رەڭلەشتى چۈشۈم بىسوراق،ئوڭۇمدا كېچىنىڭ باغرى سۆكۈلدى.كۆزۈمنى قەستلىدى بىر دەريا پىراق،دادامنىڭ كۆزىدىن ئارمان تۆكۈلدى.دادامنىڭ كۆزىدىن يۇلتۇز سانىدىم،بىر، ئىككى، ئۈچ دېدىم، تۆتتە يىغلىدىم.كۆزۈمگە باققاندا ئۈنسىز قانىدىم،مۇھەببەت، مۇھەببەت، تەنگە سىغمىدىم.قولۇمنى چىڭ تۇتتى، كۆزى سۆز بەردى،سۆزدىكى ئۇلۇغلۇق ئەسلى شۇ ئىكەن.ئەتراپقا زەن سېلىپ، كۆزى سۆز تەردى،سۆزدىكى ئاسىيلىق ئەسلى بۇ ئىكەن.جان ئۇچتى، تەن قوندى، كۆزى كۆرمىدى،ئاۋازىم يەتمىدى قوغلاپ كەينىدىن.ياش ئاقتى، تاڭ ئاتتى، كۆزى كۆرمىدى،كىم كۆرگەن يانغاننى پەلەك پەيلىدىن.كۆزۈمگە شۇ كۆزدىن بىر زىيا كۆچتى،شۇ زىيا كۆزۈمگە ئالەمنى يايغاي.دېمەڭلار ئۇ كۆزنى مەڭگۈلۈك ئۆچتى،ئۆچمىگەن، ئۆچمەيدۇ، بەختىمنى ئاچقاي.

سەھىپە: تەۋسىيە & شېئىرلىرىم | ئىنكاس: 0 پارچە | 15 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

قەشقەرگە قايتىش(دادام خاتىرىسىگە)

d

قەشقەرگە قايتىش(دادام خاتىرىسىگە)؛ئاپتورى: چۈشتاق؛ كېسىلدى بىر دەرەخ، چېچىلدى ئارمان،مۇھەببەت ئەسلىدە قايماس تىغمىدى.قەشقەرگە يول ئالدى سۈبھىدە كارۋان،كېچىگە بىر جاننىڭ ئىشقى سىغمىدى.ئۇزاتتى ئۈرۈمچى ئاق يول تىلىمەي،تەسەللىي بەردى جان ئوغلۇم كېكەچلەپ.ئانامنىڭ كۆزىدە چۆكمەي-لەيلىمەي،تۆت يۇلتۇز ئېسەدەر ئەجەب خىرەلەپ.سەپەردە شۇ كارۋان قۇمدەك سايرىدى،تىڭشىدۇق سۇ بولۇپ ئانام ئىككىمىز.قۇياشنىڭ تەپتى دەل پاسىل ئايرىدى،يۇلتۇزنىڭ زارىغا تولغان ئىلكىمىز.چۆللەردە چايقىلىپ سوغۇق زىيالار،تاشلارمۇ بىپەرۋا كۆزىدە باقتى.ياڭرىسا يېنىمدا ئۈنسىز نىدالار،تېنىمگە ياپراقتەك تىترەكمۇ ئاقتى.مەنمۇ ھەم بىر كۈنلەر نۇرغا ئايلىنىپ،بۇ يولدا يىگانە قايتىشىم ئېنىق.مەيلى مەن ھاياتنى كۈيلەي چىڭقىلىپ،ئەجەلنىڭ رەڭلىرى شۇنچىلىك قېنىق.

سەھىپە: تەۋسىيە & شېئىرلىرىم | ئىنكاس: 0 پارچە | 10 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

يەنە ئەدەبىيات بىلەن رېئاللىق توغرىسىدا

5555

كارىب رايونىدا، يېڭى قۇرۇقلۇق بايقىلىشتىن بۇرۇنقى ئىپتىدائىي ئېتىقاد ۋە غەلىتە قاراشلار ھەم كېيىنكى رەڭدار مەدەنىيەت ئامىللىرى بېرىكىپ ئۆزگىچە بىر ئارىلاشما ئەندىزىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭدىكى سەنئەتنىڭ جەلبكارلىقى ۋە رەڭدار، موللىقى تولىمۇ چەكسىزدۇر. ئافرىقا مەدەنىيىتىنىڭ تۆھپىسى گەرچە مەجبۇرلانغان ھەم كىشىنى غەزەبلەندۈردىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى تولىمۇ تەلەيلىك دېيىشكە بولىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئاچال نۇقتىسىدا بىر خىل چەكسىز ئەركىنلىك تۇيغۇسىنى، ھېچكىمگە بوي ئەگمەس رېئاللىقنى شەكىللەندۈردى. ھەرقانداق بىر كىشى بۇ يەردە توسقۇنسىز ھالدا خالىغان ئىشىنى قىلالايدىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. بىر كېچىدىلا بۇلاڭچىلار خان-پادىشاھ بولالايدۇ، قاچاق ئەسكەرلەرمۇ گېنىرالغا ئايلىنالايدۇ، ھەتتا پاھىشەمۇ بىمالال ھالدا مەرتىۋىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇنداق ئىشلار تالاي.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم & تەۋسىيە | ئىنكاس: 0 پارچە | 14 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

باھاردا باھاردەك بىر جانان كېرەك

5555

باھاردا باھاردەك بىر جانان كېرەك=ئاپتورى: ھەزرەتئەلى ئەخەت=يىللاردا كۆپ قىسمەت، پەسىلدە ھېكمەت،كۆكلەمگە ئاشىقلىق دىلغا زەپ بېزەك.باھاردا يۈز ئاچار ئالەمچە ھىممەت،باھاردا باھاردەك كۈنلەر ھەم كېرەك.كۆزۈمگە قارىساڭ باھار ئاقىدۇ،جانانغا مېنىڭدەك ئاشىق نەدە بار.دىللاردىن دىللارغا سۆيگۈ ئاقىدۇ،باھاردا باھاردەك كۆڭۈل ئەتىۋار.ئالەمنى گۈل قىلار بىر ئوتلۇق زىيا،جاناننىڭ جىلۋىسى باھاردىن دېرەك.بۇ مىسكىن دىلىمغا كىمكىنە شىپا،باھاردا باھاردەك بىر جانان كېرەك.

سەھىپە: شېئىرلىرىم | ئىنكاس: 1 پارچە | 91 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

تەنھالىق، تەنھالىق، يەنە تەنھالىق …

456

سۈكۈنات ئارىلىنىڭ تەئەججۈپلۈك كىچىسى كۆكتىكى ئەسرارلىق يۇلتۇزلارغا ئاشىق بولۇپ ،كۆزلىرىمدىن ئاشىقلىقنىڭ بەخىت ياشلىرى تۆكۈلگەندە، ئەتراپىمغا ئىتتىك قارىدىم،زىمىننىڭ مىسكىنلىك شايىسىغا ئورالغانلىقىنى كۆرۈپ مەست بولدۇم، كەيىپلىكىمنىڭ لەيلەتمىسى بىرلە كۆڭۈلنى غەش قىلغۇچ ئەسلىمىلەر قوينىدىن شاشلىققا قاراپ ئۇچتۇم، سانسىز يۇلتۇزلارنىڭ جىلمىيىشى خۇددى مىنى ۋىسال تەسەۋۋۇرىغا ئۇلاشتۇرغاندەك بولدى. ئۇچقانسىرى ئەتراپىمدىكى دۇنيا نىقاب ئىچىدە كۆرۈنىشكە باشلىدى. بوپتىلا ،روشەنلىكتىن تەئەججۇپقا مىنگىشىپ سۈزۈكلۈكنى نىشانلاپ ئۇچقاندىن كىيىن ئۇچىۋىرەي ،بۇ مىنىڭ ئارزۇيۇمغۇ ئاخىر، قېنى كەيپ ۋەسلىنى ئاتا قىلغۇچ تەپەككۇر شارابى؟، قېنى تەئەججۈپلىكتىن ياسىلىپ ئازاپتىن نەقىش ئويۇلغان سۈكۈنات رومكىسى؟؟، ….بولدى قىلاي، تۇيغۇم قانداقتۇر بىر بولغۇسى ۋىسالنى سەزمەكتە، ئەنە قولىدا تەپەككۇر شارابىنى سۈكۈنات رومكىسىغا لىپمۇ-لىپ قۇيۇپ «يىتىم»لىك ناخشىسىنى توۋلاپ سايەم كىلىۋاتىدۇ، تەنلىرىم يايراپ، كۆزلىرىم نۇرلىنىشقا باشلىدى ، مەنمۇ سايەمنى ئۈمىتسىز قويماسلىق ئۈچۈن كەيىپچى خانەمنى ئەشئارلاي… ئەنە سايەم مېنى چاقىرىۋاتىدۇ… … …

سەھىپە: نەسىرلىرىم | ئىنكاس: 6 پارچە | 945 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

ۋۇ جېنمو: گىياھ ھەم سۇدىمۇ بار سۆڭەك-چىدام

56

ۋاقىتنىڭ مۈلكىدۇر كۇللى مەۋجۇدات،مۇئەمما كەچمىشكە شاھىددۇر قۇياش؛ھە ئاندىن بىز ئۇنى قىلغاچقا ئىسپات،سەكرىگەن قوللاردا ئالماستەك تۇتاش؛شۇ سەۋەب گۈل بەرگى تاپمىدى مۇرات،باھارغا خاس خىسلەت زېمىننى ئوراش.كۆز نۇرۇم يول بويى ھارماي سايرىدى،يەلكەمگە قۇم سۆزى قوندى شامالنىڭ؛شاخلاردا ھاياجان يالقۇن ئايرىدى،نە كېرەك سېغىنىش پەيتى ئامالنىڭ؛ھەممىسى ياپراققا قەدەم قايرىدى،پايانى يوقلۇقتا پۈتكۈل يارالنىڭ.بېشىنى چىقاردى باھار بەك سىدام،تۇپراققا تەر سىڭگەن، تاشقا قىزىل قان.گىياھ ھەم سۇدىمۇ بار سۆڭەك، چىدام،ھاياتقا ھەردەقىق ئەلەم يار پىنھان.نېمانچە تەسىرلىك غۇنچە نىداسى،كۆڭۈلگە تاشلىنار باھار شۇ سىياق؛نە قەدەر يىراقتۇر ھايات قىياسى،نە قەدەر يېقىن ھەم ئەسلا يوق پىراق.غۇنچىنىڭ ئۇھسىنغان مەيۈس ئاۋازى ئورايدۇ زېمىننى بوپ ئېغىر تىنىق؛قۇياشقا تىۋىنغان غۇنچە پەرۋازى كۆزۈمدىن قاچماقتا چىقىرىپ قىلىق.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 6 پارچە | 912 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

كۆكۈچ تۇيغۇلار

tamak

لەۋلىرىمگە چاپلىۋېلىپ چوغ،ئاچچىق يۈتۈپ ئەلەم پۈۋلەيمەن.مۇزلاتقاچقا نەشتەر كەبى سوغ،خىلۋەتلەردە راسا ھۇۋلايمەن،دۇنيا نېمە؟… ئويلىغۇممۇ يوق،مۈكىۋالدىم كۈكۈچ پەردىگە.ئۇ قاغايدۇ مېنى، مەن ئۇنى،كىم بوغۇلدى سۆيگۈ قەرزىگە.ئەتراپىمدا مەۋجۇت بىر دۇنيا،كۆكۈچلۈكتىن تاپىدۇ ئارام.سابا كېلىپ مەڭزىنى ياقسا،ساقىيامدۇ مېنىڭ دىل يارام.تۈگەپ قالدى موخۇركام ئاباي،سېتىقچى قىز بەرگىن بىر ئورام.يەنە بىر پەس تۇراي قوينىدا،كۈلەلەمتىم سۇنسا دىل كوزام.كۆكلۈك ئىچرە ئۆتىدۇ شۇنداق،ۋىجىك تېنىم ئەلەمگە پايخان.قۇربىم يەتسە مۇمكىنلىك ئىچرە،ياراتقۇم بار ۋىساللىق ئىمكان.

سەھىپە: شېئىرلىرىم | ئىنكاس: 2 پارچە | 681 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

خازان-ھاۋادا ئۇچقان قۇشتۇر ئۇ سەرسان

yap

ئاپتورى:فۇ تيەنلىن؛ چۈشتاق تەرجىمىسى؛ سەرسان خازان: لەيلەپ يۈرگەن سەرسان بىر خازان، ھاۋادا ئۇچقان قۇشتۇر ئۇ سەرسان. ئاشۇ بىر تامچە يوقلۇقتىن كەلگەن، سوغۇقتۇر ئانا يەر قەلبىگە تامغان. جىلمىيىپ تۇرغان شۇ غۇنچە لىۋى سۆيگەن ئىدى كۈزنىڭ مەڭزىگە. ۋاقىت تۇيدۇرماي ھە ئۆتۈپ كەتتى، بىخ يېرىپ، شاخلاردىن ئايرىلغىچە. پەرۋاز، ئەجەب يارقىن بۇ پەرۋاز، خىيال ئىمكان بېرىدۇ پەپىلەشكە. ئاپپاراتتا سىزغىن قىلماستىن پەرداز ئەرزىيدۇ شۇ گۈزەللىك تەرىپلەشكە. بۇ سەپەرنى شۇنچە رەڭدار تۈگەتتى ئۇ،سۈكۈت ئىچرە مەنزىلىگە كېپ قالدى ئۇ.【خەنزۇچە «شېئىرىيەت» ژۇرنىلىدىن】

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 1 پارچە | 160 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

يازدىن باشقىسى قوغلىماس سالقىن

rayni

ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە ئەدەبىي تەرجىمىگە قىزىقىپ، ئۆز چامىمنىڭ يېتىشىچە ئۆگىنىش ھېسابىدا ھەرخىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ يۈرگەن ئىدىم. بۇ شېئىرلارنىمۇ شۇ ۋاقىتلاردا تەرجىمە قىلغان. تەلەي سىناپ ژۇرناللارغىمۇ ئەۋەتكەن ئىدىم. ئاقىۋەت «ئىشچىلار ھەرىكىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى. شۇ خوشلۇقنىڭ مەرھىمىتىدە ھازىرغا قەدەر بۇ ئىشتىن قول ئۈزمىدىم. گاھىدا ئۆزۈم ياقتۇرغان ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلسام، گاھىدا باشقىلارنىڭ بۇيرۇتمىسىنىمۇ تەرجىمە قىلدىم. ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغىللىنىش مەن ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە ئۆزگىچە بىر ئۆگىنىش ۋاستىسى بولۇپ كەلدى. ھېلىھەم قولۇمدا باشلاپ قويۇپ ئاخىرى چىقمايۋاتقان خېلى نەرسىلەر بار. ھېچ ۋاقىت چىقمايۋاتىدىغۇ تاڭ، ئەمما چوقۇم داۋاملاشتۇرىمەن. قېنى بۇ تەرجىمە شېئىرلاردىن زوقلانغاچ تەنقىدىي تەكلىپ-پىكىرلەر بولسا ئايىمىغايسىلەر.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم & تەۋسىيە | ئىنكاس: 6 پارچە | 1,202 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

يارىدىن كۆكلەپتۇ يۈز يىللىق دەرەخ

yaw

ياۋا ياڭاقلىق جىلغىسى: ئوت-چۆپلەر مېھىرلىك، سېپىل ۋەيرانە، ياشانغان بىر جۈپلەر ئوتقا پەرۋانە. سايرىشار قۇشلار ھەم ئىتلار قاۋىشار، قەلىب كۆكىدە ھىلال شۇنچە نۇرانە. گۈرۈچلەر سېپىلغا كېسەكتۇر بىلسەك، سۇ خەنجىرىدە ۋاقىت بولىدۇ پارە. يارىدىن كۆكلەپتۇ يۈز يىللىق دەرەخ، يىلتىزغا يانداشقان سۆڭەك مىڭ دانە. سوغ شامال ئۇشقۇرتار، نەيدە ئەلەم بار، گاھ ئوچۇق ھاۋاغا كىمدۇر ھەيرانە. چۈشلەرگە ئەسىردۇر ئاشىق ھەم مەشۇق، بىر غۇۋا يۇلتۇز ھەم ئۆچتى سەرسانە. ئۆچكىنى سۈكۈتتىن زۇلمەتكە يېقىن، شۇ غۇۋا ھەم ئاجىز سۆيگۈ ئەپسانە.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 0 پارچە | 144 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »