يارىدىن كۆكلەپتۇ يۈز يىللىق دەرەخ | WWW.QUXTAK.COM

يارىدىن كۆكلەپتۇ يۈز يىللىق دەرەخ

ئاپتورى: شاگې

 چۈشتاق تەرجىمىسى

 

ياۋا ياڭاقلىق جىلغىسى

 

ئوت-چۆپلەر مېھىرلىك، سېپىل ۋەيرانە،

ياشانغان بىر جۈپلەر ئوتقا پەرۋانە.

سايرىشار قۇشلار ھەم ئىتلار قاۋىشار،

قەلىب كۆكىدە ھىلال شۇنچە نۇرانە.

گۈرۈچلەر سېپىلغا كېسەكتۇر بىلسەك،

سۇ خەنجىرىدە ۋاقىت بولىدۇ پارە.

يارىدىن كۆكلەپتۇ يۈز يىللىق دەرەخ،

يىلتىزغا يانداشقان سۆڭەك مىڭ دانە.

سوغ شامال ئۇشقۇرتار، نەيدە ئەلەم بار،

گاھ ئوچۇق ھاۋاغا كىمدۇر ھەيرانە.

چۈشلەرگە ئەسىردۇر ئاشىق ھەم مەشۇق،

بىر غۇۋا يۇلتۇز ھەم ئۆچتى سەرسانە.

ئۆچكىنى سۈكۈتتىن زۇلمەتكە يېقىن

شۇ غۇۋا ھەم ئاجىز سۆيگۈ ئەپسانە.

 

چاڭنىڭ ئۆتىڭى

 

ئاچا يولنىڭ ئۇ تەرىپىدىن كېلىشىم كېرەك،

ھەم بۇ تەرىپىگە قايرىلىشىم كېرەك.

دوقمۇشتا ئېتىمنى سۇغىرىپ

ئۇسسۇزلۇقۇمنى قاندۇرۇپ

ئۈستى-بېشىمدىكى چاڭلارنى قېقىشىم كېرەك.

ئىككى ئاش پىشىم كېچە يولىدا

ئوت قالاپ، ئىسسىنىشىم،

چاي ئىچكەچ دوستلارنى ئەسلىشىم كېرەك.

ئىككى-ئۈچ قەدەھ شاراب

سامادىكى بۇرجلار

ئاتنىڭ ئەندىشىلىك كۆزلىرى

ئوتنىڭ كۆيۈپ ھارغان كۈللىرى.

قۇپقۇرۇق قەلبىم كېچىدىنمۇ قارا

مەن ئۆتىدىغان ئاشۇ قىشلاقتىنمۇ

سوغۇق يەنە ئەسلىدىنلا.

 

گەننەندىكى يۇلتۇزلار

 

ئاشۇ چاقناۋاتقان نەرسىلەر

كېچە ئاسمىنىدا ئۇۋالغان تاشتۇر.

كېچە ئاسمىنىدا يەنە يەنجىلگەن

غېرىبسىنغان بىر يۈرەك باردۇر.

 

توختاۋسىز مېڭىشقا جۈرئىتىم يوق،

ئاشۇ پىنھان چاقماقلار

يۇلتۇزلارنىڭ تاۋلانغان سۆيگۈسى

مېنى مېڭىشتىن توسقۇسى

 

جۈرئىتىم يوق

سۇلارغا يېقىن بېرىشقا

سۇلار تاشلارنىڭ كۆز يېشىغۇ،

شىلدىر-شىلدىر ئېقىشىدا

يۈرىكىمنى يارا قىلماقچىغۇ.

 

جۈرئىتىم يوق

يۇلتۇزلارنىڭ كۆزىگە يەنە قاراشقا،

ئۇ كۆزلەر قوينىڭ كۆزىگە ئوخشايدۇ

قىيادىكى بۈركۈتنىڭ كۆزىگە ئوخشايدۇ.

 

(«چىگرا رايون ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىل 5-سانىدىن)



ئىنكاس يازىمەن | نەقىل ئالىمەن

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت *

تور بېكەت