چۈشتاق | WWW.QUXTAK.COM

چۈشتاق

چۈشتاق تور بېكىتى ئەڭ دەسلەپ 2007-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلغان مۇنبەر شەكلىدە ئېچىلغان ئىدى. كېيىنچە مەلۇم سەۋەبلەر   بىلەن توختاپ قالغان. 2008-يىلى 3-ئايدا يەنە چۈشتاق شېئىرىيەت مۇنبىرى نامىدا قايتا ئېچىلىپ، كەڭ شېئىرىيەت ئاشىنالىرىنىڭ ئىللىق ئائىلىسىگە ئايلانغان ئىدى. ئەپسۇس مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئېچىلىپ بىر يىلدىن كېيىن يەنە توختاپ قالدى. كېيىنچە خىزمىتىمنىڭ ئالدىراش بولۇپ كېتىشى بىلەن چوڭراق دائىرىدىكى تور بەت قۇرۇشقا يىتىشىپ بولالماي،2010-يىلى 9-ئايدا بلوگباس سۇپىسىدىن بوشلۇق ئېلىپ، شۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى يوللاپ يۈردۈم. ھەقسىز بوشلۇق بولغاچقا  بىرتالاي چەكلىمىلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىپ يەنە ئايرىم بوشلۇق ۋە تور نامى ئېلىپ، چۈشتاق تور پۈتۈكلىرى نامىدىكى مەزكۇر بېكەتنى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي تۈردە ئېچىۋەتتىم. «چۈشتاق» دېگەن بۇ خاس نامغا كەلسەك چۈش + تاق = چۈشتاق بولۇپ، ئىككى سۆزدىن تەركىب تاپقان. مەنىسى خاسلىق، ئۆزگىچە يول تۇتۇش،يىگانە دېگەن مەنىلەرگە ئىگە.

قىسقىچە ئارخىپ:

بېكەت مەسئۇلى: ھەزرەتئەلى ئەخەت

ئېلخەت ئالاقەhezreteli@gmail.com 

QQ:313796151 


« چۈشتاق »غا 23 پارچە ئىنكاس يېزىلدى

  1. غوجامۇھەممەد قابىز مۇنداق يازغان:

    بىلۇگ بارغانسىرى كۆركەم ،مەزمۇنى موللىشىۋېتىپتۇ. شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپ، ھەممىگە يېتىشىپ بولالىغانلىقىڭىز ھەقىقىتەن قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.
    يەنە بىرسى، «ئىزدەنگۈچىلەر تورى» نىڭ نامى http://www.gumadiyari.com غا ئۆزگەردى، ئەگەر بوش ۋاقىت چىقىپ قالسا نەزەر سېلىپ قويارسىز.يازمىلىرىڭىزنى بۇيەردىنمۇ كۆرۈپ تۇرساق.

  2. غوجامۇھەممەد قابىز مۇنداق يازغان:

    بولدى بۈگۈن شائىرنىڭ تويى

    2008 – يىلى10-ئاۋغۇستتا شائىر ئىنىم ھەزرەتئېلى بىلەن شائىرە ئايىمنىسە خانىمنىڭ توي باغىقىنى تاپشۇرىۋالغان بولساممۇ، بېرىشقا پۇرسەت بولمىغانىدى. شۇنداقتىمۇ بۇئاددى نەزمىنى يېزىپ، خاتىرەمدە ساقلاپ قويغانىدىم. ئاددى بولسىمۇ كۆڭۈل ئىزھارى سۈپىتىدە بۇ يەردە ئىز قالدۇردۇم.)

    بولدى بۈگۈن شائىرنىڭ تويى،
    زوھرا بىلەن تاھىرنىڭ تويى.
    قەلبلەرنى سېلىپ لەرزىگە ،
    ياڭرىدى شوخ پەنجىگاھ كۈيى.
    تولدى پەۋەس دوستلار سۇنۇشقان،
    گۈل- چېچەككە قارلۇقنىڭ بويى.
    ئاقتى چاڭقاق ئاتەش دىللارغا،
    چىن سۆيگۈنىڭ زەمزىمى- سۈيى.
    پۇرەكلىدى جەننەت پەسلىدە،
    قوش يۈرەكنىڭ ئارمىنى- ئويى.

    -غوجامۇھەممەد قابىز
    2008- يىل،10-ئاۋغۇست
    .

  3. كارۋانىم مۇنداق يازغان:

    ھەزرەتئەلى ئەخەت چۈشتاق ئەپەندىم،ئىككىمىزنىڭ دىپلۇماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغان يېرىگىمۇ يەتتى جۇمۇ،كارۋانىم مەھەللىسىنىڭ ئۇلىنىش كەنتىدىن سىزگە ئورۇن بەرگىلى نەۋاخ،ئۆزلىرىنى بىلسىلە ھە(ھىجىيىپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى)

  4. مۇستاپا ئابدۇلھەق مۇنداق يازغان:

    سالام چۈشتاق ئەھلى .
    بۇرۇنقى چۈشتاق مۇنبىرى تاقالغاندا كۆزىمىز قىيمىغان ئىدى ، بۈگۈن يەنە يېڭىچە قىياپەت بىلەن چىقىپ بىزنى خوش قىلدى .چۈشتاق تۇراسىغا بەركەت تىلەيمەن .

  5. ئابدۇرېشىت ئېلى مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بۇرادەر! تەسادىبىي پۇرسەتتە بلۇگىڭنى ئۇچرىتىپ قېلىپ بىر قۇر كۆرۈپ چىقتىم. دەسلەپكى تەسىراتىم: خاسلىق، ئاددىيلىق ۋە ئىزدىنىش روھى ياخشى گەۋدىلىنىپتۇ!
    ئىشلىرىڭنىڭ ۋە ئىجادىيىتىڭنىڭ بەرىكەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.
    سالام بىلەن: ئابدۇرېشىت ئېلى

  6. خۇشخۇي مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    بۈگۈن يەنە ‹‹چۈشتاق تور خاتىرىسى››نىڭ سۈپەتتە سەنئەتلىشىپ، مەزمۇندا بىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،ئەسلىدىكى ‹‹چۈشتاق شېئىرىيەت مۇنبىرى››نى كۆرگەندەك بولدۇم. شۇنداقلا ھەر قېتىم كەلگەندە‹مېۋىسىز› سەيياھ بولۇپ قالغانلىقىمدىن خىجىللىق ھېس قىلدىم.
    ئالدىنقى زىيارىتىمدە ئارقىمۇ-ئارقا ئىككى قېتىم ئىنكاس يازغان بولساممۇ يوللىشىم ئۈنۈمسىز بولىۋەردى. شۇنداقتىمۇ بۇ نۆۋەت يەنە بىر قېتىم ئىنكاس قالدۇرۇپ ئۆتتۈم.
    مەقسىدىم: بۇ ئىسىل ‹چۈشتاق تور خاتىرىسى›گە بولغان تەشەككۇرۇمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە بۇ‹تور خاتىرىسى›نى ئىجازەتسىزلا ئۆزۈمنىڭ‹‹ئىزدەنگۈچىلەر مۇنبىرى››(www.xjizlar.net)گە ئۇلانما قىلىپ قويغىنىمنى ئىزاھلاشتىن ئىبارەت. :oops:

  7. خۇشخۇي مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    بلوگ كۆرۈنىشىنىڭ كۈنسايىن سەنئەتلىشپ،مەزمۇننىڭ بېيىپ-چوڭقۇرلاۋاتقانلىقىدىن ناھايىتى سۆيۈندۈم. تىرىشچانلىقلىرىغا رەھمەتلەر بولسۇن.
    ئالدىنقى قېتىممۇ ئىككى ئېغىز كۆڭۈل ئىزھارى قالدۇرغان ئىدىم. بۇ قېتىم يەنە بۇ سۆزنى قالدۇرۇش ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ پەقەت‹‹قۇرۇق رەھمەتچى›› بولۇپ قالماسلىقىمغا ئازراق بولسىمۇ تەسكىن بولار دېگەن ئۈمىدتە ‹‹چۈشتاق بلوگى››نىڭ تۇغىنى ‹‹ئىزدەنگۈچىلەر››بىكىتىمدە ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم. بىراق ئۆزلىرىنىڭ ئىجازىتىنى ئالمىغانلىقىمدىن خىجىلمەن. كەچۈرگەيلا!

  8. جاھانگىر مۇنداق يازغان:

    چۈشتاق بلوگىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! كىيىنكى ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

  9. تورباجىن مۇنداق يازغان:

    مەن لاتىچە نامنى توغرا يازغان بولسا دەپ ئويلىغان.

    • چۈشتاق مۇنداق يازغان:

      دېگىنىڭىز توغرا. ئەمما مەن ئاشۇ شەكىلدە ئىشلەتكىلى 4-5يىلچە بوپ قالغان، شۇڭا ھازىرچە يەنىلا ئاشۇ شەكىلدە ئېلىشنى لايىق كۆردۈم. تەكلىپىڭىزگە رەھمەت.

  10. ئابدۇغېنى توختى مۇنداق يازغان:

    ناھايىتى ياخشى بوپتۇ ھەزرەتئېلى ئاكا! بىلۇگنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن بىردەك كۈچ چىقىرىمىز..سىزنى قوللايمىز. ئىشلىرىڭىز بەركەتلىك بولسۇن.

  11. نۇرلۇق مۇنداق يازغان:

    خەتنى پەقەتلا كۆرەلمىدىم، بەك كىچىك. بولسا خەت نۇسخسىنى ئالماشتۇرسىڭىز.

  12. ئەھەت مامۇت مۇنداق يازغان:

    مەن ئىنكاس يازاي دىگەن ، قانداق يازىمەن

  13. ئەھەت مامۇت مۇنداق يازغان:

    مەن قانداق كىرىشنى بىلەلمىدىم

  14. چۈشتاق مۇنداق يازغان:

    بولمايدۇ، ئۆزۈمنىڭ ئىجادىي ھەم تەرجىمە ئەسەرلىرىنى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ئۆزۈم ياقتۇرغان ئەسەرلىرىنى يوللايمەن.

  15. مۇھەممەتجان توختى مۇنداق يازغان:

    بىزمۇ ئەسەر يوللىساق بولامدۇ؟

  16. چۈشتاق مۇنداق يازغان:

    بۇ شەخسىي بلوگ بولغاچقا، ئەزا تىزىملىتىش ئىقتىدارىنى ئاچمىدىم. زىيارەتچىلەر ئۆز پىكىرىنى ئىنكاس شەكلىدىلا يازالايدۇ.

  17. غوجىمۇھەممەت مۇنداق يازغان:

    قانداق ئەزا بولغىلى بولىدۇ؟

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت *

تور بېكەت