
شەھەردە تۇرغانسېرى ئۆزۈمنى قەپەزدىكى قۇشتەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. ماكاننىڭ تارلىقىدىن يىراققا ئىنتىلگەن كۆزلىرىم مۇزدەك تاملاردىن ئاشالمايتتى. ھەرخىل گۈدۈك ئاۋازى ۋە ئادەملەرنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرىمۇ ئارامىمدا قويمايتتى. كوچىدا يۈرسەممۇ سانسىز ئادەملەر دېڭىزىدىكى بىرتامچىغا، شەھەر شاۋقۇنلىرى ئارىسىدىكى بىر ئاۋازغا ئايلىنىپ قالغاندەك بولاتتىم. كاللامدىكى تىنچلىنىش خىيالىم بىردەمدىلا ئۆز ئىمكانىدىن جۇدا بولاتتى.
شەھەردىن تەبىئەت ئاتا قىلغان ساپ سادالارنى ئاختۇراتتىم. ئەمما ئۇ كەپسىز بالىدەك تاش ئورمانلار ئارىسىدا مەن بىلەن مۆكۈشمەك ئوينايتتى. مەن كىشىنى بىزار قىلغۇدەك ۋاڭ-چۇڭلار ئارىسىدىن ئۇنىڭ: ئىشىنەمسەن؟ سەن پەقەت ئىخلاسىڭ ۋە ئىشتىياقىڭ بىلەن تىڭشىساڭلا مەن ھەرجايدا ساڭا ھەمراھ، مەن سېنىڭ ئەتراپىڭدا ئۈن-تىنسىز، ھەشەم-دەرەمسىز مەۋجۇتمەن. – دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلايتتىم.