
مەن ھەسرىتىمنى باسالماي قېلىۋاتاتتتىم. مەن مومام ئۈچۈن ياكى ئۆزۈم ئۈچۈن يىغلىۋاتقىنىمنى پەرقلەندۈرەلمىدىم. مەن خەنجەرنى يەرگە تاشلىغىنىمندا موماينىڭ مېنى كەمسىتكەنلىكىنى، شۇنداقلا يارىلانغان قورسىقىمنى بېسىپ تۇرۇپ ئۆيگە قايتۋاتقان ھالەتنى ئويلىدىم. مەن قاقاسلىقتىكى ئوچۇقچىلىقتا دەپنە قىلىش جىلغىسىنىڭ يېنىدا تۇرغاندىكى تەنھالىق تۇيغۇسىنى ئويلىدىم. شۇنداقلا ئۆزۈم تېرە چاپاننى سۇمىيەغا يېپىپ قويغاندىكى نازۇكلۇقنى ئويلىدىم. مەن شەپەقنى، قارا تۇلپارنى، ئىپلاس خىرانى ، قورقۇنلۇق پارچىلىنىشنى ئويلىدىم. مەن يەنە خۇددىي چۆمۈچكە ۋە چوڭ كىچىكلىكى ئاسلانغا ئوخشايدىغان بوۋاق، مۇئەللىمە، ھارۋىكەش ۋە نوگەيچور كۆلىنىڭ كۆپكۆك دولقۇنلىرىنى ئەسلىدىم.مەن ئۆزۈمنى ئۇۋالچىلىقلىرىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالغىنىمنى، زادىلا تولۇق ئەسلەپ بولالمايدىغان خاتىرىلىرىمنى، مېنى بىر بالىلىقتىن يىگىت قىلغەن نۇر غۇن يىللارنى ،كىچىگىندىنلا ئانسىز قالغان مېنى دادامنىڭ قانداقلارچە ئۇ شەپقەتچى مومايغا بېقىشقا ھاۋالە قىلغانلىقىنى ئەسلىدىم… مو-ما! مەن قاتتىق ئازابلاندىم. مەن بېشىمنى ئىككى قولۇم ئارىسىغا ئېلقپ ھۈ تارتىپ يىغلاپ كەتتىم: موما! مەن تىرىلمەيدىغان موماينى قايتۇرۇپ كېلىشنىلا ئويلايتتىم، مەن ئارقىدىنلا ئۇنىڭغا قاراپ ئازابلىق يىغلاپ كەتتىم.