
ئۇ يەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر كىچىك يېزىدا ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمنى داۋاملاشتۇردۇم. ئەمما، ئاشۇ ماچۈدىكى كەچمىش، مېھرى ئىسسىق غېرىبانە ھويلا بىردەممۇ كۆڭلۈمدىن نېرى بولمىدى. شۇنداق قىلىپ مەن قەلبىمنىڭ دەۋىتىدە سىز ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى ئاشۇ سەبىي بالىلارنىڭ تەشنالىقى ۋە قىزغىنلىقى ئۈچۈن ئۆز سەمىمىيىتىمنى قۇرلارغا تىزماقچى بولدۇم. ھازىر، ئاشۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇمران قوللىرىدا يېزىپ چىققان شادلىقى ۋە خاپىلىقىنى ئوقۇغىنىمدا، قەلبىم ئۇلارنىڭ سەمىمىيىتى ۋە قىزغىنلىقىدىن كۈچلۈك ھاياجانغا تولىدۇ. راست، ئۇلار بىر توپ شادىمان قۇشلار، ئۇلار بىر توپ بىغۇبار پەرىلەردۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى پاكلىق ھەم گۈزەل غايىلەر بىلەن تولغان، شۇنداقلا، ئۇچۇرما بولۇش ئالدىدىكى تەشۋىشلەرگىمۇ تولغان.