مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
يايلاقتىكى ئەپسانە: باغنانى ئىزدەش [پوۋېست] (2)
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/06/06 | كۆرۈلۈشى: 1,091 قېتىم

ئاپتورى:خېلگىنا[مۇڭغۇل]

تەرجىمە قىلغۇچى: چۈشتاق

پوۋېست

3

باغنانىڭ دېرىكىنى ئالالمىدۇق. ئانام بىلەن يۇرتداشلارمۇ ئامال قىلالمىدى. مەن ئاكام بىلەن بىر ئۆيدە ياتقاچقا، ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن ئازراق خەۋىرىم بار ئىدى. ئاشۇ يىلى، ئەزەلدىن كىتابقا قىزىقمايدىغان ئاكام بىردىنلا «مۇڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» ناملىق كىتابقا كىرىشىپ كەتتى. ئۇ كىتابنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان نەۋرە ئاكام مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىن ئەكىلىپ بەرگەن ئىدى. گەرچە كىتابتىكى مەزمۇنلار باغنانى تالاي قېتىم ھاياجانلاندۇرغان بولسىمۇ، ئىككىمىز تۇردىغان ئون كۇۋادرات مېتىرمۇ كەلمەيدىغان ئۆيدە، كىتابنى ئوقۇۋېتىپ تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇراتتى-دە، پەيلاسوپلاردەك ئۇياق-بۇياققا ماڭاتتى، ياكى كىتابنى قەھرى بىلەن ياپقىنىچە كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، تامغا قادىلىپ قاراپ تۇرۇپ كېتەتتى. بەزىدە مەندىن تۇيۇقسىز: «چىڭگىزخاننى بىلەمسەن؟» دەپ سورايتتى.

ئۇ چاغدا مەن تېخى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بولغاچقا، بىلمەيمەن، دەپ بېشىمنى چايقايتىم.

ئۇنداق چاغلارغا ئاكام كەسكىن قىياپەتتە: «ئۇ دېگەن بىزنىڭ ئەجدادىمىز. بۇندىن 800يىللار بۇرۇن ئۇ ئات مىنىپ يۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيانى بويسۇندۇرغان.» دەيتتى. بۇنداق چاغلاردا ئۇ تولىمۇ ئەستايىدىل بولۇپ كېتەتتى. مەن بۇرۇن ئەجدادىمىزنىڭ بۇنداق قالتىسلىقىنى بىلمىگەچكە، ئىنتايىن ھەيران قالغان ئىدىم.

باغنا يەنە: «بىلەمسەن؟ ئەجدادلىرىمىز ئەسلى چەكسىز يايلاقتا ياشايتتى. يايلاقنى بىلەمسەن؟ كۆز يەتكۈسىز يېشىللىق. قوي يەيدىغان ئوت-چۆپكە باش قاتۇرۇش ھاجەتسىز. كۈندە مۆكچىيىپ ئېگىلىپ يۈرۈپ ئوت ئالىمەن دەيدىغان ئىشمۇ يوق. پەقەت قويلارنى كەڭ يايلاققا قويىۋەتسەكلا، قويلار خالىغانچە ئوتلاپ يۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتلارمۇ ھارۋىغا قېتىلمايدۇ، ساپان سۆرەپ يەر ئاغدۇرمايدۇ، ھەتتا يۈگەنمۇ سېلىنمايدۇ. قەيەرگە بارغۇسى كەلسە شۇ يەرگە بارىدۇ. شۇنداق ئەركىن. ئادەملەرمۇ يەر تېرىيمەن، سودا-سېتىق قىلىمەن، قۇرۇلۇشتا ئىشلەيمەن دەپ يۈرمەيدۇ. ئۇلار دېگەن ئات مىنىۋېلىپ خالىغىنىچە يايراپ يۈرىدىغان چارۋىچىلار. كۈندە پەقەت نەچچە يۈز تۇياق چارۋىنى يايلاققا قويىۋېتىپ، قورسىقى تويغىچە ئوتلىتىدۇ. ئۆزلىرى بولسا كۈندە گۆش يەپ، شاراب ئىچىپ، جاننىڭ پەيزىنى سۈرىدۇ.

مەن بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغانچە ھەيرانۇھەس قالاتتىم. بولۇپمۇ ئاكامنىڭ ئاققۇ، ياۋا ئۆردەك، ياۋا غاز توغرىسىدىكى گەپلىرىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ھەيران قالاتتىم. يۇرتىمىزدا ئۇنداق قۇشلار تۈگۈل قاغىمۇ تۈزۈك كۆزگە چېلىقمايتتى. باھار كۈنلىرى، كەنتتىكىلەر قۇشلارنىڭ يەرگە سالغان ئۇرۇقنى يەۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇرۇقنى زەھەرلىك دورىغا چىلاپ ئاندىن يەرگە چاچاتتى. كۈز ۋە قىشتا يەنە تۈرلۈك ئاماللار بىلەن قۇش ئوۋلاپ پۇل قىلاتتى. شۇنداق بولغاچقا قۇشلارمۇ ئازلاپ كەتكەن ئىدى.

-        بۇنداق يايلاقلار ھازىر پەقەت كىتابتىلا بارمۇ؟-سورىدىم ئاكامدىن.

-   نەۋرە ئاكامنىڭ دېيىشىچە، مەھەللىمىزنىڭ شىمالىدىكى نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا يايلاقلار بار ئىكەن… – دېدى ئاكام سىرلىق تۈستە.

   ھازىرمۇ ئاشۇنداق جەننەتتەك يەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ، بىر لېگەن گۆش يېگەندەك خۇش بولۇپ كەتتىم. كېيىن ئاكام روھى چۈشكۈن ھالدا، ئەپسۇسلىنىپ:

-        ئەپسۇس، بىز بۇ ئۆمرىمىزدە يايلاقنى ئەمدى كۆرەلمەيمىز.- دېدى.

-   نېمىشقا، ھازىرمۇ يايلاق بار بولغاندىكىن، چوڭ بولغاندا بارساق بولىدىغۇ؟ – دېدىم مەن. ئاكام مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ:

-   ئېغىزدا ئېيتماق ئاسان. ئۆيىمىزنىڭ ئەھۋالى شۇ تۇرسا، كانايغا يوق، سۇنايغا نەدە تۇرۇپتۇ. – دېدى. ئاكامنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ قايتا ئۈندىمىدىم.

مۇڭغۇللارنىڭ ئەۋلادى بولغاچقا، ئاتا-ئاناممۇ ئەسلى مۇڭغۇل تىلىنى بىلەتتىكەن. لېكىن، ئۇلارمۇ تالاي يۇرتداشلارغا ئوخشاش بۇ يەرگە سىڭىشىپ، ئېغىزغا تازا كەلمەيدىغان «لياۋنىڭچە خەنزۇ تىلى» غا كۆنگەن ئىدى. ئۆز ئانا تىلىمىزنى بولسا ئاتا-ئانام پەقەت ئۆز-ئارا مەخپى گەپ قىلغاندىلا ئىشلىتەتتى. ئاشۇ كۈنلەردە ئاكام باغنا ئانامغا يېپىشىۋېلىپ مۇڭغۇلچىنى ئۆگىتىپ قوي دەپ يۈرۈپ، قانداقتۇر «بى مۇڭغۇل» (مەن مۇڭغۇل)، «سەنبەنو» (تېنچلىقمۇ؟) دېگەندەك گەپلەرنى ئۆگىنىپ يۈردى. ھەتتا بىز مەزگىل ئۇ ماڭا خەنزۇچە گەپ قىلغىلى ئۇنىماي، «ئاكا، تاماق پىشتىمۇ؟» دەپ سورىسام، ئۇ ئانام خەنزۇچە گەپ قىلغاندىكى غەيرىي تەلەپپۇزنى دوراپ: «بادا يۇ (تاماقما؟) پىشمىدى» دەپ خەنزۇچە تەلەپپۇز بىلەن مۇڭغۇلچە تەلەپپۇزنى ئارىلاشتۇرۇپ جاۋاب بېرىپ مېنى ھەيران قالدۇراتتى. تېخى ئاخىرى بېرىپ ئۆيدىكى رادىئونىمۇ تارتىۋېلىپ، كەچكىچە مۇڭغۇلچە قانالنى تىڭشايدىغان بولدى. مەن «سۈي-تاڭ قىسسىسى» نى ئاڭلىماقچى بولغاندا، رادىئودىن ئۇ ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان مۇڭغۇلچە ئاۋاز ياڭرايتتى. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇنى ئاتا-ئانامغا قانچە قېتىم چاققانلىقىم ئېسىمدە يوق. ئەمما ئاتا-ئانام مەن تەرەپتە تۇرماقتا يوق، ئەكسىچە كۈلۈپ كېتەتتى.

بىر قېتىم ئاكام باغنا تولىمۇ سىرلىق قىياپەتتە:

-   بىلەمسەن؟ بىز مۇڭغۇللارنىڭ ئەجدادى ئەسلىي ئادەم نەسلىدىن ئەمەسكەن.- دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ:

-        مۇ…  …مۇمكىن ئەمەس، ئادەم بولمىسا نېمىكەن ئەمىسە؟- دەپ سورىدىم. ئاكام پەس ئاۋازدا:

-   بۆرە ۋە بۇغا ئىكەن!- دېدى ئۇرغۇلۇق قىلىپ. ئاكامنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ قورقىنىمدىن تىترەپ كەتتىم ۋە ئالاقىزادە بولغان ھالدا:

-        كىتابتا شۇنداق دەپتىمۇ؟- دەپ سورىدىم.

ئاكام بېشىنى كۈچەپ لىڭشىتتى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ چىرايى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك تۈسكە كىردى-دە، جىددىي بىر ئىشى باردەك سىرتقا قاراپ ماڭدى. ئاكامنىڭ بۇ گەپلىرى مېنى تېخىمۇ گاراڭ قىلىپ قويدى. مەن خۇددى بۇندىن كېيىنكى كۈنلەر ئەمدى خاتىرجەم ئۆتمەيدىغاندەك بىر خىل تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم. ئاشۇ مەزگىلدە ئاكام قوي قوتىنىغا كۆچۈپ كىردى. ئانام ئۇنىڭ بۇ قىلىقىنى توسۇپ:

-        بالام، نورمال بىر ئادەم قانداقمۇ قوي بىلەن بىللە تۇرسۇن؟- دېدى. ئەمما ئاكام تولىمۇ ئەستايىدىل ھالدا:

-        ئادەم ئەسلىدىنلا بۆرە بىلەن بۇغىدىن ئۆزگەرگەن تۇرسا، قوي قوتىنىدا ئۇخلىغاننىڭ نەرى يامانكەن.- دېدى.

بۇ گەپلەر ئانامغا غەلىتە تۇيۇلدى. ئاقىۋەت، ئاتا-ئانام قانداقلا تەربىيە قىلمىسۇن، ئاكام ئۆز نىيىتىدىن يانمىدى. ئاخىرى بېرىپ باشقىلارغا گەپمۇ قىلماي، گاچىدەك يۈردى. ئاكامنىڭ بۇ دەرىجىدىكى جاھىللىقىغا ئۆيدىكىلەرمۇ باشقا ئامال قىلالمىدى.

ھالا بۈگۈن ئاكام ئۆزى بېقىۋاتقان قويلار بىلەن بىللە يوقاپ كەتتى. ۋۇجۇدۇمنى بولسا قانداقتۇر بىر خىل شۇملۇق ۋەھىمىسى چىرمىۋالدى. ئانام بۇ ۋاقىتتا ھەدەپ پىرخون ئىزدەپ يۈرۈپ، «بالا-قازانىڭ يىلتىزى» ─── نەۋرە ئاكام خاسقا ئېسىلىۋالدى. ئانامنىڭ نەزىرىدە نەۋرە ئاكام خاس كەنتىمىزدىكى ئەڭ بىلىملىك ئادەم ھېسابلىناتتى. نەۋرە ئاكام خاس چوڭقۇر ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:

-   بۇ ئىشنى ماڭا تاپشۇرۇڭلار، قەستنى ياندۇرۇش ئۈچۈن قەست قىلغۇچىنى تاپمىساق بولمايدۇ. مەن ئۇنى چوقۇم تېپىپ كېلىمەن.- دېدى. ئانام بۇ گەپنى ئاڭلاپ خوشلۇقتىن يىغلىغىنىچە، نەۋرە ئاكامغا:

-   باغنانى تاپالىساڭ ئۇنىڭغا ئېيتىپ قوي، بۇ دۇنيادا قانداقتۇر ئۇ ئويلىغاندەك يايلاق يوق. نەدىكى يايلاقكەن ئۇ… – دېدى.

 

4

نەۋرە ئاكام بىلەن ئىككىمىز ئەتىسىلا يولغا چىقتۇق. كەنتىمىزدە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى بولمىغاچقا، ئىشەك مىنىپ بېرىشقا مەجبۇر بولدۇق. ئەمما نەۋرە ئاكام ئىككىمىز ئېشەكنىمۇ ئوڭشاپ مىنەلمىدۇق. نەۋرە ئاكام خۇرسىنغان ھالدا: «ئۇلۇغ خاقانىمىز، قاچانكى مېنىڭ ئەۋلادىم ئات مىنىشتىن ئىشەك مىنىشكە ئۆتسە، مۇڭغۇللارنىڭ سەلتەنىتى يوقايدۇ.» دەپتىكەن-دېدى. نەۋرە ئاكام خاس ئەنە شۇنداق زەھەردەك سۆز قىلىدىغان ئادەم. گەپ قىلغاندا ھەمىشە قەدىمقى كىتابلاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ سۆزلەيدۇ. لېكىن ئاخىرقى ھېسابتا بەرىبىر قۇرۇق پاراڭ خالاس. يول بويى ئۇ باغناغا كىتابنى بېرىپ تۇرمىسام بوپتىكەن دەپ ئۆزىنى ئەيىبلەپ كەلدى. ئۇنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، ئاكامغا ئۇ كىتابنى بېرىپ تۇرغانلىق ئۇخلىغان يولۋاسنى سىلىغاندەك بىر ئىشمىش.

خاس ئالدى بىلەن بارىدىغان تەرەپنى بېكىتىۋالدى. ئالدى بىلەن تاغام خادگەينىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ باقىدىغان بولدۇق. چۈنكى ئۇ قويلارنى تاغامنىڭ ئۆيىدىن ئەكەلگەن بولغاچقا، يەنە ئۆزى كەلگەن تەرەپكە كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى. خادگەي تاغامنىڭ چارۋىچىلىق مەيدانى غەربىي شىمال تەرەپتە بولۇپ، بىزنىڭ ئۆيدىن 200چاقىرىم يىراقلىقتا ئىدى. ئۇ يەر قىرچىن رايونىدىكى تېخى قۇم بېسىپ كەتمىگەن بىردىنبىر يايلاق ئىدى.

تاغاملارمۇ بىزگە ئوخشاش توپا تاملىق ئۆيدە تۇراتتى. لېكىن نەچچە چاقىرىم دائىرە ئىچىدە يالغۇز ئۇلارنىڭ ئۆيىلا بولۇپ، بىزنىڭ كەنتتىكى ئۆيلەرگە ئوخشاش بىر-بىرىگە تۇتاش ئۆيلەر يوق ئىدى. نەۋرە ئاكام خاس بۇ يەرگە بۇرۇن كەلگەن بولغاچقا، يوللىرى تونۇش ئىدى. بىز تاغامنىڭ ئۆيىگە ئۈچىنچى كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاران يېتىپ باردۇق. يېشىل رەڭلىك ھەربىيچە چاپان كىيىۋالغان تاغام سۇ پومپىسى ئارقىلىق سۇ تارتىپ، قويلىرىنى سۇغىرىۋاتقان ئىكەن. ئەڭ كىچىك نەۋرە ئىنىم بات بىر چەتتە يىغلاپ تۇراتتى.

بات كىچىك چېغىدا بىزنىڭ ئۆيگە بارغان ئىدى. مەن تاغامدىن:

-        نېمىش بولدى؟- دەپ سورىدىم. تاغام نېرىدا باغلاقلىق تۇرغان ئاتقا بىر قاراپ قويۇپ، ئوغلى باتقا:

-   ئۇ ئاتنى ساتقۇدەكمۇ ئەمەسمۇ، ئاكىلىرىڭ كۆرۈپ باقسۇن. قاراپ باقە تۇرقىغا، يىغلىغۇدەك نېمىسى بار- دېدى.

-        ئۇ دېگەن ئائىلىمىزدىكى بىردىنبىر ئات تۇرسا.- دېدى بات. تاغام تېخىمۇ جىلە بولۇپ:

-   ئۇنداق بولسا نىم بوپتۇ، ئۇنى ساتقان پۇلغا ئوغۇت ئالىدىغان تۇرساق تېخى، ئوغۇت چاچمىساق يەردىن ھوسۇل چىقامتى؟.-دېدى- دە، بىزدىن كېلىش مۇددىئايىمىزنى سورىغاندىن كېيىن، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، موخۇركىسىنى تۇتاشتۇرىۋالغاندىن كېيىن:

-   ئون نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىغۇ دەيمەن، سىلەرگە بەرگەن قويلار قايتىپ كەلدى…-دېدى. نەۋرە ئاكام بۇ گەپنى ئاڭلاپ خۇشاللىقىدىن ئالدىرىغىنىچە:

-        باغناچۇ؟- دەپ سورىدى.

-        مەنمۇ شۇ باغنانى دەۋاتىمەن، ئۇنى كۆرمىدىم، پەقەت شۇ قويلار قايتىپ كەلدى…-دېدى.

نەۋرە ئاكام ئىككىمىز تۇرۇپلا قالدۇق. نەۋرە ئاكام يەنە:

-   ئۇنداق ئەمەستۇ، باغنا قويلار بىلەن بىللە يوقالغان تۇرسا، قويلار قايتىپ كېلىپ، ئۇ نەگە كېتىدۇ ئەمىسە؟- دېدى.

-   مەنمۇ شۇنىڭغا ھەيران، قوينى سىلەرگە بەرگىلى ئىككى يىلچە بولدى. قويلار يولنى قانداق تونۇپ كەلگەندۇ؟-دېدى تاغام.

-        ئەمىسە قويلار ھازىر نەدە؟- سورىدى نەۋرە ئاكام قوشۇمىسىنى تۈرۈپ.

-   مەن قويلارنىڭ بەكلا ئورۇقلاپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، بىر نەچچە كۈن ئوبدان باقتىم، تۆتىنچى كۈنى قويلارنى سىلەرنىڭ ئۆيگە ئاپىرىپ بېرەي دەپ، قوتانغا كىرسەم، قويلار يەنە غايىب بوپتۇ…- تاغام تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۋالغاندىن كېيىن:

-   مەن ئاخىرى ئۆيدىكى قويلارنى ساناپ چىقتىم. قانداق بولدى دېمەمسىلەر؟ ئۇ قويلار يەنە سەككىز تۇياق قوينىمۇ بىللە ئەگەشتۈرۈپ كېتىپتۇ…-دېدى.

تاغام ئوتلاق مەيدانىنىڭ يېرىمىغا دېگۈدەك كۆممىقوناق بىلەن پۇرچاق تېرىغان ئىكەن. قىشىچە تۈزۈكرەك قار ياغمىغاچقا، ئوتلاقتا كۈزگى يىغىمدىن قالغان كۆممىقوناق ۋە پۇرچاقنىڭ شاخ-شۇمبىلىرىدىن باشقا، يېڭىدىن ئۆسۈپ چىققان بىرەر تۈپ گىياھمۇ كۆرۈنمەيتتى. كەچقۇرۇن، تاغام ئۆيدىكىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ تەڭرىگە تېۋىنىپ، يامغۇر تىلەشكە باردى. خاس بىلەن ئىككىمىزمۇ بىرگە باردۇق.

كەچكى قۇياش ئاخىرقى نۇرلىرىنى خادگەي يايلىقىدىكى ئەڭ ئېگىز تۆپىلىككە چېچىپ تۇراتتى. ئەتىيازنىڭ سوغۇق شامىلى تەننى قورۇيتتى. ئەتراپنى سۈكۈنات قاپلىغان ئىدى. خاماس ئىككىمىز تاغامنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە ئەگىشىپ، توختىماي ئەپسۇن ئوقۇپ، تاش دۆۋىسىگە ھاراق تۆكۈپ، قورۇلغان گۈرۈچ ۋە سۈتلۈك يېمەكلىكلەرنى قويدۇق. ئەسلى تەڭرىگە تېۋىنىپ، نەزرە قىلىشتا تاش دۆۋىسىنى ئۈچ ئايلىناتتى، ئەمما تاغام توققۇز ئايلىنىپمۇ توختىمىدى. تېخى: «نىيەتتە كامىلسەن، تىلىسەڭ تاپارسەن، دەپتىكەن. بۈگۈنلا يامغۇر يېغىپ قالامدۇ تېخى»- دېدى.

ئەمما ئىشلار تاغامنىڭ كۈتكىنىدەك بولمىدى، ھاۋا شۇنداق ئوچۇق ئىدى. تاغام بىر جىڭدىن ئوشۇقراق ئاق ھاراقنى ئىچىۋېلىپ، دەلدەڭشىگىنىچە:

-   سەن ئۆيۈڭدىكى ھېلىقى قوينى بىلەمسەن؟ ئۇنداق قوي ھەقىقەتەنمۇ ئاز ئۇچرايدۇ. ئادەتتىكى قويلاردىن دىقماقراق، يۇڭلىرىنىڭ ئاق-قارىسى ماسلاشقان ئىدى. ئۇنىڭ ئاشۇ بىر جۈپ كۆزىچۇ تېخى، قوينىڭ كۆزىگە ئوخشىمايدۇ…- دېدى كېكەچلەپ تۇرۇپ. نەۋرە ئاكام قىزىقچىلىق قىلىپ:

-        قوينىڭ كۆزىگە ئوخشىماي، بۆرىنىڭ كۆزىگە ئوخشامدىكىنا ئەمىسە؟- دېدى. تاغام يەنە بولدى قىلماي:

-   بۆ… بۆرىنىڭ كۆزىدىنمۇ يېقىملىق. مەن قايسى كۈنى بىر قوينى سويغان ئىدىم. ئۇ قوي بۇنى كۆرۈپ مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ، ماڭا تىكىلگىنىچە كۆزلىرىگە ياش ئالغان. مەن بىر قىسما بوپ قېلىپ، ئۇ قوينى بىرنى تەپسەم، ئۇ پۇتىنى سۆرەپ قېچىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئارقا پۇتىنى كىم سۇندۇرۋەتتىكىن تاڭ. مېنىڭچە، ھېلىقى كۈنى ئاشۇ قوي باشقا قويلارنى ئەگەشتۈرۈپ قېچىپ كەتكەن گەپ.- تاغام بىر تەرەپتىن كوتۇلدىغاچ بىر تەرەپتىن ئاكامغا پال ئاچقىلى تۇردى. ئۇ يەتتە قوينىڭ سۆڭىكىنى يەتتە قېتىم تاشلىغاندىن كېيىن، ھەيران بولۇپ تۇرۇپلا قالدى، ئاندىن بىزگە:

-   مەن بۇ ئۆمرۈمدە تالاي ئادەملەرگە پال ئېچىپ باققان. ئەمما ئەزەلدىن ھازىرقىدەك دەل چۈشمىگەن. ئىنتايىن سىرلىق چىقتى، بۇنىڭدا ئۆز ئارا جۇدا بولۇش تايىن تېپىپتۇ. دېمەكچى نىشانسىز چىقتى.- دېدى.

-        ئېيتقانلىرىڭىز راستما؟-سورىدى نەۋرە ئاكام.

-   مەن قەستەن ئاغزى شۇملۇق قىلمىدىم. باغنانىڭ بىشارىتىدە شۇملۇق ئالامەتلىرى كۆپرەك تۇرىدۇ. ئىككىڭلار ئۇنى ئىزدەپ ئاۋارە بولماڭلار، بەرىبىر تاپالمايسىلەر-دېدى تاغام.

 

(داۋامى بار…)

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • غەيرەت قىلىڭ ھەزرەتئەلى ئاكا،ئاخېرىنى كۈتۈۋاتىمىز..باغنانىڭ ئىسمىنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەر 11:59

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى